- تىزىملاتقان
- 2012-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1708
- نادىر
- 0
- يازما
- 1708
|
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ... بۈگۈن ئەتتىگەندىلا قوپۇپ مۇسابىقىنى قانداق ئويلاش توغۇرسىدا قاتتىق ئويلاندىم ... ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ 4-2-3 سەپ شەكلىنى قوللىنىشنى ئويلاشتىم . (چۈنكى تۆنۈگۈن قارشى تەرەپنىڭ ئادەملىرى 10 دە 10 ئوينايلى دېگەن ئېدى ) چۈشمۇ بولدى ، سومكامنى ئاستىمدە كاللامدە لىق خىيال ، خىيال سۈرۈپلا مەكتەپنىڭ ئالدىغا قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنى ئۇقمايمەن . قارىسام بىرنەچچە سەپداشلىرىم مېنى ساقلاپ تۇرۇپ كېتىپتۇ .. ئۇلاربىلەن كۆرۈشۈپلا تۇرساق 1-ئوتتۇرنىڭ باللىرىنى قۇيۇپ بەردى . شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپلا پۇتبول مەيدانىغا ماڭدۇق ... مەيدانغا كىرىپ كىيىمنى ئالماشتۇرۇپ ئەمدى بىر بەدەن قىززىتىش مەشىقىنى قىلاي دەپ تۇرسام ، قارشى تەرەپنىڭ كاپىتانى ئاقسا كىلىپ :ھە ، تۆنۈگەن ئۇتۇۋىلىپ كەتتىڭلار ، بۈگۈن بىز ئۇتۇمىز دەپ قۇيۇپ كېتىپ بارىدۇ . (بىرنۆگۈن ئۇلارنى 5-1 نەتىجە بىلەن ئۇتۇۋالغان ، دوسلۇق مۇسابىقىسى بولغاندىنكىن مۇنبەرگە يوللىمىغاندىم ، پېقىر كەمىنە شۇ كۈنى قالپاق كىيگەن ئېدىم )شۇنىڭ بىلەن گەپمۇ قىلماي كوماندىدىكى باللىنى يىغىپ سەپ شەكلىنى ئورونلاشتۇردۇم ...
مۇسابىقىنىمۇ باشلىدۇق ... ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ئاساسى جەھەتتىن بەدەن قۇرۇلىشى جەھەتتىن بىزدىن يوغان بولغاچقا ، بېكلىرىمىزدىن ئاسانلا بەدەن ئېلىپ ئۆتۈپ كەتتى ... مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق بولماي كەينى - كەينىدىن ئېككى توپ ئېستىمال قىلىۋالدۇق ... (رىپپىر بولمىغاچقا ئوفسايىت توپلاردىن ئېككسى كىرىپ كەتتى ) شۇنىڭ بىلەن بىر بېكنىڭ ئورىنىغا 7-نۇمۇرلۇق ئەزايىمىزنى چىقاردىم ... شۇنىڭ بىلەن ھۇجۇمنى ئاساس قىلىپلا ئوينىدۇق ... ئازىراق ئۆتۈپلا مەن بىر سەپدىشىمنىڭ پاس بېرىشى ئارقىلىق ئېككى بېىكنى ئالداپ ئۆتۈپ بىر توپ ئۇردۇم ... شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە تازا قىززىپ كەتتى ... ئۇلارنىڭ بېكلىرىدىن توپنى ئالداپ ئۆتۈش بەكلا تەس ئېدى .. شۇنداق ئېگىز ھەم شۇنداق يوغان بېكتىن ئېككىسىنى قۇيۇپ قويۇپتىكەن ، بىزنىڭ ھۇجۇمچىلىرىمىز ئۇلاردىن توپنى تۇللۇق ئۆتەلمەي سەل قىينىلىپ قالدۇق ... خېلى ۋاقىت تىركىشىپ بىزنىڭ باللىنىڭ بەدەن قوۋىتى خېلى خوراپ كەتتى ... دەم ئالماي ئوينىدۇق ئەمەسمۇ ... بىردەمدىن كىيىن قارشى تەرەپنىڭ بىر ئەزاسى بىر توپ ئۇردى ... بىز سەل ھىرىپ قالدۇق ، قوساقمۇ تازا ئاشقان ئېدى ... مۇسابىقە توشىشىغا ئازىراق قالغاندا 12- نۇمۇرلۇق سەپدىشىمنىڭ توپنى كاللامغا سېلىپ بەرگىنىنى كۆرۈپ 11 قەدەم جازا رايونىدىن شۇنداقلا سەكرىشىمگە يۈزۈمگە شۇنداق قاتتق نەسىدىن بىرسى تەگدىكى گوپپىدە قىلىپ يەگىلا چۈشتۇم ... يۇزۇمنى تۇتۇپ 2 مىنۇتدەك يېتىپتىمەن ... نۇختا توپنى بالىلار كاپىتان تەپسۇن دەپ ماڭا تاشلاپ بەردى ... توپنى نۇقتا توپ رايونىغا قويدۇم ، لىكىن توپ ماڭا .ئېككى كۆرۈنۈپ كېتىپ باراتتى ... ئەلەھمۇللا دەپلا ئۆزەمنىڭ تەجىربەمگە ئاساسەن توپنى تەپتىم توپ كىردى ... شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاستا تىكىۋەتتى بىزمۇ كىيىمىمىزنى ئالماشتۇرۇپ ماڭدۇق ... نەتىجە 3-2 ...
تۇنجى مەيدان مۇسابىقىمىز بولغاچقا ، سەل تەمتىرەپ قالدۇق ... كوماندىمىزدىكى بالىلار مۇشۇ نەتىجىدىن خېلى خوش بولدى ... مەنچە بۇ نەتىجە خېلى كۆرىنەرلىك نەتىجە دەپ قارايمەن ... |
-
|