- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6542
- نادىر
- 16
- يازما
- 6542
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-15 02:01

c.رونالدونىڭ ئۇرغان كاللا توپى پۈتۈن دۇنيادا غۇلغۇلا قوزغىدى !
يېشىل چىملىقتىكى « ئۇچار ئادەم جوردان »
بۈگۈن سەھەر بېرنابۇدا 85 مىڭدىن كۆپ توپ مەستانىلىرى خان مادرىد بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسى ئوتتۇرسىدىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇسابىقىدىن ھۇزۇرلاندى .نەق مەيداندىكى توپ مەستانىلىرىدىن باشقا يەنە ،توردا ۋە تىلىۋېزور ئارقىلىق مۇسابىقە كۆرگەنلەرنى ھىساپلاپ كەلگەندە نەچچە مىليوندىن ئېشىپ كېتىدۇ .كۆپىنچە مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە، c.رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسى كاپىتانى ئېۋېرانىڭ يېنىدا قاڭقىپ چىقىپ ئۈسۈپ كىرگۈزۈۋەتكەن توپى قاتتىق تەسىر قىلغان .ھەم بەس-مۇنازىرە قىلىپ قاتتىق ماختاپ كەتكەن .
شۇلار ئىچىدىكى تەنىھەركەت ساھەسىدىكى بەزى داڭلىقلار ، يەنى ،مېكائىل ئوۋېن ،گۇتتى ،لىنىكېر قاتارلىقلار ئۆز ھىسىياتىنى مىكرو بىلۇگ ئارقىلىق ئىپادىلىگەن .بۇلار ئاساسى جەھەتتىن c.رونالدو ھەممە تەرەپتىن يېتىلگەن مۇنەۋۋەر پۇتبولچى دىگەن .شۇنداقلا c.رونالدونى بولسا يېشىل مەيداندىكى « ئۇچقۇر ئادەم جوردان » دىيىشكە بولىدۇ دەپ باھا بەرگەن .
ئوۋېن مۇنداق دەپ يازغان ، مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى دېخىيا بەك قالتىس تۇرۇپ قويدى .بەش يىلغا قالماي بىز دۇنيادا ئەڭ قالتىس ۋاراتاردىن بىرنى كۆرىمىز ،cرونالدو توپنى بەك ئېگىز سەكرەپ ئۈستى .بۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ،لېنكېر مۇنداق دېگەن ،دۇنيادا توپنى يەنە c.رونالدودەك بۇنداق ماھارەتلىك ۋە ئېگىز سەكرەپ ئۈسۈپ كىرگۈزىدىغان پۇتبولچى بارمۇ ؟ بۇ كۆرۈنۈش بەك ھەيۋەتلىك بولدى .ھەتتا مانچېستېر بىرلەشمىسى تېرىنىرى فۇرگۇسىن مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق دىگەن ،c.رونالدونى پەقەت مېسسى بىلەنلا سېلىشتۇرۇشقا بۇلىدۇ .بەك قالتىس ئۈسۈپ كىرگۈزدى .بۇ بالا ھازىر يۇقۇرى پەللىگە يېتىپتۇ ،ئەينى چاغدا قولدىن چىقارمىسام بوپتىكەن ،ئەپسۇس !
ئەمدى بىز شۇ كۆرۈنۈشكە قايتىپ كېلەيلى !

|
|