- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6542
- نادىر
- 16
- يازما
- 6542
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 21:14

2012-يىلى يازدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ،ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدىكى ئىنىستانىڭ ئىسمى چىققان ۋاقىتتا ،شۇ مۇراسىمغا قاتناشقان خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى پورتۇگالىيىلىك قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىيانو رونالدونىڭ چىرايى ئۆزگىرەپ كەتكەن .ھەمدە چىرايى غەلىتە بولۇپ قالغان .ئەمدى c.رونالدونىڭ بۇ چىراي ئىپادىسى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى .يەنى ،ئالدىنقى كۈنى پارىژدا ئېلىپ بېرىلغان 2012-يىللىق « ئالتۇن توپ » مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، مېسسىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،دەسلەپتە كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغان c.رونالدونىڭ چىرايى بىردەمدىلا پۈرۈشۈپ كەتكەن .مەيلى دۆلەت كوماندىسدا بولسۇن ، ياكى خان مادرىدتتا بولسۇن ، ئىپادىسى قالتس بۇلۇۋاتقان ،شۇنداقلا توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرىدىغان 96 مىليون ياۋرولۇق بۇ پۇتبولچىغا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇراسىمىدىكى ھەر بىر ئىش ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە ! بۇ مىنۇتلار ئېھتىمال c.رونالدو ئۈچۈن ئەڭ ئازاپلىق بۇلۇشى مۇمكىن !

|
|