- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6542
- نادىر
- 16
- يازما
- 6542
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-17 20:55

شاڭخەي شېنخۇادىكى دېرۇگبا ،لىئۇن كوماندىسىدىكى لوپېز ،بېلباۋ ئاتلىتكا مەرگىنى لورېنتې قاتارلىق پۇتبولچىلار ، نۆۋەتتە يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنىڭ يۆتكەپ كېلىشتىكى ئاساسلىق نىشانى بۇلۇپ ،بىراق بۇ سودا تازا ئۇڭۇشلۇق بولمايۋاتىدۇ .شۇنداقلا ۋاقتىنچە ئىلگىرلەش يوق ، 1-ئاينىڭ 15-كۈندىكى « مىلان تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، يۇۋېنتۇس كۇلۇبى يەنە 10 كۈن ساقلايدىكەن .ئەگەر دۇنياۋى سەۋىيىلىك ھۇجۇمچى يۆتكەش پىلانى مەغلۇپ بولسا ، ئاندىن ب پىلاننى ئىشقا سالىدىكەن .يەنى ، ئاتلانتا كوماندىسىنىڭ ھوجۇمچىسى گابىئادىنى ۋە پېسكارادىكى ئىموبىلېنى سېتىۋېلىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ .
« مىلان تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ،يۇۋېنتۇس كۇلۇبى دېرۇگبانىڭ يىللىق ئىش ھەققىگە باجنى چىقىرۋەتكەندىن كېيىنكى بەش مىليون 500 مىڭ ياۋرۇ بەرمەكچى بولغان .بىراق شاڭخەي شېنخۇ كۇلۇبى دېرۇگبانىڭ يۇۋېنتۇسقا بېرىشىغا چىڭ تۇرىۋالغان .ھەمدە ئالدىراپ قۇيۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .لورېنتېنىڭ توختامى يېقىندا توشىدىغان بولۇپ ، يۇۋېنتۇس دەسلەپتە ئۈچ مىليون ياۋرو باھا قويغان . لېكىن بېلباۋ رىقابەت كۇلۇبى ئىپادە بىلدۈرمىگەن .لىئۇن تەرەپ بولسا ، يۇۋېنتۇسنىڭ لوپېزنى دەسلەپتە ئىجارە ئاندىن سېتىۋېلىش پىكرىگە قۇشۇلمىغان .لىئۇن بۇ پۇتبولچىغا 8 مىليوندىن 10 مىليونغىچە ئەتراپىدا باھا قويغان .مانا بۇ يۇۋېنتۇسنىڭ ھازىرقى پۇتبولچى يۆتكەش جەھەتتىكى ئەھۋالى .
 |
|