- تىزىملاتقان
- 2012-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51
- نادىر
- 0
- يازما
- 51
|
ھەممىدىن بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىدىغان پۇتبول مەستانىلىرى
جىنس رېكورتى ھەققىدە ھەممىمىز تولۇقسىز مەلۇماتقا ئىگە. ئىشقىلىپ مەلۇم بىر ئىشنى خەقتىن ياخشى قىلسىڭىز، ياكى تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يوغان قىلالىسىڭىزمۇ بىرگە ھېساب. ھەتتا تىلىڭىزنى بۇرنىڭىزغا ياكى جەينىكىڭىزگە تەككۈزەلىسىڭىزمۇ جىنس رېكورتى يارىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. مەنچە بۇ رېكورتىنىڭ پەقەتلا مەنىسى قالمىغىلى تۇردى.
شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئەھمىيىتى بولمىغان جىنس رېكورتلىرى ئاز ئەمەس. مىسالەن: ھەممىدىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ پۇتبول مەيدانى، يەنى ۋاراڭ- چۇرۇڭ دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى پۇتبول مەستانىلىرىمۇ جىنس رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن. گەرچە ھەرقانداق بىر پۇتبول مەيدانى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان بولسىمۇ ئەمما بۇ تۈرنىڭ رېكورتىنى تۈركىيە، ئېنىقراق ئېيتقاندا ئىستانبول پۇتبول مەستانىلىرى ساقلاپ كەلمەكتە.
بىر قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىدە تۈركىيە Galatasaray كوماندىسىنىڭ ئەللىك مىڭچە مەستانىسى بىرلىكتە بۇ تارىخنى ياراتقان. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇلارنىڭ پەيدا قىلغان شاۋقۇن دەرىجىسى 131.76 دېتسىبېلغا يەتكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن بولسا، بۇ رېكورتنى ئەنگىلىيىلىكلەر ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 1976- يىلى ياراتقان. دەرىجىسى 126 دېتسىبېل بولۇپ بۇ دەل ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش ئالدىدىكى ئايروپىلان كەينىدە تۇرغان ھالەت بىلەن تەڭ.
تۈركىيە پۇتبولچىلىقى ياۋروپادا تۆۋەن سەۋىيەلىك بىرلەشمە ھېسابلانسىمۇ ئەمما دۆلىتىمىز پۇتبولچىلىقىدىن خېلىلا يۇقىرى تۇرىدۇ. 2002- يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا 3- لىك شەرىپى بىلەن ھەر بىرىمىزنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان. شۇ چاغلاردا تۈركىيە ئۈچۈن ھۇررا توۋلىغانلىرىمىز ھازىرمۇ ئېسىمىزدە. تۈركىيە توپ مەستانىلىرىنىڭ خەلقئارادا خېلى نامى بار، قىزغىنلىق دەرىجىسى ياۋروپادىن قېلىشمايدۇ. لېكىن بۇنداق يۇقىرى شاۋقۇن شۇ مۇھىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش سېزىمىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغان بولۇپ، مەنچە بۇ Galatasaray كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى يېرىم پاڭ بوپ بولدىمىكىن …
|
|