ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 458 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پېنتو بىلەن بولغان توختامنى ئۇزارتىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئابىدار بارسېلونانىڭ بىرىنچى كوماندىسىدىكى توختامنى ئۇزارتىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئوبيېكت بولۇپ قالدى. ئابىدارنىڭ توختامى مۇددىتى بۇ يىل ياز توشىدۇ، ھازىر ئۇ ھەرقانداق بىر كوماندا بىلەن يۆتكىلىش توغرىسىدا ئىختىيارى سۆھبەتلەشسە بولىدۇ. بىراق «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، ئابىدارنىڭ بارسېلونادا داۋاملىق قېلىشى مۇقىملىشىپ قالغان، ئۇ مۇشۇ ئاي ئىچىدە بارسېلونا بىلەن بولغان توختام مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىدۇ.
بارسېلونا بىلەن ئابىدار ئۈزۈل-كېسىل بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئابىدار بارسېلونا بىلەن بولغان توختامنى يەنە 2 يىل ئۇزارتىدۇ. ئابىدارنىڭ بارسېلونادىكى تۆلەيدىغان باج نىسبىتى بۇ يىل ياز %24تىن بىراقلا %56 كە كۆتۈرۈلۈپ، بىر مەھەل ئۇ بارسېلونادىكى تەمېنات مەسىلىسىدە رازى بولماي قالغان. «كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ دېيىشىچە، ئىككى تەرەپ رەسمىي سۆھبەتلەشتى، بىراق بۇ گېزىت ئابىدارنىڭ يېڭى يىلدىكى مائاشىنىڭ قانچە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر نىمە دېمىگەن.
ئابىدار بۇنىڭدىن بۇرۇن توختام مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا ئېنىق بىرنىمە دېيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا كۆپ ئويلاشقان ئىدى. ئۇ بارسېلودا تۇرۇپ، ئېرىشىشقا تېگىشلىك بارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى شۇنداقلا باشقا بىرلەشمىلەرگە بېرىش كېرەكمۇ يوق توغرىسىدا كۆپ ئويلاشتى، چۈنكى AC مىلان، مانچېستېر بىرلەشمىسى، لېۋېرپول قاتارلىق زەردار كۇلۇبلار ئۇنى كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلدى،
ئويلا ئويلا، ئابىدار ئاخىرى يەنىلا روكامپ مەيدانىدا قېلىشنى تاللىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئابىدار كېلەر ھەپتە توختام مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى تاماملايدىكەن، كېچىككەندىمۇ يانۋار ئىچىدە بارسېلونا بىلەن بولغان يېڭى توختامنى تۈزۈپ بولىدىكەن.
|
|