- تىزىملاتقان
- 2011-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 2111
- نادىر
- 4
- يازما
- 2111
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-16 18:28
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، كەمىنە ئەلبارىستىن ھەممىڭلارغا ئاللانىڭ سالىمى بولسۇن!
خېلى كۈنلەر بوپتۇ، تىرىكچىلىك دەپ يۈرۈپ مۇنبەرگە تۈزۈك تېمىمۇ يوللىيالمىدىم. بىراق ئارقا سەپ خىزمىتىنى خېلى ۋاقتىدا ئورۇنداپ مېڭىۋاتىمەن دەپ ئويلايمەن. يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە بەزى ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنى بىرەرسى ئوتتۇرغا چىقىپ تىلغا ئالمىسا تۈزەلمەسلىكى ئېنىق، يەنە كېلىپ مەنمۇ بۇ ئىشلارنى دەپ تەلتۈكۈس تۈزىلىشىگە ئىشەنمەيمەن. شۇنداقتىمۇ مەكتەپتىكىگە ئوخشاش ھەپتىدە بىرە قېتىم سىياسىي ئۆگۈنۈش قىلىپ تۇرمىساق ، ئىدىيەرىمىزنى تازلاپ تۇرمىساق بولمىغۇدەك
ئەمدى گەپنى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاي:
1.مۇنبەر بەلگىلىمىسى ھەققىدە
يېڭى مۇنبەر سېستىمىسىدىن نەچچىنى سىناق قىلىش ئارقىلىق مانا بۈگۈن مۇشۇ Discuz دا توختىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنبەردىكى نۇرغۇن ئەزالار كۆنۈپ بولالماي ، تېما يېزىشتىن سوۋۇدى. بىراق يېڭىدىن ئەزا بولىۋاتقان ئەزالىرىمىزنىڭمۇ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. تېما دىگەننى تۆكىۋېتىدۇ. لېكىن بىر قانچە ئىشقا دىققەت قىلىشىڭلارنى سورايمىز:
1›تېما يوللىغان ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك سەھىپىگە يوللاش.
مۇشۇ ئىشتا دىققەت قىلمايدىغانلار بەك كۆپكەن. مۇنبەردە نۇرغۇن سەھىپىلەر بار. ھەممە بىرلەشمىنىڭ، شىنجاڭ ئىچىنىڭ ، ھەتتا مۇنبىرىمىز مەخسۇس سەھىپىمىزمۇ بار. تاپالمىسىڭىز مۇنبەر باش بېتىگە كىرگەندىن كېيىن ئاستىغا سىيرىپ قارىسىڭىز شۇ يەردە بارلىق سەھىپىلەر تولۇق. شۇنىڭدىن يازماقچى بولىۋاتقان خەۋىرىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك تۈرنى تاللاپ كىرىپ ، تېما يوللاش دىگەن يېرىدىن يوللاشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
بۇنداق بولغاندا باشقۇرغۇچىلارنى بىر ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان بولىسىز.
2›تېما كۆچۈرۈش.
بۇ ئىشقا كەلسەك مۇنبەردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پىكىرى بارغۇ دەيمەن. نىمىشقا دىگەندە كۆپىنچە تېمىلار نۇر تورى ياكى باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرلۈپ كىرىپ قالىدىغان ئىشلار خېلى ئاۋۇپ قالدى. بىز دەسلىپىدە قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەيلى دەپ يول قويدۇق. مۇشۇ ئەزا تېما يوللاشنى ئۆگىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ يول قويۇپ باقتۇق. بىراق ئۆزىنى بىلمەي يەنە يوللاۋەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش داۋاملىق ئۆزى كۈچ چىقىرىپ يازىدىغان مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ كۆزىگە سىغمىدى. ئاندىن بىزمۇ ئۆچۈرۈشكە باشلىدۇق. بىراق شۇنچە ئەسكەرتىپ تۇرۇپ ئۆچۈرسەكمۇ ، تېما يوللىغۇچى قايسى بىر تېمىلارغا كىرىپ ،« پالانى تېمامنى ئۆچۈرۈپتۇ، ئەمدى ئىككىنچى تېما يوللىمايمەن! مۇنبەرگە كىرمەيمەن! قىزغىنلىقىم نۆل بولدى......» دىگەندەك بىر تالاي گەپلەر بىلەن ئىنكاس يېزىپ قويىدىكەن.بۇلارنى كۆرۈپ كۈلەي دىسەك تېخى ، يىغلاي دىسەك تېخى.شۇڭا بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىپ ، تېما يوللىغۇدەك بولغاندا ئامال بار ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلىپ يوللىسىڭىز.نۇر تورىدىن خەۋەر كۆچۈرۈلسە شەخسەن مەن بەك خىجىل بولىمەن. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىمنى، ھەتتا تېلىفۇن نومۇرۇمدىن تارتىپ بىلىدىكەن. بىر لا تېلفۇن بىلەن ئادەم خىجىل قىلىدىكەن. بىلسەڭلار نۇر تورىدىكىلەر باشقىلارغا پۇل بىرىپ خەۋەر تەرجىمە قىلغۇزىدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالساق. بەك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالغان تېمىلىرىڭىزنى كۆچۈرگەندىن كېيىن، چىرايلىق ھالدا ئۇلانما مەنبەسىنى بىرگە ئەكىلىپ چاپلاپ قويسىڭىز بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا ھەممە توربەتچىلىكنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
3›تېمىغا چۈشكەن ئىنكاس توغرىسىدا.
يېقىندىن بۇيان پۈچەك ئىنكاس ئوينايدىغان ئىشلار بەك ئاۋۇپ كەتتى. شۇلارغا قاراپ ماۋۇ باشقۇرغۇچىلار ھەتتا ئۆت كېسىلى قوزغىلىپ قېلىۋاتقانلار بار. نىمە ئىش ؟ يەنە شۇ تېمىدا جېدەل تېرىپ ، ئانا-مانىسىنى ،ئاچا-سىڭىل ،ئورۇق-تۇققانلىرىنى چىشلەپ تارتىش. بىر-بىرىگە مەقسەتلىك ئازار بېرىش . ئۆزىنى تۇتىۋالماي ئىناۋىتىنى پوق قىلىدىغان ئىنكاس يېزىش. باشقىلارنىڭ ھېسىياتىنى قەتئىي ئويلاشماسلىق. ئاخىرى كېلىپ ، مىللەت، دىن توغرىسىدا ھارغۇچە لېكسىيە سۆزلەش. شۇنىڭ بىلەن بىز نىمە قىلىمىز ؟ شۇ ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز ، ياكى ئېغىرراق بولسا چەكلەپ تاشلايمىز. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇ گەپ :« پالانى ئىنكاسىم ئۆچۈرلۈپتۇ، لېكىن ئەسكەرتمەپتۇ! باشقۇرغۇچى تۇرۇپ مۇشۇنداق ئىشنى قىلسا بولامدۇ؟! نەرى باشقۇرغۇچى؟! ... ئادىل ئەمەسكەن! تېخى چەكلىۋەتسەك بىردەمدىلا كىچىك نۇمۇردىن بىرنى ئېلىپ كىرىدۇ دە، مېنى نىمىشقا چەكلەيسىلەر ؟! قايسىڭ چەكلىدىڭ! ......» دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ، باشقۇرغۇچىلارغا بولغان بىر تالاي نارازىلىقىلىرىنى بىلدۈرىشىدۇ. لېكىن نىمىشقا :«مەن نىمىشقا چەكلەندىم؟ كىملەرنىڭ چىشقان پوقىغا تېيىلدىم؟......» دىگەنلەرنى ئويلاشمايدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا دەيدىغىنىم : ئامال بار ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن ماۋۇ پاتتاڭنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىنى ئوبدان ئىشلىتىپ تۇرۇپ يېزىڭلار. ھە دىسە ، باشقىلارنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ ، ئاقىۋەت پقىغا چاچراپ تەڭ چەكلىنىپ ، ئاچچىق يۈتىۋالسىڭىز بىزنىڭمۇ ئامالىمىز يوق!
2. مۇنبەر سېستىمىسى ھەققىدە
بۇ تۈردە جىق مەزمۇن يوق . مەن شۇ ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلماقچى، باشقا ئەزالار نىمىلەرنى ئويلىدىكىن بۇنى تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويساڭلار بولىدۇ.
1›مىدال مەسىلىسى
مۇنبەر يېڭى سېستىما كۆچكەندىن كېيىن مۇشۇ ئىش بېشىمىزنى قاتۇردى. چۈنكى بۇ مۇنبەر سېستىمىسدا باشقۇرغۇچىلارنىڭ مىدال بېرىش ھوقوقى يوق ئىكەن. مۇشۇ توغرىسىدا نەچچە قېتىم ئىنكاس بىلەن چۈشەندۈرۈش بەرسەكمۇ ،بەزى ئەزالار ھازىرغىچە نارازى. شۇڭا مۇشۇ نۇقتا ئېنىق بولۇپ كەتسە، باشقۇرغۇچىلار مىدال بېرەلمەيمىز. بىراق نىجات ئۆزى بىرەلەيدۇ. لېكىن نىجاتنىڭ ۋاقتى يەتمەيدىكەن. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ئويلىشىپ ، يا بىزگىمۇ شۇنداق ھوقوقنى بەرسە بۇ ئىشلار ھەل بولاتتى.
2›ئېسىل يازما ياكى ئىنكاس باھالاش
بۇ يەردىمۇ بىر مەسىلە بار. يەنى بۇرۇنقى مۇنبەر سېستىمىسدا خالىغان يەرگە يېزىلغان ئېسىل ئىنكاس ياكى تېمىلارنى ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن باھالاش ئېلىپ بارالايتتۇق. بۇ ھوقوق باشقۇرغۇچىلاردا بار ئىدى. بىراق ماۋۇ سېستىمىدا بۇ يەرنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تاپالمىدىم. قايسى كۈنى سىرداش بىر تېمىنى باھالاپتىكەن. بىراق قانداق قىلغىنىنى بىلەلمىدىم. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن باشقۇرغۇچىلار بۇنى قىلالمىدۇق. ئەسلى بۇ باھالاش ياخشى ئىش ئىدى. ياخشى ئىنكاسلارنى باھالاش ئارقىلىق باشقا ئەزالارغا ئۈلگە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايىتتى.
3›ئۇنۋان مەسىلىسى
مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولغاندا ؛ بىر قاتار دەرىجىلەر بار. مەسىلەن دەسلەپ ئەزا بولغاندا تاماشىبىن دەپ چىقىدۇ. كېيىن بارا-بارا ھەۋەسكار ، مۇنەۋەر ھۇجۇمچى، كوماندا باشلىقى، لۈكچەك ، ئالىي ئەزا، مۇنبەر تۆھپىكارى،دىگەندەك . لېكىن مۇشۇ مەسلىدىمۇ ئەزالارنىڭ خاتا قارىشى بەك ئېغىر. يەنى بەزى تېمىلارغا كىرىپ باشقۇرغۇچىلاردىن پالانىنى لۈكچەك قىلىلى ، پوكۇنىغا ئۇنۋان بىرىلى دەپ يامان قاخشاپ كىتىدىكەنسىلەر. يەنە دىسەم يەنە شۇ گەپ. ئۇنۋاننى بىز بىرەلمەيمىز( باشقۇرغۇچىلار دىمەكچى) ، بۇنى يەنىلا نىجات قىلىدۇ. شۇڭا مۇشۇ مەسىلىدە ئەزالار توغرا قاراشتا بولسا دىگەن ئۈمۈدتە مەن. لۈكچەك بولۇشنىڭ ئۆلچىمى قارسىغا تېما ،ئىنكاسلارنى ياغدۇرىۋېتىش ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى باشقىلارنى قايىل قىلىدىغان تېتىملىق ئىنكاسلىرى بىلەن كۆزگە چېلىقىش. شۇنداق بولغاندىلا باشقۇرغۇچىلار ھەيئىتى ئۇنى لۈكچەك قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىمىز.
3. باشقۇرغۇچىلار ھەققىدە
1› باشقۇرغۇچىلارغا بولغان پىكىرلەر
باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلسىكەن دەيمەن. خېلى بولدى نۇرغۇن تېمىلاردا باشقۇرغۇچىلارغا بولغان نارازىلىق ئەرىزلىرى كۆپىيىپ كەتتى. كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى پۈتۈنلەي باشلىق ئالماشتۇرۇش ۋە باشلىقلارنى قايتا سايلاش. دىگەندەك ئىنكاسلار. بوپتۇ ئۇنىغۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەزالارغا زەخىم يەتكۈزىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايلى. بىراق ئاشۇ گەپنى قىلىۋاتقانلار باشقۇرغۇچىلارنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوبدان ئويلىشىپ باقسا دىگەن ئۈمۈدتە مەن . ئىنكاسى ئۆچۈرۈلسە ياكى تېمىسى ئۆچۈرۈلسە ، خالىغان تېمىغا كىرىدىكەن دە ، شۇنىڭ بىلەن باشقۇرغۇچىلارنى تىللاشقا باشلايدىكەن. تېخى يۇرىتۋازلىق قىلدى دەپ كايىپ كىتىشلىرىدىن ئۆرگىلەي. مەنغۇ بۇ مۇنبەردە ئۇنداق قىلغانلارنى كۆرۈپمۇ باقمىدىم. يەنە بىرگە بەزى ئەزالارنىڭ (مەن قىسمەن ئەزالارنى دەۋاتىمەن جۇمۇ ) :« بارسېلونا مەستانىلىرىن باشقۇرغۇچى يوقكەن!بۇ مۇنبەردە بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ كۈنى تەسكەن ....» دەپ بىر تالاي ئاغرىنىشلىرى مۇنبەرنى بىر ئالدى. كۈلگۈم كېلىۋاتىدۇ. بىز باشقۇرغۇچىلار ئەجىبا خانلىق مادرىد ۋە باشقا كۇلۇبلارغا بولۇشۇپ ، بارسېلونا مەستانىلىرىنى ئۇر-توقماق قىلىپ ئويناۋاتقان ئوخشىمامدۇق؟ باشقۇرغۇچىلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش توپ قىزىقىشى بار ئىنسان. ھەرگىزمۇ مۇردا ئەمەس .
2› باشقۇرغۇچىلارغا بولغان تەلەپلەر
تۆۋەندە مەن باشقۇرغۇچىلارغا ئۆزۈمنىڭ باشقۇرغۇچىلارغا بولغان كىچىككىنە تەلىپىمنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ قوياي. باشقۇرغۇچى بولغاندىكىن مۇنبەردە تېگىشلىك ۋەزىپىمىزنى تولۇق ئادا قىلايلى. يەنى تېما تەستىقلاش، مۇكاپاتلاش، ئەخلەت تازىلاش، جازالاش. دىگەندەك ھوقوق دائىرىمىزدىكى ئىشلارنى چوقۇم ياخشى قىلايلى. ھازىر كۆپىنچە ئەزالارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاغرىنىشى بولسا :«باشقۇرغۇچى تۇرۇپ پالانى ئىشنى كۆرمىدى! باشقۇرغۇچى بولغاندىكىن مانداق قىلمىدى. ئانداق قىلمىدى، تېمامنى سەۋەبسىزلا ئۆچۈردى، پالانى ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۈپ ، پوكۇنىنىڭ ئىنكاسىنى ئۆچۈرمىدى..............» ۋاي ئىشقىلىپ بەك جىق. شۇڭا دەيمەن ، تېما تەستىقلىساق سۈپىتىگە قارايلى. ئىنكاس ياكى تېما ئۆچۈرسەك ، چوقۇم ئەسكەرتەيلى! بىكار ئۆزىمىزنى باشقىلار ئالدىدا «ناچار» كۆرسەتكەندىن .ئەزا چەكلەيدىغان ياكى تېما نادىرلايدىغان ئىشلار بولسا باشقۇرغۇچىلار توپى ھەرۋاقىت ئوچۇق ، شۇ يەردە مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلساق بولىدۇ. بىرىنىڭ تېمىسىنى گەپ قىلماي بىرىمىز نادىرلىساق ، يەنە بىرىمىز نادىرلىقتىن قالدۇرساق. بىرىمىز ئەزا چەكلىسەك يەنە بىرىمىز قويىۋەتسەك ! باشقىلارنىڭ پىكىرى چىققىنى چىقققان. شۇڭا يۇقارقى ئىشلاردا بەك دىققەت قىلساق دەيمەن.
3. يېڭى ئەزا بولغانلار ۋە مۇنبەر ئويناش ھەققىدە
1› يېڭى ئەزا بولغانلارغا تەكلىپ
مۇنبىرىمىزگە 2012- يىلدىن تارتىپ يەنە 1000دىن ئارتۇق ئادەم تىزىملىتىپ ئەزا بوپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭلارمۇ بار، كىچىكلەرمۇ بار. ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك: مۇنبەر نى ئويناۋاتقىلىمۇ 5 يىل بولدى. مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن ئېسل مەستانىلەرنى ئۇچراتتىم. شاتراق مەستانىلەرنىمۇ ئۇچراتتىم. دىمەكچىمەنكى ھازىر مۇنبىرىمىزدە خالىغان بىر شەخىسنى كۆزدە تۇتۇپلا مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرىپ جېدەل تېرىش بەك ئېغىر. ئەلۋەتتە شەخىسكە بولغان قىزىقىشىڭىزغا بىز ئارلىشالمايمىز. بىراق ئەقەللىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۇ بىر بىچارىلىك! چۈنكى پۇتبول نوقۇل بىرلا ئادەمنىڭ تەنھەركىتى ئەمەس، ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئېلىشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز ئۇ باشقا گەپ. ئەڭ مۇھىمى سىز پۇتبولنى قانچىلىك چۈشەندىڭىز؟ مۇشۇلارنى ئوبدان ئويلىشىڭ، ئاندىن سىز توختالماقچى بولغان مەسىلە ئۈستىدە توختالسىڭىز ھەمدە شۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. نەدىكى قاملاشمىغان پۈچەك نەرسىلەر بىلەن ، باشقىلارنىڭ غورورىغا تەگسىڭىز خەقنىڭمۇ كۆڭلى بار. قاراپ ئولتۇرمايدۇ دە، شۇنىڭ بىلەن جېدەل باشلىنىدۇ. بىز قاراپ تۇرمايمىز.
2›مۇنبەر ئويناش
بۇنداق دىسەم ھەقىچان بەزىللىرىڭلار ئاغزىڭلارنى تۇتۇپ كۈلىشىڭلار مۇمكىن. بىراق بۇنىمۇ دەپ ئۆتمەي بولمىدى. چۈنكى شۇنداق بىر كىشىلەر پەيدا بولدى. «بۇدىگەن مۇنازىرە مۇنبىرى، قانداق مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ! ............» دەپ ئۆزىچە چوڭ سۆزلەيدىغان بولىۋالدى. شۇنداق بۇ مۇنبەر بولغاندىكىن خالىغانچە مۇنازىرە قىلىشىمىز . بىراق نۇرغۇن تەسىرى ياخشى بولمىغان مۇنازىرىلەر ئادەمنى قورسىقىنى كۆپىرىدۇ. كىچىك باللا چوڭىنى ھۆرمەتلىمەيۋاتقان، چوڭلىرى كىچىكلىرىنى ئىززەتلىمەيۋاتقان. ئىشقىلىپ ئاغزىدىن پوق چىققۇچە تىللىشىپ ، مۇنبەردىن چەكلىنىپ ئاران ئارام تاپىدىغان . ئاندىن كىچىك نۇمۇرلار بىلەن كىرىپ قالايمىقان قىلىۋاتقان. ئىشقىلىپ مۇشۇ بىر قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ راۋۇرۇس ئويلىنىپ باقسا بولىدۇ. مۇنازىرە مۇنبىرى بۇ ، قانداق قىلالايىتتىڭ دەپ ئۇرۇش پىلتىسىغا ئوت يېقىپ ، ئاندىن سىرىتتىن كۆرىۋاتقان كىشىلەرگىمۇ ئەجەپ ناچار ئادەملەر بار مۇنبەركەن بۇ دەپ تەسىر بىرىپ ،ئوبرازىمىزنى چۈشۈرسەك قاملاشماس.
4. خۇلاسە
بەلكىم يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىرىم مۇكەممەل بولمىدى. بۇنىسى ماڭا ئايان، ماۋۇ تېمىنى ئەتىگەن دۇكانغا كېلىپلا يېزىشقا باشلىغان، ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ئېلھام قېچىپ كىتىپ تولۇق يوللانماي قالدى. شۇنداقتىمۇ مەن دەپ بولالمىغان باشقا مەسىلىلەرنى باشقۇرغۇچىلار مۇشۇ تېمىغا تەھرىرلەپ قويسا دىگەن ئۈمۈدتە مەن .
ئاخىردا دەيدىغىنىم : بىز باشقۇرغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا ئادەم. پۇتبولغا ئوتتەك ئىشتىياق بولغاندىكىن، بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز خالىس قىلىۋاتقان ئىشلار ، بىرە ئورگان بىزگە مۇئاش تارقاتمايدۇ. شۇڭا ، قاراتمىلىق گەپلىرىڭلارنى ئازراق قىلساڭلار. پىكىرىڭلار بولسا ، چىرايلىق قىلىپ تېما يوللاپ ئوتتۇرغا قويۇڭلار ، خالىغان تېمىغا كىرىپ ، چىچىپ ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان ئىشنى ئاز قىلىپ. كونىلار دەپتىكەنغۇ :ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ ، دەپ . مۇشۇ سەۋەبلىك مۇنبىرىمىزدە توختى قارىم بىلەن رىۋايەت ئىينىم بىكار ئۆت كېسىلى بولۇپ قالدى. يا داۋالايدىغان ئادەم يوق.[s:21]
ياخشى پىكىر تەكلىپلىرىڭلار بولسا ئايىمىغايسىلەر!
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 10
باھا خاتىرىسى
|