- تىزىملاتقان
- 2012-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 26
- نادىر
- 0
- يازما
- 26
|
بارسىلونا چولپىنى مېسسى يېقىندا ئۆزى ئېرىشكەن 4 دانە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىپ بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈپ ئېلان قىلدى.ئۇ تارىختا تۇنجى ئۇدا 4 قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەپەندىمدۇر.
ئۇنىڭ بۇ سۆرىتى كىشىلەرگە ئۇزۇن يىل تىغ كۆتۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان جەڭچىنىڭ كۈچلۈك قوشۇننىڭ قوماندانىنىڭ بېشىنى كېسىپ ئېلىپ،ھەممە خالايىق كۆرىدىغان يەرگە چىقىپ،كېسىلگەن باشنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلغان ھالەتنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
مېسسى بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئارگېنتىنا پۇتبولچىلىقىغا نام - شەرەپ ئېلىپ كەلگەن . ئۇنىڭ يەنە نەچچە يىل توپ ئوينايدىغان ۋاقتى بار. ئۇنىڭ يەنە قانداق پارلاق نەتىجىلەرنى يارىتىشى بىزگە نامەلۇم . لېكىن ھازىرقىدىنمۇ ياخشى بولۇشى مۇقەررەر،ھەم شۇنداق بولۇشىنى تىلەيمىز.
ئالتۇن توپ مۇكاپاتى - خەلقىئارا پۇتبول جەمئىيىتى ھەر يىلى تارقىتىدىغان دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان پۇتبولچىغا بېرىدىغان مۇكاپات بولۇپ،مۇكاپاتنى ھەر يىلى بىرلا قېتىم،بىرلا ئادەمگە بېرىدۇ. |
|