بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jasur007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-24 06:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
سىلەرگە ئافرىقا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدىم . ( ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى دەپ تولا دېيىلىپ كەلگەن ، ماۋۇسى سەل يېڭىراق ئاڭلىنىدۇ )
ئافرىقا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاھىرە ۋاقتى 18:30 دا مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى ئەرەب مۇنارى مەيدانىدا ئافرىقا ئوزغۇن چىمپىيۇنى مىسىردىكى داڭلىق كوماندا ئەھلى كوماندىسى بىلەن ئافرىقا بىرلەشمە چىمپىيونى كونگو جۇمھۇرىيىتىدىكى لىيۇبار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . نەتىجىدە ئەھلىي كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن لىيۇبار كوماندىسىنى يېڭىپ ئافرىقا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشتى . بۇ ئەھلىي كوماندىسى تارىخىدىكى 5-قېتىملىق ئافرىقا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى بولۇپ بۇ كوماندا 2002 - 2006 - 2007 - 2009-يىللىرى بۇ لوڭقىغا ئېرىشكەن .
دەسلەپكى مەيداندا ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالمىغان ، ئىككىنچى مەيدان باشلىنىپ ئەھلىي كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ 15مۇسابىقىنىڭ 55-مىنۇتىدا رامى ھىشام جازا رايونى سىرتىدىن بىر توپ ئۇردى ، 70-مىنۇتىغا كەلگەندە يەنە شۇ ئەھلىي كوماندىسىدىكى مۇھەممەد بەراكات بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:0 قىلدى ، 78-مىنۇتىدا لىيۇبار كوماندىسىدىكى ئارونى بىر توپ قايتۇرىۋالغان بولسىمۇ ئەھلىي كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن چىمپيۇن بولدى .
مۇسابىقە كۆرۈنۈشلىرى
رامىي ھىشام ئۇرغان دەسلەپكى توپ
مۇھەممەد بەرەكات ئۇرغان ئەھلىينىڭ ئىككىنچى توپى
لىيۇبار كوماندىسىدىن ئارونىي ئۇرغان توپ
مۇسابىقە سۈرەتلىرى
ئەلئەھلىي كوماندىسى
لىيۇبار كوماندىسى
باشقا كۆرۈنۈشلەر
|