- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6567
- نادىر
- 16
- يازما
- 6567
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-24 11:50

2-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردىكى بارسېلونا بىلەن سېۋىلىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە مېسسى يەنە توپ كىرگۈزدى .شۇنىڭ بىلەن مېسسىنىڭ ئۇدا توپ كىرگۈزۈش مەيدان سانى 15 كە يەتتى .مۇشۇ جەرياندا ھازىرغا قەدەر جەمئىي 38 توپ كىرگۈزدى . مېسسى مۇشۇنداق تۇراقلىق بولغان يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى بىلەن يەنە بىر تۈردىكى نىشانغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ .يەنى ،يەككە پەسىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە بارلىق كوماندىلارغا توپ ئۇرۇش ،سېۋىلىيە كوماندىسىغا توپ ئۇرغاندىن كېيىن مېسسى بۇ پەسىل بارسېلونا بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان 18 كوماندىغا توپ ئۇرغان .( ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە جەمىي 19 كوماندا بار ) مېسسى توپ ئۇرمىغان پەقەت سىرتا كوماندىسىلا قالغان .
مېسسى بالىسى تۇغۇلۇپ ئىككىنچى كۈنى سىرتا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتناشقان بۇلۇپ ،بىراق كېچىسى بالا بېقىپ ياخشى ئارام ئالالمىغان مېسسى بۇ كوماندىغا توپ ئورالمىغان .كېيىنكى 15 ئايلانما مۇسابىقىدە ئۇدا توپ ئۇرغان .3-ئاينىڭ 29-كۈنى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن سىرتا يەنە بىر قېتىم تۇتۇشىدۇ .مېسسى ئېھتىمال توپ ئۇرۇشى مۇمكىن .ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بارلىق كوماندىلارغا توپ ئۇرۇپ باققان پۇتبولچى بارمۇ ؟ بار ، خان مادرىد كوماندىسىدىكى داڭلىق مەرگەن كىرىستىئانو رونالدو 2011-2012-يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىدە شۇنداق نەتىجە يارىتىپ باققان .مېسسىگە پەقەت بىر قەدەملا قالدى .
بىراق مېسسى كىرىستىئانو رونالدونىڭ يەنە بىر تۈردىكى رېكورتىغا مەڭگۈ يېتىشەلمەسلىكى مۇمكىن ! بۇ قانداق رېكورت ؟ كىرىستىئانو رونالدو ئىسپانىيىدىكى بارلىق كوماندىلارغا توپ ئۇرۇپلا قالماي ھەتتا ئۆز كوماندىسىغىمۇ توپ ئۇرغان .يېقىندا گىرانادا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كاللا بىلەن خائىن توپتىن بىرنى كىرگۈزگەن .
 |
|