- تىزىملاتقان
- 2007-5-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-23
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 303
- نادىر
- 45
- يازما
- 303
 
|
ئىسمى ــ جورجى ۋىئا
دۆلەت تەۋەلىكى ــ لىبىرىيە
بوي ئېگىزلىكى ــ 1.84 مېتىر
ئېغىرلىقى ــ 76 كىلوگىرام
توپ ئوينىغان كوماندىلار :
لىبىرىيە دۆلەت كوماندىسى
فرانسىيە موناكو كوماندىسى ـــ ( 1988 ــ 1992 ــ يىلى )
پارىژ سان ژېرمان كوماندىسى ــ ( 1992 ــ 1995 ــ يىلى )
AC مىلان كوماندىسى ــ ( 1995 ــ 1999 ــ يىلى )
چىرسى كوماندىسى(1999-2000-يىلى)
ئېرىشكەن نەتىجىلىرى :
1994-يىلى فرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1991 - ، 1993 - 1995 - يىللىرى فرانسىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1995- 1996 - يىللىق ، 1998- 1999 -يىللىق مۇسابىقە پەسىللىرىدە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان ... 1989 - ، 1994- ، 1995 -يىللىرى << ئافرىقا پۇتبول ئەپەندىسى >> بۇلۇپ باھالىنىپ <<ئالتۇن توپ >> مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1995 -يىلى <<دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى >> بۇلۇپ باھالىنىپ ، << ئالتۇن توپ >> مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 1995 -يىلى <<ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى >> بۇلۇپ باھالانغان . 1996 -يىلى دۇنيا بويىچە - نۇمۇرلۇق پۇتبول ئەپەندىسى بۇلۇپ باھالىنىپ << كۈمۈش توپ >> مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ...
ۋىئا 1966 -يىلى 10 -ئاينىڭ 1- كۈنى لىبىريىنىڭ پايتەختى مونروۋىيىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى ئافرىقىدا ئۆتكەن . ئۇلار 13 قېرىنداش بۇلۇپ تۇرمۇشى نامرات ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ، ئۇنى چوڭ ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلغان . ئائىلىسىنى قامداش ئۈچۈن ۋىئا كىچىك ۋاقتىدا كەمپۈت ، ئىتىلدۇرۇلغان قوناق ساتقان . ۋىئا كىچىكىدىنلا پۇتبولغا قىززىقاتتى ، توپنى كۆرسە ھەممىنى ئۇنتۇيتى . ۋىئا 14 يىشىدا يۇرتىدىكى پۇتبول كوماندىسىغا قاتنىشىپ سېستىمىلىق تەربىلىنىدۇ .. 15 يىشىدا مونروۋىيىدىكى پۇتبول كۇلۇبىغا ۋاكالىتەن پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدۇ . 1986 -يىلى لىبىرىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن خەلقئىرا مۇسابىقەگە قاتنىشىدۇ .. شۇ يىلى ئۇ كامېروننىڭ يائوندى شەھرىدىكى تانارى كوماندىسىغا ئالمىشىپ بارىدۇ . بۇ ھال ۋىئانىڭ تېز ئىلگىرلىشىگە تۈركە بولىدۇ . بۇ كوماندا كامېرون پۇتبول چولپىنى مىلا ، بيېكلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگۈندۇ.
ياۋرۇپاغا بېرىپ توپ تىپىش بارلىق ئافرىقىلىق توپچىلارنىڭ ئارزۇسى بولغانغا ئوخشاش ۋىئانىڭمۇ ئارزۇسى ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تالانتىغا تايىنىپ تېزلا كۆزگە كۆرىنىدۇ ھەم 1988 -يىلى فرانسىيە موناكو كوماندىسىغا ئالمىشىپ بارىدۇ . ۋىئا موناكو كوماندىسىدا تۇرغان تۆت پەسىلدە فرانسىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە 103 مەيدان قاتنىشىپ 59 توپ كىرگۈزىدۇ . بۇ نەتىجە باشقا چوڭ كۇلۇپلارنىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ...
1988 -يىلى ئۇ موناكو كوماندىسىغا بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئالمىشىش ھەققى بىلەن كەلگەن بولسا ، 1992- يىلى بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئالمىشىش ھەققى بىلەن پارىژ سان ژېرمان كوماندىسىغا ئالمىشىپ بارىدۇ ....... ئۇ بۇ كوماندىغا كەلگەندىن كىيىن برازىلىيە توپ چولپىنى راي ، فرانسىيە چولپىنى گىنولالار بىلەن بىرلىكتە فرانسىيە پۇتبول مۇنبىرىنى لەرزىگە سالىدۇ . 1994- 1995-يىللىق ياۋرۇپا پۇتبول كۇلۇپلىرىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇلار بايرىن ميۇنخېن كوماندىسىنى ، بارسېلونا كماندىسىنى شاللىۋىتىپ ، ئىتالىيىنىڭ ئا س مىلان كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋىتىدۇ . لىكىن ۋىئانىڭ ماھارىتى ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ . ھەم ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان ماھىر بولىدۇ . ئۇ پارىژ سان ژېرمان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 92 مەيدان مۇسابىقىدە 49 توپ كىرگۈزۈپ ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىدۇ ...\
ۋىئانىڭ تېخنىكىسى ئەتراپلىق ، بەدەن سۈپىتى ياخشى ، سۈرئىتى تېز ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، قارشى تەرەپنىڭ رايونىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ . ئۇ ھەر ۋاقىت كوماندىنىڭ مەنپەتىنى ئويلايدۇ . ئۆزى توپ ئۇرۇپلا قالماي سەبداشلىرىغىمۇ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ . 1995 -يىلى 7 -ئايدا ۋىئا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئا س مىلان كوماندىسىغا ئالمىشىپ بارىدۇ ...لىكىن ئا س مىلان كوماندا ترېنېررى كاپېللونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كىشىلەر ۋىئانىڭ قابىليىتىدىن گۇمانلىنىدۇ .. چۈنكى ۋىئا يارلىنىش سەۋەبىدىن پۇتبول مۇنبەردىن ئايرىلغان داڭلىق ھۇجۇمچى باستىننىڭ ئورنىنى باساتتى .. ھەمدە 9 نومۇرلۇق كىيىمنى كىيدى ...........
ۋىئا ئا س مىلان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىدۇ .. ۋىئا ئا س مىلان كوماندىسىغا قاتنىشىپ بۇ كوماندىنىڭ ئىلگىركى شۆھرىتنى قوغدايدۇ ...... ۋىئا ، روبرت باگگىئو ، ساۋىچېۋېچ ۋە سىمونلاردىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇم سىپى ياۋرۇپا پۇتبول مۇنبىردىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىدۇ ...
ۋىئا 1999 -يىلى چېسلى كوماندىسىغا ئالمىشىپ بارىدۇ ، لىكىن نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمايدۇ ... 2004- يىلى 6- ئاينىڭ 21 -كۈنى پۇتبول سەھنىسىدىن رەسمىي چىكىنىدۇ ...
ۋىئانىڭ توپ ماھارىتى ئۈستۈن بۇلۇپلا قالماي ، مۇسابىقە ئەخلاقىمۇ ناھايىتى ئىسىل . توپ مەستانىلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ، ئىمزا قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان توپ مەستانىلىرىنى نائۈمدتە قويمايدۇ ... شۇڭا خەلقئىرا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كەسپىي ئەخلاقىنى كۆزدە تۇتۇپ 1996- يىللىق ئادىل مۇسابىقىلىشىش مۇكاپاتىنى ۋىئاغا بەردى ...
ۋىئا ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيىدۇ ، گەرچە ئۇ لىبىرىيە فرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بولسىمۇ ، لىكىن خەلقئىرا مۇسابىقىگە قاتنىشىشتا لىبىرىيە دۆلەت كوماندىسىنى تاللىغان . لىبىريىدە ئىچكى ئۇرۇش بۇلىۋاتقان چاغدا ھۆكۈمەت لىبىرىيە دۆلەت كوماندىسىغا زۆرۆر خىراجەتنى ئاجرىتىپ بېرەلمىگەن . 1996 -يىلى ئافرىقا ئەللىرى پۇتبول لوڭقىسى مۇسانىقىسى مەزگىلىدە ، ۋىئا ئۆز كوماندىسىنىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان .......
ۋىئا يەنە ئېرقىي ئايرىمچىلىققا قارشى جەڭچى ، كۆپ يىللاردىن بويان ئۇ ياۋرۇپادىكى بىر قىسىم ئوڭچى كۈچلەرنىڭ ئېرقىي كەمسىتىش ھەركەتلىرىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن ھەم ئافرىقا پۇتبول ماھىرلىرىنى ياۋرۇپا كۇلۇپلىرىغا تۇنۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان ...
ھازىر ئۇ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىۋىتىپتۇ ... 2005 -يىلى تېخى لىبىرىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان ...
|
|