پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 625|ئىنكاس: 13

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 1\8ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 14:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-14 21:06  

پۇتبول مەستانىلىرى زارىقىپ كۈتكەن 2012-2013-مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 1\8ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 12-،13-فېۋرال كۈنلىرى تۇنجى ئۇچىرىشىشنىڭ 4مەيدان مۇسابىقىسىنى ئويناش ئارقىلىق رەسمى باشلاندى، بۇ  گۇرۇپپىدىن چىققان 16كۈچلۇك كوماندىنىڭ ئەمدى رەھىمسىز شاللاش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ، ئەلۋەتتە ھەربىر كوماندىنىڭ مىھمان -ساھىبخان ھالەتتە ئىككى مەيدان ئويناش پۇرسىتى بار.
12-فېۋرال ئوينالغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە نەزەر سالساق شوتلاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ پەخرى بولغان كىلىتلىقلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ كونا زومىگىرى،‹زىبرا خاندانلىقى›يۇۋىنتۇس كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى،ساھىبخان كوماندا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بارسىلونا ،بېنفىيكا قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن مۇسابىقە ئويناپ بارسىلونا بىلەن بىرگە گۇرۇپپىدىن 2-بولۇپ چىققان ئىدى،شۇنداقلا ئۆز مەيدانىدا بارسىلونانى 1گە قارشى 2نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.يۇۋىتۇس بولسا ئۆز گۇرۇپپىسىدا چىلسى،دۇنېستىك كان ئىشچىلىرى قاتارلىق كوماندىلار بىلەن ئېلىشىپ گۇرۇپپىدىن 2-بولۇپ چىققان،گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە دەسلەپ تەڭلىشىش كۆپ بولۇپ بۇ كونا داڭدار كوماندىغا نىسبەتەن كىشىلەردە گۇمانمۇ پەيدا بولغان ئىدى، ئەمما گىلازگودا ئوينالغان بۇ مۇسابىقىدە كىلىتلىقلار مۇداپىئەسى مۇستەھكەم يۇۋىنتۇسقا ھىچقانداق تەھدىت ئىلىپ كىلەلمىدى،شۇنداقلا ئۆز مەيدانىدا ساھىبخان بولۇش ئارتۇقچىلىقىنىمۇ جارى قىلدۇرالمىدى،ئەكسىچە ئوتتۇرا مەيدان ،مۇداپىئە جەھەتتە ئۈستۇنلۇككە ئىگە يۇۋىنتۇس  مۇسابىقە باشلىنىپ 3مىنۇت ئىچىدىلا قارشى تەرەپكە توپ ئۇردى،كىيىنكى يېرىم مەيداندا مارچىشىئو،ۋۇچىنىچ قاتارلىق ماھىرلارنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن 0گە قارشى 3نەتىجە بىلەن كىلىتلىقلارنى ئۈزىل -كېسىل مەغلۇپ قىلدى،بۇ نەتىجە پۈتۇن دۇنيا توپ مەستانىلىرىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى، شۇنداقلا يۇۋىنتۇسنى 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىپ بولدى دىيىشكە بولىدۇ.
شۇ كۈنى ئوينالغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە ۋالىنسىيە كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا فىرانسىيىنىڭ پارىژ سانىت ژىرمان كوماندىسىنى كۈتىۋالدى،گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە پارىژ سانىت ژىرمان كوماندىسى4مەيدان ئۇتۇش،بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىسىدىن 1-بولۇپ چىققان، شۇنداقلا فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىمۇ ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتقان ئىدى،ساھىبخان ۋالىنسىيە بولسا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 3مەيدان ئۇتۇش،بىر مەيدان تەڭلىشىش،بىر مەيدان ئۇتتۇرۇش ئارقىلىق بايرىن مىيۇنخىندىن ئۇرغان توپ سانى ئاز بولۇش سەۋەپلىك 2-لىك سالاھىيىتى بىلەن گۇرۇپپىدىن چىققان ،ئەمما ئىسپان بىرلەشمىسىدە ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك دىققىتى چۇشكەن ئىبراھىموۋىچ مۇسابىقە جەريانىدا بىر قانچە قېتىم ۋاراتارغا توپ تەپكەن بولسىمۇ ئەمما توپ ئۇرۇشى ئىشقا ئاشماي قالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مىنۇت بولمايلا ئارگىنتىنالىق لاۋىززى بىر توپ ئۇردى ،كېيىن يەنە بىر ئارگېنتىنالىق ماھىر پاستورى پارىژ ئۈچۈن 2-توپنى ئۇردى،مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دىگەندە ۋالىنسىيە بىر توپ ئۇرۇپ ئازراق بولسىمۇ يۈزىنى ساقلاپ قالدى،ئەمما مۇسابىقە تۇگەشكە 2-3 مىنۇت قالغاندا ئىبراھىمۇۋىچ بىر قىزىل كارتا يەۋىلىپ ئەسۇسلىنارلىق ئىش بولدى، بۇ پارىژنىڭ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.  تۆۋەندە يۇۋىنتۇس بىلەن كىلىتلىقلار مۇسابىقە جەۋھىرى؛

ئەمدى ھۇزۇرىڭلاردا بولىدىغىنى ۋالىنسىيە بلەن پارىژ سانىت ژىرماننىڭ مۇسابىقە جەۋھىرى؛

13-فېۋرال ئوينالغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئىچىدە قىزىل ئالۋاستى مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە قىزىق نۇقتىلىق كۈچلۈكلەر ئىلىشىشى بولدى، مانچىستىر بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە پەقەت تۇركىيە گالاتا ساراي كوماندىسىغا مىھمان ھالەتتە ئويناپ ئۇتتۇرۇپ قالغان مۇسابىقىلەردە ئۇتتۇرۇپ باقمىغان  ھەم گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىققان كوماندا، شۇنداقلا ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇننى بەرمەي كىلىۋاتقان چىمپىيۇن بولۇش ئىھتىماللىقى ناھايتى يۇقىرى كوماندا، مادرىد بولسا گۇرۇپپىدا ئاجاكىس، مانچىستىر شەھىرى، دورىتمونىد قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەت چىمپىيۇنلىرى بىلەن بىرگە ‹ھالاكەت گۇرۇپپىسى›غا بۆلۈنگەن،گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مىھمان ئايداندا دورتمۇنىدقا ئۇتتۇرۇپ قويغان ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىش، ئىككى مەيدان ئۇتۇش ئارقىلىق گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىققان، ئىسپان بىرلەشمىسىدىمۇ نەتىجە ياخشى ئەمەس بولۇپ 3-ئورۇنغا چۇشۇپ قالغان ، ئۇندىن باشقا ۋاراتار كاشىللاس، مۇداپىئەچىلەردىن پىپى، راموس قاتارلىق بىرقانچە ئەزالار يارلىنىش سەۋەبىدىن بىر قانچە مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشمىغان ئىدى، بۇ مەيدان كۈچلۈكلەر جېڭىدە كاشىللاستىن باشقىلىرى مەيدانغا چىققان بولسىمۇ ئەمما مانچىستىر بىرلەشمىسىدىكى ماھىرلارنىڭ ياخشى بولغان ئىپادىسى ئالدىدا مادرىد كوماندىسى مەستانىلىرى خۇش بولغىدەك نەتىجىنى قولغا كەلتۇرەلمىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 20مىنۇتتا ۋىلىبىك مادرىدقا بىرتوپ ئۇرىۋەتتى، 10مىنۇت ئۆتمەيلا مادرىدنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق نومۇر ئالغۇچىسى رونالدو بىر باش توپ كىرگۇزۇپ نەتىجە 1-1بولۇپ ئۆزگەردى،گەرچە ئىككىلا تەرەپ توپ ئۇرۇشقا كۈچىگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ نەتىجە مۇسابىقە ئاخىرىغىچە ئۆزگەرمىدى،تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچىستىر ۋاراتارسى دىھىيانىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى، ئۇنىڭ ياخشى بولغان ئىپادىسى ئالدىدا رونالدو ،ئۆزىل قاتارلىق مادرىد چولپانلىرىنىڭ كىرىشكە تىگىشلىك بىر قانچە توپى كىرمەي قالدى.
شۇنداق قىلىپ مانچىستىر بىرلەشمىسى كىلەر قېتىم ئۆز مەيدانىدا مادرىد بىلەن بولغان مۇسابىقىگە ياخشى ئاساس سىلىپ قايىتتى .
تۆۋەندە بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ جەۋھىرى ؛


يەنە بىر مەيدان ئوينالغان مۇسابىقىدە ئۇكرائىنا دونېستىك كان ئىشچىلىرى ئۆز مەيدانىدا گىرمانىيە چىمپىيۇنى دورتمۇنىد كوماندىسىنى كۈتىۋالدى،دونېستىك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى يىقىنقى 3مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە ئىزچىل قاتنىشىپ كىلىۋاتىدۇ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئۇلاردىكى ئىلگىرلەشكە پۈتۈن ياۋروپا ھەيران قالدى،گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۇزغۇن چىلسى،يۇۋىنتۇس قاتارلىق كۈچلۇك كوماندىلار بىلەن بولغان جەڭدە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى،3مەيدان ئۇتۇش،بىر مەيدان تەڭلىشىش، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسىدە يەنىلا گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇپ چىقتى.دورتمۇنىد كوماندىسى بولسا گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى بايرىن مىيۇنخىننىڭ چىمپىيۇنلۇق ئورنىغا تەھدىت سىلىپ كېلىۋاتقان كۈچلۈك كوماندا، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماسلىقى بۇنىڭ دەلىلى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى تەرەپ كەسكىن ئىلىشتى،ئالدىنقى يېرىم مەيدان 30 مىنۇت بولغاندا ساھىبخان كوماندا بىر ئىختىيارى توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتى، كىرودىيە دۆلەت كوماندا ئەزاسى سىرنا بۇ توپنى كىرگۇزۇپ ۋاقتىنچە ئۈستۇنلۇكنى ئىگەللىدى، 43مىنۇت بولغاندا دورتمۇنىد ھۇجۇمچىسى پولشالىق لىۋاندوۋىسكى قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ ئۇردى،مۇسابىقە قەھرىتان سۇغۇقتا ئىلىپ بىرىلسىمۇ سىرىق ھەرىلەر كان ئىشچىلىرىنى بىر چىقىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى كىيىنكى يېرىم مەيداندا مۇسابىقە تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، دوگىلاس كوستا ناھايتى چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ دونېستىك كان ئىشچىلىرى يەنە ئالدىغا ئۆتتى، 87 مىنۇت بولغاندا دورتمۇنىد كوماندىسى بىر بۇلۇڭ توپ ئۇرۇش پۇرسىتىەە ئىرىشتى، خۇممىلىس بۇ توپنى ئۈسۈپ كىرگۇزۇپ نەتىجە2-2بولۇپ ئىككى تەرەپ تەڭلىشىپ قالدى .تۆۋەندىكىسى مۇسابىقىنىڭ جەۋھىرى؛

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىلىرى 20-فېۋرال پورتو بىلەن مالاگا، ئارسىنال بىلەن بايرىن مىيۇنخىن، 21-فېۋرال گالاتا ساراي بىلەن شاللىك04، ئاس مىلان بىلەن بارسىلونا ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدۇ(ئالدىدىكى كوماندا ساھىبخان كوماندا) ۋاقتى 3:45(بىيجىڭ ۋاقتى).
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-14 22:06:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلەر ھەپتە ئەڭ كەسكىن مۇسابىقە مىلان بىلەن بارسىلونا   شۇنداقلا ئارسىنال بىلەن بايرىن ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

ئاخىرقى چىمپىيۇن

1

تېما

0

دوست

2311

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9170
يازمىسى: 2311
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10054126
تۆھپە: 891
ۋاقتى: 526
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى كاززاپ ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 00:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەيۋەندوۋىسكىنىڭ شامىلى بىلەن يىقىلىپ چۈشۈپتىغۇ كانچىلارنىڭ ئىككى بىكى..........

ياخشىلىققا ياخش

7

تېما

5

دوست

1905

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10830
يازمىسى: 1905
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 54772
تۆھپە: 102163
ۋاقتى: 406
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 06:18:52 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kanqilar bir top usrunlukni saklap kalilgan bolsa, balkim kiyinki maydanda azrak umit bolatti

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 12:33:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمبۇلاق يوللىغان ۋاقتى  2013-2-15 00:27
لەيۋەندوۋىسكىنىڭ شامىلى بىلەن يىقىلىپ چۈشۈپتىغۇ كانچ ...

لىۋاندوۋىسكىنىڭ  شۇ تېپىشىدە پۇتىغا چۇشمەي قاپتۇ توپ، شۇ تېپىشىدە شامال چىقىرىپ خاڭچىلارنى ئۆرىۋەتكەن
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

خۇشاللىقىم سەن پۇتبول!

7

تېما

0

دوست

1558

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9699
يازمىسى: 1558
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1454146
تۆھپە: 462
ۋاقتى: 342
h
ھالەت

3 - لىك لوڭقىسى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 17:22:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوزىل ۋارتاغا توپ تىپەلمەمدۇ قانداق  ؟

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 17:26:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oyhan يوللىغان ۋاقتى  2013-2-15 17:22
ئوزىل ۋارتاغا توپ تىپەلمەمدۇ قانداق  ؟

بۇ مەيدان خىلى داڭدار ھۇجۇمچىلارمۇ توپ ئۇرالماي قالدى
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

alding karap pikir kil izing g

1

تېما

1

دوست

2150

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11121
يازمىسى: 2150
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10055781
تۆھپە: 1815
ۋاقتى: 292
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 22:28:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبرايىموۋىچ ئاخىردا ئوزىنى تۇتىۋالالماي قالدى
مۇھەممەد

ئويۇن تىخى ئالدىمىزدا.......

51

تېما

0

دوست

3923

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3523
يازمىسى: 3923
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 2837
تۆھپە: 505
ۋاقتى: 962
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى 3 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 23:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنۇس 2- بولۇپ چىقمىدى 1- بولۇپ چىقتى گۇرۇپپىدىن ، نەدە 2- بولۇپ چىققان بىلەن 2- بولۇپ چىققان مۇسابىقە ئوينايدىغان ئىش بار....

مەن پۇتبولنى سۈي

9

تېما

2

دوست

1467

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11735
يازمىسى: 1467
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 53886
تۆھپە: 1403
ۋاقتى: 158
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 00:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە لەيۋەندوۋىسكىنىڭ ئۇ توپى بىرىنچى قېتىمدا پۇتىغا ئوبدان چۈشمەي پىقىراپ كىتىپ ئۇنىڭغىچە قارشى تەرەپنىڭ ئىككى بىكى توپنى كۈچلۈك تىپدۇ دەپ يېقىلپ كىتىپ ئۇنىڭغىچە توپ يەنە لەيۋەندوۋىسكىنىڭ پۇتىغا چۈشۈپ قېلىپ تىپى كىرگۈزگەندەك قىلىدىغۇ !

ھەممىمىز قىرىنداش

34

تېما

13

دوست

1611

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8139
يازمىسى: 1611
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 15
تۆھپە: 740
ۋاقتى: 1044
h
ھالەت

ئارسىنال لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 00:55:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇرپىدىن 1جى بۇلۇپ چىققانلار بىلەن 2بۇپ چىققانلارنى ئالماشتۇرۇپ قۇيماڭ ھە
چىمپىيۇن ئارسىنال ئىسىم ئۇزگەرتتى

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 17:12:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا ئالمشىپ قاپتۇ، يۇۋىنتۇس 3ئۇتۇش 3تەڭلىشىش بىلەن گۇرۇپپىدىن بىرىنچى چىققان ئەمەسمۇ، كانچىلار 2-بولۇپ چىققان
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )