akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5657|ئىنكاس: 34

خان مادىرىدنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتىكى سەپ شەك...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salkin007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 20:03  

      خان مادىرىدنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتىكى سەپ شەكلى رەسىمى     ( ساقلاش  قىممىتىگە ئىگە )
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى يەنى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى  ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچى  ۋە ھوزۇرلاندۇرۇش كۈچى جەھەتتىن دۇنيا لوڭقىسى  قاتارلىق  مۇسابىقىلەردىن تۆۋەن  تۇرمايدۇ  «خان جەمەتى مادىرىد» تارىختىن بۇيان 9 قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان  .
  
    1-قېتىملىق
   1956-1955يىللىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل  قىلغۇچ
خان مادىرىد 4-3 رىمىز   
ئورۇن :  پارىژنىڭ پارىژ شاخزادىسى باغچا مەيدانى
رىمىز  كوماندىسى  بولسا  فىرانسىيە ئا دەرجىلىك بىرلەشمىسىدىكى بىرپۇتبول كۇلۇپ
  
سۈرەتتە :  ئۈستىدىن سولدىن ئوڭغا    ئالونسو   ، ئاتېنزا  ،ماكىتوس ،رافائىل ، مونىئوس (كاپىتان ) ،زىراگا  
                ئاستىدىن سولدىن ئوڭغا    جوسېيىتو ، مارسال ،دىستىفانو ، رىئالى ،جېنتو
مۇسابىقە ئەھۋالى : بۇ  بىر  قەدە ر  كىلاسسىك  مۇسابىقە بولۇپ  مۇسابىقىدە   مادىرىتتىن توپ ئۇرغانلار  بولسا  دىستىرفانو ، رىئالى قاتارلىقلار .
    2-قېتىملىق
   1957-1956 يللىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل  قىلغۇچ
  خان مادىرىد 2-0 فىلورىنسا  
  ئورنى : مادىرىد بېرنابۇ مەيدانى ( شۇ  ۋاقىتتىكى تاماشىبىن سانى 12تۈمەندىن ئاشقان )
  
  سۈرەتتە :  ئۈستىدىن سولدىن ئوڭغا    ئالونسو   ، توررېس ، ماكىتوس ، رافائىل ،مۇنىئوس (كاپىتان )،  زىراگا
                 ئاستىدىن سولدىن ئوڭغا    كوپا ، ماتوس ، دىستىفانو، رىئالى،جېنتو
مۇسابىقە ئەھۋالى : بۇ  مەيدان  مۇسابىقىدە  مەستانىلەر سانى ئەڭ كۆپ  بولغان ،يەنە  12 تۈمەندىن ئاشقان .
    3-قېتىملىق
  1958-1957يىللق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل  قىلغۇچ
خان مادىرىد 3-2  AC مىلان  
ئورنى : خەسىل توپ مەيدانى

  سۈرەتتە :  ئۈستىدىن سولدىن ئوڭغا    ئالونسو ( كاپىتان ) ، ئاتېنزا ، سانىت مارىيا ، رافائىل ،سانتىستۇربېن ، زىراگا
                 ئاستىدىن سولدىن ئوڭغا     كوپا ،  جوسېيىتو ،  دىستىفانو ،  رىئالى ،  جېنتو
مۇسابىقە ئەھۋالى : بۇ  بىر  AC مىلان ۋە  خان  مادىرىد ئوتتۇرسىدىكى  كىلاسسىك مۇسابىقىلارنىڭ  بىرى  بولۇپ  ، 90 مىنۇت ئىچىدە  تەڭلىشىپ  قالغان  ، كېيىن قوشۇلۇپ  بېرىلگەن  ۋاقىت ئىچىدە خان مادىرىد ئەزاسى جېنتو  AC مىلاننى  بوغۇزلاپ  خان  مادىرىد  ئۇدا ئۈچ  يىل  چېمپىيۇن بولغان .
   4- قېتىملىق
  1958 -1959يىللىق  ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل  قىلغۇچ
خان مادىرىد 2-0 رىمىز
  ئورنى : كارىل توپ مەيدانى
  
  سۈرەتتە :  ئۈستىدىن سولدىن ئوڭغا:   كوپا ، ماكىتوھ،  دىستىفانو، رىئالى، جېنتو
                 ئاستىدىن سولدىن ئوڭغا:      سانتىستۇربېن  ،سانىت مارىيا ،دومىنگېز  ،  زىراگا ، لۇيىز  
  مۇسابىقە ئەھۋالى :   مادىرىتتىن  توپ  كىرگۈزگەنلەر  بولسا   ماتوس  بىلەن  دىستىفانو .
  5- قېتىملىق  
  1960-1959 يىللق  ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل  قىلغۇچ
خان مادىرىد 7- 3 فىرانكفۇرىت
ئورنى : خامپىتون توپ مەيدانى


  سۈرەتتە :  ئۈستىدىن سولدىن ئوڭغا   دومىنگېز  ، ماكىتوھ  ، ،سانىت مارىيا ، پاگىن ، بىدار ،زىراگا ( كاپىتان )
                 ئاستىدىن سولدىن ئوڭغا    كانارىئو ،  لۇيىز دېلسول ، دىستىفانو ، پۇسكاس ، جېنتو
  مۇسابىقە ئەھۋالى :   مۇسابىقىدە  بىرقەدەر  چوڭ نومۇر پەرىقى شەكىللەنگەن ،  مادىرىد تەرەپتىن  پۇسكاس « چوڭ تۆت خوشاللىق » ئويۇنى ئوينىغان  ۋە  دىستىفانو  قالپاق  كەيگەن .    مەيدانغا  كىرگەن مەستانىلەر  سانى  12.5 تۈمەندىن ئاشقان
6- قېتىملىق
1965 -1966يىللىق  ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل  قىلغۇچ
خان مادىرىد 2-1 بېلگىرىد پارتىزانلار
ئورنى : خەسىل توپ مەيدانى


  سۈرەتتە :  ئۈستىدىن سولدىن ئوڭغا   ئالجىستايىن ، پاگىن ، دېفىلىپې ، سانچېس، مۇنىئوس ( باش تېرىنېر )  ، پىلى ، زوكو ، بېتانكورىت
                 ئاستىدىن سولدىن ئوڭغا    سېرىنا ، ئامەنسيو ، گىروسسو ، بىلاسكېس ، جېنتو
   مۇسابىقە ئەھۋالى :مادىرىد  تەرەپتىن توپ كىرگۈزگەنلەر بولسا   ئامەنسىيو ،  سېرىنا  بولۇپ   ،  بۇ  پارچە سۈرەت  بىر  قەدەر ئالاھىدە  بولۇپ   رەسىمدىكىلەرنىڭ  ھەممىسى  مادىرىدتىكى ياش  ئىسپانىيەلىك ماھىرلاردىن  تەشكىللەنگەن .
  7- قېتىملىق
  1997 -1998 يىللىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل  قىلغۇچ
  خان مادىرىد 1-0 يوۋېنتۇس
  ئورنى : ئامىستىردان رىقابەت مەيدانى

  سۈرەتتە :  ئۈستىدىن سولدىن ئوڭغا   ئىلگېنېر    ،  ھىررو  ، شىدوفو ،  رېدوندو ، پانۇچ ، مورېنتېس
                 ئاستىدىن سولدىن ئوڭغا    كىمبا ،  مىجدىۋېك ،  ، كارلوس ، رائۇل  ،  كىچىك سانچېس ( كاپىتان )
  مۇسابىقە ئەھۋالى :   توپ  كىرگۈزگۈچى  بولسا  مىجدىۋېك .
  8- قېتىملىق
1999 - 2000يىللىق  ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل  قىلغۇچ
خان مادىرىد 3-0 ۋالىنسىيا

  سۈرەتتە :  ئۈستىدىن سولدىن ئوڭغا   كاشىلىياس ،  ئايۋىن كەمپو ،  رېدوندو،  مورېنتېس ، ئانىركا ، كارېنكا ،
                 ئاستىدىن سولدىن ئوڭغا    سالگادو ، كارلوس ،رائۇل ، مانامان ،خەلگىرا
  مۇسابىقە ئەھۋالى : مورېنتېس  ،   مانامان  ، رائۇل  توپ ئۇرغان
  9 - قېتىملىق
  2001 -2002 يىللىق ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل  قىلغۇچ
خان مادىرىد 2-1 لېۋىركىسون

   سۈرەتتە :  ئۈستىدىن سولدىن ئوڭغا    سېيسار ، ھىررو  ،  خەلگىرا  ، سولارى ، فىگو ، زىدانى
                  ئاستىدىن سولدىن ئوڭغا     ماكېلا ،   سالگادو ، كارلوس ،رائۇل ، مورېنتېس
  مۇسابىقە ئەھۋالى  :  توپ كىرگۈزگەنلەر  بولسا  رائۇل  ، زىدانى .  بۇ  مەيدان مۇسابىقىدىكى  زىدانى كىرگۈزگەن توپ ناھايتى چىرايلىق  كىرگەن  .
              

  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 20:11:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاستلا ساقلاپ قويۇش قىممىتى باركەن ، كۆپ رەھمەت .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 20:23:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانىنىڭ ھېلىقى توپى قالتىس كىرگەن ،،،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 20:34:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۇن مۇنبەردىكى قايسىلا تىمىغا كىرسەم بىر يەردە ناخشا چىقىدىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 20:47:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇدا بەش قېتىم ئاپتىكەن ھە .
7- قېتىملىقتا كاكامۇ بامۇ نېمە
8-قېتىملىقتا كارلوس نېمگە ئالدىرىغان بولغۇيتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 21:20:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيىل 10- لوڭقىنى قولغا كەلتۈرسە بولاتتى..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 21:20:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيىل 10- لوڭقىنى قولغا كەلتۈرسە بولاتتى..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 21:27:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ دەسلەپتىلا ئېلىۋالغان 5 لوڭقىنى دىستىفانو بار چاغلاركەن دە...
كونىلاردىن ئاڭلىسام ئۇ 5 لوڭقىنى پادىشاھ ئارمىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئېلىپ بەرگەن دەيدۇ
ئۇنداق ئەمەستۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 21:29:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاسىللاس قاچاندىن باشلاپ مادرىتتا توپ تەپكەن بولغىيتى. مادرىتتا نەچچە توپ كىرگۈزگەندۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 22:53:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 21:27
ئاۋۇ دەسلەپتىلا ئېلىۋالغان 5 لوڭقىنى دىستىفانو بار چاغ ...


قىززىق گەپ بولدىدە ... ئىسپانىيە پادىشاھى  پۈتۈن ياۋرۇپانى سورىمايدىغان بولغىيتى ئۇ چاغدا !   بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ گىپى بولغان بولسا مۇشۇنداق دىگەن بولسىڭىزمۇ كاشكى  .. ماۋۇ دىگەن ئۇزغۇنلۇق !   ياۋرۇپادىكى ھەربىي كۈچى ئىسپاندىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۇلۇبلىرىمۇ قاتنىشىدۇ بۇ مۇسابىقىگە .. كىچىك بالىدەك ئىنكاس يازماڭلا ئۇنداق !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 22:55:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىزان يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 22:53
قىززىق گەپ بولدىدە ... ئىسپانىيە پادىشاھى  پۈتۈن ياۋرۇ ...

ئەمسە خەق مېنى خاتا ئاخپارات بىلەن تەمىنلەپتۇ دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-1-15 23:02:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-15 22:55
ئەمسە خەق مېنى خاتا ئاخپارات بىلەن تەمىنلەپتۇ دە

خاتا ئاخبارات ئىكەنلىكىنى ئازراق كاللىسى بار ئادەم بىلەلەيدۇ  !   ئىسپانىيە پادىشاھى دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەرگە ئارلىشالىسا قانداقكىن بىراق ماۋۇنىڭدەك بىر قىتئە ئۇيۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىگە ئارلىشالايدۇ دىسە  قۇرت-قوڭغۇزلارمۇ ئىشەنمەيدۇ !   لوڭقىنىڭ دەردىدە ئاقسا -ئاقمىسا ھەرنىمىلەرنى دەپ باقىدىغان بوپ قاپسىلە مۇشۇ كۈنلەردە  !   
ئەينى يىلى بارسىلونا مادرىدتىن 11 توپ ئىستىمال قىلىۋالغان بىر مۇسابىقە بار ....بەزىلەر ئاشۇ مۇسابىقىگە ئىسپانىيە پادىشاھ ئارمىيىسىنىڭ قولى بار  دەپ گەپ تاپقان  .. بۇ پاراڭنى ئاڭلىغانلار ۋە بىلىدىغانلار خېلى كۆپ !  بىراق ماۋۇ 5 تال يوغان قۇلاققا شەك كەلتۈرۈشمىگەيلا  !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:46

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش