ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2419 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-6 23:06
1---تۇنۇگۈن يەھيا ۋە دىلمۇرات توپ تېپىدىغان شېنجىن قىزىل ياقۇت كوماندىسى بىلەن شەندۇڭ ياشلار كوماندىسى (تەنھەرىكەت يىغىنى كوماندىسى ، ئۆتكۈر بولىشى مۇمكىن) دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينىدى ، دىلمۇرات ئاساسلىق ئەزا بولۇپ چىقىپ كېيىنكى مەيداندا 2 توپ كىرگۈزدى، شېنجىن 3: 0 يەڭدى ، يەھيا كېيىنكى يېرىم مەيداندا چنقتى ، دىلمۇرات بىلەن ماسلىشىشى ياخشى بولدى …

2---شىنجاڭ تاشئالما 0: 1خاربىن يىتېڭ غا ئۇتتۇردى ،خاربىن جوڭگو ئا بىرلەشمىسىدىكى كوماندا ، بىر نەچچە چەتئەللىك توپچى بار ، سابىق شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىنىڭ رەقىبى ، ئەينى چاغدا شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىنى ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدە قوش ئۇتقان …
شىنجاڭ تاشئالما 93- يىلنىڭ بالىلىرىنى ئاساس قىلىپ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ ... خەۋەرلەر گە قارىغاندا بۇ يىل غەربىي يۇرت خەيتاڭ گۇرۇھى مەبلەغ نى ئايىمىسا مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىك مۇسابىقە ۋە تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەڭ قاتنىشىپ قوش سەپتە مۇسابىقە ئوينايدىغان خەۋەرلەر بار .... 4- ئايدا ب دەرىجىلىك بىرلەشمىنىڭ قاتنىشىدىغان كوماندا تېزىملىكى چىققاندا ئاندىن بىلىدىغان ئوخشايمىز ...


3--- شەندۇڭ لۇنىڭ تۈركىيەدە دوستلۇق مۇسابىقىسىدە مىرئەخمەت يەنە بىر قېتىم يان بېك ئورنىدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى ، ھەم بىر ياردەمچى پاس بېرىپ ، شەندۇڭ لۇنىڭنى تۇنجى توپىنى كىرگۇزۇشكە تۆھپە قوشتى ، شەندۇڭ لۇنىڭ 3: 2 ئاۋستىرىيە بىرلەشمىسىنىڭ 5-بولغان كوماندىسىنى يەڭدى…مىرئەخمەت خېنەن كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلگەن ۋاقىتتا يانبېك ئوينايتى، پۇتۇن پەسىل ئاساسلىق ئەزا بوپ ئوينىغان ، بىر توپ ئۇرۇپ، بىر نەچچە ياردەم پاس بېرىپ ، داڭقى چىققان ، شەندۇڭ يېنىپ كەپ ئوتتۇرا مەيدان ئورنىدا ئويناپ ئورنىنى يوقىتىپ قويغان . ئىزچىل ئاساسلىق ئەزا پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن . ئەمدى ماۋۇ يېڭى تېرىنىر مىرئەخمەتجاننى يەنە يانبېك ئورنىدا ئاساسلىق ئەزا قىلسا بولاتتى ...

4---دۆلەتلىك 19 ياشلىقلار كوماندىسى تېزىملىكى ئېلان قىلىندى ... خوشخەۋەر شۇكى ، بۇ 23 كىشلىك تېزىملىكتە شىنجاڭ ياشلار كوماندىسىدىن
阿普 ئىسىملىك بىر توپچىمىز تاللىنىپتۇ ... ئۇيغۇرچە ئىسمى غالىپ مۇ ئالىپ مۇ تازا بىلمىدىم ... بۇ تېزىملىك نىڭ يەنە 10 كىشلىك سەپلىمە تېزىملىكى بولۇپ ،باشتىكىلەر يارلىنىپ قالسا ئورنىغا سەپلەيدىكەن ... بۇ زاپاس تېزىملىكتە يەنە بىر شىرئەلى ئىسىملىك توپچىمىز بار ئىكەن ...
بۇ 19 ياشلىقلار كوماندىسى 2- 23 - كۇنىدىن ،3- 5 - كۇنىگىچە گۇاڭدۇڭ دا مەشىق قىلىپ ، ئاسىيا ياشلار پۇتبول لوڭقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىنى ئوينايدىكەن ، دېمەك 2016 - يىلىدىكى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى ئەزالىرى دېگەن گەپ ...
5---ھازىر ئىچكىرىدە توپ ئويناۋاتقان توپچىلىرىمىزنى سىتاستىكا قىلىپ باقساق :
A بارى جىياڭسۇ شۇنتىيەن گە يۆتكىلىپ ، دوستلۇق مۇسابىقىلىرىدە 3 توپ ئۇرۇپ بولدى ، بىرسىنى ياۋروپا كوماندىسىغا ئۇردى ...
B مىرئەخمەت يەنە شەندۇڭ لۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە مەشىقتە ...
C ئۆتكۈر تۈركىيەگە بارماي شەندۇڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ، ئۆتكەندە ئۇنى يۆتكىلىشى مۇمكىن دېگەن خەۋەرلەر چىققان ، ھازىر جىمىپ كەتتى ...
D شەۋكەت (مەمەتئېلى ) خېڭدا بىلەن بىللە ياۋروپادا مەشىق قىلىۋاتىدۇ ...
E شىنجىندا دىلمۇرات بىلەن يەھيا ، يەھيا 80 پىرسەنت ۋاقىتتا ئاساسلىق ئەزا ، دىلمۇرات بولسا ئاساسلىق ئەزا ئورنى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ .
F ئالدىنقى يىلى ئىلھام ب دەرىجىدىن ئا غا ئېلىپ چىققان گۇيجۇ جىچېڭ كوماندىسى بۇ يىل يەنە ئىككى شىنجاڭلىق توپچى بىلەن توختام تۇزگەن ، بىرسى ئابلەت ئىسىملىك شىنجاڭ ئۈنۋىرسىت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ، يەنە بىرسى شەندۇڭ لۇنىڭ دا ئوقىغان 92- يىلىنىڭ بالىسى ئېلشات ...ئالدىنقى يېلى چېڭدۇ شېفىيلىيەن دە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ...
G پۇتبول ئەپەندىسى ئەكرەم بولسا بۇ يىل خۇنەن كوماندىسى بىلەن يەنە بىر يىل توپ تىپەمدۇ ياكى يېنىپ كىلەمدۇ بىلمىدىم ؟
H شىنجىن دىن كەتكەن يەنە بىر توپچىمىز ، ئابدۇۋەلى (سالاھىدىن ) ئالدىنقى پەسىل خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىدا ئوينىغان ، بۇ پەسىل شېنجىنغا يېنىپ كەلمەپتۇ ؟ ئۇنىڭ ھازىر قايسى كوماندىدا ئىكەنلىگىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟
I چېڭداۋ دېڭىز كالىسى كوماندىسى كىلەر يىللىق ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە تېزىملاتقان بولۇپ ، ھازىر بىرنەچچە توپچىمىز شۇلارنىڭ سىنىقىغا قاتنىشىۋىتىپتۇ ... سىناقتىن ئۆتسە توختام تۇزىشى مۇمكىن ...
J چېڭدۇ شېفىرىد تىكى شىنجاڭلىق رونالدو ئارافات مۇ بار ئىدى ... چۇشۇرۇپ قويۇپتىمەن .... تولۇقلاپ قوياي ... بۇ يىل يەنە چىڭدۇ دا ... |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|