- تىزىملاتقان
- 2012-10-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1009
- نادىر
- 0
- يازما
- 1009
|
شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا مادرىدتا يەنە بىر قېتىم قالايمىقانچلىق كۈرۈلگەن، مورىنئو يەنە بىر قېتىم قىزىق نوقتا بوپ قالدى ئەمما بۇ قېتىمقى رەقىبى ئۆزگەرگنىدى يەنى بۇ بولسا ئۆزىنىڭ پورتىگالىيەلىك قېرىندىشى س.رونالدو ئىدى .
بۇ ئىش ئەسلىدە مادرىد بىلەن ۋالۇنسىيەنىڭ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يۈز بەرگەن بولۇپ ،ئورنى بوناۋودىكى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئىكەن ،كۆرگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە بۇ ئىككەيلەننىڭ ۋاقىراشقان ئاۋازىنى سىرتتا تۇرۇپمۇ ئاڭلىغىلى بولدىكەن ، ئىككەيلەننىڭ بۇنداق تالاش تارتىش قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئەسلىدە مۇسابىقە داۋامىدا مورىنىئو كۈرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ توختىماي س. رونالدونى توۋلىغان ،ئەمىليەتتە س. رونالدونىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىدىن رازى بولمىغان ئىدى ،مورىنىئو س. رونالدونى نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەرنى قولدىن بىرىپ قويدى ھەمدە كىيىنكى مەيداندا ئاكتىپلىق بىلەن ئۆز مەيدانىغا يېنىپ كىلىپ كوماندىنىڭ مۇداپىئەسىگە ياردەم بەرمىدى دەپ ئەيىپلىگەن.
مورىنىئونىڭ بۇ تەلىپىنى س. رونالدو قوبۇل قىلالمىغان ھەم ئۆزىدە مەسئۇلىيەت يوق دەپ قارىغان، س. ونالدو مورىنىئو ئاللىقاچان چەكتىن ئاشۇرىۋەتتى ھەم مىنىڭ ئىززىتىمگە ھۆرمەت قىلمىدە دەپ قارىغان ، مۇسابىقىدىن كىيىن ئۇ مورىنىئوغا بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرمەكچى بولغان،نەتىجىدە ئىككەيلەن ناھايىتى تىزلا ۋارقىرىشىپ كەتكەن ،ئەگەر كوماندىدىكىلەر بۇلارنى ئايرىۋەتمىگەن بولسا يەنە قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمەيتتى .
ئىسپانىيە ئاخپارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا س. رونالدو بىلەن مورىنونىڭ توۋلاشقانلىق خەۋىرى ناھايىتى تىزلا مادرىد كولۇپ رەئىسى فىلورىنتونىڭ قۇلىقىغا يەتكەن بولۇپ، كولۇپ رەئىسى ئىككەيلەننى چاقىرىپ ياخشىراق پاراڭلاشماقچى بولغان، س.رونالدو بىلەن مورىنىئونىڭ ئاىسىدىكى ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ ،لېكىن مورىنىئونىڭ توپچىلارغا بولغان تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ،ئەگەر بىرەرسى ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىسا دەرھال ئۇنى جازالايدۇ،ئەمىليەتتە س. رونالدومۇ ئىلگىرى بۇنداق ئىشقا ئۇچراپ باققان يەنى بارسىلونا بىلەن بولغان چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە س. رونالدو مورىنىئونىڭ جەڭ تاكتىكىسىدىن رازى بولمىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندە نەتىجىدە كىيىنكى قېتىمقى ساراگوزا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مورىنىئو تەرىپىدىن كۆرگۈچىلەر سۇپىسىدا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
مەنبە : شىنلاڭ تورى
ھازىر ئىشلارنىڭ قانداق بولۇپ كىتىدىغانلىقىىنى بىلەىلى بولمايدۇ ،لېكىن نىمىلا بولمىسۇن بۇ مادرىد ئۈچۈن ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس ،بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم !
|
|