پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1176|ئىنكاس: 24

گالى نېۋىل نىمە دەيدۇ ؟(چىلسىغا كىم تېرنىر بۇلىدۇ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نۆۋەت ماڭا كەلدى !!

154

تېما

6

دوست

3420

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8330
يازمىسى: 3420
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 1023173
تۆھپە: 826
ۋاقتى: 1979
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى 3 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 19:52:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تانكىچاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 19:56  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ...

چىلسى باش تېرنىرى بېنىتىز ئېنىق قىلىپ بۇ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چىلسىدىن ئايرىلدىغانلىقىنى ئېيىتتى . ئۇنداق بولسا چىلسىغا كىم يېڭى تېرنىر بۇلىدۇ ؟ تۆۋەندىكىسى مانچىستىرنىڭ ئىلگىرىكى داڭلىق بېكى ، ئېنگلانىد كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرنىرى ، كۆك ئاسمان تەنتەربىيەسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگۈچىسى گالى نېۋىلنىڭ مۇشۇ توغۇرلق يازغان ماقالىسىكەن . بىزمۇ تەھلىل قىلىپ باقساق . قېنى ئەمسە مەرھەمەت ...





گالى نېۋىلنىڭ بەيرىنغا ۋە گودىئاۋلانىڭ بەيرىننى تاللشىغا بولغان كۆز قارىشى




ئىلگىرى بىرسى مەندىن : << ئەگەر مانچىستىرىدىن ئايرىلىپ باشقا دۆلەتكە چىقىپ توپ تېپىش توغرا كەلسە قايسى كۇلۇبقا بارىسەن >> دەپ سورىغاندا مېنىڭ كاللامغا بىرنجى بۇلۇپ كەلگىنى بەيرىن مىيۇنخىن ، ئاندىن يۇۋىنتۇس .
مەن ئىلگىرى مانچىستىرغا ۋاكالىتەن  بەيرىن بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە ئۇلار ماڭا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان . ئەگەر سىز بەيرىننىڭ كەسىپلىشىش دەرىجىسىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مەخسۇس ئاپتۇبۇسدىن چۈشىنىشكە بۇلىدۇ .
ئۇلار مەيلى قەيەردە مۇسابىقە ئوينىسۇن ، ئۇلارنىڭ ئاپتۇبۇسى ئۇلار بىلەن بىللە ، دۇنيادا كۆپ قىسىم كۇلۇبلار باشقا يەرگە مۇسابىقە ئوينىغىلى بارغاندا شۇ يەردىن ئاپتۇبۇس ئىجارە ئېلىپ ئىشلىتىدۇ . بىراق بەيرىن ئۇنداق ئەمەس . ئۇلارنىڭ ئاپتۇبۇسى مۇسابىقىدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يولغا چىقىپ ، مۇسابىقىلشىدىغان رايۇنغا بېرىپ بۇلىدۇ ، ھەمدە ئايرىدىرومغا چىقىپ پۇتبولچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاپتۇبۇسلىرى بىلەن كۈتىۋالىدۇ . دەل مۇشۇنداق ئىنىچكە ئەتىراپىلىق ئۇرۇنلاشتۇرۇشلار ماڭا ئۇنتۇلغىسىز تەسىرلەرنى قالدۇرغان . مەن خاگىرىفۇس بىلەن بەيرىن توغۇرلۇق پاراڭلاشقاندا بەيرىنغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ ئاشقان ئىدى .

شۇڭا مەن گودىئاۋلانىڭ بەيرىننى تاللىغىنىدىن ئازراقمۇ ھەيران قالمىدىم . ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئويلىساقمۇ ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە ناھايتى ماس كەلگەن . گودىئاۋلا بەيرىندەك ئىستىقبالى ناھايتى ياخشى بولغان كۇلۇبنى تاللىغىنى ئەلۋەتتە ئەقىلگە سىغىدۇ . بۇ سودىدا ئەڭ چوڭ پايدا ئالغىنى گودىئاۋلا بولدى . ئۇ ھازىرقى تېرنىرلار ئىچىدە تېخى نام شەرىپى ھىچقانداق « بۇلغانمىغان » تېرنىر ، ئۇ 4 يىللىق تېرنىر ھاياتىدا ئېرىشىشكە تىگىشلىك بارلىق شان شەرەپكە ئىرىشىپ بولدى ، ھەمدە ئۇنىڭ كوماندىسى بىز ھازىرغىچە كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق پۇتبولنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى . شۇڭا ئۇ ئورنى يۇقىرى ، تۇراقىلىققا ئىگە ، ياش ماھىرلارنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىردىغان ئەڭ مۇھىمى كوماندىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى تۆھپىكار چولپانلىرىدىن (بېكىنپاۋىل ،خۇمىس ،رۇمىنىگ قاتارلىق بەيرننىڭ تۆھپىكارلىرى)  تەركىب تاپقان ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر پۇتبولنى ھەقىقى سۆيىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان مۇشۇنداق كوماندىنى تاللىدى . شۇڭا كىشىلەر ھازىر ئابلاباينىڭ كەيپىياتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە قانداقمۇ قىزىقماي تۇرالىسۇن . ئۇ « قىلغانلىرىنىڭ (ئىشلەتكەن تېرنىرلا) جازاسىنى تاتتى » ، ئۇ ھەتتا گودىئاۋلاغا ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر«ئوتۇپىك »كوماندىنى قۇرۇپ چىقماقچىمۇ بولدى ( ئوتۇپىك بولسا ئىلگىرى بىر ئەنگىليەلىك ئالىم ئوتتۇرغا قويغان سوتسىيالىزىمنىڭ ئاتىلىشى يەنى ئوتۇپىك سوتسىيالىزىمى ، بۇ خىل سوتسىيالىزىمدا ھەممە كىشى باراۋەر ياشايدىغان ، ئېكىسپىلاتسىيە بولمايدىغان ، ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولمايدىغان جەمىئىيەت تۈزۈمى ) . ئۇ خۇددى توختىماستىن گودىئاۋلاغا : « سەن ئۈچۈن بارلىق قېرى توپچىلارنى سېتىۋەتتىم ھەم داۋاملىق مۇشۇنداق قىلالايمەن ، مەن سەن ئۈچۈن خازارىدنى ئەكەلدىم ، يەنە سەن ئۈچۈن ئوسكار ، ماتا قاتارلىقلارنىمۇ ئېلىپ كەلدىم . مەندە يەنە ئىسپانىيەلىك تورىسمۇ بار ، مەن سەن ئۈچۈن ياش كوماندىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىمەن ، مېنىڭ كوماندامغا تېرنىر بولغىن » دېدى . بىراق گودىئاۋلا قەتئىيلىك بىلەن « ياق » دەپ جاۋاب قايتۇردى .
ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئەقىلىلىقلىقى ئۇنى ئابلاباينىڭ «ئايلانما ياغاچ ئات » دىن يىراقلاشتۇرۇدى  . ئۇ ئەگەر چىلسىغا تېرنىر بۇلۇپ قالسا ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ نامىنى بۇلغىۋالىدىغىنىنى ئوبدان بىلىدۇ . بۇنىسى شەك شۈبىھىسىز ، چۈنكى ئۇنىڭ چىلسىدىكى تېرنىرلىق ھاياتى تۇقۇنۇش ، بۇلغۇنۇش بىلەن ئاخرىلىشىدۇ . گېپىمىزگە كەلسەك ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ داڭلىق ئەنئەنىۋى زەردار بولغان بارسادىن ئايرىلىپ يەنە ئوخشاش ئەنئەنىۋى زەردارغا بېرىشى ناھايتى تەبىئى ئىش .
كىشلەرنىڭ ھەممىسى فۇرگىسىننىڭ تېرنىرلىق ئورنىغا كىمنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغىنىغا قىزىقىۋاتتىدۇ . مېنىڭچە سىر تېىخى بۇ تېرنىرلىق ئورنىدىن ۋاز كەچكىنى يوق ، مەن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ بۇ خىزمەتتىن زىرىككەنلىكىنى ھېس قىلالمىدىم . بىراق گودىئاۋلانىڭ بەيرىننى تاللىشى ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى سىرنىڭ ئورنىغا ۋارسلىق قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى قالدۇرۇپ قويدى . ئەگەر ئۇ چىلسى ياكى مانچىستىر شەھەرنى تاللىغان بولسا بەلكىم ئۇنىڭغا ئۆزى تېرنىرلىق قىلىش ئارزۇسى بولغان مانچىستىرغا بېرىشى ئۈچۈن بىر چوڭ توسالغۇ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى .





گالى نېۋىلنىڭ چىلسىنىڭ كېيىنكى تېرنىر نامزاتىغا بولغان كۆز قارىشى





ئەمدى ئابلاباينىڭ چىلسى ھاياتىغا قارايدىغان بولساق ، ئۇ بىر يېڭى كومپىيوتىر ئۇيۇنىنى ئىجاد قىلدى ، يەنى بۇ ئۇيۇن « چىمپىيۇنلۇق پۇتبول دېرىكتورى » ئەمەس ، بەلكى « چىمپىيۇنلۇق پۇتبول رەئىسى » .

ئەمدى ئابلاباينىڭ ئىشلەتكەن تېرنىرلىرىغا قارايدىغان بولساق ، « يېڭى ئۆتكۈر قورال » مورىنىئودىن تارتىپ  ئۇنىڭ دوستى گىرانىت ، دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى سىكىلارىدىن تارتىپ يەنە  بىر دوستى ھىدىنىك ، توپچى ۋە تېرنىر سۈپىتىدە ياۋروپدا تارىخ ياراتقان ئەنچىلودىدىن تارتىپ يەنە بىر « يېڭى ئۆتكۈر قورال » بوئاس ، ئۇنىڭدىن كېيىن كۇلۇبنىڭ « ئەتىۋارلىق بالىسى » دىماتودىن تارتىپ چىلسى توپ مەستانىلىرى ئەڭ ئۆچ بېنىتىزغىچە ، ئۇ ئەزەلدىن تەۋرىنىشتىن توختاپ باقمىدى .

ئابلاباي ئەمدى قايسى يوللىنى تاللىشى كېرەك ؟
ئەگەر سىز چىلسىغا ۋاكالىتەن ، كوماندىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن ئاساستا چىلسىغا تېرنىر تاللىماقچى بولسىڭىز نەگە باراتتىڭىز ؟
ئىسپانىيەگە بېرىپ ئەڭ ياخشى تېرنىرنى ئىزدەمسىز ؟ بىلانوۋا بارسادىن ئايرىلمايدۇ ، ئەمسە مورىنىئو ؟ ئەپسۇس ئابلاباي ئۇنى ھەيدىۋەتكەن .
ئېنگىلانىددىنچۇ ؟ فۇرگىسىن بىلەن ۋىنگىر كوماندىسىدىن ئايرىلمايدۇ ، سىز مەنچىنىنى تېخىمۇ يۇقىرى مۇئاش بىلەن تەكلىپ قىلىپ شەھەرلىكلەردىن ئېلىپ كىلەلمەيسىز . ئۇنداقتا ئېنگلانىددا بۇلاردىن قېلىشمىغىدەك ، ياخشىراق تېرنىر بارمۇ ؟ بار ، بېنىتىز . بىراق ئۇ ئاللىبۇرۇن سىزنىڭ بۇلۇپ بولدى ، ئۇنى قانداق ئىشىلىتىش ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى . ئېنگىلانىددا بۇلاردىن باشقا ياخشىراق تېرنىر يوقمۇ ؟ بار ، بوئاس . ئەپسۇس ئابلاباي ئۇنىمۇ ھەيدىۋەتكەن .
ئۇنداقتا فىرانسىيەدىن ئىزدەمسىز ؟ ھازىر فىرانىسيەدە ئەڭ ياخشى تېرنىر كىمۇ ؟ شەك شۈھىبىسزكى ئەنچىلودى . ئەپسۇس ئابلاباي ئۇنىمۇ ھەيدىۋەتكەن .
ئۇنداقتا سىز ياۋروپادىن چىقىپ بىرازىلىيەگە بېرىپ ئىزدەپ بېقىڭ ،كىم دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان دۆلەت بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ تېرنىرى ؟ بىرازىلىيەلىكلەر 2014-يىللىق ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بۇنداق شەرەپىلىك ۋەزىپىنى كىمگە بەردى ؟ سىكىلارى . تولىمۇ ئەپسۇس ئابلاباي ئۇنىمۇ ھەيدىۋەتكەن .
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى چىلسى مۇشۇنداقلا ماڭدىكەن ھەرگىز مۇقىملىققا ئىگە بولالمايدۇ ، پەقەت ئابلاباي ئۆزى تېرنىر بولمىغىچە ....
سىز تېرنىر بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلمىسىڭىز ، يەنى تورىسنى مەيدانغا چىقارمىسىڭىز ، قېرى توپچىلارنى ئاستا ئاستا سىقىپ چىقارمىسىڭىز ،كوماندىنى كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغىدەك پۇتبول ئوينىتالمىسىڭىز ، ئامال يوق ، ئىشتىن بوشىتىلىسىز .
20 يىل بۇرۇن بىز ئىتالىيەنى كۇلۇب خوجايىنى مەشىق مەيدانىغا بېرىۋېلىپ توپچىلارغا بۇيرۇق سوقىدۇ، تېرنىرغا قانداق مەشىق قىلدۇرۇشنى ، مۇسابىقىنى قانداق ئوينىتىشنى بۇيرۇيدۇ ، كىمنى ئېلىپ كىمنى سېتىشنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ دەپ زاڭلىق قىلغان ئىدۇق ، بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتىدۇ .
كۇلۇبنى بۇ خىل باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق . گەرچە ئۇتۇق قازانغان بولسىمۇ بىراق تۆلىگەن بەدەل بەك ئېشىپ كەتتى .
سىز تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ ، ئەگەر 2007-يىلى مورىنىئونى ياكى 2011-يىلى ئەنچىلودىنى تۇتۇپ قالغان بولسا بۇ چاغدا نىمە ئىشلار يۈز بېرەتتى .
سىز ساناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ ، دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە چىلسىنىڭ « تەمىنى » تېتىپ باقمىغان (چىلسىغا كېلىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان) داڭلىق تېرنىرلاردىن قانچىلىكى قالدى ؟
  ئەمدى بېنىتىز كەتسە چىلسىنىڭ يېڭى تېرنىرى كىم بۇلىدۇ ؟ ئېرىتوندىكى مويىسمۇ ياكى مادىرىددكى مورىنىئومۇ ۋە ياكى يۇۋىنتۇستىكى كونتىمۇ ؟ يا بولمىسا .... مۇ ؟





گالى نېۋىلنىڭ مەخسۇس خاتىرىسىدىن ئېلىندى ...























ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى تۆھپە شۆھرەت تەجرىبە يىغىش سەۋەبى
لاچىن + 50
ئۈلكەر + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100  تۆھپە + 10  شۆھرەت + 10  تەجرىبە + 10   باھا خاتىرىسى

كۆك بايراقلار لەپىلدىمەكتە!

73

تېما

0

دوست

2770

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8866
يازمىسى: 2770
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 8509665
تۆھپە: 1288
ۋاقتى: 1678
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 20:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توررېسمۇ شۇ ئوخشىمىغان تاكتىكىلارنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتتىمىكىن دەيمەن. بىر تېرىنېر چىقىپ ئۇنداق ئوينا دىگەن يەنە بىرى چىقىپ بۇنداق ئوينا دىگەن...

فەتىھ! فەتىھ! يەنە فەتىھ!!

268

تېما

2

دوست

3361

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7998
يازمىسى: 3361
نادىر تېما: 7
ياۋرۇ: 5402435
تۆھپە: 759
ۋاقتى: 2207
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا بايرىن لۈكچىكى دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 20:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوغلانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 20:17  

ياماقچى  قېپ  قاپتۇ......رانىرىمۇ  چىلىسىنى  ياماپ  باققان...





      

بۇقىلار كەلدى ،ھى ھى ..

192

تېما

33

دوست

7201

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8240
يازمىسى: 7201
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 483194
تۆھپە: 2640
ۋاقتى: 2348
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 20:18:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ تەسىرلىك ئۇقۇپ كەتتىميا،ئەڭ كەتكۈزمەيدىغان ئادەم دىماتىئوتى
سۈكۈتنىڭمۇ چىكى بار قېرىنداشلار ئۆز-ئارا ئىناق ئۈتەيلى !

فەتىھ! فەتىھ! يەنە فەتىھ!!

268

تېما

2

دوست

3361

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7998
يازمىسى: 3361
نادىر تېما: 7
ياۋرۇ: 5402435
تۆھپە: 759
ۋاقتى: 2207
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا بايرىن لۈكچىكى دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 20:19:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2

تېما

0

دوست

565

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12092
يازمىسى: 565
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50848
تۆھپە: 575
ۋاقتى: 137
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 20:29:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ئابلا بايغا نۆۋەت كەلدىمۇ نىمە

2

تېما

0

دوست

565

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12092
يازمىسى: 565
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50848
تۆھپە: 575
ۋاقتى: 137
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 20:29:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ئابلا بايغا نۆۋەت كەلدىمۇ نىمە

كەتمە رونى

76

تېما

7

دوست

2982

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  54
يازمىسى: 2982
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 544972
تۆھپە: 926
ۋاقتى: 1319
h
ھالەت

مانچىستىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 20:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىماتىئوغا كۆپرەك پۇرسەت بىرىدىغان ئىشتى ، ئۆزىمۇ ياش چىلسىنى ئۇزۇنمۇددەت تۇتسا خىلە ئىش تىرىپ قويىتتى ،، قالغان گەپلەرنى ئامرىكا قاتارلىق كۆك تەنلىكلەردىن ئاڭلايلى ...
ئاتا - بۇۋىسىنى تونىمىغانلار ئېتنىڭ پېشىدىن كەتمەس ..

268

تېما

20

دوست

4938

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10433
يازمىسى: 4938
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 8948871
تۆھپە: 3769
ۋاقتى: 2763
h
ھالەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش بايرىن لۈكچىكى دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 20:47:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابىلاباي داڭلىق تىرنىرلارنىڭ ھەمىسىنى ئىشلىتىپ بىقىپتۇ قارىسام گودىئاۋلا بىلەن فانجار قاپتۇ .
گودىئاۋلاغۇ بارمايدىغانلىقىنى ئىنىق ئىيتىپتۇ فانجارنى تەكلىپ قىلىپ باقسۇن بۇمۇ ياق دەپ تۇرۋالامدۇ كىم ئۇقۇدو .

Bawdun

22

تېما

4

دوست

1876

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3132
يازمىسى: 1876
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 436
تۆھپە: 1294
ۋاقتى: 1226
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 21:10:16 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئشلەتكەن توپچىسدىن، تېرىنرلار كۆپمۇ نېمە؟

كۆك بايراقلار لەپىلدىمەكتە!

73

تېما

0

دوست

2770

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8866
يازمىسى: 2770
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 8509665
تۆھپە: 1288
ۋاقتى: 1678
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 21:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىلاسگو سەرگاردانلار كوماندىسى 133 يىللىق تارىخىدا 12 تېرىنېر ئىشلىتىپتىكەن. بىزنىڭ چېلسى.....يىقىنقى بىلەت تاشلاشتا چېلسىغا ئەڭ مۇۋاپىق تېرىنېر نامزاتى ئابلاباي دەپ تاللاپتۇغۇ مەستانىلەر.

ئىنگىلاند!!!!!!!!!!!

3

تېما

3

دوست

1150

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8878
يازمىسى: 1150
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 7049206
تۆھپە: 497
ۋاقتى: 896
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 21:16:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالى نېۋېل ھەقىقەتەن ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىپتۇ ،كەلگۈسىدە تېرنېر بۇلۇپ قالسىمۇ خېلى ئۇتۇق قازىنىدىغاندەك
روھى باي گاداي باي گاداي،روھى گاداي باي گاداي باي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )