100يىلدىن بۇيانقى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ 10پۇتبول كۇلۇبى
پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈش ھازىر كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى.100يىلدىن بۇيان پۇتبولنىڭ تەرەققىياتى تاھايتى تىز بولدى،كولۇپلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ناھايتى زورايدى،پۇل تېپىش ئۈچۈن سودىگەرلەر كولۇپلارغا زور مىقداردا مەبلەغ سالدى،بىر مەزگىل ھەممە يەردە ئاتالمىش‹زەردارلار›بۇلۇپ كەتتى،لىكىن بۇ زەردارلارنىڭ ئىچىدە قايسىللىرى ھەققىي زەردارلار،قايسىللىرى دۇنيادىكى ھەققىي ئۇلۇغ كولۇپلار؟
1.دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى ياساش زاۋۇتى-----بوكا ياشلار كوماندىسى
بوكا ياشلار كوماندىسى 1905-يىلى4-ئاينىڭ3-كۈنى قۇرۇلغان،ئۇنىڭ بازىسى ئارگىنتىنانىڭ پايتەختى بوينىس ئايرىسنىڭ مەنزىرسى گۈزەل بوكا رايۇنىغا جايلاشقان،كولۇپنىڭ ئەڭدەسلەپكى توپچىللىرى دىدالىيائەي دەرياسى توپچىللىرىدىن كەلگەن،شۇ سەۋەپتىن كولۇپ ئىسمى بوكا دەپ ئاتالغان(بوكا دىگەن دەريا ئېغىزى دىگەن مەنىدە).بوكا كولۇبى ئارگىنتىنادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن كولۇپنىڭ بىرسى،كولۇپنىڭ ئىرىشكەن شەرەپلىرىمۇ ئادەمنى قايىل قىلدۇ:
1919-1930-يىلغىچە بولغان11يىلدا 6قېتىم مەملىكەتلىك ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول لەۋھە تالىشىشى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان؛
1931-1981-يىلغىچە بولغان 50يىلدا 12قېتىم بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چىمپىيون بولغان،5قېتىم مەملىكەتلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىشى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان،بۇنىڭدىن باشقا 1927،1928،1929،1945،1946،1947،1950،1958،1973،1978يىللىرى كەسپى ئا دەرجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە 2-بولغان؛
1966-1979-يىلغىچە بولغان 14يىلدا ئارگىنتىنا كوماندىسى 14قېتىم جەنۇبىي ئامىرىكا ئازاتلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا كىرىپ،10قېتىم چىمپىيون بولۇپ،جەنۇبىي ئامىرىكا ئازاتلىق لوڭقىسىنىڭ رىۋايىتىنى ياراتقان،بۇنىڭدىن باشقا يەنە بوكا ساناقسىز پۇتبولچىلارنى يتىشتۈرگەن،بۇلارنىڭ ئىچىدە:ئادىلەس،جەڭ ئىلاھى بادىسدوتا،پۇتبول شاھى مارادونا،تىۋىس،بېيلوڭ قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق توپچىلارمۇ بار،شۇنىڭ ئۈچۈن بوكا ياشلار كولۇبى دۇنيادىكى ئاڭ ئۇلۇغ كولۇپلارنىڭ بىرى،ئارگىنتنانىڭ زەردار پۇتبول كولۇبى.
2.قەدىمكى گىرتسىيە رىۋايتىدىكى گىرىتسىيەنىڭ 2-قەھىرمانى-----ئاجاكىس
ئاجاكىس كولۇبىنىڭ ئىسمى قەدىمقى گىرىتسىيە رىۋايىتىدىكى قەھىرماننىڭ ئىسمىدىن كەلگەن،گىرىتسىيەدە ئاجاكىس ئىسىملىك ئىككى قەھىرمان بۇلۇپ ،بۇ يەردە دىيىلگەن ئاجاكىس چوڭ ئاجاكىس بۇلۇپ،كىچىك ئاجاكىس چوڭ ئاجاكىسنىڭ سادىق سەبدىشى.
ئاجاكىس گوللاندىيەنىڭ زەردار كولۇبلىرىنىڭ بىرى،1900-يىلى قۇرۇلغان،ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىنىى بىر توپ دوسلا ئىشتىن سىرىتقى ۋاقتىدىن پايدىلنىپ قۇرۇپ چىققان،100يىللىق تىرشىش ئارقىلىق بۇ كولۇپ چىرايلىق ۋە ھوجۇم كۈچىگە باي ئويناش ئۇسۇلى بىلان دۇنيادا داڭ چىقارغان.
كولۇپ جەمئىي 27قېتىم گوللاندىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى،25قېتىم خەلىقئارالىق ھەرخىل مۇسابىقىلارنىڭ ،بۇنىڭ ئىچىدە 4قېتىم ياۋرۇپا چىمپىيونى بولغان.
3.گىرمانىيە پۇتبولىنىڭ ۋەكىلى------بەيرىن مىيونخىن
1900-يىلى فىرانىز.جون ئىسىملىك بىرلىنلىق بىر ئادەم قۇرۇپ چىققان،1907-يىلى يېڭى مەيدانغا كۈچۈپ چىققان،شۇنىڭدىن كىيىن كولۇبىنڭ رىۋايىتى باشلانغان،كولۇپ قۇرلۇپ 100يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئالدى-كەينى بولۇپ 20قېتىم گىرمانىيە ئا دەرجىلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونى،14قېتىم ئويۇشما لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى،4قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى،بىر قېتىم ياۋرۇپا غالىپلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونى،بىر قېتىم پاۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيونى،2قېتىم دۇنيا كولۇپلار لوڭقىسى چىمپىيونى،3قېتىم دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى،6قېتىم گىرمانىيە بىرلەشما لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان.بەيرىننىڭ ئادەمنى پەخىرلەندۇردىغان بۇ نەتىجللىرى بەيرىننى گىرمانىيەنىڭ زەردارىغا ئايلاندۇردى.
4.دۇنيادىكى بىردىنبىر قىزىل ئالۋاستى-----مانچىستىر بىرلەشمىسى
مانچىستىر بىرلەشمىسى 1878-يىلى قۇرۇلغان،كولۇپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ كۇلۇپنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى كوللىكتىچانلىقنى تەشەببۇس قىلدىغان،قىزغىنىلققا تولغان ھوجۇمچان پۇتبول قىلىپ بىكىتىتى،كولۇپ شۇنىڭدىن باشلاپ ئالدى-كەينى بولۇپ 18قېتىم ئىنگىلانىت يۇقىرى دەرجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى،11قېتىم پۇتبولچىلار لوڭقىسى چىمپىيونى،3قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيونى،17قېتىم رايۇنلار ئارا لوڭقىسى چىمپىيونى،3قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى،ياۋرۇپا غالىپلار لوڭقىسى ۋە ياۋرۇپا دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا بىرقېتىمدىن چىمپىيون،دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىدا 2قېتىم چىمپىيون بولغان.مانچىستىر بىرلەشمىسى بۇنداق شانلىق نەتىجىلەردىن باشقا نۇرغۇنلىغان دۇنياۋى چولپانلارنى يىتىشتۈرگەن.
5.شوتلاندىيە شاھى-----گىلاسگو سەرگەردانى
بۇ كولۇپ ئۇزۇن يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە بولۇپ 1873-يىلى قۇرۇلغان،ھازىرغىچە 107قېتىم ھەرتۈرلۈك مۇھىم مۇسابىقىلەرنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئىرشىپ رىكورىت ياراتقان،لىكىن كولۇپنىڭ 134يىللىق تارىخىدا ئالدى-كەينى بولۇپ پەقەت 12ئادەم مەشقاۋۇللۇق قىلغان.
1961-يىلى ياۋرۇپا غالىپلار لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا كىرىپ،تۇنجى بولۇپ ياۋۇرۇپادىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا كىرگەن ئەنگىلىيە كۇلۇبى بولۇپ قالغان.1972-يىلى نوكەنپۇ پۇتبول مەيانىدا مۇسكىۋا دىنامۇ كوماندىسىنى يېڭىپ غالىپلار لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان،2008-يىلى ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا كىرگەن،مۇسابىقە كۈنى 200مىڭدىن ئارتۇق سەرگەردانلار مەستانىسى مانىچىستىرغا كەلگەن،ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسىمىنڭ بېلىتى يوق ئىدى.........بۇنداق كۇلۇپ شەكشۈبىسىزكى شوتلاندىيەنىڭ ھەققىي شاھى.
6.ئىنگىلانىتنىڭ قىزىل ئارمىيسى-----لىۋىرپول
1878-يىلى لىۋىرپولنىڭ بىر شەھەردىكى رەقىبى ئەيفۇدۈن قۇرۇلدى،ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئەنفىردى پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقە ئېلىپ باردى،1892-يىلى بىر قېتىملىق سودىدىكى تالاش تارتىش بۆلۈنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،بىر قىسىم كىشلەر ئەنفىردى پۇتبول مەيدانىدىن ئايرىلىپ ،گودىسۇن باغچىسى پۇتبول مەيدانىغا كۆچۈپ باردى،كولۇپنىڭ نامى يەنىلا ئەيفۇدون بولدى.كولۇپ رەئىسى ۋە بىر قسىم كىشلەر ئەنفىردى دا قالدى،تىزىمغا ئالدۇرۇشتا ئۇلار كىيىن قالغاچقا ئۇلار ئەيفۇدۇن دىگەن ئىسىمنى ئىشلىتەلمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كولۇپنڭ نامىنى كولۇپ تۇرۋاتقان شەھەرنىڭ نامى بىلەن ئاتاشنى قارار قىلدى،شۇنداق قىلىپ 1892-يىلى3-ئاينىڭ15-كۈنى لىۋىرپول كۇلۇبى رەسمىي قۇرۇلدى،1894-يىلى قىزىل رەڭلىك كىيمنى رەسمي كۇلۇپ كىيمى قىلىپ بىكىتتى.
كۇلۇپ قۇرۇلغاندىن كيىن شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى:18قېتىم يۇقىرى دەرجىلىك بىرلەشمە چىمپىيونى ،7قېتىم پۇتبولچىلار لوڭقىسى چىمپىيونى،7قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيونى،15قېتىم رايۇنلار ئارا لوڭقىسى چىمپىيونى،5قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى چىمپىيونى بولغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان چولپانلارنىمۇ يىتشتۈرگەن.
ئىنگلانىت قىزىل ئارمىيسى لىۋىرپول ھەقىىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق دۇنيا دەرجىلىك زەردا كۇلۇپ.
7. 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋەر كۇلۇپ-----خان جەمەتى مادىرىت
خان جەمەتى مادىرىت بولسا ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادىرىتقا جايلاشقان بىر پۇتبول كۇلۇبى،1902-يىلى3-ئاينىڭ6-كۈنى قۇرۇلغان بۇلۇپ ياۋرۇپادىكى دۇنيا پۇتبول مۇنبىردە ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كۇلۇپ.2000-يىلى12-ئاينىڭ 11كۈنى كۇلۇپ خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرپىدىن 20-ئەسىردىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۇلۇپ بولۇپ باھالاندى.2009-يىلى9-ئاينىڭ 10كۈنى كۇلۇپ خەلىقئارا پۇتبول تارىخى ۋە سىتاستىكا ئورنى تەرپىدىن 20-ئەسىردىكى ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر كوماندا بولۇپ باھالاندى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇلۇپ ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چمپىيونلۇق سانى،مۇسابىقىغا قاتنىشىش سانى،مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى،يېڭىش سانى،توپ كىرگۈزۈش قاتارلىقلاردا رىكورىت ياراتتى.ئىسپانىيە دۆلەت ئىچىدە 31قېتىم ئا دەرجىلىكلەر بىرلەشمە چىمپىيونى،17قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيونى بولدى.
8.ئەركىنىكلىك كوماندىسى-----بارسىلونا
18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى خەنس.گەنبو ۋە 10چەتئەللىك بارسىلونا تۇپرىقىدا يەرلىك كىشلەر بىلمەيدىغان بىر خىل تەنھەركەت تۈرى-پۇتبولنى ئوينىدى.1899يىلى11-ئاينىڭ29-كۈنى گەنبو رەسمىي بارسىلونا پۇتبول كۇلۇبىنى قۇردى،ئۇ دەۋىرلەر نۇرغۇنلىغان كاتولىيەلىكلەر ئۈچۈن ناھايىتى قىين دەۋىرلەر ئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن بارسىلونانىڭ بايرىقى كىشلەرنىڭ ئەركىنلىككە ئىرىششكە بولغان ئۆمۈدىگە سمىۋو قىلىنغان ،بۇ ئۆمۈد بۈگۈنگىچە داۋاملاشماقتا، بۇخىل ئىتقاد بۇ كۇلۇپ ۋە بۇ كۇلۇپنىڭ قوللىغۇچىللىرى ئارىسىدا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.50-يىللاردىكى كۇبالا،70-يىللاردىكى كىرويىف،80-يىللاردىكى مارادونا،90-يىللاردىكى رومارىئو ھەمدە چۈش ئىككىجى دەۋرىدىكى
رونالدىنخو ۋە چۈش ئۈچىنىجى دەۋرىدىكى مىسسى،خاۋى،ئىنىستا قاتارلىقلار ھەرقايسى دەۋىرلەرنىڭ ۋەكىلى.لامايسىيا ياشلا مەشىق بازىسى بۇ كۇلۇپنىڭ بىر چوڭ ئەڭگۈشتىرى،مىسسى،خاۋى،ئىنىستا،پۇيۇل،پىك،بوسكىس،پىدىرو....قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بازىدىن چىققان توپچىلار.
100يىللىق بوران-چاپقۇندا بارسىلونا كۈچلۈك ھاياتى كۇچىگە تاينىپ نۇغۇنلىغان ئىسسىق-سوغاقلارنى باشتىن كەچۈردى،ئالتۇن دەۋىر ۋە خاراپلاشقان دەۋىرلەرنىمۇ باشتىن كەچۈردى،خۇشاللىق چىمپىيونلىقلارنى ۋە ئازاپلىق مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈردى،بۇ دەۋىرلەر بارسىلونانى چېنىقتۇرۇپ دۇنيادىكى زەردار كوماندىغا ئايلاندۇردى.
9.ئىتالىيەنىڭ ھەقىقىي شاھى-----يوۋىنتىس
يوۋىتىس كۇلۇبى 1897-يىلى دوۋلىڭ شەھرىدىكى بىر مەكتەپتىن ئايرىلىپ قۇرۇلغان،1905-يىلى تۇنجى قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشكەن،شۇنىڭدىن كىيىن 20يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ھېچقانداق نەتىجىگە ئىرشەلمىگەن،30-يىللاردا ئۇدا 5قېتىم بىرلەشما لوڭقىسى چىپمىيونى بولغان،تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى 1932-1933-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە ،ساپ توپى 60،17مەيدان ئۆز مەيدانىدىكى مۇسابىقەدە 16مەيدان ئۇتۇپ ،مۇتلەق ئەۋزەللىك بىلەن چىمىيون بولغان.1994-1995-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە يىراقلاشقىلى 9يىل بولغان لوڭقا تەمىنى تېتىدى،1995-1996-يىلى مۇسابىقە پەسلى،1996-1997-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە يەنە شەرەپ قۇچتى،شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مەزگىل دۇنيا كۇلۇپلار قاتارىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلدى،دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر كۇلۇپ باھالاندى ھەمدە تارىختا تۇنجى بولۇپ ئۈچ لوڭقا ئېلىش چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى،(ئۈچ لوڭقا:ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى،ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسى،ياۋرۇپا بىرلاشما لوڭقىسى، يوۋىنىستىن باشقا بارسىلونا،بەيرىن،ئاجاكىس قاتارلىقلارمۇ ئۈچ لوڭقا ئېىلىپ باققان)
شۇنىڭ ئۈچۈن يوۋىنتس ياۋرۇپادىكى ھەتتا دۇنيا پۇتبول مۇنبىردىكى ئۇتۇقلۇق كوماندىلارنىڭ بىرى.
10.قىزىل قارا ئارمىيە-----ئا س مىلەن
ئا س مىلەن 1899يىلى 12-ئاينىڭ16-كۈنى قۇرۇلغان،شۇنىڭدىن كيىن 100يىلدىن ئارتۇق بوران-چاپقۇننى باشتى كەچۈرۈپ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۇلۇپلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى،2009-يلغىچە جەمئىي 7قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى،5قېتىم ياۋرۇپا دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى،2قېتىم غالىپلار لوڭقىسى چىمپىيونى،17قېتىم ئىتالىيە ئا دەرجىلكلەر چىمپىيونى،2قېتىم ب دەرجىلكلەر چىمپىيونى،5قېتىم ئىتالىيە درجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىپمىيونى بولغان،ھەمدە لىجكارىت قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنى يىتشتۈرگەن.
بەزى ئادەم ۋە يەر-جاي ناملىرىنى تەرجىمە قىلىشتا سەل قىينالدىم،خاتا تەرجىمەقىلىپ قالغان بولسام كۆرسەتمە بىرەرسىلە.سۆز-جۈملىللىرى باغلاشمىغان بولسا تۈزىتىپ ئوقۇغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :ئۇچقۇنى |