- تىزىملاتقان
- 2008-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-24
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2952
- نادىر
- 5
- يازما
- 2952
 
|
بىر يىلدىن ئاشتى مۇنبىرىمىزگە خوتەن بىرلەشمىسى مۇسابىقە خەۋەرلىرى يوللىنىپ تۇرىۋاتىدۇ، بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىنىڭمۇ سىن ھۆججىتى يوللاندى ئۇنىڭدىن كىيىن يوللانمىدى. مەيلى مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ بولسۇن مەيلى باشقا سىرىتتىن ئاڭلىغان دوسلارنىڭ بولسۇن خوتەن بىرلەشمىسىگە بولغان تونىشى ، كۆز قارىشى ئىنتايىن ياخشى بولاۋاتىدۇ.
نىمىلا دىگەن بىلەن دىيارىمىز شىنجاڭدا پۇتبول تەنھەركىتى بويىنچە « ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمىسى» نامىدا مەيلى چوڭ بولسۇن مەيلى كىچىك بولسۇن ئوينىلىپ كىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ياخشى باشلىنىش.
مەن بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىنى نەخ مەيداندىنمۇ كۆرۈپ باقتىم ، فىلىمدىنمۇ كۆردۈم ، مىنىڭچە مۇسابىقىلاردە پەۋقۇلاددە قائىدىگە خىلاب ئىغىر ھەركەتلەرمۇ كۆرۈلمەيدىكەن ، ئويناۋاتقان بالىلارنىڭمۇ ھەممىسى ئاساسەن دىگۈدەك پۇتبول تەنھەركىتىنىڭ قائىدىللىرىدىن خەۋىرى بار ، تىخى بەزىللىرى مەخسۇس كەسىپنىڭ توپچىلار ئىكەن. لىكىن مەن شۇنداق ھىس قىلىپ قالدىم مۇشۇ مۇسابىقىدە تەنھەركەتچىلەرگە قىزىل كارتا بىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش، بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلاش قاتارلىق ئىشلار خىلى ئىغىركەن .
توپچىلارنىڭ قائىدىگە خىلاب ھەركەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش،كارتا بىرىش ئارقىلىپ مەيدان مۇسابىقىنىڭ تەرتىپلىك نورمال ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش نورمال ئىش، بىراق قىزىل كارتا بىلەن تەنھەركەتچىنى جازالاپ مەيدان مۇسابىقىنى كونتىرول قىلىمەن دىيىش سەل ئەخمىقانىلىق. بۇنداق بولغاندا چارە كۆرۈلگەن ئەزا يەنى قىزىل كارتا يىگەن ئەزا مەيلى ھەقىقەتەن شۇ قىزىل كارتىغا لايىق ئىغىر قائىدىگە خىلاب ھەركەت قىلغان بولسۇن ۋە ياكى ئۇدەرىجىگە يەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا قىزىل كارتا يىسۇن ،قىزىل كارتا يىگەن تەرەپ كوماندا ئەزالىرىدا ئىنىقكى نارازىلىك كەيپىياتى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىنىڭ نورمال كەيپىياتتا ئىلىپ بىرىلىشىغىمۇ مەلۇم نىسپەتتە تەسىرى بولىدۇ.
مەن ئويلايمەن بىرلەشمىدىكى كوماندىلارنىڭ جۈملىدىن تەنھەركەتچىلەرنىڭ سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈش ياكى پاخال قىلىش ، رىپپىرنى ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش-چىقارماسلىقى ، تەنھەركەتچىلەردە كۆرىلىدىغان ئىختىلاپلارنى قانداق ئۇسۇلدا مۇۋاپىق، ھەر ئىككىلى تەرەپ مۇمكىنقەدەر رازى بولغان دەرىجىدە ھەل قىلىش،،،، قاتارلىق ئىنچىكە مەسىلىلە بىلەنمۇ ۋاستىلىك ھالدا مۇناسىۋىتى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
شۇڭلاشقا مىنىڭ ئاددىغىنا بىر تەكلىۋىم:
مىنىڭ بىلىشىمچە مۇسابىقىغە پۈشتەك چىلىۋاتقان رىپپىرلانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاساسى جەھەتتىن پۇتبولدىن خەۋىرى بولسىمۇ لىكىن رىپپىرلىقتىن يۈزەكى خەۋىرى بار دەپ بىلىمەن .
مۇمكىن بولسا مۇشۇ بىرلەشمىدە رىپپىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقان يولداشلارغا ھىچ بولمىغاندا بىرەر قىتىم بولسىمۇ رىپپىرلىق كەسپى بىلىملىرى بويىنچە مەخسۇس لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرساڭلا دەيمەن. بۇ لىكسىيەگە خوتەن پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تەنتەربىيە فاكۇلتىتىدىن ئادەم تەكلىپ قىلساڭلار بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە دىيىلگىنىدەك « بالىم شىركىتى»،،،،،قاتارلىق كارخانا ئورۇنلار بىرلەشمىنى ئىنتايىن ياخشى قوللاپ بىرىۋىتىپتۇ. تەنتەربىيە مەيدانى سىتىۋىلىش ئىشىڭلار ھەل بولۇپ قالسا بىرلەشمە رەسمى تۈردە 11 كىشىلىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىسەڭلار بولىدۇ. مۇشۇنداق شەخسلەر ۋە كارخانا ئورۇنلىرى قوللاپ بەرسە بىرلەشمىنى مۇكەممەلللەشتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش تەرەققىيات سۈرئىتى مۇشۇنداق تىز بولۇپ بەرسە ، ئىشىنىمەن يىقىن كەلگۈسى بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا خوتەن بىرلەشمىسى شىنجاڭدا تىزلا كۆزگە كۆرۈنگۈسى.
ئاخىرىدا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان، قىسقىغىنە بىر نەچچە يىل ئىچىدە يوقلىقتىن بارلىققا كىلىپ، كىچىگلىكتىن زورىيىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن خوتەن بىرلەشمىسىگە، شۇنداقلا بۇ بىرلەشمىنىڭ بارلىققا كىلىش، تەرەققى قىلىش راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان خوتەن دىيارىدىكى بارلىق پۇتبول سۆيەر دوسلارغا چىن كۆڭلۈمدىن چەكسىز ئاپىرىن ئىيتىمەن. ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن !!!
بۇنىڭدىن كىيىن بىرلەشمىنىڭ تىخىدىنمۇ تەرەققى قىلىپ ، سەۋيىنى ئۈزلىكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىكى مۇكەممەل بولغان بىر ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمىنى بارلىققا كەلتۈرىشىڭلارغا تىلەكداشمەن!!! |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50
باھا خاتىرىسى
|