- تىزىملاتقان
- 2012-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 854
- نادىر
- 0
- يازما
- 854
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tetanek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-24 12:34
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ خوش خەۋەردىن سىلەرمۇ بەكرى ئالاسىلەر تىشۋىق سۇپەتىدە بۇ يەرگە يولاپقويدۇم توغرا چۇشىنىڭلار ،
====================================================================================
ئالدى بىلەن كىلىۋاتقان باھار بايرىمىنى قىزغىنلىق ئىلكىدە كۈتىۋىلىش، كەڭ پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىشلىق تەنھەركەت پائالىيتىنى تىخىمۇ بىيىتىش، دىيارىمىزنىڭ پۇتبۇل قىزغىنلىقىنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەمدە قوشنا ناھىيەلەر بىلەن بولغان تەجىربە ئالماشتۇرۇش، دوسلۇقنى كۈچەيتىش مۇناسىۋىتى بىلەن قاغىلىق كارۋان تىل تەربىيلەش مەركىزىمىز «كارۋان لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى. كەڭ پۇتبۇل سۆيەر قىرىنداشلىرىمىز ھەم پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىمىز.
تىزىملاش شەرتلىرى:
1.كوماندا ئەزالىرىغا ھىچقانداق دۆلەت،مىللەت، دىن، ئىرىق، جىنىس، ياش چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ.
2.ھەربىر كوماندا تىزىملاش ھەققى ئۈچۈن 1500يۈەن تىزىملاش ھەققى تاپشۇرىدۇ، ھەمدە ھەربىر كوماندا ئەزاسىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ
كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە، بىر سۇڭلۇق رەسىمىدىن ئىككى پارچە ئىلىپ كىلىدۇ.مۇسابىقىدە ئۇزغۇن بولغان كوماندىغا 10000يۈەن نەق پۇل مۇكاپات بىرىلىدۇ.
تىزىملاش ۋاقتى:2013-يىلى1-ئاينىڭ18-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ31-كۈنىگىچە
مۇسابىقە 2013-يىلى2-ئاينىڭ1-كۈنى رەسمى باشلىنىدۇ
تىزىملاش ئورنى:قاغىلىق ناھىيلىك كارۋان تىل تەربيلەش مەركىزى
ئادىرسى:قاغىلىق ناھىيە خەلق مەيدانى كوئىنلۇن تىياتىرخانىسى 1-قەۋەت ئالاقىلاشقۇچىلار: قۇندۇز مۇئەللىم 13899914910
ئىرشات مۇئەللىم 18799536204
===================================================================================
نۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ئىشىڭلار ئوڭوشلوق بولسۇن ، بىزنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ ، نەدە قالدىكىن بايلار ھەم باشلىقلار ،
مەنبە ؛http://www.xjfifa.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=9849 |
|