- تىزىملاتقان
- 2007-5-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1463
- نادىر
- 0
- يازما
- 1463
|
گۇيجۇ جىچىڭ كۇلۇبى ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن توختاملاشتى
يېقىندا ئىچىكىردىكى كۇلۇبلار پۇتبۇلچىلارنى قۇبۇل قىلىش قاينىمى قۇزغالدى ، يىڭىدىن قۇرۇلغان كۇلۇب بولسۇن يىڭى دەرىجە ئۆرلىگەن كوماندا بولسۇن ھەممىسىدە توپچىلارنى قۇبۇل قىلىش ، ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئەۋجىگە چىقتى ، ئەلۋەتتە بۇ قاينامغا بىزنىڭ شىنجاڭلىق پۇتبۇلچىلارمۇ ئۆزلىرىنى ئاتتى .....
بۇلتۇر گۇيجۇ جىچىڭ كۇلۇبىدىكى ئىلھامجان گۇيجۇ كوماندىسىنى ب دەرىجىدىن ئا دەرىجىگە ئېلىپ چىققان ئىدى ، شۇنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى بىزنىڭ يىگىتلىرىمىزنىڭ تىخنىكىسى بىلەن بەدەن ساپاسى قايىل قىلدىمۇ يېقىندا گۇيجۇ كوماندىسى يەنە ئىككى يىگىتىمىز بىلەن توختاملاشتى .....
بۇ يىگىتىمىز ئىلشات ئۆمەر بىلەن ئابلەت ئابدۇراھمان . ئۇلار گۇيجۇ جىچىڭ كۇلۇبى بىلەن 3 يىللىق توختام تۈزگەن ، توختامنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن : بىرىنچى يىلى ھەر ئايدا 5000 يۈەن مائاش بېرىلىدىكەن، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ 10000-20000 يۈەنگىچە بېرىلىدىكەن، بىرىنچى يىلنى تەربىيلەش توختىمى دەپ بەلگىلىگەن ئىكەن، ئەگەر ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقسا ياكى 18 ئادەم تىزىملىكىگە كىرسە ئايرىم پۇل بېرىلىدىكەن .....
ئىلشات ئۆمەر بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن ، ئۇ شەندۇڭ لۇنىڭ مەكتىۋىدىن چىققان مىرئەخمەتجان بىلەن مەكتەپداش، ئۇ شەندۇڭ لۇنىڭ مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، شەندۇڭ لۇنىڭ كۇلۇبى ۋە سىچۈەن چىڭدۇ شىفىيلىيەن كۇلۇبىدا توپ ئوينىغان .

ئابلەت ئابدۇراھمانجان قەشقەردە تۇغۇلغان ، 1989.10.6 ، بۇ يىل 24 ياش . ئىگىزلىكى 1.72مىتىر ، 63 كىلوگىرام
ئوڭ سول كىراي ۋە ھۇجۇمچى ئورنىغا ئوينايدۇ .قەشقەر يىپەك يولى كۇلۇبىدا توپ ئوينىغان ھەم 2002-يىلى چىڭخۇاڭداۋدىكى مۇسابىقىدە بۇ كوماندا ئۈچىنچى بولغان . 2007-يىلى قەشقەرگە ۋاكالىتەن ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ كوماندىسىنى چىمپىيۇن قىلغان ھەم مۇنەۋۋەر توپچى ، ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان .2008-يىلى شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىنغان ھەم لىنىڭ لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقسىگە قاتناشقان .
ئىلشاتجان، ئابلەتجان ۋە ئىلھامجان

بۇلارنڭ كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشنىى ئۈمۈت قىلىمىز
|
|