- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7604
- نادىر
- 17
- يازما
- 7604
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-8 00:50
جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى خۇنەن شىياڭتاۋ كوماندىسى ئالدىنقى پەسىلنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا رەقىبلىرىنى ئۇدا يېڭىپ ،ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە توپ مەستانىلىرى تەرىپىدىن ، دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە چىقىش ئېھتىمالى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارالغان ئىدى ،لېكىن بىرلەشمىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا ئۇدا نەچچە مەيدان كەتكۈزۈپ قۇيۇپ بۇ نىشان ئەمەلگە ئاشماي قالدى .قانداقلا بولمىسۇن نەتىجىسى يامان ئەمەس ،بۇ كوماندىدا توپ تېپىدىغان شىنجاڭلىق داڭلىق ھۇجۇمچى ئەكرەممۇ قالتىس ئوينىۋەتكەن .بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،خۇنەن شىياڭتاۋ كۇلۇبى يېقىندا بىر نەچچە چەتئەللىك ماھىر يۆتكەپ كەپتۇ .ھەمدە چەتئەللىك ماھىر يۆتكەش خىزمىتىمۇ ئاخىرلىشپتۇ .بەزى توپچىلار كوماندىغا قايتىپ كەپتۇ .يەنى ، ئالدىنقى پەسىل يارىلىنىپ داۋالانغان بىرسى ۋە ب دەرىجىدىكى بىر كوماندىغا ئىجارىگە بەرگەن بىر توپچىسى يېنىپ كەپتۇ .بەزىلىرى كوماندىدىن ئايرىلىپتۇ .ئەكرەم بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىردا كەتكەن پېتى تېخى ھازىرغىچە قايىتىپ كەلمەپتۇ .كۇلۇبتىكى بىر يولداشنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ،ئەكرەمنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇقىملىشىپ بولغان ئىش ئىكەن .ئەكرەم ئىلگىرىكى ئىدارىسىگە قايتىپ كەتتىمۇ ياكى قانداق بولدى ؟ بۇ ئېنىق ئەمەسكەن .
 |
|