- تىزىملاتقان
- 2012-2-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 270
- نادىر
- 0
- يازما
- 270
|
ئاۋساسۇنا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە خان مادرىد ئۇتالمىدى. سانلىق مەلۇماتتىنلا كۆرۋالغىلى بولىدۇ .... Cرونالدو ئوينىمغان مۇسابىقىلەردە خان مادرىدنىڭ ئۇتىشى بەكلا تەس . بۇ قىتىم شۇنداق ئاجىز ئاۋساسۇنا بىلەن ئوينىغان مۇسابىقسىى بۇنى تۇلۇق ئىسپاتلىدى ، بۇ ئايلانمىدىن كىيىن خان مادرىد بارسىلونادىن 18 نۇمۇر كەينىدە قالدى .....
ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئومۇمىي قارىشى شۇكى ، Cرونالدو گەرچە بىر مەيدان دەم ئالغان بولسىمۇ خان مادرىد كوماندىسى ئۇنى قاتتىق سىغىنىدۇ .....سانلىق مەلۇماتتا ، Cرونالدو مەيدانغا چىققان ئەھۋال ئاستىدا ئۇتالماسلىق نىسپىتى ئاران 25% ئىكەن ، ئەگەر ئۇ مەيدانغا چىقمىسا ئۇتالماسلىق نىسپىتى 35% بولىدىكەن . Cرونالدو خان مادرىدغا قۇشۇلغاندىن كىيىن ، ئۇ جەمئىي 172 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان ، بۇ 172 مەيدان مۇسابىقىدە خان مادرىد 129 مەيدان (75%) ئۇتقان ، 24 مەيدان (14%) تەڭلەشكەن ، 19 مەيدان (11%) ئۇتتۇرغان . لېكىن 3 مۇسابىقە پەسلىدە Cرونالدو 23 مەيدان ئوينىيالمىغان ، بۇ چاغدا خان مادرىد 15 مەيدان (65%) ئۇتقان ، 2 مەيدان تەڭلەشلەن ، 6 مەيدان ئۇتتۇرغان . دىمەك خان مادرىد كوماندىسى Cرونالدو غا قاتتىق تايىنىۋالغان بولۇپ ، ئۇ بار ئەھۋال ئاستىدا خان مارىد 10 مەيدان مۇسابىقىدە بىرەر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرىدىكەن . ئەگەر ئۇ بولمىسا 4 مەيداندا بىر مەيدان ئۇتتۇرىدىكەن .
ئاۋساسۇنادىكى مۇسابىقىدە شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، خان مادرىدنىڭ ناچار ئىپادىسى يەنىلا Cرونالدونىڭ يوقلىقىدىن ئىدى .
ئۇنى ئاز دەپ Cرونالدو ئوينىمىغان مۇسابىقىدە خان مادرىد نىڭ توپ ئۇرىشىمۇ ئازلاپ كىتىدىكەن ، Cرونالدو ئوينىغان مۇسابىقىدە كوماندا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر مەيداندا 2.6 توپ ئۇرغان ، ئۇ ئوينىمىغان مۇسابىقىدە ئوتتۇرا ھىساب بىلەن بىر مەيداندا 2.5 توپ ئۇرىدىكەن .
Cرونالدو 172 مەيدان مۇسابىقىسىدە 174 توپ ئۇرغان ، ئۇ كوماندىغا قۇشۇلغاندىن بۇيانقى كوماندىنىڭ بارلىق ئۇرغان توپىنىڭ 39% نى ئۇرغان . دىمەك Cرونالدو كوماندىنىڭ يېرىمدەك توپىنى ئۇرغان . بۇ يىل بىرلەشمىدە ئۇ 16 توپ ئۇرغان ، كوماندا بولسا جەمئىي 45 توپ ئۇرغان . ئۇ 36% نى ئىگەللىگەن.
ئىگۇائىن : Cرونالدو نىڭ ھازىرقى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى ۋاقتىمۇ بىلمىدىم ، لېكىن ئۇ خان مادرىغا كەلگەندىن بۇيان ھەر پەسىلدە 40 توپ ئۇرۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ ئىپادىسى سەللا ياخشى بولۇپ كەتسىلا پۈتۈن كوماندا ئېچىلىپلا كېتىدۇ، يەنە كىلىپ ئۇ كوماندىنىڭ ئىتتىپاقلىقىدىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ " دىدى .
"ماكا " گىزىتى يېقىندا Cرونالدو نىڭ خان مادرىد بىلەن توختامنى ئۇزارتىش ئۇزارتماسلىق توغرىسىدا خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بارغان بولۇپ ، 77% خان مادرىد مەستانلىرى Cرونالدو چوقۇم قىلىش كېرەك ، خان مادرىد توختامنى ئۇزارتمىسا بولمايدۇ دىگەن ....
پەقەت 18 % مەستان قارشى تۇرغان .
مەستانلار : Cرونالدو نىڭ توختىمى 2015-يىلى توشۇدىكەن ، Cرونالدو يوق خان مادرىدنىڭ نىمە بولاپ كېتىدىغانلىقى بىزگە ئايان ، ئۇ دىگەن خان مادرىدنىڭ پادىشاھسى ، ئۇ سىز خان مادرىد خان مارىد بولالمايدۇ دىگەن . مەنبە : sports.sina.com.cn
|
|