akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1579|ئىنكاس: 55

گۇۋادىيالا ھەققىدە خەۋەرلەر....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوغلانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-17 14:44  

تۈنۈگۈنلا  تىپتىنىچ  ، ئەكسىچە گۇۋادىيالا  بىلەن ھىچقانداق ئالاقە  قىلمىدۇق  دەپ  خەۋەر  باسقان  بايرىن ئورگان  تورىدا  بۈگۈن  گۇۋادىيالا بىلەن توختاملاشقانلىق  ھەققىدىكى خەۋەرلەر  پارتىلاپ كەتتى........


بايرىن  تارىخىدىكى  تۇنجى ئىسپانيەلىك  مەشقاۋۇل.
  بايرىن بۈگۈن تۇيۇقسىزلا سابىق بارسىلونا  مەشقاۋۇلى گۇۋاردىيالا  بىلەن توختاملاشقانلىقىنى جاكارلىدى. بارسىلونادىن ئايرىلىپ بىر  يىل  ئارام  ئالغان بۇ   مەشقاۋۇل  نۇرغۇن كۇلۇپلارنىڭ  يۇقىرى مائاشلىق تەكلىۋىنى رەت  قىلىپ ئاخىرى گېرمانيە  مىيونخېن شەھرىنى تاللىغان. بايرىن كوماندىسى  تارىخىدىكى تۇنجى ئىسپانىيەلىك  مەشقاۋۇل بوپ  قالغان.
     پۈتۈن ئاخبارات  ۋاستىلىرى  گو مەشقاۋۇلنى ئېنگىلاندقا  بارىدۇ  دەپ  جەزىم قىلىۋاتقاندا ، ئۇنىڭ  گېرمانىيەگە  كىلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەرخىل ئويغا  سالدى. بۇ  ھەقتە گۇۋاردىيالانىڭ ۋاكالەتچىسى  خېسەي مۇنداق  دەپ  چۈشەنچە بەردى.
« بىز  بىلەن  ئالاقىلاشقان  بارلىق كۇلۇپلار  ئىچىدە ،  بايرىن مىيونخېننىڭ   چىقارغان  باھاسى ھەممىدىن تۆۋەن، ھەمما  گۇۋادىيالا  يەنىلا  بايرىننى تاللىدى، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بەزى يېڭىدىن گۈللەنگەن كۇلۇپلارغا  ئىشەنىچ  قىلالمايدۇ.ئۇ  يەنىلا  ئاشۇ  بۇرۇنقى  سابىق چولپانلار  بىلەن بىلەن  ھەمكارلىشىشىنى  خالايدۇ.ئۇ  ئۇلار  بىلەن پۇتبول ھەققىدە  ئورتاق تۇنۇشقا  ئىگە  كىشىلەر،ئۇنىڭ  بۇ  ئۈمىدىنى  ھازىر پەقەت  بايرىن كوماندىسىلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، بېكىنپاۋۇر، ھانىس، رۇمىنگى  قاتارلىق سابىق پۇتبول چولپانلىرىدىن تەشكىللەنگەن بايرىن يۇقىرى قاتلىمى ئۇنىڭغا ئىشەنچ ئاتا  قىلىدۇ  ئۇ  ھەم  ئۇلارغا  ئىشىنىدۇ...»


    كىشىلەر  ، ھازىر  بايرىن مىيونخېن  ھايىنكىسىنىڭ يتەكچىلىكىدە  بىر  ئوبدان  كىتىۋاتقان ئىدى،  نىمە  ئۈچۈن  گۇۋادىيالا  كىلىپ  ئۇنىڭ ئورنىنى  تارتىۋالىدۇ؟   دەپ   سوراشقاندا ، ۋاكالەتچى خېسەي مالىيا« گۇۋادىيالا  ھىچكىمنىڭ ئورنىنى  تارتىۋالمىدى، ھايىنكىس ئۆزى  بۇيىل  يازدا پىنسىيەگە  چىقىدىغانلىقىنى  بىلدۇرگەندىن  كىيىن، ئاندىن  گۇۋادىيالا بايرىن بىلەن  توختاملاشتى. ئۇ  ھەرگەزمۇ باشقىلارنىڭ ئورنىنى  تارتىۋېلىشنى خالىمايدۇ...»


گۇۋادىيالا  دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مائاشلىق مەشقاۋۇل بولدى.
  بايرىن گۇۋاردىيالا  بىلەن 3يىللىق  توختاملاشتى، يىللىق  ئىش  ھەققى  17 مىليۇن  ياۋرۇ  قىلىپ  بىكىتىلدى.بۇنىڭ  بىلەن  خانلىق مادىرىد مەشقاۋۇلى مورىنئونىڭ 15  مىليۇن ياۋرۇ  مائاشىدىمۇ ئېشىپ دۇنيادىكى  ئەڭ  كۆپ  مائاش  ئالىدىغان مەشقاۋۇلغا  ئايلاندى. پارىژ سانىت گېرمان مەشقاۋۇلى  ئەنچىلودى 13  مىليۇن ياۋرۇ  بىلەن 3-ئورۇندا،گۇاڭجۇ خېڭدا  مەشقاۋۇلى  لىپى 10 مىليۇن ياۋرۇ، فورگىنسون 9مىليۇن400مىڭ ياۋرۇ. ۋېنگىر 9  مىليۇن 300 مىڭ ياۋرۇ. ھېدنىك 8  مىليۇن ياۋرۇ  مائاش  ئالىدۇ.....

   گۇۋاردىيالا  مۇرشاۋۇرلۇققا ( ياردەمچى مەشقاۋۇل ، مەسلىھەتچى)   سابىق خانلىق  مادىرىد چولپىنى  راھۇلنى تەكلىپ  قىلماقچى...
گۇۋاردىيالانىڭ  مەشقاۋۇللۇق  ئورنى مۇقىملاشقان بولسىمۇ  ئەمما  ئۇنىڭ مۇرشاۋۇرلىرى  تېخى  بىكىتىلمىدى، ئۇنىڭ  بارسىلونادىكى  مۇرشاۋۇرى بىلانوۋا  ھازىر  بارسىلونا  مەشقاۋۇلى ،شۇڭا ئۇنى ئەپكىلىشكە  ئامال  يوق،شۇڭا ئۇ مۇشۇ  بىرنەچچە  ئاي  ئىچىدە  مۇۋاپىق مۇرشاۋۇر  نامزاتى بىكىتىشى  كىرەك بولغاچقا ئۇ  ئاۋۋال  سابىق  خانلىق  مادىرىد كوماندا  باشقاۋۇلى ( كاپىتان) راھۇلنى بۇ ئورۇنغا  تەكلىپ  قىلماقچى  بولىۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-17 14:48:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش-ئاداش بولايلى ئابلاجووووووووووووووووون
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-17 14:49:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ئىشەنچىلىك يېڭى ماكانىنى تىپىپتۇ، مائاشىمۇ يوقىرىكەن. مۇبارەك بولسۇن گۇئاردىئولا..رائولغىمۇ كاتتا پۇرسەت كەپتۇ...رائول كىلەچەكتە داڭلىق تېرنىر بوپ كەتكەيسەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-17 14:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا .... ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرىپ باقمىغان بىر يۆتكىلىش بوپتۇ ماۋۇ ... مىڭ توۋا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-17 14:51:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇئاردىئولانىڭ كوماندىنى يېتەكلەپ ياخشى نەتىجە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
ئۇمۇ  دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر تېرىنىرلارنىڭ بىرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-17 14:52:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ  گوتاقىر  ئادەم تاللاشقا بەك ماھىر جۇمۇ. ئەگەر راھۇل ياردەمچىلىككە كەلسە، ئوھوي  ئىشلا بەك قىززىق بوپكەتكۈدەك بۇيىل.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-17 14:54:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىممۇ ئويلىغان  بۇنى.........ئاجايىپ ئىشلار  بوپكەتىتىغۇ...

  پو ئۆلىما پەيدا  بوپتىيا  ما  خەۋەرنى  ئاڭلاپ.......دى كاتىپمۇ........




پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-17 15:02:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ئىش دىسە ......
مورىنىئو شارىكقا بارامۇ ئەمدى ؟!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-17 15:02:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇئادىئولا ھازىر قاتار بىرلەشمىسى ئارساد كۇلۇبىدا توپ تېپۋاتقان ،مادىرىدنىڭ تۆھپىكارى ،ئۈزۈك شاھزادىسى رائۇلنى ياردەمچى تېرنىرلىققا تەكلىپ قىلىپتۇ ،،،،،مەن مۇشۇ توغۇرلۇق تېمنى يېزىپ يوللاي دەپ مۇنبەرگە قارسام ئوغلانكام ،يوللاپتۇ ،،،،http://sports.sina.com.cn/g/laliga/2013-01-17/01576381030.shtml  بەك مەنبە تەلەپ قىلدىغانلار مۇنۇ ئادىرستىن كۆرەپ بېقىڭلار ،،،  
تۆنۈگۈن مەن تېخى خىيالىمدا بايرىن كۇلۇبى يلىغا ئاران ئۈچ يېرىم مىليون مۇئاش ئېلىپ گېرمانىيە بىرلەشمىسنى ئەمدى بويسۇندۇرماقچى بولغان ھاينكىسنى ھايدۋىتىپ ،نېمە ئۈچۈن يىلغا 17 مىليون ياۋرو مۇئاش ئالدىغان گېرمانىيە بىرلەشمىسگە ناتۇش گۇئادئولانى تېرنىر قىلدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ،،ئەسلىدە ھاينكىس ئۆزى پىنسيگە چىقماقچى ئىكەندە گۇئادىئولا رەھمەت ئېيتسا بولدۇ ،ھاينكىسقا ،،ئەمگەكنىڭ مېغىزنى چاقدىغاندا كۇلۇبتىن ئايرىلىدكەن ھاينكىس ،،،،،،،ئەمما رائۇل راستىنلا ياردەمچى تېرنىر بوپ قالسا ،،بايرىن تېخمۇ چاقناپ كەتكۈسى ،،          ئەمما قېركام قانداق ھېسياتتا بولغاندۇ ھازىر ،،گۇئادىئولا سۇمبۇلنى ئەنلىيەنى كۆرسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-17 15:04:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن بارلىق بايرىن مەستانلىرىنى مۇبارەكلەيمەن... مۇنەۋۋەر بىر تېرىنىرغا ئېرىشتىڭلار...

   شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنبەردىكى قېرىكامنىڭ بايرېىن مىدالىنى ھېچقانداق تالاش تارتىش ۋە چەك تاشلاشتىن مۇستەسنا ھالدا ، ئۆز قولۇم بىلەن ئېلىۋالىمەن... بۇمۇ قېرىكامنىڭ يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار ئالدىدا قېرىكامنىڭ پەقەت چېلىسى مەستانىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-17 15:07:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسا بەيرىننىڭ مۇسابىقىسىنى كورسەك بولاتتى كىلەر يىلى ئۇزغۇنلۇقتا ،،،،   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-17 15:09:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوكىنات يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 15:04
ئالدى بىلەن بارلىق بايرىن مەستانلىرىنى مۇبارەكلەيمەن. ...

  ماۋۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ ،،ئالدىنقى يىلى قېركامنىڭ مېنىڭ بىر تېمامدا ،،بۇ يىل ئۇزغۇنلۇقتا يەنە بىر مەيدان فەتىھ قىلمىز دېگىنى ئېسىمگە كەپ قالدى ،،،،چېلسى ئتپاق ئويناۋاتسا ،،بۇ يىل ئۇچۇرشالمايدىغان ئوخشايمىز قېركا ،،،     قىزىل مىدالنى قوشقوللاپ تاپشۇرۇپ كۆك مىدالڭنى ئسۋال ئىمدى مەھمۇدىيەكا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 07:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش