- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6542
- نادىر
- 16
- يازما
- 6542
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-19 19:49

بارسېلونا كوماندىسى 2 : 1 نەتىجە بىلەن گىرانادا كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە ،مېسسى ئىككى توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ ئۈچ نۇمۇرنى ئېلىشىغا يەنە كۈچ قوشتى .ئەگەر مېسسىنىڭ سەبدىشى تېلو شەخسىيەتچىلىك قىلمىغان بولسا مېسسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تۆت توپ كىرگۈزۈشى ئېنىق ئىدى ، ئالىدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا تېلو ئورنى ياخشى بولغان مېسسىگە پاس بەرمەي ئىككى توپنى ئىسراپ قىلىۋەتتى .« چوڭ بېلىق » نى ئۈزى يالغۇز يىمەكچى بولغان تېلونىڭ بۇ ھەركىتىگە قارىتا مېسسى سەل خاپا بولۇپ قالغان .ھەمدە مۇسابىقىدىن كېيىن بۇ سەبدىشىنى تەنقىد قىلغان .
ئەمەلىيەتتە ، مېسسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى بىرلەشمە مۇسابىقە جەريانىدا تۇنجى قېتىم سەبدىشىنى تەنقىد قىلىشى ئەمەس ،دەسلەپتە سەبدىشى ۋىللانى ئۈزىگە توپ يەتكۈزۈپ بەرمىدى دەپ ئاغرىنغان .كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرى ، مېسسى بىلەن ۋىللا زىدىيەتلىشىپ قالدى دەپ خەۋەر بەرگەن .يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ماھىر تېلونىڭ مەقسىدى بولسا توپ كىرگۈزۈپ ئۈزىنى نامايان قىلىش ۋە ئاساسلىق ئەزا ئورنىنى مۇقىملاش ،مانا مۇشۇ مەقسەتتە ئوينىغان تېلو دۇنيادا بىرىنچى دەپ تەرىپلىنىدىغان داڭلىق چولپان مېسسىنى خاپا قىلىپ قويدى .مېسسى بولسا توختىماي توپ ئۇرماقچى ،ھەر كىم ئۆز غېمىدا دېگەن مۇشۇ شۇ ........

|
|