- تىزىملاتقان
- 2012-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3676
- نادىر
- 6
- يازما
- 3676
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-11 23:35
ھەر تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇتبول مەشرىپى قولدىن قولغا ئۆتۈپ 1998-يىل فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى،بۇ ھەم دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان رىمىتنىڭ يۇرتىدا مۇشۇنداق زور كۆلەملىك پۇتبول مەشرىپىنىڭ 2-قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى ئىدى. شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم 32 دۆلەت قاتنىشىشنى يولغا قويغان مۇسابىقە بولۇپ قالدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ساھىبخان فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقتىن تەماسى بەك چوڭ بولۇپ پىلاتىنى چىكىنگەندىن كېيىن يېڭىدىن يېتىشىپ چىققان زىدانى، دىنىيۇكاف،تۇرام، بارتىس قاتارلىق ماھىرلار ئارقىلىق ساھىبخانا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرمەكچى بولۇشتى. يەنە بىر قىزىق نۇقتا شۇكى ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن بىرازىلىيە كوماندىسىدا داڭدار چولپان رونالدو بار بولۇپ ئۇ بارسىلونا ۋە ئىنتىر مىلاندا توپ ئويناش جەريانىدا ئۇدا ‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى› شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدى، ئۇندىن باشقا گوللاندىيەلىك ئۈچ شەمشەرۋاز چىكىنگەندىن كېينكى ئاپلىسىن رەڭلىك قوشۇننىڭ كونا -يېڭى ماھىرلارنىڭ ئالمىشىشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ ئۇدا بۇ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشى،شۇنداقلا بىرىگكامىپ،كىلوۋىيرىت قاتارلىق چاقنىغان چولپانلارغا سىرلىق تېرىنىر ھىدنىكنىڭ قوماندانلىق قىلىشى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى. ئىككى يىل بۇرۇن ئىنگىلانىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە لوڭقا كۆتۈرگەن گېرمانىيە، تاغىل ئات شاھزادىسى پىئىرلو، ۋېئىرى،ئىنزاگى قاتارلىق ماھىرلار بىلەن پىشقەدەم ماھىر باگگىئو قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئىتالىيە، باتىستۇتا، ئورتىگا ،ۋىرۇن قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئارگىنتىنا، ئالان شىرىر، گاسكويىن ،بىكھام، ئوۋىن قاتارلىق كونا يېڭى ماھىرلارغا ئىگە ئىنگىلانىد،يېڭىدىن مۇستەقىل بولۇپ بۇنداق زور كۆلەملىك مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقان كىرودىيە، رىۋايەتلىك تېرىنىر مىلۇدىنوۋىچ باشچىلىقىدىكى نېگىرىيە قاتارلىق كوماندىلارمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتقان كوماندىلار بولۇپ قالدى.
مۇسابىقە 1998-يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە فىرانسىيەنىڭ پارىژ،لىئون، مارسىل، تۇلۇزا،لانسى،بوردو،مۇنتىپىللىر،نەنتى، سان ئىدىئان قاتارلىق 9شەھەردىكى 10 تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىشى
ئا گۇرۇپپا: بىرازىلىيە، شوتلاندىيە،ماراكەش،نورۋىگىيە
ب گۇرۇپپا: ئىتالىيە، چىلى،كامىرۇن،ئاۋىستىرىيە
س گۇرۇپپا: فىرانسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، دانىيە
د گۇرۇپپا: ئىسپانىيە، نېگىرىيە، پاراگۋاي، بۇلغارىيە
ئې گۇرۇپپا: گوللاندىيە، بىلگىيە،كورىيە، مېكسىكا
ف گۇرۇپپا: گېرمانىيە، ئامېرىكا، يۇگۇسلاۋىيە،ئىران
گى گۇرۇپپا: ئېنگىلانىد، كولۇمبىيە، رۇمىنىيە، تۇنىس
خ گۇرۇپپا: ئارگېنتىنا، ياپونىيە، يامايكا، كىرۇدىيە
گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى
ئا گۇرۇپپا نەتىجىسى
بىرازىلىيە1:2شوتلاندىيە ماراكەش2:2 نورۋىگىيە
بىرازىلىيە 0:3 ماراكەش نورۋىگىيە1:1 شوتلاندىيە
بىرازىلىيە2:1 نورۋىگىيە ماراكەش0:3 شوتلاندىيە
گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندىلار: بىرازىلىيە نورۋىگىيە
ب گۇرۇپپا نەتىجىسى
ئىتالىيە2:2 چىلى كامىرۇن 1:1 ئاۋىستىرىيە
ئىتالىيە 0:3 كامىرۇن چىلى 1:1 ئاۋىستىرىيە
ئىتالىيە 1:2 ئاۋىستىرىيە چىلى1:1 كامىرۇن
گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندىلار: ئىتالىيە چىلى
س گۇرۇپپا نەتىجىسى
فىرانسىيە0:3 جەنۇبىي ئافرىقا دانىيە0:1 سەئۇدىي ئەرەبىستان
فىرانسىيە0:4 سەئۇدىي ئەرەبىستان دانىيە 1:1 جەنۇبىي ئافرىقا
فىرانسىيە1:2 دانىيە سەئۇدىي ئەرەبىستان2:2 جەنۇبىي ئافرىقا
گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندىلار: فىرانسىيە دانىيە
د گۇرۇپپا نەتىجىسى
ئىسپانىيە3:2نېگىرىيە پاراگۋاي0:0 بۇلغارىيە
ئىسپانىيە 0:0 پاراگۋاي نېگىرىيە0:1 بۇلغارىيە
ئىسپانىيە1:6 بۇلغارىيە پاراگۋاي 1:3 نېگىرىيە
گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندىلار: نېگىرىيە پاراگۋاي
ئې گۇرۇپپا نەتىجىسى
گوللاندىيە0:0 بىلگىيە مېكسىكا1:3 كورىيە
گوللاندىيە0:5 كورىيە مېكسىكا 2: 2 بىلگىيە
گوللاندىيە 2:2 مېكسىكا بىلگىيە 1:1 كورىيە
گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندىلار: گوللاندىيە مېكسىكا
ف گۇرۇپپا نەتىجىسى
گېرمانىيە0:2 ئامېرىكا يۇگۇسلاۋىيە0:1 ئىران
گېرمانىيە 2:2 يۇگۇسلاۋىيە ئىران 1:2 ئامېرىكا
گىرمانىيە 0:2 ئىران يۇگۇسلاۋىيە0:1 ئامېرىكا
گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندىلار: گېرمانىيە يۇگۇسلاۋىيە
گى گۇرۇپپا نەتىجىسى
ئىنگىلانىد0:2 تۇنىس رۇمىنىيە0:1 كولۇمبىيە
ئىنگىلانىد2:1 رۇمىنىيە كولۇمبىيە0:1 تۇنىس
ئىنگىلانىد 0:2 كولۇمبىيە رۇمىنىيە1:1 تۇنىس
گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندىلار: رۇمىنىيە ئىنگىلانىد
خ گۇرۇپپا نەتىجىسى
ئارگېنتىنا0:1 ياپونىيە كىرۇدىيە1:3 يامايكا
ئارگېنتىنا 0:5 يامايكا كىرۇدىيە 0:1 ياپونىيە
ئارگېنتىنا0:1 كىرۇدىيە يامايكا1:2 ياپونىيە
گۇرۇپپىدىن چىققان كوماندىلار: ئارگېنتىنا كىرۇدىيە
ئاسىيا كىچىك يولۋىسى---كورىيە
كورىيە بۇقېتىم بىر مەيدانمۇ غەلىبە قىلالماي گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتتى
ياپونىيە تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ 3مەيداننىڭ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولدى،ئەمما ئۇلار دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى توپىنى يامايكىغا ئۇردى، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىمۇ بىر مەيدانمۇ غەلىبە قىلالماي شاللىنىپ كەتتى، ئۇلارنىپ 1994-يىلىدىكى جاھاننى تىترەتكەن ئىپادىسى بۇ نۆۋەت كۆرۈنمەي قالدى، ئىران بۇ قېتىم قاتناشقان ئاسيا دۆلەتلىرى ئىچىدە بىردىنبىر بىر مەيدان غەلىبەنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندا بولۇپ قالدى، يەنى ئەشەددى سىياسى رەقىبى بولغان ئامېرىكىنى يېڭىپ دۆلىتىگە يۈزى يورۇق قايتتى.
چىملىقتىكى شىر----باتىستۇتا
شاللاش باسقۇچى(8كۈچلۈككە كىرىش جېڭى)
ئىتالىيە 0:1 نورۋىگىيە بىرازىلىيە1:4 چىلى
فىرانسىيە0:1پاراگۋاي دانىيە1:4 نېگىرىيە
ئارگېنتىنا2:2ئىنگىلانىد(3:4) گېرمانىيە1:2مېكسىكا
گوللاندىيە1:2 يۇگۇسلاۋىيە كىرۇدىيە0:1رۇمىنىيە
ئارگىنتىنا بىلەن ئىنگىلانىدتىن ئىبارەت كونا رەقىبلەرنىڭ مۇسابىقىسى قىزىپ كەتتى،ئوۋىن دۇنياۋى ئېسىل توپتىن بىرنى ئۇردى،بىكھام قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى.
تۆت كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى
بىرازىلىيە2:3دانىيە فىرانسىيە0:0 ئىتالىيە(3:4)
گوللاندىيە1:2ئارگېنتىنا كىرۇدىيە0:3گېرمانىيە
فىرانسىيە تاس قالدى شاللىنىپ كەتكىلى، نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق ئىتالىيەنى يەڭدى، گوللاندىيە ياۋروپادا توپ تېپىش ئەۋزەللكىگە تايىنىپ كۈچلۈك ئارگېنتىنانى شاللىۋەتتى، بىرازىلىيە چۆچەك پادىشاھلىقىنى تەستە يەڭدى، ئەڭ ھەيران قالارلىق نەتىجىنى يەنىلا كىرۇدىيە بارلىققا كەلتۇردى، يەنى سۇكىر باشچىلىقىدىكى ئەزىمەتلەر ياۋروپا چىمپىيۇنى گىرمانىيەگە 3توپ ئۇرۇپ ئۇلارنى قاتتىق ئىزا-ئاھانەتكە قويدى.
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە
بىرازىلىيە1:1گوللاندىيە (2:4) بۇ مەيدان مۇسابىقە يۇقىرى سەۋىيىلىك سەنئەتلىك پۇتبولنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان قىزىغان مۇسابىقە بولۇپ قالدى.
فىرانسىيە 1:2 كىرۇدىيە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سۇكىر ئاۋال بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ ئەمما فىرانسىيە ئۆز مەيدانىدا ئۇلارغا داۋاملىق ئالغا مېڭىش پۇرسىتى بەرمىدى.
3-لىكنى تالىشىش( تەسەللى تېپىش) مۇسابىقىسى
كىرۇدىيە 1:2 گوللاندىيە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرۇدىيەلىكلەر غەلىبە قىلىپ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 3-بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۇردى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە(زىدانىنىڭ كارامىتى)
80مىڭ كىشىلىك فىرانسىيە تەنتەربىيە مەيدانىدا ساھىبخان كوماندا بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن بىرازىلىيە كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى، رونالدو قاتارلىق دۇنياۋى چولپانلارغا ئىگە بىرازىلىيە كوماندىسى خىلى تىركەشكەن بولسىمۇ زىدانىنىڭ ئىككى كاللا توپى بىلەن فىرانسىيەلىكلەر غەلىبىگە پۇختا ئاساس سىلىۋالدى،ئاخىرىدا پىتىت بىر توپ ئۇرۇپ بىرازىلىيىنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلىپ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشتى. بۇ ھەم بىرازىلىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرۇشى بولۇپ قالدى.
خۇلاسە نەتىجە
چىمپىيۇن فىرانسىيە
ئالتۇن كەش مۇكاپاتى سۇكىر( كىرۇدىيە) 6توپ
ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر رونالدو(بىرازىلىيە)
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى
قاپقىچى بارتىس (فىرانسىيە) چىلاۋېرىت(پاراگۋاي)
بىكلەر دىساللى(فىرانسىيە)، تۇرام(فىرانسىيە)، كارلوس(بىرازىلىيە)، فىرانكى، دىپور(گوللاندىيە)،جامىيالا(پاراگۋاي)
ئوتتۇرا مەيدان زىدانى(فىرانسىيە)، داۋىدىس(گوللاندىيە)،دۇنگا(بىرازىلىيە)،رىۋالدو(بىرازىلىيە)، مىچىل.لاۋدىرۇف(دانىيە)
ھۇجۇمچى رونالدو(بىرازىلىيە)،بىرىگكامىپ(گوللاندىيە)، بىرايىن.لاۋدىرۇف(دانىيە)، داۋۇر.سۇكىر(كىرۇدىيە)
كوماندىلارنىڭ رەت تەرتىۋى
1. فىرانسىيە 2.بىرازىلىيە 3.كىرۇدىيە 4.گوللاندىيە 5.ئىتالىيە 6.ئارگېنتىنا 7. گېرمانىيە 8.دانىيە
9.ئىنگىلانىد 10. يۇگۇسلاۋىيە 11.رۇمىنىيە 12. نېگىرىيە 13. مېكسىكا 14. پاراگۋاي 15. نورۋىگىيە
16. چىلى 17.ئىسپانىيە 18. ماراكەش 19.بىلگىيە 20. ئىران 21.كولۇمبىيە 22. يامايكا
23.ئاۋىستىرىيە 24. جەنۇبىي ئافرىقا 25.كامىرۇن 26.تۇنىس 27.شوتلاندىيە 28.سەئۇدى ئەرەبىستان
29.بۇلغارىيە 30.كورىيە 31. ياپونىيە 32. ئامېرىكا
مەن 1994-يىلىدىكى ئامېرىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن تارتىپ تېلىۋىزوردىن بىۋاستە كۆرسىتىۋاتقان مۇسابىقىلەرنى كۆرۈپ كەلدىم، ھازىرغىچە مەندە ئەڭ چوڭ تەسىر قالدۇرغىنى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 16-نۆۋەتلىك مۇسابىقە بولغاچقا بۇ تېمىنى شۇ چاغلارنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ماتىرىيال توپلاپ مۇشۇنچىلىك قىلىپ يېزىپ چىقتىم،
ئەلۋەتتە مېنىڭ شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئەڭ قىزىغان مۇسابىقە بولدى دىيىشىمدە مۇنداق بىر قانچە سەۋەبلەر بار:
1. مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم 32 دۆلەت قاتناشتى، بۇنىڭدا مۇسابىقە مەيدان سانى ئېشىش بىلەن بىرگە رىقابەت بۇرۇنقىدىن كۈچەيدى.
2. مۇسابىقىدە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئۆز دەۋرىدىكى پىشقەدەم ماھىرلاردىن كىلىنسىمان، باگگىئو،بىبىتۇ قاتارلىقلاردىن سىرت داڭىق چىقىرۋاتقان باتىستۇتا، بىرىگكامىپ، ئالان شىرىر، رونالدو،رىۋالدو ھەم ب تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوۋىن ،بىكھام، كىلۇۋىرىت قاتارلىقلار بولسۇن قالتىس ماھارەتلىرىنى نامايان قىلغان.
3.مۇسابىقە ناخشىسىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى بەكمۇ يۇقىرى بولدى.
4. بىكھامنىڭ قىزىل كارتا يىيىشى، بىرازىلىيەنىڭ چوڭ نومۇر پەرقىدە فىرانسيىگە ئۇتتۇرۇشى، ئوۋىننىڭ ئارگېنتىناغا ئۇرغان توپى، كىرۇدىيەنىڭ ئالتۇن سول پۇتى سۇكىر .....مانا مۇشۇنداق ئېسىل كۆرۈنۈشلەر، ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈچى ئەسلىمىلەر مېنى شۇ يىللار توغرىسىدا تېما يېزىشقا مەجبۇر قىلدى. مېنىڭ نەزىرىمدە مەن كۆرگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئىچىدە ھازىرغىچە بۇنداق قىزىغان مۇسابىقە بولۇپ باقمىدى(ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس قاراشلىرى بار)
تېما يېزىش جەريانىدا ياخشى بولغان بىر قانچە رەسىمنى خىلى كۈچەپمۇ قىستۇرالمىدىم، بۇ تۈردىكى تېما يوللانغان بولسا ئۆچۈرۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ. |
|