- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 148
- نادىر
- 0
- يازما
- 148
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا totti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-23 13:11
چىمبۇلاق تورى 23-فىۋرال تەنتەربىيە خەۋىرى: گۇاڭدۇڭدىكى قىشلىق مەشىقنى تۈگەتكەن شىنجاڭ سۇڭچىڭلىڭ كوماندىسى يەنى بۇلتۇرقى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى گۇاڭجۇدىن 48 سائەت پويىزدا ئۆرە تۇرۇپ شىنجاڭغا قايتماقتا ، ئېگىلىنىشىچە شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىرى ئۇلاردىن ھال سوراش ئۈچۈن گۇاڭدۇڭغا بېرىپ ئۇلارنى يوقلىغانمىش ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانمىش ئاندىن ئايرۇپىلاندا شىنجاڭغا قايتقان .
تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ،رەھبەرلەر شىنجاڭغا قايتىشتىن بۇرۇن پۇتبولچىلارغا چاغانلىق يۇقىرى دولقۇن تۈگىگەندىن كېيىن يولغا چىقىشىنى شۇنداق قىلسا كارىۋاتتا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇيرۇق قىلسا، پۇتبولچىلار رەھبەرلىرىنىڭ گېپىگە كىرمەي يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىدە ئۆرە تۇرىدىغان بېلەتنى ئېلىشقا رازى بولۇپ شىنجاڭغا قايتىدىغان بولغانمىش...
ھازىر شىنجاڭغا كېلىۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر توپچىمىزدىن ئۈندىدار ئارقىلىق ئېنىقلىشىمىزچە ئۇلار 22-چېسلا سەھەر سائەت 0دە گۇاڭدوڭدىن يولغا چىقىپ سەھەر سائەت 6يېرىمدا چاڭشاغا يېتىپ كەلگەن ئالتە يېرىم سائەتلىك بۇ سەپەرنى ئۇلار كارىۋاتتا يېتىپ تاماملىغان، بىراق بۇ سەپەر تۈگىگەندىن كېيىن ئۇلارنى كۈتكىنى بولسا ئورۇندۇقسىز بېلەت بولغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 4نەپەر تېرنىرمۇ بار ئىكەن. شىنجاڭ كوماندىسىنى بۇ قەيسەر ئەزىمەتلىرى چىشىنى چىشلەپ بىر-بىرىگە تەسەللىي بېرىپ <<ناھايىتى ئىككى كېچە-كۈندۈزلۈك يولكەنغۇ؟!>> دېگەندەك سۆلەرنى قىلىپ كېلىۋاتماقتىكەن.
ۋاقتنىڭ مۆلچەرلىنىشىچە ئۇلار يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كېلىدىكەن.
|
|