- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6542
- نادىر
- 16
- يازما
- 6542
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-19 22:26

ئىسپانىيە « دۆلەت گېزىتى » نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ،خان مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو كوماندىدىكى قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدونىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ تەتقىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ،كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە بۇنىڭ جاۋابىنى بېرىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئاخبارات ئونى ، بىرازىلىيەنىڭ سانتوس كوماندىسىدىكى نېيمار ،توتىنھامدىكى بېل ،مالاگادىكى يىسكو ،مانچېستېر شەھىرىدىكى سىلۋا قاتارلىق پۇتبولچىلار خان مادرىدتىنىڭ بۇ يىل يازدىكى يۆتكەپ كەلمەكچى بولغان نىشانى دەپ خەۋەر بەرگەن .
c.رونالدونىڭ ھازىرقى توختامى 2015-يىلى يازا توشىدىغان بولۇپ ،خان مادرىد يۇقىرى قاتلىمى c.رونالدو بىلەن يەنە ئۈچ يىل توختام ئۇزارتىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن .بىراق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى سۆھبەت ئالدىنقى يىلى -12 ئايدىلا قاتمال ھالەتكە كېلىپ قالغان .يەنى ، ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىگەن .بۇ يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى c.رونالدو ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن ، ماڭا ھەممە ئىشلار چۈشىنىشلىك ،مەنمۇ توختام جەھەتتىكى ئىشلاردا بىرلىككە كېلىشنى ئويلايمەن .بىراق كېيىن قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ بۇنى ئۇقمايمەن .
c.رونالدونىڭ بۇ سۆزى مادرىد رەئىسنى قاتتىق چۆچىتىپ قويغان .چۈنكى ،مەيلى سودا جەھەتتىن بولسۇن ياكى باشقا جەھەتتىكى رىقابەت بولسۇن رونالدو مادرىدتىقا نۇرغۇن پايدا ۋە ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ .بۇ فىلورىنتىنوغا ئايان ،يەنە بىرسى ، c.رونالدونىڭ يېشى بارغانسېرى چوڭيىدۇ .ئۇ چاغدا c.رونالدونىڭ باھاسىمۇ ئېنىقلا چۈشىدۇ .c.رونالدونى مۇشۇ ھالەتتە تۇتۇپ قېلىپ كېيىن باھاسى چۈشكەندە بىراقلا قولدىن چىقىرىش كېرەكمۇ ياكى ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى باھادا سېتىش كېرەكمۇ ؟ ساتقان تەقدىردە بۇ پۇلغا يۇقۇردىكى ماھىرلارنى كىرگۈزۈش كېرەكمۇ ؟ پارىژ سانت-گىرمان كۇلۇبى قانچىلىك بەدەل كېتىشتىن قەتئى نەزەر c.رونالدونى سېتىۋالماقچى ،مانا بۇ مادرىد رەئىسنىڭ c.رونالدو ئۈستىدىكى باش قاتۇرۇۋاتقان مەسلىسى !
 |
|