- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 264
- نادىر
- 1
- يازما
- 264
|

رېئال جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، توپ مەستالىرىنىڭ رايىغا كۆز قىرىنىمۇ سالماي ، يەنە بىر قىتىم كاسسىللاسنى زاپاس ئەزا قىلىپ قويدى ، نەتىجىدە مورىنخونى كۈتىۋالغىنى بېرنابۇدىكى تۈمەنلىگەن ھۈۋلەش ۋە ئىسقىرتىش ئاۋازلىرى بولدى .
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ، توپ مەستانىلىرى نەخ مەيداندىكى چوڭ ئىكراندىن كاسىللاسنىڭ يەنە «چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرىدىغان» لىقىدىن خەۋەر تاپتى ، مورىنخو ئاداننى دەسلەپ مەيدانغا چىقارغان ئىدى . نەخ مەيدان ئاڭلاتقۇچىسى مەيدانغا چىقىش تىزىملىكىنى ئوقۇپ مورىنخوغا كەلگەندە تۈمەنلىگەن بېرنابۇ توپ مەستانىلىرى كوللىكتىپ ھۈۋلەش ۋە تىللاش ئارقىلىق ، پورتۇگال ترېنېرىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى . بۇنىڭ بىلەن روشەن پەرق شەكىللەنگىنى شۇكى ، زاپاس ۋاراتار كاسىللاسنىڭ ئىسمى ئوقۇلغاندا ، توپ مەستانىلىرى گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى سوۋغا قىلدى ، ھەمدە يۇقىرى ئاۋازدا «ئىكېر ، ئىكېر» دەپ توۋلىدى .

ھالبۇكى ، ئادان مۇسابىقە باشلىنىپ 6 مىنۇت بولغاندا قىزىل كارتا يەپ ، مەيداندىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى ، كاسىللاس كەسىپ تارىخىدىكى 4-قىتىم ، 6 يىلدىن بۇيان تۇنجى بولۇپ زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى . كاسىللاس مەيدانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ، مورىنخو ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ نەچچە ئېغىز پىچىرلىدى ، ماركا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخپىرى مولارېس پورتۇگال ترېنېرىنىڭ سۆزىگنى «ئۇستىلىق» بىلەن يەشتى ، «كۆپچىلىك بولدى تاپماڭلار ، مەن سىلەرگە مورىنخونىڭ كاسىللاسقا نىمە دېگىنىنى دەپ بېرەي ، ئۇنىڭ دېگىنى «مەن خاتالىقىمنى تونۇدۇم ، لېكىن بۇنى باشقىلارغا دەپ قويما ھە . » . »
مەنبە : سىنا تەنتەربىيسى |
|