- تىزىملاتقان
- 2012-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 77
- نادىر
- 0
- يازما
- 77
|
پۇتبول دۇنياسىدا تالانتلىقلار كەم ئەمەس.تەقدىر مانا مۇشۇنداق تالانتلىق كىشىلەرنى ئوخشاش ئىسىملىك قىلىپ رونالدو.لۇيىس.دى.لىما؛ رونالدو.دى.ئاسسىس مورېيرا (رونالدىنخو)؛ كىرىستىيانو رونالدو قاتارلىق ئۈچ چولپاننى باغلاپ قويغان .ئۈچ رونالدو پۇتبول دۇنياسىنى تېخىمۇ رەڭگارەڭ قىلغان.لېكىن پۇتبول دۇنياسىدا چوڭ رونالدو،سېمىز رونالدو ۋە باشقا بىر قانداق رونالدو يوق؛رونالدىنخو،س.رونالدو،ۋە رونالدولا بار.بۇ يەردە پەقەت رونالدو توغرۇلۇقلا توختىلىمىز. ئۇ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا.......
مەن ئەسەبىي رونالدو مەستانىسى ،ھەر قانداق چولپاننى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ باقىمەن. خېلى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ رونالدو ئېرىشكەن شان شەرەپلەرنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم.2-قىسىمدا يارىلانغاندىن كېيىنكى شان-شەرەپلىرى،3-قىسىمىدا مۇتلەق كۆپ قىسىم پۇتبول مەشھۇرلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھالىرى سۆزلىنىدۇ. قىلغان ئەمگىكىم شۇ بولۇپ قالسۇن.
ئۇ 12يېشىدا <<راموس جەمئىيىتى كۇلۇبى>>غا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم ھەقىيقى ئۆسمۈرلەر لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بىر پەسىلدە 166توپ ئۇرغان.
13يېشىدا راموس جەمئىيىتى كۇلۇبىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولغان.
14يېشىدا كىروزېرو كوماندىسىغا كىرگەن. ۋە 60مەيداندا 58توپ كىرگۈزگەن.
16يېشىدا بىرازىلىيە 17ياشتىن كىچىكلەر كوماندىسىدىكى توپ ئۇرۇش نىسبىتى 57مەيداندا 59 توپقا يەتكەن.
15ياش5ئايلىق بولغاندىن تارتىپ 17ياش 6ئايلىق بولغاندا دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغۇچە دۆلەت ياشلار كوماندىسىدا 20مەيداندا 22توپ ئۇرغان.
1993-يىلى 17ياش6ئايلىق بولغانداتۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئارگېنتىنا بىلەن بولغان مۇسابىقىگە چۈشكەن.80-مىنۇتتا بىبىتونىڭ ئورنىغا ئالماشقان.
93-يىلى بىرازىلىيە لوڭقىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ،ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولغان.17ياش.
93-يىلى 5-نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى 19ياشتىن كىچىكلەر لوڭقىسى. ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن،ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى.17ياش.
93-يىلى17يېشىدا جەنۇبى ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى.
94-يىلى18ياشتا مىنىرو شىتاتى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى.ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن،ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى.
95-يىلى گوللاندىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى.ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن.19ياش.32مەيداندا 30توپ كىرگۈزگەن.
96-يىلى 20 ياشتا دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى. ياۋروپا كۈمۈش توپ مۇكاپاتى.
ئەنگىلىيە <<دۇنيا پۇتبولى>>__دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى.
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر
سەپ شەكلىگە كىرگەن .
گوللاندىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى.ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن.
97-يىلى 21ياشتا دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى . ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى. ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتى.
ئەنگىلىيە <<دۇنيا پۇتبولى>>__دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى.
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى .ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن.بارسېلونادا 49مەيداندا 47توپ ئۇرغان.بىرلەشمىدە 37مەيداندا 34توپ.
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى. ئەڭ مۇنەۋۋەر لاتىن تەنھەرىكەتچىسى.
ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى. يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى.
ژۇرنىلى تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر Onze Mondial فىرانسىيە ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇپ باھالانغان. ئامېرىكا لوڭقىسى. ئالتۇن توپ،كۈمۈش كەش.
خەلقئارا پۇتبول تارىخى ۋە سىتاتىستىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن.
ياۋروپا غالىبلار لوڭقىسى .ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن.ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى.
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن.
98-يىلى22ياشتا ئىتالىيە ئوسكارى __________يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى،ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك ماھىر .
دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن توپى، دۇنيا لوڭقىسى مىس كەش مۇكاپاتى. ياۋروپامىس توپ مۇكاپاتى.
ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى. ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى.
دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى 2-لىك.
خەلقئارا پۇتبول تارىخى ۋە سىتاتىستىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن.
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا كۇلۇبلار يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىسى.يىللىق ئەڭ باھالىق توپچى.
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن.
99-يىلى23ياش.ئامېرىكا لوڭقىسى ئالتۇن كەشى،كۈمۈش توپى.........
چولپىنىمىز يارىلانمىغان بولسا..............
94-يىلى تۇنجى قېتىم ئېغىر يارىلانغان ۋە بارسېلوناغا يۆتكەلگەن.
98-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا پۈتۈن بەدىنى تىترەپ ھۇشىدىن كەتكەن. بۇنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىكى پۈتۈن تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سىرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش-چىقماسلىقى توغرىسىدا قاتتىق تالاش تارتىش بولغان.سەپداشلىرى ئۇنىڭدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن، ھەتتا ئۇلار ماسلىشىش مەشىقىمۇ ئېلىپ بارمىغان.ھەممىسىنىڭ كەيپىياتى قاتتىق تەسىرگە ئۇچرىغان.مۇسابىقە جەريانىدا دوختۇرلاردىن توختىمىستىن ئۇ ئۆلۈپ قالماس ھە؟-دەپ سورىغانلارمۇ بولغان.ئۇ ئاخىرى مەيدانغا چىققان بولسىمۇ ئىپادىسى ئادەتتىكىچىلا بولغان.بىرازىلىيەمۇ ھاقارەتلىك ھالدا ئۇتتۇرىۋەتكەن.
98-يىلى 10-ئايدا ئوڭ تىزى يارىلىنىپ بىر ئاي دەم ئالغان.
99-يىلى 1-ئايدا ئىككىلى تىزى يارىلىنىپ 10مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمىغان. ئوڭ پۇتى يارىلانغاندىن كېيىن ئۇ سول پۇتىنى زىيادە ئىشلەتكەچكە ئىككىلى پۇتى يارىلانغان.
99-يىلى 11-ئايدا ئوڭ تىزى يارىلىنىپ يەنە 4ئاي دەم ئالغان.
2000-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ساقىيىپ ئەمدىلا مەيدانغا چۈشۈپ ئالتە مىنۇت بولغاندا باشقىلار تېگىشمىگەن ئەھۋالدا قاتتىق ۋارقىراپلا يىقىلىپ چۈشىدۇ .دېئاگىنۇزدىن ئوڭ تىزىنىڭ پېيى ئۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.يەنە18ئاي دەم ئالىدۇ.كىشىلەرئۇنى ئەڭ قىران مەزگىللىرىدە ئىككى يىلغىچە پۇتبول مەيدانىدا كۆرەلمەيدۇ.دوختۇرلار ئەمدى توپ ئوينىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
داۋامى كېيىنكى ساندا.............. |
|