- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6542
- نادىر
- 16
- يازما
- 6542
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-3 15:53

c.رونالدو پۇتبولچىلىق ھاياتىدا تۇنجى قېتىم خائىن توپ ئۇردى .گىرانادا بىر توپ تەپمەي غەلبە قىلدى !
گىرانادا : بىز تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمىدۇق ئەمىسە ،رەھمەت ساڭا كىرىستىيانو رونالدو ! بۇ بۈگۈن سەھەردىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسدە ،خان مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا دەرىجە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان گىرنادا كوماندىسى تەرىپىدىن 0 : 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن « ماركا گېزىتى » نىڭ ئېيتقانلىرى ،يارىدار ھالەتتە مەيدانغا چىققان c.رونالدونىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى قورقۇنۇشلۇق چۈشى دەل مۇشۇ مەيداندا يۈز بەردى .يەنى ، c.رونالدو مۇسابىقە جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن توپنى كاللا بىلەن ئۈسۈپ ئۆز قاپقسىغا كىرگۈزۋەتتى .بۇ c.رونالدونىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى تۇنجى خائىن توپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .يەنە بىرسى ،گىرانادا كوماندىسى يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە قارشى تەرەپ قاپقىسىغا بىر قېتىممۇ توپ تەپمەي ( 0 ھالەتتە ) غەلبە قىلغان كوماندا بولۇپ قالدى .
خان مادرىد بىلەن گىرانادا كوماندىسى ئىلگىرى ئۈچ قېتىم تۇتۇشقان .خان مادرىد 10 توپ كىرگۈزگەن .بۇنىڭ ئىچىدە c.رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى تۆت ،ئەمدى يەنە بىرنى ئۇردى .لېكىن بۇ توپنى خان مادرىدتقا ئەمەس ،بەلكى گىراناداغا سوۋغا قىلدى .گىرنادا بۇ پەسىلدىكى 21 ئايلانما مۇسابىقىدە پەقەت 18 توپ كىرگۈزگەن .c.رونالدو ھازىرغا قەدەر 344 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ ،بۇرۇن توپ تەپكەن لىسىبۇن رىقابەت ، مانچېستېر بىرلەشمىسىدە بۇنداق ئىش ئەزەلدىن يۈز بەرمىگەن .ئەڭ يارقىن نوقتا بولسا ،c.رونالدو 1998-1999-مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن خان مادرىدتتا تۇنجى بولۇپ خائىن توپ كىرگۈزگەن ھۇجۇمچى دېگەن نامنى ئالغان .شۇنداقلا 21- ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى خان مادرىدتتىكى بەشىنچى بولۇپ خائىن توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچى بولۇپ قالغان .ھازىر بارلىق مادرىد توپ مەستانىلىرى c.رونالدونىڭ مۇشۇ توپ ئارقىلىق ئۈزىگە بېسىم قىلىۋېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا .....
 |
|