- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6542
- نادىر
- 16
- يازما
- 6542
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-10 12:34

بۈگۈن سەھەردىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ،خان مادرىد كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي داڭلىق ھۇجۇمچى ھىگۇايىن قىزىل كارتا ئىستېمال قىلىۋېلىپ ،10 ئادەم بىلەن قالغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كەينى-كەينىدىن كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ سېۋىلىيە كوماندىسىنى 4 : 1 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن يەڭدى .مۇسابىقە باشتىن -ئاخىر بەك قىزىپ كەتتى .بېرنابو كۈرۈش سۇپىسىدىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى بولدى ھەم ئۆز كوماندىسىنىڭ قالتىس ئىپادىسىدىن چەكسىز خوشاللىققا چۆمدى .بۇنداق يۇقۇرى سەۋىيىلىك مۇسابىقىدىن توپ مەستانىلىرى خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئەلۋەتتە !
بىراق ھېچكىم ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى .يەنى ئۈزىنى تۇتىۋالالمىغان ( توي كىيىمى كىيىۋالغان ) بىر نەپەر ئەر توپ مەستانىسى قۇلىدىكى پىلاكاتقا يېزىلغان بىر جۈملە سۆزنى نامايان قىلدى .بۇنىڭغا مۇنداق دەپ يېزىلغان .« مەسۇت ئۆزىل ، مىنى خوتۇنلۇققا ئالامسەن ! » ئەمەلىيەتتە ،باش تېرىنىر مۇرىنئۇ ئۆزىلنى ئېھتىيات سۈپىتىدە ،بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماي ،كېيىنكى قېتىملىق مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن بۇلىدىغان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشتۇرماقچى بولغان . ئېھتىمال ئۆزىل بۇنى ئاڭلىسا يۈزى قاتتىق قىزىرىشى مۇمكىن ! ئىلگىرى مۇسابىقە جەريانىدا ئايال توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇ مەزمۇندىكى سۆزى كۆپ ئىدى ،چۈنكى ئۆزىل ياخشى ئىپادىسى ۋە كېلىشكەن تەققى -تۇرقى بىلەن ئۇلارنى ئۈزىگە جەلپ قىلغان .پۇتبول مەيدانىدا بۇ نورمال ئىش ،لېكىن ئەمدى ئەرلەرنىڭ ئىچىدىمۇ « مەسۈت ئۆزىل ،مىنى خوتۇنلۇققا ئالامسەن » دېگەن سۆز چىقتى .بۇ ھەقىقەتەن قاملاشمىغان ئىش !
قۇشۇمچە : رونالدونىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى دۇنيا سەۋىيىلىك توپنى يەنە بىر قېتىم كۈرۈپ باقايلى :
 |
|