- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6542
- نادىر
- 16
- يازما
- 6542
|

ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسنىڭ 25-ئايلانما مۇسابىقىسدە ،ناپولى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا سامپۇدورىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئېلىپ باردى .بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ،ناپولى كوماندىسى باشتىن -ئاخىر ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ يەنىلا توپ ئۇرلالماي 0 : 0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى .شۇنداقلا بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىۋاتقان تاغىل ئات قۇشۇنى يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بولغان نۇمۇر پەرقىنى ئىككى نۇمۇرغا چۈشۈرۈش پۇرستىنى قولدىن بېرىپ قويدى .ئەڭ چاتاق بولغىنى شۇكى ، ناپولى كوماندىسنىڭ داڭلىق ماھىرى خامسىك ئۈيىگە قايتىش جەريانىدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچىردى .ئىگىلىنىشچە ، بۇلاڭچىلار خامسىكنىڭ قىممەت باھالىق قول سائىتىنى بۇلاپ كۆزدىن غايىپ بولغان .
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، خامسىك ئايالىنى ئېلىپ ئۈيىگە قايىتىش جەريانىدا، تۇيۇقسىز ئالدىغا موتولسېكىلتقا مىنگەن ئۈچ نەپەر ئەر پەيدا بولغان .بۇلار خامسىك ۋە ئايالى ئولتۇرغان ماشىنىنى قورشىۋالغان .ئارقدىن ماشىنا ئەينىكىنى چېقىپ قورالىنى خامسىكنىڭ يۈزىگە توغىرلاپ ،دەرھال قول سائىتىنى چىقىرىشقا بۇيرۇق قىلغان .بۇلار ئالتە مىڭ ياۋرولۇق قول سائەتنى بۇلاپ ئايرىلغاندىن كېيىن ، خامسىك يېقىن ئەتىراپتىكى بىر ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغان .ۋەقە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بولغاچقا خامسىك بۇلارنىڭ قىياپىتىنى تۇلۇق ئېيتىپ بىرەلمىگەن .
ئەمىليەتتە ،بۇ خامسكىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق بۇلاڭچىغا ئۇچىرشىشى ئەمەس ،2008-يىلى خامسك ئائىلە ئەزالىرنى ئېلىپ ماشىنىدا كېتىۋاتقاندا تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق ئىشقا يۇلۇققان .شۇ چاغدا بۇلاڭچىلار ئوخشاشلا بىر دانە داڭلىق ماركىلىق قول سائەتنى بۇلاپ قاچقان .2011-يىلى داڭلىق ماركىلىق ماشىنىسنى بۇلىغان .ئەينى چاغدا خامسكنىڭ ئايالى ھامىلدار بولغىلى 8 ئاي بولغان بولۇپ ،بۇ ئىش قاتتىق تەسىر قىلىپ بالىسى چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالغان .ئەمدى يەنە بىر قېتىم بۇ ۋەقە كېلىپ چىققان .

|
|