- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7605
- نادىر
- 17
- يازما
- 7605
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-19 00:35

سەئۇدى ئەرەبىستان شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن ،سەئۇدى ئەرەبىستان پۇتبولچىلار جەمىيىتى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ ،يىغىندا ،16 ۋەكىلنىڭ بىردەك ماقۇللۇقى بىلەن ،دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى ( ئەينى چاغدىكى داڭلىق پۇتبولچى ) رىجىكاردنىڭ تېرېنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان .ئىگىلىنىشچە ،كوماندىنىڭ تېخنىكا مۇدىرى ، ئىسپانىيەلىك لوپېز ۋاقىتلىق رىجىكاردنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان .2-ئاينىڭ 6-كۈنى ،سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن جۇڭگو كوماندىسى ئوتتۇرسدا ئۆتكۈزۈلدىغان ئاسيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە يىتەكچىلىك قىلىدىكەن .
« دېڭىز قولتۇقى لوڭقىسى » مۇسابىقىسىدە ،سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنىڭ 0 : 1 نەتىجە بىلەن كۇۋەيت كوماندىسىغا ئۇتتۇرىۋېتىپ ، گۇرۇپپىدىن مۇددەتىن بۇرۇن شاللىنىپ كېتىشى رىجىكاردنىڭ تېرېنىرلىق خىزمىتىدىن ئايرىلىش قەدىمىنى تېزىلىپ قويغان .ئەمىليەتتە ،ئالدىنقى يىلى 6-ئايدىلا رىجىكاردنىڭ ئورنى تەۋرەپ قالغان .2012-يىل 2-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايون گۇرۇپپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ،سسەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى ئاۋسترالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرىۋېتىپ 10 كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىگەن .شۇ چاغدا سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچىدە رىجىكارد توغرىلىق غۇلغۇلا بولغان .ئاخىردا، يەنىلا پۇتبولچىلار جەمىيىتى رىجىكاردقا پۇرسەت بېرىپ ۋەزىپىسنى داۋاملىق ئۈتەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
6-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئەرەب دۆلەتلەر لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ،سەئۇدى ئەرەبىستان تۇنجى مەيداندا كۇۋەيتنى يەڭگەن ،پەلەستىن بىلەن تەڭلەشكەن ، يېرىم ھەل قىلغۇچتا لىبىيەگە ئۇتتۇرىۋېتىپ ،ئۈچىنچىلىكنى تالىشىشتا ئىراققا ئۇتتۇرۇۋەتكەن .ساھىپخان كوماندا قاراپ تۇرۇپ چىمپىيۇنلۇقتىن مەھرۇم بولغان .شۇنىڭ بىلەن توپ مەستانىلىرىنىڭ ، رىجىكارد « دەرستىن چۈشسۇن » دەپ ۋاقىرغان ئاۋازى تېخىمۇ ياڭرىغان .ئەمدى بۇ قېتىم دېڭىز قولتۇقى لوڭقىسدا يەنە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، رىجىكاردنى دەرھال خىزمەتتىن بۇشاتقان .
 |
|