پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 414|ئىنكاس: 2

شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋۇ مېسسى كۆزەڭگە

57

تېما

5

دوست

1110

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8899
يازمىسى: 1110
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 52089
تۆھپە: 1081
ۋاقتى: 254
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 13:13:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرەققىي قىلغان پۇتبول «بۆشۈك» تىن باشلىنىدۇ
ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان 2012–يىللىق شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى كوماندىلارنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 2- ئايدا تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، قەشقەر، خوتەن، بايىنغولىن، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ھەرقايسى كوماندىلار كەسكىن ئېلىشتى.بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە جەريانىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەكرەك تارتقىنى تۇرپان ئاستانە يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ قىزلار كوماندىسىدىكى 12 ياشلىق ئەقىدە ئېلى ئىدى. ئۆزىنىڭ ئوغۇللارغا خاس جۈرئىتى، چەبدەس، چاققان ھەرىكىتى، ۋاراتارغا ئۇرغان توپلىرىنىڭ خۇددى پىشقان توپچىلاردەك دەل، زەربىلىكلىكى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگەن بۇ قىز بۇ قېتىمقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 25توپ كىرگۈزۈپ تاماشىبىنلارنىڭ جۈملىدىن مۇسابىقە تەشكىلىي كومېتىتىنىڭ يۈكسەك دىققەت –ئېتىبارىنى قوزغىدى. تېخى 12 ياشقا ئەمدىلا كىرگەن، توپنىڭ نېمىلىكىنى ئەمدىلاتىن بىلىشكە باشلايدىغان ياش قۇراملىق بىر سەبىينىڭ بولۇپمۇ بىر قىز بالىنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى سەۋىيىنى ۋە بەدەن ساپاسىنى ھازىرلىشى كىشىلەرنى ئويلىنىشقا، ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلدى.
شىنجاڭدىكى قەشقەر، ئاتۇش، غۇلجا، قاراماي، ئۈرۈمچى قاتارلىق پۇتبول ئاساسى ھەمدە سەۋىيىسى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان رايونلارغا نىسبەتەن سېلىشتۇرغاندا تۇرپان پۇتبولدا بىر قەدەر ئاجىز رايون ھېسابلىنىدۇ، قىزلار پۇتبولى تېخىمۇ شۇنداق. بىراق، ئەقىدەدەك «پۇتبول مەلىكىسى» (بۇ قېتىملىق مۇسابىقە جەريانىدا كىشىلەر ئۇنىڭغا بەرگەن نام)نىڭ دەل مۇشۇ زېمىندا ئاپىرىدە بولىشى، شىنجاڭنىڭ مەملىكىتىمىزگە نىسبەتەن پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي ماكانى بولۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلىيالايدىغانلىقىنى، ھېچبولمىغاندا، پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاممىۋىي ئاساسىنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
پۇتبول ھەرىكىتى «ياش تەنھەرىكەت». پۇتبول ھەرىكىتى كەسكىن تىركىشىشنى، كۈچلۈك بەدەن ساپاسىنى، يۇقىرى تېخنىكىنى تەلەپ قىلىدىغان «قىران تەنھەرىكەت». پۇتبولنىڭ يۇقىرىقىدەك ئامىللىرى كىشىلەردىن پۇتبول ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ياش ئۆلچىمى ياكى نىسپىي ياش ئۆلچىمىگە نىسبەتەن تەبئىي توساق بولۇپ قالغان. پۇتبول ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ 150يىلدىن كۆپرەك تەرەققىيات تارىخىدا پۇتبولچىلار قوشۇنىنىڭ كۈندىن –كۈنگە ياشلىشىشى باشتىن ئاخىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھازىرقى زامانغا قارايدىغان بولساق، مەسىلەن: مېسسى( 16يېشىدا كەسپىي پۇتبولچى بولغان)، كىرىستىيانو رونالدو (17 يېشىدا)قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا كەسپىي پۇتبولچىلارغا ئايلانغانلىقىنى، پۇتبولنى مەشىق قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىنىڭ بولسا 5~6ياشلار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.دېمەك، پۇتبول دەل مۇشۇنداق تەربىيە ۋە مەشىق بۇرۇن باشلىنىدىغان تۈر بولۇپ، تەربىيلەش قانچە ئۈنۈملۈك ھەم بۇرۇن بولسا شۇنچە ياخشى بولىدىغان بىر خىل ھەرىكەت.
ئەقىدەنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى كىشىلەرنى ھەۋەس، ئۈمىد بېغىغا باشلاش بىلەن تەڭ يەنە چوڭقۇر ئوي دېڭىزلىرىغا تاشلىدى. تېخنىكىسى شۇنداق ياخشى بىر قىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنىكى ئىستىقبالى زادى قانداق بولار؟ كېيىن بىر ياراملىق پۇتبولچى بولالارمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار نۇرغۇن كىشىلەرنى چىرمىۋالدى.مۇناسىۋەتلىك خادىملار بولسا، ئەقىدەنى ئاپتونۇم رايونلۇق ماھارەت تەنتەربىيىسى مەكتىپىگە تونۇشتۇرلىۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسىدە جۇڭگو دۆلەت كوماندسىغا ئەزا قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمىسە، بىر ئەقىدە يېتەرلىكمۇ ياكى نۇرغۇن ئەقىدە يېتىشىپ چىقىشى كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، بىز بىر قانچە يۈزلىگەن ئەقىدەلەرگە مۇھتاج. شۇنداق ئەقىدەلەرنىڭ كۆپلەپ چىقىشى ئۈچۈن چوقۇم پۇتبولنى بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئومۇملاشتۇرۇش، ئەڭ مۇھىمى مەكتەپ پۇتبولىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، مىرەخمەت، بارى قاتارلىق پۇتبولچىلارنىڭ باش كۆتۈرىشى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.نۇرغۇن كىشىلەر شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگونىڭ پۇتبول مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش، دۇنياغا رپ تونۇتۇش ئۈچۈن چوقۇم پۇتبول مايسىلىرىنى يېتۈشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، پۇتبول مەكتەپلىرى، پۇتبول بازىلىرى ۋە تۈر مەكتەپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش زۆرۈردۇر.مائارىپ تارماقلىرى ۋە تەنتەربىيە تارماقلىرى بىرلىشىپ پۇتبول مايسىلىرىنى بايقاش، قېزىش، مەشىقلەندۈرۈش، پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ھالقىلاردىن پايدىلىنىپ پۇتبول قوشۇنىنى زورايتىشقا زور كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك.مۇشۇنداق بولغاندىلا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشەلەيدۇ.

شىنجاڭ كوماندىسى چېمپىيونلۇقتىن يەنە قانچىلىك يىراقتا؟
شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ يۈكسەك ئۈمىدى ۋە ئىشەنچىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، مەملىكەتلىك ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىر قانچە يىلدىن بېرى ئىزچىل ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ (گەرچە ئۇدا ئۈچ يىل ئىككىنجى بولۇپ قالغان بولسىمۇ) كەلگەن شىنجاڭ «ۋولۋو» كوماندىسى بۇ يىلقى مۇسابىقە پەسلىدە ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇچراپ چېمپىيونلۇق سەپىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.گەرچە بىرلەشمە مۇسابىقە ئاخىرلاشقىنى خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ لېكىن، شىنجاڭ كوماندىسى توغرىسىدىكى تەھلىللەر توختاپ قالغىنى يوق.  
تۆتتىن بىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە دۇڭگۇەن كوماندىسىنى قاتتىق تىركىشىش ئارقىلىق مەغلۇب قىلىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن شىنجاڭ كوماندىسى كونا رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچراشتى. مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئوڭۇشسىزلىق ۋە كوماندا ئىچىدىكى قالايمىقان ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇپ، بىر قەدەر نورمال ھالەتكە كىرگەن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئۈستىدىن غەلبە قىلمىقى يەنىلا مۈشكۈل دەپ قارالغانىدى. دېگەندەك، شىنجاڭ كوماندىسى 3 كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئېچىنىشلىق ھالدا ئۇتتۇرۋېتىپ، شاللىنىپ كەتتى.  
بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شىنجاڭ كوماندىسى مەيلى ئىقتىساد ۋە ياكى ئادەم كۈچى جەھەتلەردىن بولمىسۇن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنىدى. 90 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ چىقىرىپ، داڭلىق چولپان مارتىن، جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى دونۋالد، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ماھىرلاردىن تاڭ جېڭدۇڭ، مېڭ دو قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، كەڭ توپ مەستانىلىرىنى ھاياجانغا ۋە يۈكسەك ئۈمىدكە چۆمۈلدۈرگەنىدى. ھالبۇكى، «ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ»دېگەندەك، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى «پاي چەك كۆرسەتكۈچى» شەكلىدىكى ئىپادىسى توپ مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى، چېمپىيونلۇق ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىمۇ كىرەلمىدى.
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ 3–مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا ئۇۇتۇرۇپ شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنڭ كاللىسىدا مۇنداق بىر سۇئال زاھىر بولدى :مەبلەغ ، تېخنىكا، تەجرىبە جەھەتلەردە خېلىلا پىشقان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ خىل مەغلۇبىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىل زادى نېمە؟ شىنجاڭ كوماندىسى زادى قاچان چېمپىيون بولالار؟
مېنىڭچە بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل سەۋەب – ئامىللار مەۋجۇد:
1. مەشقاۋۇل ئالماشتۇرۇش ئېستىراتېگىيىسى.
2011 – يىلى 9 – ئايدا شىنجاڭ كوماندىسى پېشقەدەم مەشقاۋۇل جياڭ شىنچۈەننى ئىككىنجى سەپكە قايتۇرۇپ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى دونۋالدنى تەكلىپ قىلدى. ئاساسلىق ماھىر دۇبى يارىلىنىپ، تاكتىكا جەھەتتە غايەت زور ئۆزگۈرۈش ياسىغان شىنجاڭ كوماندىسىغا ئەمدىلا ماسلىشىشقا باشلىغان دونۋالد تېخى كوماندىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەپ بولالمايلا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. دونۋالد يېتەكچىلىك قىلغان 11 مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى يەتتە مەيدان ئۇتۇپ، تۆت مەيدان ئۇتتۇرغان بولۇپ، گەرچە بۇ نەتىجىنى ناھايىتى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ بىراق، غوللۇق ماھىردىن ئايرىلغان، بېسىمى بىرقەدەر ئېغىر مەشقاۋۇل ئۈچۈن يامان ئەمەس نەتىجە دېسەك ئارتۇق كەتمەيتتى. بىر مەشقاۋۇلنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلىشىشىغا بىر –ئىككى ئاي ۋاقىت بەكلا قىسقا ھېسابلىناتتى. شىنجاڭ كوماندىسى دونۋالدنىڭ ھەقىقىي سەۋىيىسىنى تېخى كۆرمەي تۇرۇپلا كەتكۈزۈۋېتىپ، كوماندىنىڭ ئىنتىزامى، ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلىرىدە جاراھەت پەيدا قىلىپ قويدى. دونۋالد كەتكەندىن كېيىن ئۇنى قوللايدىغان ئاساسلىق ماھىر مىللىسنىڭ كوماندىغا قارشىلىق كۆرسىتىپ مەيدانغا چىقىشنى رەت قىلىشى ۋە ئاخىرىقى ھېسابتا شىنجاڭ كوماندىسىدىن كېتىشى يۇقۇرىقى تەھلىلنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.
يېڭى باشتىن قايتىپ كەلگەن جياڭ شىنچۈەن مەشقاۋۇل گەرچە تەجرىبىلىك، شىنجاڭ كوماندىسىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدىغان كىشى بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ دىلىغۇل، ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان خاراكتېرى ناھايىتى ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇپ، بەزى مۇسابىقىلەردىكى ئورۇنسىز مەغلۇبىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دېمەك، مەشقاۋۇل ئالماشتۇرۇش ئېستىراتېگىيىسى بىرىنجى مۇھىم سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2.   چەتئەللىك ماھىرلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە ئىلگىرىكى يىللاردىكى قابىللىقىنى جارى قىلدۇرالمىدى.   
دۇبىنىڭ يارىلىنىشى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بارلىق پىلانىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. بۇ يىل شىنجاڭ كوماندىسى چەتئەللىك ماھىرلارنى تازا دېگەندەك توغرا سەپلىيەلمىدى. مارتىننى ناھايىتى يۇقىرى ھەق بىلەن ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي قايتىپ كەتتى. مىللىس دۇبىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلىقىنى ناھايىتى ياخشى تولدۇرغان ئىدى. لېكىن، دونۋالدنىڭ قوغلىنىشى مىللىسنىڭ ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ شىنجاڭ كوماندىسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. كېيىن تەكلىپ قىلىنغان لاۋال، پېككىت، دىئاگۇ قاتارلىق ماھىرلارنىڭ ئىپادىسىنى ھەر ھالدا لاياقەتلىك دېيەلىسەكمۇ، بىراق گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن بولغان ئەڭ مۇھىم مۇسابىقىلەردە ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي، كوماندىنى ھەم توپ مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى. شىنجاڭ كوماندىسى پۇلنى كۆپ سەرپ قىلغان يەنى «مەرت» لىك قىلغان بولسىمۇ لېكىن توغرا خەجلىيەلمىدى. لاۋالنى ئېلىپ ئېيىتساق، قەدەم يۆتكىشىنىڭ ئاستىلىقى، مۇداپىيەسىنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىق يېتەرسىزلىكلىرى توپ مەستانىلىرىنى قايىل قىلالمىدى. دىئاگۇدا بولسا تۈرگۈنلۈك، شىجائەت ۋە پىسخىك ساپا كەمچىل بولۇپ قالدى. CBA دا چەتئەللىك ماھىرلارنىڭ رولى روشەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى – يامان بولىشى كوماندىنىڭ نەتىجىسىگە، تاكتىكىسىغا نىسبەتەن بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. دېمەك، چەتئەللىك ماھىرلارنىڭ تولا ئالمىشىشى، تۇراقسىزلىقى كوماندىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىپادىسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن.

شىنجاڭ كوماندىسى چېمپىيونلۇقتىن يەنە قانچىلىك يىراقتا ؟(2)3. يەرلىك ماھىرلارنىڭ تازا دېگەندەك ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشەلمىدى.
باتۇر، شۈگوچۇڭ، مۇرات، مەۋلان، قىرانبېك، شىرئەلىجان قاتارلىق كونا – يېڭى ماھىرلار شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى ماھارىتى، بوشاشماس ئىرادىسى بىلەن كۇلۇبنى ۋە كەڭ توپ مەستانىلىرىنى رازى قىلىپ كەلگەنىدى.ھالبۇكى، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مەۋلان، قىرانبېك قاتارلىق مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ماھىرلار شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى باشقا كوماندىلارغا يۆتكىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىىپ كەلدى. قىرانبېكنىڭ شەنشى كوماندىسىدىكى ئىپادىسى، بولۇپمۇ مۇداپىيە جەھەتتىكى تالانتى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدا بىرمەھەل ئۇنتۇلۇپ كەتكەن مۇرات شاللاش مۇسابىقىلىرىدە قايتىدىن ئىشقا سېلىنىپ ئۆزىنى نامايەن قىلدى.دۆلەت كوماندىسىدا تاۋلانغان شىرئەلىجاننىڭ «قانات –قۇيرۇقى يېتىلىپ»كوماندىنىڭ ھەقىقىي چولپانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.ئۇنىڭ بوشاشماس ئىرادىسى، ئاغرىق –سىلاق، يارىلىنىشلاردىن ۋايسىماي تىركىشىشى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.بىراق، شۇ نەرسىنى ھېس قىلالايمىزكى، كوماندىنىڭ مۇرات، شۈگوچۇڭ، شىرئەلىجان قاتارلىق يەرلىك ماھىرلارغا بولغان ئىشەنچىسى، بەرگەن ۋاقتى، پۇرسىتى تازا دېگەندەك كۆپ بولمىدى.شۇنىڭ بىلەن، كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تولۇق جارىي قىلۇرۇشى ياخشى بولمىدى.
4. تېخنىكىلىق ئامىل ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىق .
شىنجاڭ كوماندىسى بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردە ئىلگىرىكى يىللاردىكى مۇتلەق ئەمەلىي كۈچىنى، كۈچلۈك تېخنىكا ئاساسىنى نامايەن قىلالمىدى.گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن بولغان ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ بىر يىللىق ئىپادىسىنىڭ كارتىنىسى دېسەك ئوشۇق كەتمەيدۇ.بىرىنجىدىن، سادىر قىلغان خاتالىقى بىرقەدەر كۆپ. بەزى مەيداندا 10 نەچچە، ھەتتا 20 نەچچە قېتىم خاتالىق سادىر قىلدى.ئەگەر قارشى تەرەپ مۇشۇ خاتالىقلارنىڭ يېرىم پۇرسىتىنى تۇتۇۋالغاندىمۇ 15 ~ 20 نومۇر دېگەن سۆز. ئىككىنجىدىن، گادىن قايىتقان توپنى ياخشى ئالالماسلىق. گاردىن قايتقان توپ --- قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنىڭ، نومۇر ئېلىشنىڭ مۇھىم بىر خىل شەكلى بولۇپ، قارشى تەرەپ مەيدانىدا تارتىۋېلىنغان گاردىن قايىتقان توپ نومۇر ئېلىشقا ياردەم بېرىپلا قالماستىن بەلكى يەنە قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم پۇرسىتىنى ئازايتىشتا چوڭ رول ئوينايدۇ.شىنجاڭ كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىلەردەدەل مۇشۇ ھالقىدا كەتكۈزۈپ قويۇپ، پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.ئۈچىنجىدىن، پىسخىكا جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق روشەن بولدى. تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ تۇراقسىز ئەمما مۇھىم رول ئوينايدىغان يەنە بىر ئامىلى پىسىخىكا ئامىلى بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى كۆپ قىسىم ماھىرلىرىمىزنىڭ پىسخىك ساپاسى، ئەڭ مۇھىم ۋاقىتتىكى ئېغىر بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولدى. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك، دېدى.  
5.كۇلۇبنىڭ باشقۇرۇش، تەشكىللەش خىزمىتىدە بەزى بىر قىسىم مەسىلىلەر كۆرۈلدى.
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ شاللىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلىرىنى ئاساسلىقى تېخنىكا، تاكتىكا، مەشقاۋۇل قاتارلىق مەيدان ئىچىدىكى ئامىللاردىن ئىزدەۋاتقان ۋاقتىمىزدا يەنە بىر نەرسىگە سەل قارىغانلىقىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىمىز كېرەك. يۇقىرىقىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەشقاۋۇل مەسىلىسى، چەتئەللىك ماھىرلار مەسىلىسى، يەرلىك توپچىلار مەسىلىسى ئەمەلىيەتتە كۇلۇبنىڭ باشقۇرۇش مەسىلىسى بولۇپ، نۇرغۇن مەبلەغنى سەرپ قىلغان، شىنجاڭ ۋاسكېتبولچىلىقىغا ئوتتەك مېھرى بىلەن كۈچ چىقىرىۋاتقان گۇاڭخۇي كۇلۇبى ئاشۇ مەبلەغنى، ئىقتىسادنى تازا دېگەندەك جايىغا ئىشلىتەلمىدى.بۇرۇن شىنجاڭ كوماندىسىدا توپ ئوينىغان چەتئەللىك ماھىرلار بىردەمدىلا ۋاز كېچىلىپ باشقا كوماندىلارنىڭ يادرولۇق ئادىمىگە ئايلاندى.(چارىس، سېڭگىلتون، ئەيلۇن قاتارلىقلار) . كوماندىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى پەقەت مەشقاۋۇلدىنلا كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى مەسىلىلەرنى قېزىپ چىقالمىدى. مەسئۇلىيەتنى پەقەت مەشقاۋۇلغا، تەنھەرىكەتچىگىلا ئىتتىردىغان، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان بۇ خىل پوزىتسىيە ئاخىرىقى ھېسابتا كوماندىنىڭ تۇراقلىقىغا تەسىر كۆرسەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن شىرئەلىجانغا ئوخشاش ئادەتتىكى، مۇنتىزىم بولمىغان ۋاسكېتبول مۇھىتىدا ئۆسۈپ تۇرۇقلۇق يەنىلا يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە تەنھەرىكەتچىلەرنى بايقاش، تەربىيىلەش، ئىشلىتىش قاتارلىق «ياش –ئۆسمۈرلەر مەشىق سېستىمىسى» گە ياخشى يېتەكچىلىك قىلالمىدى.
يىغىپ ئېيىتقاندا، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پەسلىدىكى مەغلۇبىيەت شىنجاڭ كوماندىسىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق قىممەتلىك دەرس، مول تەجرىبە – ساۋاق، بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەر ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق سىناق بولدى. ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقە پەسلى ئۈچۈن تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، ماھىرلارنىڭ سەپلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يەرلىك ماھىرلارغا بولغان بايقاش خىزمىتىنى ۋە ئىشەنچىنى ياخشىلىيالىسا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش ھەرگىز «خام خىيال» ئەمەس.

شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى «كونا-يېڭى ئىشلار»1927-يىلى قەشقەر سەمەندە ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئاتۇش ئېكساق پۇتبول كوماندىسى 1گە قارشى 2نەتىجە بىلەن ئەنگىليە كونسوللىرى پۇتبول كوماندىسىنى، 0گە قارشى 7نەتىجە بىلەن شېۋىتسىيە كونسوللىرى پۇتبول كوماندىسنى يېڭىپ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدا يېڭى سەھىپە ئاچقانىدى.
    يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسى جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى ئىزچىل ساقلاپ، مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە خېلى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.1953-يىلى تەشكىللەنگەن تۇنجى قارار شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى غەربى شىمال رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردىن تاللىنىپ مەملىكەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلەرگە كىرگەنىدى.
    بىراق،بۈگۈنكى زامان بۇتبولچىلىقىنىڭ بازار بىلەن سودا بىلەن  مۇستەھكەم بىرىكىشى،كەسىپىيلىشىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرلىشىشى،يەرشارىلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى قاتارلىق ئامىللار شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز ،كەسىپلىشىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان بۇ رايونىمىزنى قىزىقىش بار،ئەمەلىي كۈچ يوق بىر رايونغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.90-يىللارغا قەدەم باسقاندىن كېيىن يۈسۈپ ئىمىن، غېنى ھاجى،مۇختەرپازىل،ئەسقەر ئەپەندى قاتارلىق پۇتبول سۆيەر ئوغلانلىرىمىز ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ پۇتبول كۇلۇبلىرىنى قۇرۇپ،ئەۋلاد تەربىيلەپ،ھەرخىل مۇسابىقىلەرنى تەشكىللەپ،ئۇيقۇغا كەتكەن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنى ئاز-تولا سەگىتكەن ئىدى. 2003-يىلى قۇرۇلغان سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى، 2005- يىللىرى قۇرۇلغان شىنجاڭ رادىيو-تېلۋېزىيە پۇتبول كوماندىسى،شىنجاڭدىكى پۇتبول دولقۇنىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.
شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى «كونا-يېڭى ئىشلار»(3)
يۇقىردا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك شىنجاڭ كوماندىسىدىكى نۇرغۇن ماھىرلارنىڭ توپتىن «ئايرىلىشى» كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان ئىش بولسىىمۇ،بىراق،كەسىپلىشىشتىن، مۇنتىزىملىشىشتىن ئېغىز ئىچىش مۇمكىن بولمايدىغان رايونىمىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقندا، ئۇلارنىڭ ئاشۇخىل تاللىشىنى مۇقەررەر ھەم نىسبەتەن توغرا تاللاش دەپ قاراشقا بولاتتى.رايونىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشالماسلىقى، پۇرسەت ۋە مەبلەغنىڭ كەم بولىشى،ھەقىقى پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ بولماسلىقى ئاشۇ ماھىرلارنىڭ پۇتبول ھاياتىنى تېزلا ئاخرلاشتۇردى. 2006 يىلىغا كەلگەندە، «شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى» پۇتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلىشى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن بىرقىتىملىق ياخشى پۇرسەت بولدى.ئەپسۇس بۇ كوماندا ئۈچ يىل مەملىكەتلىك B دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە توختىماي كۆرەش قىلغان بولسىمۇ لېكىن A دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىگە ئۆرلىيەلمەي تارقىلىپ كەتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتمۇ بىرقانچە قېتىم شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر نېفىت شىركىتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شۇ شىركەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا  شىنجاك پۇتبول كوماندىسىنى قايتىدىن تەشكىللەپ B دەرىجىلىك بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىشمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.
ئەمەلىيەتتە، بىر پۇتبول كۇلۇبىنى تەشكىللەپ B دەرىجلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدىن A دەرىجلىك بىرلەشمە مۇسابىقىگە ئۆتۈشكە غايەت زور مەبلەغ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر A دەرىجلىك كۇلۇبنىڭ خوجايىنى ئۆزىنىڭ كوماندىسىنى B دەرىجلىك بىرلەشمە مۇسابىقىدىن A دەرىجلىك بىرلەشمە مۇسابىقىگە ئۆرلىتىشكە پەقەت ۋە پەقەت ئۈچ مىلىيون يۈەنلا كەتكەنلىكىنى پەخىرلىنىش ھېسياتىدا ئېيتقان ئىدى. شىنجاڭ 17 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ناسر تۇرسۇنمۇ نەقىل كەلتۈرۈپ «ئەگەر ئۈچ مىليون مەبلەغ سېلىپ، ياخشى تىرېنېردىن بىرنى ، دۆلەت ئىچىدىن پىشقان ماھىرلاردىن بىرقانچىنى تەكلىپ قىلىپ ،شىنجاڭدىكى ئۆزىمىزدا بار ماھىرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى-ئۈچ يىل تىرىشساق چوقۇم ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيتتۇق» دېگەن ئىدى. خاڭجۇدا توپ تېپىۋاتقان بارىمۇ شىنجاڭدا توپ تېپىشنى يەنىلا ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ «كەسىپلەشكەن شىنجاڭ پۇتبولى سەن نەدە؟!» دەپ خىتابمۇ قىلغان ئىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى قىيىن بولسىمۇ لىكىن بىز يەنىلا بۇنىڭ روياپقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
يىغىپ ئېيىتقاندا، ئەكرەم، بارى، مىرەخمەت قاتارلىق ياشلارنىڭ باش كۆتۈرىشى رايونىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن بەزى پۇرسەتلەرنى يارىتالىسا، كەسىپلىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغىيالىسا رايونىمىزنىڭ پۇتبول ئەمەلىي كۈچى يەنىمۇ ئاشقان بولاتتى.

ئەسكەرتمە :  بۇ تىما  نور  تورى خەۋىرى  بىراق بىر ياخشى تىما ۋە  نادىر  تىما ئىكەن

ئالغا  

4

تېما

1

دوست

434

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9513
يازمىسى: 434
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050703
تۆھپە: 177
ۋاقتى: 268
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 13:21:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىپىگىز  ئورۇنلۇق  ،نادىر  تىما  
ئالغا  رىم  كوماندىسى ئالغا  بوجان

59

تېما

11

دوست

1708

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11721
يازمىسى: 1708
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50655
تۆھپە: 1727
ۋاقتى: 284
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 13:57:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆچۈرۈلمە تىما ئېكەنلىكىنى ئەسكەرتىپسىز  .... ھەقىقەتەن نادىر ھەم ئېسىل تىما ئېكەن قېرىندىشىم ...
بارسىلونا،مادىرىت ھەمىىدىن نوچىسى شۇ !!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )