- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6542
- نادىر
- 16
- يازما
- 6542
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-30 21:52

ئالدىنقى كۈنى بارسېلونا كوماندىسىدىكى داڭلىق ھۇجۇمچى « قاپاق بالا » ۋىللا ئۆز بىلۇگدا ئوغلىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ،بارېسلونادا بىردىنلا بالا قىزغىنلىقى قاپلىغان .خەۋەرگە قارىغاندا ،يېقىندىن بۇيان بارسېلونادا بەش پۇتبولچىنىڭ بالىسى دۇنياغا كۆز ئاچقان .بارسېلونا بىلەن خان مادرىد ئوتتۇرسىدىكى ئىسپانىيە دىربى باشلىنىشتىن بۇرۇن ،ئاخبارات ۋاستىلىرى قىزىقارلىق قىلىپ بارسېلونا 5 : 0 خان مادرىد دېگەن .
دەسلەپتە زاپاس ۋاراتار پىنتونىڭ بالىسى تۇغۇلۇپ ،11-ئايدا ئاساسلىق ۋارارتار ۋالدېس ئىككىنچى بالىغا دادا بولغان .ئارقدىن داڭدار ھۇجۇمچى مېسسىنىڭ بالىسى دىياگو دۇنياغا كەلگەن .ئۇزۇن ئۆتمەي مۇداپىئەچى پىك بىلەن ناخشىچى شاكىرانىڭ مۇھەببەت مېۋىسى بارلىققا كەلگەن .تېخى بىر ھەپتە ئۆتمەي تۇرۇپ ئەمدى ۋىللانىڭ بالىسى تۇغۇلغان .ۋىللا ئوغلىغا لۇكا دەپ ئىسىم قويغان .يەنە بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،فابىرگاس ۋە پىدىرمو دادا دەرىجىسىگە ئۆرلەش ئالدىدا تۇرېۋېتىپتۇ ...

|
|