ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مانچېستېر شەھىرىنىڭ باش توپ بىدىكى كەنچېلىرنىڭ قارىشىچە ، مادرىد رىقابەت ھۇجۇمچىسى فالكاۋ بىردىنبىر مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرەلەيدىغان توپچى ئىكەن .
Goal.com نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مانچىنى قىشلىق بازاردا ھۇجۇمچى سىتىۋالماقچى ئىكەن ، ھەمدە فىئورىنتىنا توپچىسى يۆۋىدىچ ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن 25 مىلىيون فوندسترلىڭ تەييارلاپ قويغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن . بىراق كەنچېلىرنىڭ قارىشىچە يۆۋىدىچ مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئانچە ھالقىلىق رول ئوينىيالمايدىكەن ، مانچېستېر شەھىرى فالكاۋغا ئەڭ ئىھتىياجلىق ئىكەن .
ئۇنىڭدىن يۆۋىدىچ ھەققىدە سورىغاندا ئۇ : يۆۋىدىچ ھەقىقەتەن ياخشى توپچى ، بىراق مانچېستېر شەھىرىنىڭ ھۇجۇم سېپى ھازىرمۇ ئىنتايىن قالتىس ، بىز تېۋىز ، ئاگۈيرو ۋە بالوتېلىلارنىڭ ئىپادىسىدىن ناھايىتى رازى . ئۇنىڭدىن باشقا مەن كوماندىمىزدىكى توپچىلارنىڭ يۆۋىدىچتىن ياخشىلىقىغا ئىشىنىمەن ، ئۇ ناھايىتى قالتىس توپچى ، بىراق فالكاۋدەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدىغان توپچى ئەمەس . مەن يېقىندا مانچىنى بىلەن مۇشۇ ھەقتە سۆزلەشتىم ، قىشلىق بازاردا توپچى سېتىۋېلىش توغرا كەلسە بىز فالكاۋنى سېتىۋالىمىز ، ئۇ ناھايىتى مۇھىم توپچى ، كوماندا ئۈچۈن بىردىنبىر ياردىمى تىگىدىغان توپچى .
ئۇنىڭدىن باشقا كەنچېلىر مانچېستېر شەھىرىنىڭ بارسېلونا ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى فابرىگاس ۋە بۇسكىسقا قىزىقىۋاتقانلىقىنى ئېيىتقان ، بىراق بارسېلونانىڭ قولىدىن ئۇلارنى سېتىۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش . ئوتتۇرا مەيدان ؟ بىز فابرىگاس بىلەن بۇسكىسقا ناھايىتى قىزىقىمىز ، بىراق بارسېلونا بۇ توپچىلارنى سېتىشنى ئويلىشىپ باقمىدى .
|
|