بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-24 05:40
ئىشقىلىپ مېھمان مەيداندىن 3 نومۇرنى ساق-سالامەت ئېلىپ قايتىپ كەلدۇق. ئەمما ئاسانغا چۈشمىدى بۇ غەلبىمۇ.
ھەممىدىن مورىنىئونىڭ تەمكىنلىكىگە، مويىسپىتلارچە ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ 90 مىنۇت ئولتۇرغان جايىدىن قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ كېتىشلىرىگە ھەيران قالدىم. ئاۋۇ سېسىق پوققوڭ پۈشتەكچى سېرىق كارتىلىرىنى ئايىماي چىقىرىۋەردى. دىمارىيا قاراپ تۇرۇپ 10 سىكۇنىت ئىچىدىلا ئىككى سېرىق كارتا يەپ دېربىيدىن قۇرۇق قالدى. (مېنىڭچە مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن مادىرىد تەرەپ چوقۇم رېپپىرنىڭ ھۆكۈمى ئۈستىدىن يۇقىرغا ئەرز سۇنىدۇ).
ئىلگىرى رېپپىر سەل ئورۇنسىزراق ھۆكۈملەرنى قىلىپ قويسا نارازى بولۇپ رېپپىرنىڭ كۆزىگە كىرۋالدىغان مورىنىئومۇ پەقەت ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپلا ئولتۇردىغان بوپتۇ مانا. دېمىسىمۇ مۇسابىقىدە پۈشتەك چېلىندىمۇ بولدى، مۇسابىقە تۈگمىگىچە مىڭ ئۆكتە قوپسىمۇ بەرىبىر چېلىنىپ بولغان پۈشتەكنى ياندۇرۋالغىلى بولمايدۇ، تەلۋە مورىنىئومۇ بۇنى چۈشىنىپ يەتكەن چىراي.
ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مادىرىدتنىڭ ھۇجۇملىرىمۇ ئۈنۈمسىز بولغىنىغا ئەگىشىپ مۇداپىيەدىمۇ كۆپ يوچۇقلار چىقىپ قالدى، ھېلىمۇ لاكرونىيەدىن رىكىدىن ئىبارەت بىرلا ۋاي دېگۈدەك ھۇجۇمچىسى بولۇپ قالغىنى، بولمىسا... (دېربىيدا مۇداپىيە بۇنداق بولۇپ قالسا چاتاق).
لاكرونىيەمۇ دەرىجە چۈشۈپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان كوماندا بولغاچ ناھايتى كۈچەپ ئوينىدى، ئەزالىرىدا ماسلىشىشچانلىقمۇ بىر قەدەر ياخشى گەۋدىلەندى. ئەمما مورىنىئومۇ ئەقلىنى دەل جايىغا ئىشلەتتى، بىر توپ كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا ھەر قانداق كاللىسى سەگەك تېرنىرلا بولىدىكەن ھۇجۇمنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىرلا ۋاقىتتا ئۆزىل، ھېدىرا، رونالدو ئۈچىنى تەڭلا مەيدانغا چىقاردى، ئۆزىلنى پۈتۈن مەيداندا ئىپادىسى ئەڭ ياخشى كېتىپ بارغان كاكاغا ئالماشتۇرۋېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرگەن ئىدىم، ئۇنى مارسىلو بىلەن ئالماشتۇرۇپ كالىخوننى ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىغان مارسىلونىڭ ئورنىغا قويدى، يەنە تولا خاتا پاسلارنى بېرىپ ھۇجۇمغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئېسسىنى ھېدىراغا ئالماشتۇردى، ئاندىن يەنە مۇدىرىچنى ئەڭ ئۈنۈملۈك قاتىللىق قورالى بولغان رونالدوغا ئالماشتۇردى. بۇ ئۈچىنىڭ تەڭلا مەيدانغا چۈشىشى بىلەن مادىرىتنىڭ پاسسىپ ھالىتى بىردىنلا ئۆزگىرىپ مەيدان ۋەزىيتى كونتىرول قىلىندى، قارشى تەرەپكە توختىماستىن كۈچلۈك ھۇجۇملار ئارقىلىق تەھدىت سالدى. مورىنىئو قارىغاندا كاكاغا ئىشىنىشكە باشلاپتۇ، كاكامۇ ئۇنى نائۈمىدتە قويماستىن 90 مىنۇت ئەڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئويناپ چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ، رونالدوغا ئەجەللىك پاستىن بىرنى تاشلاپ لاكرونىيەنى بوغۇزلاپ تاشلاشقا ئەڭ زور تۆھپە كۆرسەتتى ۋە ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئېسىل ئىپادىسى ۋە ئاساسلىق كۈچلىرى كەمچىل بولۇپ كېلىۋاتقان مادىرىتتا دىمارىيانىڭ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدىن مەھرۇم قېلىشى بەدىلىگە ئالدىمىزدىكى مۇھىم ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئوينىيالىشىغا ئاساس سالدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كاكادىن ئەڭ رازى بولدۇم. بولسا مۇشۇ پېتى قايتا ئېچىلىپ يەنە بىر مەزگىل «كاكا رىۋايىتى» يارىتىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. يارايسەن كاكا، داۋاملىق مۇشۇنداق...
كاكا 72-مىنۇتتا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپتا چىرايلىق بىر توپ ئۇردى
كاكانىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى بەدىلىگە ھىگۇايىن بىر توپ ئۇرۇپ لاكرونىيەنى بوغۇزلىدى |