بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەۋدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-18 09:35
زىدانى مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ۋە ئەڭ ھۈرمەتلەيدىغان پۇتبولچى. شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا ماڭا ئوخشاش زىدانى مەستانىلىرى ئاز ئەمەس، بولۇپمۇ بىزدەك مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا تېخىمۇ كۈپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرى زىدانى ۋە رونالدونىڭ ‹پۇتبول شاھى› دەپ ئاتالماسلىقى ئۇلارنىڭ دەۋىرداش بوپ قالغانلىقى ئۈچۈن دەپ قارايدۇ، بىراق بۇرۇنقى تېمىلاردا قەيىت قىلىنغىنىدەك ھەركىمنىڭ ئۈز قەلبىدە ھەقىقى تۈردە ئىتىراپ قىلىدىغان پۇتبول شاھى بولىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان زىدانى مەستانىلىرى قەلبىدە زىدانى ‹پۇتبول شاھى› دەپ ئېتىراپ قىلىنسا كېرەك. گەرچە زىدانى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ‹پۇتبول شاھى› بولمىسىمۇ، پۇتبول ھاياتىدا كۈپ سانلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىشى ۋە قايىللىقىغا ئېرىشكەن شۇنداقلا ‹چېملىقىتىكى سېھرىگەر› دىگەن چىرايلىق نامىنى قالدۇرۇپ كەتكەن رىۋايەتلىك چولپان شەخىس، ئەلۋەتتە زىدانىنىڭ ‹پۇتبول شاھى› بولۇش بولماسلىقىمۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس ئەلۋەتتە.
كىشىلەر دائىم: دۇنيادا پۇتبول شاھىدىن ئىككىسى بار، بىراق تاشقى پىلانىت ئادىمىدىن پەقەت بىرسىلا بار. - دىيىش ئارقىلىق رونالدوغا بولغان چوڭقۇر ھۈرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ، بىراق بۇ يەردە مەن دىمەكچى: تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ مۇتلەق ھالدا يەرشارى ئادەملىرىنى بېىسىپ چۈشۈشى ناتايىن.
زىدانىنىڭ پۇتبول ھاياتى نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرىغا ئايان بولغىنىدەك ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئۇ قايسى كوماندىغا بارسا شۇ كوماندا ئۇزغۇن بولغان، يۇۋىنتۇس كوماندىسىدىكى ۋاقتىدا يۇۋىنتۇس كوماندىسى، خانلىق مادرىد كوماندىسى ۋاقتىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە ياۋروپادا ئىنتايىن يۇقىرى شان شەرەپكە ئېرىشكەن، شۇنداقلا فىرانسىيە دۈلەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، ھاياتىدا بىر پۇتبولچى ئېرىشىشكە تىگىشلىك پۈتكۈل شان شەرەپكە نايىل بولغان، شۇنداقلا فىرانسىيە خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك قەھرىمانى. بۇنىڭغا ئاساسەن زىدانىنىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئۇتۇقلۇق بولغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تامامەن ھەقلىقمىز. زىدانى يەنە پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئالدى بەل توپچىلىرىنىڭ پىشۋاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بارلىق پۇتبولچىلارنىڭ كەسپىي ۋە تۇرمۇش ئەخلاقى جەھەتتىكى ئۈلگىسىدۇر، شۇڭا ھەرقانداق پۇتبولچى ياكى توپ مەستانىسى زىدانىيغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرمەي تۇرالمايدۇ. ئويلاپ باقىدىغان بولساق، بەلكىم تارىختا نۇرغۇنلىغان زىدانىدىنمۇ داڭلىق پۇتبولچىلار بولۇپ ئۈتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەممە دۈلەت كوماندىسىدىن ئېستىپا بىرىپمۇ، ۋەتىنىدىكى كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن قايتىدىن دۈلەت كوماندىسىغا قايتىپ كىلىپ، 36 ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي، دۈلىتىنى يەنە بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت كاتتا مەرىكىدە يەنە بىر قېتىم دۈلىتىگە شان شەرەپ كەلتۈرۈشكە تاس قالغان پۇتبولچىدىن يەنە كىملەر بار؟ تاكى پۇتبول سەھنىسىدىن چىكىنگىچە ئۈزىنىڭ قېرانلىق ھالىتىنى ساقلاپ قالالىغان چولپانلاردىن يەنە كىملەر بار؟ بىراق زىدانىنىڭ ئاشۇ شانلىق پۇتبول ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى تولىمۇ ئازاپلىق ۋە كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدىغان ھالەتتە ئاخىرلاشتى، مانا بۇ تەقدىر بولسا كېرەك.
مەن بۇ تېما ئارقىلىق زىدانىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن بىر فىلىمنى كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچى، بەلكىم بەزەن قېرىنداشلىرىمىز كۈرۈپ بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەممە مىنىڭچە كۈرمىگەن قېرىنداشلارمۇ خېلى كۈپقۇ دەيمەن، شۇڭا بۇ نادىر فىلىمدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىپ، زىدانىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەخسىتىدە بۇ فىلىمنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
فىلىم نامى: زىدانى: 21- ئەسىرنىڭ سىمۋۇلى
خەنچە نامى: 齐达内:一幅21世纪的肖像
(بەلكىم تازا مۇكەممەل تەرجىمە قىلاممىغاندىمەن، ئېنكاس ئارقىلىق تۈزۈتۈپ قويساڭلار بولىدۇ)
رېژىسسورلار: فىلىپ. پالىنو دوگىلاس. گودىن
باش رولدا: زىيېدىنى.زىدانى
رايون تەۋەلىكى: ياۋروپا، ئامىرىكا
فىلىم قويۇلغان ۋاقتى: 2006- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى
(ئەسكەرتىش: كۇنۇپكا تاختامدا شىفىت بىلەن ك نى باسسام ھەرىپ چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئورنىغا ‹ئۈ› ھەرپىنى ئىشلىتىپ تۇردۇم، تۈزۈتىپ ئوقارسىلەر، بولسا باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويساڭلار)
|