بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jasur007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-13 00:04
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مۇنبەرگە تېما يوللىمىغىلىمۇ ئۇزۇن بولۇپ قاپتۇ ، شۇ تور ئىشلىرىنى تازا ھەل قىلىپ بولالماي دېگەندەك ، ئەمما كۈندە كىرەلمىسەممۇ كۈن ئارىلاپ دېگەندەك مۇنبەرگە كىرىپ تۇردۇم ، ئەمما شۇ ئىنكاس بىلەنلا چەكلىنىپ قالدىم . ئەمدى ھۇزۇرۇڭلارغا ئاز بولسىمۇ ئوزغۇنلۇق 8 كۈچلۈك كىرىش دەسلەپكى مۇسابىقىللىرىدىكى تۈزگەن سەپ شەكىللىرىنى ئېلىپ كەلدىم . ( بۇ پەقەت تورلاردا ئېلان قىلىنغان سەپ شەكلى ھەرگىزمۇ مۇشۇنىڭ ئۆزىلا چۈشىدۇ دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ ، ھەقىقىي سەپ شەكلى مۇسابىقە باشلانغاندا ئېلان قىلىنغىنى ھېساب )
رېئال مادرىد ئۆز مەيدانىدا مانچىستېر بىرلەشمىسىنى كۈتىۋالىدۇ .

ئۈرۈمچى ۋاقتى 14-فېۋرال كېچە سائەت 1:45 مىنۇت ئۆتكەندە ئىككى تەرەپ ‹ سانتىياگو بوناۋۇ › مەيدانىدا مۇسابىقىلىشىدۇ ، رېئال مادرىد ئوزغۇنلۇق گورۇپپا مۇسابىقىسىدە دورتموندتىن كېيىن گورۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىققانىدى ، ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ دەسلەپتىلا ئالۋاستىلارغا ئۇچرىشىپ قېلىشى 8 كۈچلۈك بېلىتى تالىشىش مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ جەلبكارلىققا ئېلىپ باردى ، بۇ ئىككىسىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي كۈچىدىن ئېيتقاندا ھېچقايسىسىنى چوقۇم ئۇتىدۇ ياكى ئۇتتۇرىدۇ دېيەلمەيمىز ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى شاللىۋېتىش ئىمكانىيىتى بار ، ئىلگىرىكى مانچىستېرنىڭ ھۇجۇمچىسى بولغان رونالدو تۇنجى قېتىم ئانا كوماندىسىغا قارىتا جەڭگە ئاتلىنىدۇ ، فۇ بوۋاي ئۆزى يېتىشتۈرگەن بۇ ئەزىمەتنى توسالارمۇ ؟ مانچىستېرنىڭ ئەسلىدىكى رونىينى ئاساس قىلغان ھۇجۇم سېپىغا ۋان پېرىس قوشۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كەتتى ، مو قاقباش ئۆزى كۈزەتكەن ئەھۋاللارغا ئاساسەن بۇ قوش بىسلىق خەنجەردىن ساقلىنالارمۇ ؟ مانا بۇلار مۇسابىقىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىللىرى ...
بۇ ئىككى كوماندىنىڭ تارىختىكى ئۇچرىشىشىغا قارايدىغان بولساق بۇ ئىككىسى ئەڭ دەسلەپ 1957-1956يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئۇچراشقان ، دەسلەپ بوناۋۇدىكى جەڭدە رېئال مادرىد 3:1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللىگەن ، كېيىن كونا تىرانكىفورتتا 2:2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ ئۇمۇمىي نەتىجىدە 5:3 رېئال مادرىد غەلبە قىلغان .
2.قېتىمدا 1967~1968-يىللىق يېرىم ھەل قىلغۇچتا دەسلەپكى ئۇچرىشىش كونا تىرانكفورتتا ئېلىپ بېرىلغان ، نەتىجىدە ئالۋاستىلار 1:0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان ، ئىككىنچى ئۇچرىشىشتا بوناۋۇدا 3:3 تەڭلىشىپ ئۇمۇمىي نەتىجىدە 4:3 مانچىستېر غەلبە قىلغان .
3-قېتىملىق ئۇچرىشىش 1999~2000-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بۇ ئىككى تەرەپ 4 كۈچلۈك بېلىتىنى تالاشقان ، رېئال مادرىد ئۆز مەيدانىدا 0:0 تەڭلەشكەندىن كېيىن مېھمان مەيداندا 3:2 غەلبە قىلغان .
4-قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بۇلار يەنىلا تۆت كۈچلۈككە كىرىشتە ئۇچراشقان ، 2002~2003 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە دەسلەپكى ئۇچرىشىشتا رېئال مادرىد ئۆز مەيدانىدا 3:1 ئۇتقان ، كېيىنكى ئۇچرىشىشتا 4:3 ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ئەمما ئۇمۇمىي نەتىجىدە 6:5 غەلبە قىلغان .
بۇ قېتىملىقى بۇلارنىڭ 5-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ، قېنى ئالۋاستىلار ئالدىنقى قېتىملىقنىڭ ئۆچىنى ئالالامدۇ ياكى كونا رەقىبىنىڭ قولىدا بوغۇزلىنامدۇ بۇنى مۇسابىقە كۆرۈپ بىر نەرسە دەيلى ...
ئىككى تەرەپ سەپ شەكلى

پارىژ سان گىرمان VS ۋالىنسىيە
بۈگۈن كېچە ئوزغۇنلۇقنىڭ دەسلەپكى مۇسابىقىسى مىستايادا ۋالىنسىيە بىلەن پارىژ سان گېرمان ئوتتۇرىسىدا باشلىنىدۇ .
ئىككى تەرەپ سەپ شەكلى
سىلتىك VS يۇۋىنتۇس
ئوخشاش ۋاقىت ، ئوخشاش مۇسابىقە ، ئوخشىمىغان ئورۇن
سىلتىك ئۆز مەيدانىدا تاغىل ئاتلارنى كۈتىۋالىدۇ ، بۇلار مېھمان بولغانغا چۇشلۇق ئوت-چۆپ يەپ كېلەمدۇ ياكى قامچا يەپ قاچامدۇ ؟ بۇنى ھېلى بىلىمىز
ئىككى تەرەپ سەپ شەكلى
|