پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 819|ئىنكاس: 18

‹‹ئوزغۇنلار لوڭقىسى›› نىڭ ‹‹تۇغۇلىشى››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

1114

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3194
يازمىسى: 1114
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 11628440
تۆھپە: 382
ۋاقتى: 2665
h
ھالەت

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 17:51:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-19 18:30  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

            فىرانسىيەنىڭ ‹‹لىيكىپ›› تەنتەربىيە گىزىتىدە ئىشلەيدىغان مۇخبىر گابرىئال ھانۇ ‹‹ياۋرۇپا كۇلۇپلار لوڭقىسى›› پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1954-يىلى خىزمەتدىشى جاك دو رىيزويىك ‹‹ياۋرۇپا كۇلۇپلار لوڭقىسى پىلانى›› دىگەن ماقالىسىنى يازدى. بۇ پىلان ياۋرۇپا قىتئەسىدە قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا خزمەتدىشى جاك فىيران 1955-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇسابىقىنىڭ نىزاملىرىنى يازدى. 1955-يىلى 3- فىۋرالدا گىزىت ‹‹ياۋرۇپا كۇلۇپلار لوڭقىسى››غا قاتنىشىدىغان كۇلۇپلارنىڭ تىزىملىكىنى نەشىر قىلدى، كۇلۇپلارمۇ ‹‹دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى›› نىڭ قوشۇلىشى بىلەن ئاكتىپ ئىپادە بىلدۈرۈپ تۇلۇق قاتناشتى.

شۇنداق قىلىپ ھازىرقى پۇتبولدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ‹‹ئوزغۇنلار لوڭقىسى›› دۇنياغا كەلدى.
919px-C44cf84d3d2603cfd62afc72.jpg


   1955-يىلىدىن 1960- يىلىغىچە رىيال مادرىد بۇ لوڭقىنى مونوپول قىلدى، ئۇدا 5 قېتىم چىمپىئون بولغاندىن كىيىن پورتۇگالىيەنىڭ بېنفىكا كۇلۇبى بۇ مونوپوللۇقنى بۇزۇپ 1961-1962 تىلى ئۇدا چىمپىئون بولدى. ئۇندىن كىيىنكى 1964 ۋە 1965 يىللىرى ئىنتېر مىلاننىڭ يىلى بولدى. 70- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئامەت قۇشى گوللاندىيەنىڭ ئاجاكىس كۇلۇبىنىڭ بېشىغا قوندى ۋە 1971-يىلىدىن 1973- يىلىغىچە 3 قېتىم ئوزغۇن بولدى. گىرمانىيەلىكلەرمۇ بۇ قىممەتلىك  لوڭقىنى قولدىن چىقارغۇسى كەلمەي 1974-يىلىدىن1976-يىلىغىچە 3 يىل ساقلىدى.

ئۇنىڭدىن كىيىنكى 6 يىل ئېنگىلاندلىقلارنىڭ يىلى بولدى. 1977-1978يىلى لىۋېرپۇل، 1979-1980 يىلى نوتىنھام فورېست، 1981-يىلى يەنە لىۋېرپۇل،1982 يىلى ئاستو ۋېللا ئالدى.

80 يىللارنىڭ ئاخىرى يەنى 1989- 1990 ئىتالىيەنىڭ مىلان كۇلۇبى ئۆزىنىڭ ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك كۇلۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ۋە شۇنداقلا 1993- يىلى فىرانسىيەنىڭ مېرسىلىيا كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ 1994- يىلى يەنە لوڭقىنى قايتۇرۇۋالدى.

1992-1993 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ‹‹ياۋرۇپا كۇلۇپلارلوڭقىسى›› دىگەن ئىسىم تارىخقا ئايلىنىپ ھازىرقى ‹‹ئوزغۇنلار لوڭقىسى›› دىگەن ئىسىم بارلىققا كەلدى. شۇنداقلا تۈزۈملىرىدە ئۆزگىرىش بولدى. 32 كۇلۇپ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئوينايدىغان ۋە تەييارلىق مۇسابىقىسى ئوينايدىغان قائىدىلىرى بارلىققا كەلدى.

      پۇتبولنىڭ خوشاللىقى بولغاندەك ھەسرىتىمۇ بولغان. مىيونخىن ۋەقەسى بۇ قايغۇلارنىڭ بىرسى.
مانچىىستېر بىرلەشمىسى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك كۇلۇپ. 1958-يىلى بۇ كۇلۇپنىڭ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئەزالىرى بىر قېتىملىق ئېچىنىشلىق ئايرۇپىلان ھادىسىدە ۋاپات بولدى.بېلگىرادتىن ئەنگىلىيەگە ئۇچقان ئايرۇپىلان مىيونخىندا بىر ئۆيگە سوقولۇپ ئىككى پارچە بۇلۇپ كىتىدۇ ۋە نەق مەيداندا 7 پۇتبولچى، تېرىنىر، مۇخبېر ۋە كۇلۇپ ئەزالىرىدىن بۇلۇپ نەچچە كىشى ئۈلىدۇ ۋە يارلىندۇ. يارلانغانلارنىڭ ئىچىدە 21 ياشلىق دانكىن ئېدۋاردىز ئىسىملىك بىر چولپانمۇ بار بۇلۇپ شۇ چاغدا پۇتبولچىلارنىڭ ئالدى ئىدى. يارلىنىپ 15 كۈندىن كىيىن يارىنىڭ تەسىرىدىن ۋاپات بۇلىدۇ.
يارلانغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئېغىر يارلانغان تېرىنىر مات بوسپىمۇ بۇلۇپ ئۇزۇن يىل ھايات-مامات ئارىسىدا كۈرەش قىلغان. يەنە بوبى چارىلتون، بېل فولكىس، قاپقىچى ھارى گىرىگمۇ يارلانغانلار ئارىسىدا بار ئىدى.
ئەسلەشكە تىگشلىك بىر ئىش يەنى ھادىسە بۇلۇپ 10 يىلدىن كىيىن مانچىستېر كۇلۇبى ھادىسىدىن ئامان قالغان مات بوسپىنىڭ يىتەكچىلىگىدە بېنفىكا كۇلۇبىنى يىڭىپ ئوزغۇن بولدى. ئامان قالغان فولكىس بىلەن چارىلتون غوللۇق ئەزالار بۇلۇپ چارىلتون شۇ يىلى مۇنەۋۋەر توپچى بۇلغان. شۇنداقلا 1966-يىلى ئېنگىلاندنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىئون بۇلىشى دەل چارىلتوننىڭ تۆھپىسى ئىدى.
ھادىسىدىن بۇرۇنقى شۇ ئەۋلادلار قاتناشقان مۇسابىقىلىرىدە ئوزغۇن بولغان،1955-1956 پەسلىدە بىرلەشمە چىمپىئونى بولغان بۇلۇپ ئوتتۇرىچە يىشى 22 ياش ئىدى.


         بۇ قايغۇلارنىڭ يەنە بىرسى ھېيسىل پاجىئەسى.
مىيونخىن ۋەقەسىدىن 27 يىل كىيىن بىلگىيەنىڭ پايتەختى بىر يوسسىلدا يەنە بىر ئېچىنىشلىق پاجىئە بولدى. (بۇ توغرۇلۇق تېما يوللانغان، مەن قايتىلىمايمەن). 1985-يىلى 29 ماي  يۇۋېنتۇس بىلەن لىۋېرپۇل ئوتتۇرسىدىكى ھەل قىلغۇچتا يۇۋېنتۇس كۇلۇبى پىلاتىنىنىڭ گۇمانلىق بىر نۇقتا توپى (پولشالىق بونىكنىڭ چەكلەنگەن رايوننىڭ نەچچە سانتىمىتىر تېشىدا قىلغان خاتالىقى)  بىلەن 1-0 يىڭىپ ئوزغۇن بولدى.
بۇ پاجىئەدىن كىيىن ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېنگىلاند كۇلۇپلىرىنى 5 يىل لىۋېرپۇل كۇلۇبىنى 10 يىل (7 يىلغا چۈشكەن) ئوزغۇنلۇققا قاتنىشىشتىن چەكلىدى.


          پۇتبولنىڭ قايغۇسى بولغىنىدەك سەتچىلىكلىرىمۇ بار.
1992-يىلى فىرانسىيەنىڭ مارسېل كوماندىسى يۇگۇسلاۋىيەنىڭ بېلگىراد قىزىل يۇلتۇز كوماندىسى تەرىپىدىن نۇقتا توپتا يىڭىلىپ كەتتى. ئارىدىن بىر يىل ئۈتۈپلا 1993-يىلى توپچىسى بازىل بولىينىڭ بىر كاللا توپى بىلەن ئىتالىيەنىڭ مىلان كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچتا يىڭىپ فىرانسىيە كۇلۇپلىرىنىڭ تۇنجى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتەردى. لىكىن ئۇلارنىڭ خوشاللىقى ئۇزۇنغا بارمىدى. ئەسلىدىلا ئۇششاق چاتاقلىرى بىلەن تۇنۇلغان  كۇلۇپ رەئىسى بېرنار تابىنىڭ فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى يەنە بىر كۇلۇپ فالىنسىيان بىلەن بولغان پارە بېرىش قىلمىشى پاش بولدى. شۇنىڭ بىلەن مارسېل كۇلۇبى ب دەرىجىگە چۈشۈپ 1993-1994 مەۋسۈملۈك ئوزغۇنلۇقتىن مەھرۇم قىلىندى.
شۇ چاغدىكى مارسېل كۇلۇبى ئارقىمۇ-ئارقا 5 قېتىم بىرلەشمە ئوزغۇنى بولغان بۇلۇپ، فابىئان بارتېز، دىيدى دىچامپېس، بازىل بولى، مارسېل دوسايلى، گىرمانىيەلىك رودىي ۋوللېر، گانالىق ئابىدى بىلى، كىرودىيەلىك ئالان بوكسىيتىشتەك مۇنەۋۋەر چولپانلىرى بولغان ئىدى.


        توپخۇمارلارنىڭ بۇلۇپمۇ مانچىستېرلىقلارنىڭ ئىسىدىن چىقمۇغۇدەك ئەسلىمىلەر بولغان.
1999-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى. بارسىلونانىڭ مەيدانى كامپ نوغا 90000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن يىغىلغان بۇلۇپ، ئىتالىيەلىك داڭلىق رېپىر پىيارلوجى كولىنانىڭ پۇشتەك چېلىپ مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىلەن بايرىن مىيونخىن كوماندىسى ئارىسىدىكى ھەل قىلغۇچنى باشلىشىنى ساقلاپ تۇراتتى. پۇشتەك چىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بايرىندىكى مارىئو باسلىر ئىختىيارى توپ بىلەن دەسلەپ قىلىۋالدى. نەتىجە 90 مىنۇت 1-0 ھالەتتە داۋاملاشتى. قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا مانچىستېر ئېرىشكەن بىر بۇلۇڭ توپنى بېكھام كۆتۈردى، قالايماقانچىلىقتا توپ يوركتىن، گېگىستىن پاسلىنىپ شېرىنھامنىڭ پۇتى ئارقىلىق كىردى. 1-1 تەڭلەشتى. ئەمىلىيەتتە گىرمانلارنى ساقلاۋاتقىنى بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق نەتىجە بۇلۇپ يەنە بىر بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشكەن مانچىستېر توپچىسى بېكھام توپنى كۆتۈردى. توپ شېرىنھامنىڭ كاللىسىدىن قاڭقىپ سوسكىيارنىڭ پۇتىغا چۈشۈپ يەرگە تەگمەي كىردى. ئىككى مىنۇتنىڭ ئىچىدە بولغان بۇ ئۆزگىرىش گىرمانلارنىڭ قۇلىغا كىلىپ بولغان لوڭقىنى ئېنگىلاندلىقلارنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى. بۇ نەتىجىنى بايرىنلىقلار قۇبۇل قىلالمايۋاتاتتى، مانچىستېرلىقلارمۇ ئىشەنگىسى كەلمىگەندەك قىلاتتى، لىكىن بۇ ئەمەلى نەتىجە ئىدى. شۇنداق قىلىپ مانچىستېر 2-ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالدى.

                                    لوڭقا سانى

ئىسپانىيە كۇلۇپلىرى لوڭقىنى ئەڭ كۆپ  ئالغان بۇلۇپ 13 لوڭقىسى بار. ئىتالىيە كۇلۇپلىرى 12 لوڭقا بىلەن ئىككىنجى، ئېنگىلاند 11 لوڭقا (چېلسىنىڭ يىڭى لوڭقىسى بىلەن12) بىلەن ئۈچىنجى ئورۇندا بۇلۇپ 7 قېتىم ھەل قىلغۇچتا مەغلۇپ بولغان. گىرمانىيە 6 لوڭقا بىلەن تۆتىنجى، گوللاندىيە 6 لوڭقا بىلەن بەشىنجى (گىرمان 7  ھەل قىلغۇچ قېتىم ئوينىغان)، پورتۇگالىيە 4 لوڭقا بىلەن ئالتىنجى (5 قېتىم ھەل قىلغۇچتا مەغلۇپ بولغان)، فىرانسىيە، رومانىيە، شوتلاندىيە، سابىق يۇگۇسلاۋىيە بىر قېتىمدىن لوڭقا ئالغان.

كۇلۇپلار ئىچىدە رىئال مادرېد 9 لوڭقا بىلەن بىرىنجى، مىلان 7 لوڭقا بىلەن ئىككىنجى، لىۋېرپۇل 5 لوڭقا بىلەن ئۈچىنجى، بايرىن، بارسىلونا، ئاجاكىسلار تۆتتىن لوڭقا ئالغان. مانچىستېر بىلەن ئىنتېر ئۈچتىن، يۇۋېنتۇس، بېنفىكا، نوتىنھام فورېست ۋە پورتو قاتارلىق كۇلۇپلار  ئىككىدىن ئالغان.


                   مەرگەنلەر

1-رائول                              ئىسپانىيە                          71 توپ.
2-ۋان نېستىلىروي                گوللاندىيە                         60 توپ.
3-شېفشىنكو                       ئوكرائىنا                           59 توپ.
4-ھېنرىي                           فىرانسىيە                          51 توپ.
5-ئىنزاگى                          ئىتالىيە                             50 توپ.
6-دى سىتىفانو                  ئارگىنتىنا                           49 توپ.
7-مىسسى                        ئارگىنتىنا                           49 توپ.
8-ئوسىبىئو                      پورتۇگالىيە                          46 توپ.
9-دىل پېيرو                     ئىتالىيە                              44 توپ
10-موريانتىس                  ئىسپانىيە                            39 توپ.
11-پوسكاس                     ۋېنگىرىيە                           36 توپ.
12-گىرىد مۇللېر                گىرمانىيە                          34 توپ.
13-دىروگبا                       كوتىدىۋور                         34 توپ.
14-تىرىزىگىت                    فىرانسىيە                         32 توپ.
15-رونالدو                      پورتۇگالىيە                         32 توپ.
16-زىنىيوف                      ئوكرائىنا                             31 توپ.
17-رىۋالدو                      بىرازىلىيە                            31 توپ.
18-ئىيتو                        كامىرون                              30 توپ.
19-كىلويىۋىرت               گوللاندىيە                           30 توپ.
20-ھىنتو                      ئىسپانىيە                             30 توپ.

ئۈزۈك شاھى!

135

تېما

12

دوست

2572

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9027
يازمىسى: 2572
نادىر تېما: 4
ياۋرۇ: 1067866
تۆھپە: 1098
ۋاقتى: 1138
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش 2 - لىك لوڭقىسى مادرىد لۈكچىكى دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 18:26:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوردىنھام ئورمانلىقلار  شۇ بىر لوڭقىنى ئېلىپ قويۇپ ....ھازىر ب دەرىجىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرىيدۇ. تېخى كۇلۇب تارقىلىپ كېتەي دەپ قالغاندا ، قايسى بىر سودىگەر سېتىۋاپتىغۇ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

Zirek

16

تېما

4

دوست

682

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10264
يازمىسى: 682
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 53105
تۆھپە: 100770
ۋاقتى: 415
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 19:02:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېمىدىن خېلى ئىشلارنى بىلىۋالدىم جۇمۇ
قاغا قاق ئېتىدۇ ، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئىتىدۇ .

ياغاچ كەسكەن پالتىنىڭ سىپى ياغ

33

تېما

3

دوست

3676

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11693
يازمىسى: 3676
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 66802
تۆھپە: 3978
ۋاقتى: 957
h
ھالەت

نادىرچى مۇنبەر قىززىقچىسى بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 19:51:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرگەنلەر تەرتىۋىدە خاتالىق باركەن، مىسسى بىلەن رونالدو ئۇنچىلىك ئارقىدا قالغان ئەمەس
پۇتبول دۇنيادىكى بىرىنچى ھەرىكەت

سېنى ئىسىمىزدە تۇتىمىز

74

تېما

2

دوست

3171

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  6997
يازمىسى: 3171
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 3562601
تۆھپە: 620
ۋاقتى: 1111
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش 4 - لىك لوڭقىسى مانچىستىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 20:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلبارىس يوللىغان ۋاقتى  2013-1-19 18:26
نوردىنھام ئورمانلىقلار  شۇ بىر لوڭقىنى ئېلىپ قويۇپ ....ھ ...

بىر قېتىم ئەمەس ئىككى قېتىم ئالغان ...  

سېنى ئىسىمىزدە تۇتىمىز

74

تېما

2

دوست

3171

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  6997
يازمىسى: 3171
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 3562601
تۆھپە: 620
ۋاقتى: 1111
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش 4 - لىك لوڭقىسى مانچىستىر لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 20:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رائۇلنىڭ ھەممىسى چىمپىيونلۇق بىرلەشمسىدىكى ئەمەس ...

مېسسى - تارىخ يار

2

تېما

0

دوست

832

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9553
يازمىسى: 832
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 68
تۆھپە: 848
ۋاقتى: 254
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 20:58:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ نوتىنھام دېگەن قايسى كۇلۇپ  توتىنھام مۇ يا.....
ئارسىنال، لىۋېرپول ئالغا ، ھۇررا ئېنگىلاد !!!

مەن پۇتبولنى سۈي

9

تېما

2

دوست

1467

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11735
يازمىسى: 1467
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 53886
تۆھپە: 1403
ۋاقتى: 158
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 21:08:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا زەردارلارنىڭ مادرىدقا يىتىشىدىغىنىغا يەنە خېلى باركەن جۇمۇ 9 قېتىم ئالغان بولسا !

ئېگەم ئوز رەھمىتىڭگە ئالغىن ،

1

تېما

6

دوست

2413

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10543
يازمىسى: 2413
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1148701
تۆھپە: 2359
ۋاقتى: 753
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 12:20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىت 9 قېتىم ئالغان ،،،  بۇنىڭغا يېتىش ئۇچۇن مىلاندىن باشقا كوماندىلارغا كام دىگەندە 20 يىل كېتەرمىكىن ،، ئەمما 20 يىلغىچە مادرىت ماڭا يىتىشىۋال دەپ قاراپ  تۇرمايدۇدە ،،،،   تۇزۇم ئوزگەرگەندىن كىيىن تېخى بىرەر كولۇپ ئۇدا چىمپىيۇن بوپ باقمىدى ،،،   ئىسپان بىرلەشمىسى ئەڭ كوپ ئالغان ئىكەن ،،،  ھەقىقەتەن ھەممە بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلىشقا لايىق بىرلەشمە ،،،  
بولسا چۇش كورگەنلىرىم ، كەتسەم ئىدى بىر ئويغۇنۇپ ،،،

ئېگەم ئوز رەھمىتىڭگە ئالغىن ،

1

تېما

6

دوست

2413

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10543
يازمىسى: 2413
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1148701
تۆھپە: 2359
ۋاقتى: 753
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 12:36:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-20 12:37  

مەرگەنلەر قاتارىدا مېسسى ئۇچىنجى ئورۇندا 56 توپ بىلەن ،،،   
بولسا چۇش كورگەنلىرىم ، كەتسەم ئىدى بىر ئويغۇنۇپ ،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )