بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-8 17:34
لۇنىڭدىكى 5 ئەزىمەت بىلەن سۆھبەت
كەڭ تورداشلارغا مەلۇم بولغۇنىدەك بۇلتۇر ئانا يۇرت ئەزمەتلىرى ( غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۈچ مەكتەپ پۇتبول كاماندىسى ئەزىمەتلىرى ) شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە بېرىپ مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان <<لۇنىڭ لوڭقىسى >> مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ قوش چىنپىيون بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئارقىدىنلار بۇ ئەزىمەتلەردىن 5 نەپىرىنىڭ شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋى تەرىپىدىن تاللىنىپ شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كەتكەنلىگىنى، ھازىر شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە تەربىيىلىنىۋاتقان ئانا يۈرت ئەزىمەتلىرى 9 نەپەر بولغانلىغىنى ( 4 نەپىرى ئالدىنقى يېلى قوبول قىلىنغان) خەۋەر قىلغان ئىدۇق. بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە بۇ يىل قوبول قىلىنغان 5 نەپەر ئانا يۈرت ئەزىمىتىمىز تەتىل ئۆتكۈزۈش ۋە چەتئەلدىكى مۇسابىقە ۋە مەشىقلىنىشكە تەييارلىق قىلىش مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرگىلى غۇلجىغا قايتىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلقۇت ئېلانچىلىقى ۋە مەستانە تور بەت گۇرۇپپىمىزدىكى خادىملار ئۇلار بىلەن ئالاھىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە ئۇلارنىڭ شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدىكى ئوقۇش، مەشىقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئەۋالىنى ئىگىلىدى. بۇ 5 نەپەر ئەزىمەتنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا ئۇلار ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 5 سائەت مەجبۇرى مائارىپ باشلانغۈچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىملىرى بويىچە مەدەنىيەت بىلىملىرى تەربىيىسىنى قوبول قىلدىكەن. چۈشتىن كىيىن 2 سائەتتىن 3 سائەتكىچە جاپالىق مەشىق ئېلىپ بارىدىكەن. ھەر كۈنى كەچتە ئىككى سائەت كەچلىك تەكرار ئېلىپ بارىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ئۈچۈن مەكتەپ مەخسۇس مۇسۇلمانچە تائاملارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئەتىگەنلىگى تۇخۇم ، سۈت ، پىچىنە پىرەنىك بىلەن ئوزۇقلنىدىكەن. چۈش ۋە كەچتە بولسا ھەر تۈرلۈك سەي - كۆكتات، قورۇما ۋە تائاملار بىلەن ئوزۇقلىنىدىكەن. تائام تۈرلىرىمۇ ناھايىتى مول ۋە قۇۋەتلىك ئىكەن. بىز ئۇلارنىڭ ياتاق ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەردى : بىز بىر سىنىپنىڭ يېرىمىدەك ياتاقتا 3 ئوقۇغۇچى ياتىمىز، ياتاق تازىلىغى ۋە ئورۇن كۆرپە يېغىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزىمىز قىلىمىز. كىر كىيىملىرىمىزنى سېلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇپ قويساق ، مۇالازىمەتچى خادىملار بىزگە يۇيۇپ ئەكىلىپ بېرىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر ئوقۇغۇچى دۇجۇرنى بولۇپ بىزنى ئويغىتىدۇ، بىز يۈز كۆزىمىزنى يۇيۇپ، ياتاقنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن رەتكە تىزىلىپ ناشتىلىق قىلغىلى چىقىپ ئاندىن دەرىخانىغا كىرىپ كېتىمىز.
ئۇلار يەنە مەشىق ئەھۋالى ئۇستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مەشىقىمىز بەكمۇ جاپالىق، ھەتتا بىزنىڭ يىغلاپ كەتكەن ۋاقلىرىمىزمۇ بار. لىكىن بىز پۇتبولغا يۈكسەك ئىشتىياق باغلىغان ۋە يۈرىكىمىزدە شىنجاڭ پۇتبولچىلىغى ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش ئارزۇيۇمىز بولغاچقا بىز ھازىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ كەلدۈك ۋە بۇندىن كېيىنمۇ چوقۇم ياخشى مەشىق قىلىمىز. تېرىنىرلارمۇ بىزگە بەك قاتتىق تەلەپ قويىدۇ ۋە بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىز بۇ جەرياندا نۇرغۇن مۇسابىقىلەرنى ئوينىدۇق، ئارىمىزدا يارىلانغانلارمۇ بولدى. مۇسابىقىلەردە بىز بىر قانچە قېتىپ تەڭ بولۇپ قالغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىدۇق. بىز چوقۇڭ خەلقىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز.
بۇ بالىلار بىلەن يۇرتىدىكى مەشىقلىنىش ۋاقتىدىلا ئىزچىل بىللە بولۇپ كەلگەن ۋە بۇلتۇرقى شەندوڭدىكى مۇسابىقىغە بىرگە بارغان. بۇ بالىلار ماڭا بەكمۇ تونۇشلۇق ئىدى. ئۇلار بەكمۇ ئەخلاقلىق ۋە چېچەن بالىلار ئىدى . بۇ قېتىپ ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇلارنى بىردىنلا چوڭ بولۇپ، ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. ئۇلار كۆزۈمگە تېخىمۇ ئوماق كۆرۈنۈپ كەتتى. ئاللا ئىگەم ئۇلارغا چىدامچانلىق ۋە نۈسرەت ئاتا قىلسۇن! ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە داڭلىق توپچىلاردىن بولۇپ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىغى ۋە شىنجاڭ پۇتبولچىلىغىنى نامايەن قىسلۇن ! ئامىن !
|