- تىزىملاتقان
- 2012-3-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 308
- نادىر
- 0
- يازما
- 308
|
ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم مۇنبەرداش قىرىنداشلار!
قارىغاي پۇتبول كوماندىسى مىنىڭچە كۆپ قىسىم مۇنبەرداشلارغا ناتونۇش ئەمەس. بەلكىم،يىڭى ئەزالارغا ناتۇنۇش بولۇشى مومكىن.
قارىغاي پۇتبول كوماندىمىز2011-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان غولجىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرپىدىن قۇرۇلغان ئەھمىيەتلىك بولغان ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسى.
قارىغاي پۇتبول كوماندىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا بۇ يىلى ئىككى يىل بولىدۇ.بىز بۇ جەرياندا كوماندا خەۋىرىنى ئۈزلىكسىز بىرىپ كىلىۋاتقانىدۇق.لىكىن،مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تورغا خەۋەرلەرنى ۋاقتىدا يوللىيالمىدۇق.
كوماندىمىزنىڭ خەۋىرى جىمىپ كىتىشى بىلەن بىزگە دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان توپ خۇمار قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمى، بىزنىڭ قارىغاي پۇتبول كوماندىمىزنى <تارقىلىپ كىتىپتۇ>دىگەندەك ئويلارغا كىلىپ قاپتۇ.بىزنىڭ بۇ كوماندىمىزنىڭ خەۋەرلىرى ئازلاپ كەتكەن بىلەن بىزنىڭ كوماندا تارقىلىپ كەتكىنى يوق.پەقەت ۋاقىت ۋە شارائىت چەكلىمىسى بىلەن بىر مەزگىل جىمىپ كەتتۇق.لىكىن،دوستلۇق مۇسابىقىلەرنى ئويناپ تۇردۇق..مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئىيتىمىز!
كوماندىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر كوماندىلىرى ۋە ئىشتىن سىرتقى كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىلىشىپ دوستلۇق ئورناتتۇق.مەسىلەن،يىنىك سانائەت ئىنىستوتى،يىزىگىلىك ئۇنۋېرستىتىدىكى قەدەم كوماندىسى،شىنجاڭ fifaۋە پۇتبول تورى قاتارلىق كوماندىلار.غولجىغا كەلگەندە،قاينۇق يىزىسى كوماندىسى،جىلىيۈز كوماندىسى،نىھال كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىلىشىپ تۇردۇق.
ھەر يەردە تەسىرىمىز خىلى ياخشى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.بۈگۈن كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە توپ خۇمارلارنىڭ بىزنى ئۇنتۇپ قالماي قوللاپ-قۇۋەتلەپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىپ مەزكۇر تېمىنى يوللىدىم.
مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى بىزدىن ئايىماي تەلىم بىرىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
|
|