- تىزىملاتقان
- 2012-5-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 57
- نادىر
- 1
- يازما
- 57
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sadik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-26 20:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قېرىنداشلار! ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پۇتبول ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇش ھەر بىرەيلەننىڭ باش تارتقىلى بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.بۇ مەسىلىدە مۇنبىرىمىزدە نەچچە قېتىم تېما يوللىنىپ،قىزغىن ئىشتىراكقا ئېرىشتى.مۇنبەردىكى«forzayuven»نىڭ بۇ توغرىدىكى ئەمگىگىگە كۆپ تەشەككۇر!ناھايىتى جىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىگى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ.زامانىمىزدا مىللىتىمىز يات تىللارنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ گاچىلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ ئاساسلىقى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكە ئېتىۋار قىلماسلىقتىن باشقا يەنە،ھازىرقى تېز زامان تەرەققىياتىدىكى يېڭى شەيئىلەرگە ۋاختىدا ئىسىم قويۇلماسلىقى،قويۇلسىمۇ تىلىمىزغا تازا ماسلىشىپ كېتەلمەسلىگى،تەرجىمىلەردە خەت مەنىسىگە ئېسىلىۋېلىپ،ئەسلى تىل ئادىتىمىزدە شۇ گەپنى نىمە دەيدىغىنىمىزغا سەل قاراش،ئۇزۇن كېلەڭسىز بولۇش،تىلىمىزغا ماس كەلمەسلىك،بەزى پۈچەكلەرنىڭ باشقا مىللەت تىلىدا سۆزلەشنى ئابرۇي بىلىشى قاتارلىق سەۋەپلەردىندۇر.شۇڭلاشقا پۇتبول ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم چوڭ ئىش.شۇنداق قىلالىساق، ھەممىمىز ساپ تىلىمىزدا سۆزلىسەك،پۇتبول ساھەسىگىلا ئەمەس ،پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلىمىزغا زور تۆھپە قوشقان بولاتتۇق! مەن ئۈچ يېرىم يىلدىن بېرى ئىچكىرىدە خىزمەتتە بولۇپ،قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمسۆھبەتلىشىش پۇرسىتىم ئاز بولغانلىقى،توردا كۆرۈشتىن باشقا ئەمىلىي ئەھۋالدىن تازا خەۋەرسىزلىگىمدىن،بۇ توغرادا بىرەر ئىش قىلالمىدىم،«forzayuven»نىڭ «پۇتبول ئاتالغۇلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئۈستىدە ..»دىگەن تېما مۇنازىرىسى مېنى بۇ تېمىنى يوللاشقا تەقەززا قىلدى.مەن ھەر قاچان ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكە تىرىشىپ كېلىۋاتقان مۇنبەرنىڭ ئاددىي بىر «تاماشىبىن»ى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر نەرسە دېگىم كەلدى.مۇنبەرداش قېرىنداشلىرىمنىڭ دەرھاللا تىللاپ كەتمەي،ئەستايىدىل ئوقۇپ،قايتا-قايتا ئويلۇنۇپ،چىرايلىق پىكىر ۋە تولۇقلىما بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن!
ئۇيغۇر تىلىمىز تاتلىق،يېقىملىق،جانلىق ۋە پاساھەتلىك بىر تىل،قانداق ماختىساممۇ يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ.بەزى ئىسىملاردىن(ئىكەك،قىسقۇچ) نىمىگە ئىشلىتىدىغان نەرسىلىگىنى بىلگىلى بولغاندىن باشقا،كۆپۇنچىلىرىدىن نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ(كەتمەن،كەكە،پالتا دىگەنلەرگە ئوخشاش،شۇڭا خەلقىمىز شۇ نەرسىلەرنى ئىشلەتكەندە تەپەككۇرىنى ئىشلىتىپ،چۈشەندۇرۇش بەرمىسىمۇ،شۇ نەرسىگە قاراپ قانداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئادەتلەنگەن)؛ئۆز ۋاختىدا كىر ئالغۇ،ئۈن ئالغۇلارغا مىچ،كىچ دېگەندەك ئىسىم قويۇلغان بولسىمۇ ،تىلىمىزغا چۈشسە،راۋان بولسا،يەنىلا تېزلا ئومۇملىشىپ كەتكەن بولاتتى.سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بىر سۆزدىن بىرنەچچە سۆزياسىغىلى بولىدۇ؛ئىخچام،راۋان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزغا تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن:1. تىلىمىزنى ساپ سۆزلەشكە،ئۇيغۇرچە ئاتالمىغان سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تېپىشقا تىرىشىش؛2.يېڭى شەيئىلەرگە ۋاختىدا ئىسىم قويۇش ۋە ئاتالغۇ بېرىش ،بۇنىڭدا ئەڭ ئاۋال بۇرۇن بار بولغان ۋە يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان تىلىمىزغا مۇراجەت قىلىش،سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلاردىن پايدىلىنىپ سۆز ياساش، مۇۋاپىقىنى تاپالمىساق يېڭىدىن ئاتاش،ئخچام راۋان بولۇش،ئېغىزىمىزغا ۋە تىل ئالاھىدىلىگىمىزگە ماس كېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش؛3.تەرجىمىلەردە ئاممىباب ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىش،ئىخچام راۋانلىقىغا ۋە تىل ئالاھىدىلىگىمىزگە ئەھمىيەت بېرىش،خەت مەنىسى بويىچىلا تەرجىمە قىلىپ قويماستىن،ئەسلى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى ئەگەر ئۇيغۇردىن بىرسى دېسە نىمە دەيدۇ بويىچە ئېلىش . ئەگەر شۇنداق قىلالىساقلا تىلىمىزنىڭ بۇزىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنالايمىز.
ئەمدى تورداشلىرىمىز تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسى ۋە ئۆزەمنىڭ قايتا-قايتا پىكىر يۈرگۈزۈش ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە پۇتبول ئاتالغۇلىرىنى نەزىرىڭلارغا سۇناي:
1.كۇلۇبقا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار
俱乐部主席 كۇلۇب رەئېسى
主教练 ئاتامان
助理教练 تېرىنىر ،مەشقاۋۇل
守门员教练 قاپقا مەشقاۋۇل
顾问 مۇشاۋۇر
领队 يىتەكچى
球探 بايقاۋۇل
队医 ئەمچى
2.رېپىرلار
主裁判 باش ھۆكۈمدار
边裁 يان ھۆكۈمدار
助理裁判 يانداش ھۆكۈمدار
底线裁判 پەللە ھۆكۈمدارى
3.مەيدان ئاتالغۇلىرى
足球场 پۇتبول مەيدانى
前场 ئالدى مەيدان
中场 ئوتتۇرا مەيدان
后场 ئارقا مەيدان،ئېتەك
角旗 پەللە تۇغى
门柱 قاپقا تۈۋرىگى
横梁 قاپقا لىمى
点球点 قاپقىلىما نۇقتىسى
中圈 مەركىزىي چەمبەر
禁区 جازا چەك
小禁区 قاپقا چەك
门线 قاپقا پەللىسى
底线 پەش،باش پەللە
中线 ئوتتۇرا پەللە
边线 يان پەللە
禁区弧 جازا چەك يايى
4.تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئورۇن ئاتالغۇلىرى
门将 قاپقاۋۇل
后卫 باقاۋۇل
中后卫 ئوق باقاۋۇل
边后卫 يان باقاۋۇل
左\右后卫 ئوڭ \ سول باقاۋۇل
中场球员 ھىمماتچى
后腰 قورۇقچى
前腰 باسقاۋۇل
左 \ 右前卫 ئوڭ \ سول ھىمماتچى
自由人 تۇرشاۋۇل
前锋 ئۇراۋۇل
左\右边锋 ئوڭ\سول ئۇراۋۇل
中锋 بىس ئۇراۋۇل
影子前锋 شەيتان ئۇراۋۇل
5.پۇتبول قائىدىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
开球 توپ باشلاش
门球 قاپقا توپ
角球 بۇلۇڭ توپ
边线球 يان چىقما
点球 قاپقىلىما
点球大战 قاپقىلىما ئۇرىشى
射点球决定胜负 قاپقىلاپ يېڭىش-يېڭىلىشنى ئايرىش
任意球 ئىختىيارىي توپ
手球 روك
死球 ئۆلۇك توپ(ئۆلگەن توپ)
犯规 نابابتورا
掷界外球 چىقما ئېتىىش
掷球违例 ناباب باشلاش
越位 توزاقلانما
人墙 تەن توساق،تەن توراق
筑人墙 تام توراش
定位球 قويما
背后铲球 ئارقىدىن كۈرەش
撞人 سوقۇش
推人 ئتتىرۋېتىش،تۈرتۈش
阻挡 نابابتوس
蹬踏 پۇت تاقاش،پۇتتاقىما
抬脚过高 نابابپەشۋا
伤停补时 تولۇقلىما ۋاقىت
加时赛 ئۇزارتىلما مۇسابىقە
6. ئاساسىي ماھارەت ئاتالغۇلىرى
脚弓踢 پۇت ئىچىدە تېپىش ،ئىچ ياندا تېپىش
内脚背 ئىچ يۇزىدە تېپىش،ئىچ پەنجىدە تېپىش
外脚背 تاش يۈزىدە تېپىش،تاش پەنجىدە تېپىش
正脚背 پۇت يۇزىدە تېپىش،پەنجىدە تېپىش
停球 توپ توختىتىش
胸部停球 مەيدىگە ئېلىش
头球 باش توپ،كاللا قويۇش
脚后跟射门 تاپاندا ئۇرۇش،تاپاندا قاپقىلاش
盘带 ،带球 توپ يورغىلىتىپ مېڭىش،توپ ئېلىپ مېڭىش
射门 قاپقىغا ئۇرۇش،قاپقىلاش
接球 پاس ئېلىش
传球 پاس بېرىش،پاس چىقىرىش
颠球 توپ كۆكلىتىش،كۆكلىتىش
盘球 توپ يورغىلىتىش
扑救 تۇتۇش،توسۇش
铲球 توپ كۈرەش
拦截 توسۇش،توراش
7.تېخنىكىلىق ئاتالغۇلار
短传 قىسقا پاس
长传 ئۇزۇن پاس
高吊传球 ئېگىز پاس،ئېگىز پاس چىقىرىش
地面传球 يەر سىپىلىتىپ بېرىش
传中 ئوتتۇرىغا پاس بېرىش،ئوتتۇرىغا سېلىش
凌空射门 ھاۋادىلا ئۇرۇش،چۇشۇرمەي ئۇرۇش
凌空传球 چۈشۈرمەي (پاس) بېرىش،چۈشۈرمەي تاشلاش
反弹球 قاڭقىما توپ
正面拦截 ئۇدۇلدىن توسۇش
横传 قۇر پاس، قۇرداش پاس
直塞 خەنجەر پاس،بۆسمە پاس
直传 ئۇدۇل پاس
过人 ئالداپ ئۆتۈش
断球 تارتىۋېلش
弧线球 ياي توپ
贴地射门 يەر سىپىلىتىپ ئۇرۇش
吊射 ھالقىتىپ ئۇرۇش
凌空点射 چۈشۈرمەي چېكىش
倒钩 ھاۋىتاپانلاپ تېپىش
鱼跃冲顶 بېلىقچىلاپ ئۈسۈش
侧身倒钩 يانچە ھاۋىتاپانلاپ تېپىش
侧身凌空 يانچىلاپ ھاۋادىلا ئۇرۇش
8. تېخنىكا تاكتىكا ئاتالغۇلىرى
跑位 ئورۇن ئېلىش
接应 پاسقا چىقىش
连续传球 ئۈزلۈكسىز پاسلىشىش
二过一 ئىككىسى بىرىدىن ئۆتۈش
二过二 ئىككىسى ئىككىسىدىن ئۆتۈش
单刀 يەككىلىنىش
单刀球 يەككىلەنمە
直插 ئۇدۇل كىرىش
突破 بۆسۈپ ئۆتۈش
撞墙式配合 توختاتماي پاسلىشىش،تام قايتمىسىمان پاسلىشىش
人球分过 ئاچىلىما ئۆتۈش
踩单车 پۇت ئوينۇتۇش(بۇ ئوڭ سول پۇتنى توپ ئۈستىدە ئايلاندۇرۇپ ئالداش بولغاچقا پۇت ئوينۇتۇش دەپ ئېلىندى)
造越位 توزاقلاش،توزاق قۇرۇش
反越位 توزاقتىن ئۆتۈش،توزاق بۇزۇش
盯人防守 باقما مۇداپىيە
区域防守 دائېرىلىك مۇداپىيە
全攻型打法 ئوپچە ھۇجۇم تاكتىكىسى
全攻全守 ئوپچە ھۇجۇم مۇداپىيە تاكتىكىسى
防守反击 قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسى
边锋战术 قوشقانات تاكتىكىسى
拖延战术 ۋاقىت خورۇتۇش تاكتىكىسى
9.باشقا ئاتالغۇلار
阵型 سەپ شەكلى،سەپ تۈزىلىشى
阵容 سەپ،سەپ ئەزالىرى
出场阵容 مەيدانغا چىقىدىغان ئەزالار،مەيدانغا چىققان ئەزالار
打破僵局 قاتماللىقنى بۇزۇش
拉锯战 تىركەشمە،تىركەشمە ئېلىشىش
首开纪录 تۇنجى ئوقنى تەگكۇزمەك ،بىرىنچى بۇلاپ توپ سولاش
先拔头筹 تۇنجى ئوقنى تەگكۇزمەك ،بىرىنچى بۇلاپ توپ سولاش
拔得头筹 تۇنجى ئوقنى تەگكۇزمەك ،بىرىنچى بۇلاپ توپ سولاش
梅开二度 جۈپ ياقۇتلاش،جۈپ گۈل قىسىش
锦上添花 گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۈش
帽子戏法 ئۈچ مەرتىلەش ،تون كىيىش
大四喜 تۆت تامدىن ئىشىك ئېچىش
手术刀般的传球 ئىسكەندەرنىڭ شەمشىرىدەك پاس
助攻 ھەمئۇر،ھەمسال
体力 چىدامچانلىق
体能 تەن قۇۋىتى
拦截能力 توپ توراش ئىقتىدارى
盲目出脚 قاراملارچە پۇت سېلىش ،پۇتلاش
落叶球 غازاڭسىمان توپ
电梯球 شۇڭغىما توپ (لېفىتسىمان توپ)
تەكلىپ ۋە ئىزاھات:
1.بىز بۇرۇن دەپ كېلىۋاتقان تېرنېر،ياردەمچى تېرنېر دىگەن ئۇقۇملاردا مۈجۈمەللىك مەۋجۇت.主教练نى ئاتامان(كوماندىنىڭ مەشىق،مۇسابىقە قاتارلىقلارنى بەلگىلەيدىغان ھوقۇق ئىگىسى)،助理教练نى مەشقاۋۇل(كوماندىنى مەشقلەندۈرىدىغان كىشى)،守门员教练نى قاپقا مەشقاۋۇلى(قاپقاۋۇلنى مەشىقلەندۈرىدىغان كىشى) دىگەندە بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ ئېنىق ھەم ئېغىزغا يېقىن بولىدۇ.توپچىلارنى باقاۋۇل،ئۇراۋۇل،قاپقاۋۇل دىگەنلەرمۇ ھەم شۇنداق ئېغىزغا يېقىن.شۇنداق تۇرۇقلۇق نىمىشقا قوللانمايدىكەنمىز!بەزى تورداشلىرىمىز بۇلارنى كونا ۋە ھەربىي ئاتالغۇلار زامانغا لايىق ئەمەس دىگەن قاراشلارنى ئۇتتۇرىغا قويۇپتۇ،ئۇنداقتا كونا دەپ بۇرۇندىن ئىشلىتىۋىتقان تىللىرىمىزنى ئۆزگەرتەمدۇق،ئۇنداقتا ھەممەيلەن مودا قوغلىشىپ بىر-بىرىنىڭ تىلىنى ئۇقماس بوپكەتمەسمۇ؟! پۇتبول مەيدانى پاراسەت ۋە قاسارەتنى سىنايدىغان تاكتىكىلىق ئېلىشىش مەيدانى تۇرۇقلۇق ئۇ ئاتالغۇلار نىمىشقا ماس كەلمىگىدەك،ھەربىي قوشۇنغىلا ئىشلىتىپ باشقىسىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دىگەن قائىدە بولمىسا-يە،زامانىۋى ئاتالغۇنى ئىشلىتىمىز دەپ ئېغىزغا كەلمەيدىغان چۈشۈنۈكسىز بىر نىمىلەرنى دېسەك،تىلىمىز بۇزۇلمامدۇ!
2.پەللە ئتالغۇسىنى ھەممە ئۇيغۇر كىچىكىدىن تارتىپ بىلىدۇ،پەللە-ئويۇن،مۇسابىقىلەردىكى ھەرقايسى بەلگىلەنگەن ئورۇن ۋە سىزىقلارنى ئىپىدىلەيدۇ(پەللىدىن چىقتى،پەللىگە يەتتى،پەللىنىڭ سىرتىغا چىقكەتتى،پەللىدىن چەتلىدى).شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا يەنە سىزىق دىگەن سۆزنى قوشۇپ ئۇزارتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
3.قاپقا سۆزىگە«ما» قوشۇمچىنى قوشۇش بىلەن قاپقىغا ئۇرۇلىدىغان توپنى ئىپادىلەشكە بولغانلىقتىن،«قاپقىلىما »سۆزى دەل 点球 نى تولۇق ئىپادىلىيەلەيدۇ.بۇنداق بولغاندا قىسقا،ئېغىزغا ئاسان كېلىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.
4. 定位球يەرگە قويۇپ باشلايدىغان توپلارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى بولغاچقا،«قويما »دەل شۇ مەنانى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ ھەم شۇنداق ئىخچام.
5.越位 پۇتبول قائىدىسىگە ئاساسەن،ھۇجۇم قىلغۇچى ،ئۆز ئەزاسى پاس بېرىش ئۈچۈن توپتى تېپىشتىن ئىلگىرى قارشى تەرەپنىڭ قاپقىغا ئەڭ يېقىن ئەزاسى(قاپقاۋۇلدىن باشقا)دىن ئۆتۈۋېلىپ ھۇجۇمغا قاتنىشىش ھەركىتى بولۇپ،مۇداپىئەچى تەرەپ قارشى تەرەپنى مۇشۇ ھېلىگە چۈشۈرۈشكە،ھۇجۇمچى تەرەپ مۇشۇ ھېلىدىن ئەپچىل ئۆتۈشكە تىرىشىدىغان بولغاچقا،«ئورۇندىن ھالقىدى» دېگەندە مەنانى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ.«توزاقلانما »دېگەندە مەنىنى تولۇق ئىپادىلەش بىلەن بىرگە تىلغا ئوبدان كېلىدۇ(越位球 توزاقلانما،越位了توزاقلاندى،造越位توزاق قۇردى،توزاقلىدى،反越位 توزاقنى بۇزدى،توزاقتىن ئۆتتى).
6.助攻 «ياردەمچى پاس ،ھالقىلىق پاس» دەپ ئېلىنىپ بېقىلغان بولسىمۇ،مەنا قەھەتتىن دېگەندەك كىشىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئورنىغا كىرگەن توپقا ھەمشېرىك بولۇش مەنىسىدىكى«ھەمئۇر،ھەمسال»دېسەك دەل مەنانى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
7.ئاتالغۇلاردا چۇقۇم بىرلا ئاتالغۇنى قوللىنىش شەرت ئەمەس،ئەسلى ئۇقۇمنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەمدە ئىخچام ئېغىزغا كېلىدىغانلا بولسا بىر نەچچە ئاتالغۇنى ئوخشاش ئىشلىتىشكىمۇ بولغاچقا،ياخشى ئاتالغۇلار ۋە تەنقىت،تەكلىپ پىكىرلەر بولسا قېرىنداشلىرىمىز يەنە يوللىسا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.ئاتالغۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا،كۆنەپ قالدۇق دەپ جائىللىق بىلەن بۇرۇنقى خاتاسىغا ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ،ھەممىز تىرىشىدىغانلا بولساق،ئۇزۇنغا قالماي ئومۇملىشىپ كېتىدۇ،ھەتتا ھىچقايسىمىز چۈشەنمەيدىغان چەتئەل تىلىدىن كىرگەن ئاتالغۇلارمۇ قوللىنىپ كېتەلىدۇققۇ،ھەممە گەپ ئۆزىمىزدە.
ئەمدى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان ،تېخى ئوينھلمىغان بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ تەقلىدىي نەخمەيدان خەۋىرىنى ھوزۇرىڭلارغا سۇناي:
خانتەڭرى ئەزىمەتلىرى كوماندىسى مىر ئەخمەتجاننىڭ بىر توپ ئۇرۇشى ۋە بىر ھەمئۇرى،ئەكرەم،بارى ۋە شەۋكەتنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى ئارقىلىق 4:3 مادرىد خان جەمەتى كوماندىسىنى يەڭدى
تورىمىزنىڭ كېلىپ-كېتەر مۇخبىرى سادىقنىڭ ئوينالمىغان مۇسابىقە نەخمەيدانىدىن خەۋەرى:
مىھمان كوماندا-مادرىد خان جەمەتى كوماندىسىى:
ئاتامان: مورىنو
سەپ شەكلى:4-2-3-1
مەيداندىكى ئەزالار:قاپقاۋۇل-1№كاسىللاس،ئوڭ باقاۋۇل-17№ئاربىلو،ئوق باقاۋۇل-5№كوئېنترو ۋە14№ ئالونسو،سول باقاۋۇل-2№ۋارانى،قورۇقچى-18№ئالبىيول ۋە 3№پېپى،ئوڭ ھىمماتچى-6№خېدىرا،سول ھىمماتچى10№مەسۇت ئوزىل،باسقاۋۇل-20№ھىگۇۋائىن،بىس ئۇراۋۇل-7№رونالدو.
زاپاس ئەزالار:27№ناچو،13№ئەدىن،19№مۇدرىك،15№ئەسىن،21№كالىخون،9№كەرىم بېنزىما،11№كاۋالو.
ساھىپخان كوماندا-خانتەڭرى ئەزىمەتلىرى كونادىسى:
ئاتامان:پەرھات
سەپ شەكلى:4-3-1-2
مەيداندىكى ئەزالار:قاپقاۋۇل-1№زۇليار،ئوڭ باقاۋۇل-2№تۇرسۇنجان،ئوق باقاۋۇل-5№پەرھات ۋە 4№ئۆتكۈر،سول باقاۋۇل-3№ئەرافات،ئوڭ ھىمماتچى-9№يەھيا،سول ھىمماتچى-11№ئەلىجان،قورۇقچى-18№مەخمۇتجان،باسقاۋۇل-14№مىر ئەخمەتجان،ئوڭ ئۇراۋۇل-7№بارى،سول ئۇراۋۇل-17№ئىلھامجان.
زاپاس ئەزالار:10№ئەكرەم،8№شەۋكەت،6№ئەسەتجان،25№مەردان،27№دىلمۇرات،20№ئەكرەمجان(قاپقاۋۇل)،16№ئابدۇۋەلى.
مۇسابىقە باشلىنىش بىلەن مادرىد خان جەمەتى كوماندىسى ناھايىتى سالماقلىق بىلەن مۇسابىقىنى كونتۇرۇل قىلىپ،ئارقا-ئارقىدىن خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قىلىشقا باشلىدى.خانتەڭرى ئەزىمەتلىرى كوماندىسى پۈتۈن سەپ بۇيىچە مۇداپىئەگە ئۆتتى،بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقارادىكى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدىكى كوماندا بىلەن تۇتۇشىشى بولغاچقىمىكىن بىراز ھودۇقاۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.مۇسابىقە 10مىنۇتقا بارغاندا،پېپى توپنى خېدىراغا پاس بەردى،خېدىرا توپ يورغىلىتىپ جازا چەكنىڭ ئوڭ بۇلۇڭىغا يېقىن جايدىن مەسۇت ئوزىلغا پاس بەردى،ئوزىل ئەپچىللىك بىلەن ئىككەيلەندىن ئالداپ ئۆتۈپ،پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان رونالدوغا خەنجەر پاس بەردى،رونالدو ئۇدۇل كىرىپ پاس ئېلىپ،قاپقا چېكىنىڭ سول بۇلۇڭىدىن قاپقىغا ئۇردى،-توپ كىردى!..-زۇليارمۇ بۇ توپنىڭ تېزلىگىدىن ھەقىقەتەن تۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى.1:0ساھىپخان كوماندا بىر توپ ئارقىدا قالدى.ساھىپخان كوماندا مەركىزىي چەمبەردىن توپ باشلاپ ئېتەكتىكى پەرھاتقا بەردى،پەرھات توپنى يەھياغا بەردى،يەھيا ئالدىغا ئازراق يورغىلىتىپ توپنى ئوتتۇرا مەيداندىكى مىر ئەخمەتجانغا بەردى،مىرئەخمەتجان سولغا ئازراق يورغىلىتىپ،مىھمان كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئازراق بىخوتلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوڭغا پاس بەردى،بارى توزاقنى بۇزۇپ پاس ئالدى،-يەككىلەنمە!...-مەيدان زىل-زىلىگە كەلدى،ھەممەيلەننىڭ كۆزى توپقا قادالدى-بارى توپنى ئەپچىللىك بىلەن قاپقىغا ئۇردى،-توپ كىردى..توپ كىردى!...،ھۇررا،ھۇررا!...-پۇتبول سۆيەر خەلقنىڭ كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش تۆكۈلمەكتە ئىدى.
مۇخبىر سادىقنىڭ ھاياجاندىن كانىيىغا ئۆپكىسى كەپلىشىپ، قالغان مۇسابىقىنى تەپسىلى خەۋەر قىلىشقا ئامالسىز قالدى.-ئوسال مىجەز پېپى مىرئەخمەتجانغا ئوبدان قارىمىغانلىقىنىڭ ئاچچىقىدا يامان غەرەزلىك نابابتوراسى بىلەن ئىككى سېرىق كارتا ئېلىپ قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن قوغلاندى.ئىككى تەرەپ تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ،ھەر تەرەپ بىردىن قويمىغا ئېرىشىپ ئۇرۇپ كىرگۈزدى،يەنى مىرئەخمەتجان قاپقىلىمىنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى،رونالدو بىۋاستە ئىختىيارىي توپنى شۇڭغۇما ئۇرۇپ قوش ياقۇتلىدى.باشقا يەنە رونالدو بۆسۈپ كىرىپ بىر توپ ئۇرۇپ ئۈچ مەرتىلىدى(تون كىيدى)،شەۋكەت مەيدانغا چىقىپ ئۇزۇن بولمايلا مۇداپىئەنى بۆسۈپ ئۆتۈپ بىر توپ ئۇردى،ئەكرەم بىر كاللا توپ كىرگۈزدى. |
|