- تىزىملاتقان
- 2013-2-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سىرلىق10 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-2 00:18
خۇشخەۋەر
مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇننىڭ يېقىندىن ياردەم بىرىشى نەتىجىسىدە ناھىيىمىزنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن ناھىيىمىزنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋىلايىتىمىزدە ئەڭ ياخشى بولغان سەۋىيەگە يەتتى. مانا مۇشۇنداق پەيىتتە ناھىيىمىزدىكى پۇتبول سۈيەر ئەزىمەتلەر ئۆزلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقى تۈرتكىسىدە چاغاننى خۇشال-خۇرام كۈتىۋېلىش، خەلقنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىش، خەلقنىڭ تەن-ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، خوتەننىڭ جۈملىدىن چىرا ناھىيىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامانلىقىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش يۈزىسىدىن ناھىيىمىزدە 11 كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى. مۇسابىقە ناھىيىمىزنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىدىكى پۇتبول مەيدانىدا يەنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە ئۆلچەملىك ئۈچ مەيداننىڭ بىرى بولغان مەيداندا ئېلىپ بېرىلماقچى. مەيدان پۈتۈنلەي سۈنئىي چىمدىن ياسالغان، ناھايىتى ئۆلچەملىك، ئەسىھەلىرى تولۇق ۋە ياخشى بولۇپ، ھەرقايسى يۇرتلاردىن كەلگەن پۇتبولچى ئەزىمەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق تېخنىكىلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا ناھايىتى قۇلايلىق. شۇڭلاشقا ۋىلايىتىمىز ۋە ۋىلايەت سىرتىدىكى كەڭ پۇتبولچى قېرىنداشلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر:
1-مۇسابىقىگە قاتناشماقچى بولغان ھەربىر كوماندا 11 دىن 18 گىچە بولغان ئەزانى تېزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.
2-مۇسابىقىگە قاتناشماقچى بولغان ھەربىر كوماندا 1500 يۈەندىن تېزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.
3-مۇسابىقىگە تېزىملىتىدىغان ۋاقىتتا چوقۇم تېزىمغا ئالدۇرغان ھەربىر ئەزانىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى بىللە ئېلىپ كېلىشى، مۇسابىقىگە كەلگەن ۋاقىتتا كىملىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى بىللە ئېلىپ كېلىشى شەرت.
4-مۇسابىقىگە قاتناشماقچى بولغان كوماندىلار چوقۇم كىيىمىنى بىرخىل قىلىشى كېرەك. مۇسابىقە جەريانىدا مەخسۇس پۇتبول ئايىغى (بوتىس) كىيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. مۇسابىقە جەريانىدا يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ھەرقايسى كوماندىلار ئۆزلىرى ئېگە بولىشى كېرەك.
5-مۇسابىقە جەريانىدا ھەرقايسى كوماندىلار تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا، قائىدە-تۈزۈملەرگە قەتئىي ئەمەل قىلىشى، مەسئۇلىيەت توختامنامىسىگە ئېمزا قويۇشى ھەمدە ئەمەل قىلىشى كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
1-بۇ قېتىم ناھىيىمىزدە ئۆتكۈزىلىدىغان پۇتبول مۇسابىقىسى ناھىيىمىزدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن.
2-مۇسابىقە ناھايىتى سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئادىل بولىشى ئۈچۈن مەخسۇس رېپىرلار گۇرۇپىسى تەسىس قىلىنىدۇ، ۋىلايىتىمىزدە تەسىرگە ئېگە مەخسۇس رېپىرلاردىن تەكلىپ قىلىنىدۇ.
3-ھەربىر كوماندىدا چوقۇم كوماندا يىتەكچىسى ياكى كوماندا باشلىقى بولىشى كېرەك.
4-تېزىملىتىش ۋاقتى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 6:00 گىچە. (شىنجاڭ ۋاقتى). خوتەننىڭ سىرتىدىن كېلىدىغان كوماندىلارنىڭ ياتاق جەھەتتىكى مەسىلىسىگە نىسبەتەن مۇسابىقە ئويۇشتۇرغۇچىلار كوماندىلارنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئەرزان ياتاقتىن بەھرىمان بولۇشىغا ياردەم قىلىدۇ.
5-مۇسابىقە ئاخىرىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن ھەرقايسى كوماندىلار يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچىلار: مىجىت مەمتىمىن تېلفون: 13999437889
ئېلى مەمتىمىن تېلفون: 15199723334
مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان مەيدان كۆرىنىشى
|
|