تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 3379|ئىنكاس: 51

چولپانلار ئائىلسى-AC مىلان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قارا قىزىل قۇشۇن

311

تېما

14

دوست

4475

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  440
يازمىسى: 4475
نادىر تېما: 12
ياۋرۇ: 2855
تۆھپە: 19423783
ۋاقتى: 615
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 23:09:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەنتەربىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-3 13:52  

مۇقەددىمەACمىلان كۇماندسى --1899-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدە بىر گۇروھ -ئاقسۇڭەكلەرنىڭ تەشكللىنىپ مىلان شەھىرىنىڭ دونورىد (Du Nord) مىھمانسارىيىدا مەسىلىھەتىنى پىشۇرىغاندىن كىيىن ، AC مىلان پۇتبول كۇماندسى رەسىمىي قۇرۇلغان .
كۇماندىنىڭ شۇ ۋاقىتتكى تۇنجى خۇجايىنى ( فىرىد . ئىىدۋارىز) ، كۇلۇپ 113 يىللىق ئىسسىق -سۇغۇقىنى باشتىن كەچۈرۈپ 2013-يىلغا كەلگۈچە ياۋرۇپادىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ، ئۇلۇغ كۇماندا بۇلۇش شانلىق تارىخىنى ياراتقان . كۇماندا 133يىللىق تارىخىدا ( 7 قىتىم ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) . ( 5 قىتىم ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 2 قىتىم ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 4 قىتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 18 قىتىم ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 5 قىتىم ئىتالىيە لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 6 قىتىم ئىتالىيە دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) ، ( 2 قىتىم ئىتالىيە B بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيۇنى)
( 1 قىتىم بىلىروسكىنى لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ) قاتارلىق ئىسىل شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرىگەن .
كۇماندا قىسقىچە تەرجىمھالى
كۇماندا ئىسىمى : AC مىلان
خەنزوچە ئاتىلشى : AC米兰
ئىنگلىزچە ئاتىلىشى : Associazione Calcio Milan
كۇماندا قۇرۇلغان ۋاقىت : 1899-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تەنھەركەت تۈرى : پۇتبول
بىرلەشمە تەۋەلىكى : ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمسى
قۇرۇلغان شەھەر : ئىتالىيە مىلان شەھىرى
كۇماندا مەيدانى : سان-سىرو پۇتبول مەيدانى
مەيدان سىغىمى : 82955 ئادەم
كۇلۇپ خۇجايىنى : بىلىروسكىنى
كۇلۇپ رەئىسى : گالىيانى
كۇلۇپ تىرنىرى : ئالىگىرى
ياردەمچى تىرنىر : ماۋلو . تاسۇدى
تىخنىكا تىرنىرى : ئاندىرىيا . ماندىرا
ۋارتار يىتەكچىسى : ۋالەيرى . فىئاۋلى  ، ماركو . رەندوچ
كۈچ مەشقى تىرنرى : دەنىلەي . تونىياچىنى
كۈچ مەشقى تىرنىر ياردەمچىلىرى : فىلەيدى  ،  ئالەيۋى  ، دومىنىچ   ،  ماسكەيلونى  ، پۇلىدىموۋىچ
كۇلۇپ باش دۇختۇرى : رودوف . تاۋانا
دۇختۇر ياردەمچىلىرى : جىۋى  ،  گۇۋاچىنى
كۇلۇپ ئۇۋلاش باش تىخنىكى : ئالىكساندىرو . تىراپاتونى
كۇماندىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى : قارا-قىزىل قۇشۇن
ئىپتىدائىي ھالەتتكى AC مىلان
1899-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان AC مىلان كۇماندسى ---'Milan Cricket and Football SERIE A يەنە (مىلان پۇتبولچىلار ئۇيۇشمسى دىگەن گەپ بۇلۇپ ، قىسقارتىلىپ (AC Milan) دەپ ئاتالغان ، كۇماندا 1901-يىلى تۇنجى قىتىم ‹‹ مىلان لوڭقسىغا ئىرشكەن›› ، 1905-يىلى رەسمىي ھالىدا ‹‹ Milan Football Club ›› كۇلۇپ دەپ ئاتالغان ، 1906-يىلى ۋە1907-يىلى ئۇدا ئىككى قىتىم ‹‹ ئىتالىيە مەملىكەتلىك لەۋھە تالشش ›› پۇتبول مۇسابىقسىنىڭ چىمپىيونى بولغان.1908-يىلى كۇماندىدىكى بىردىنبىر چەتئەللىك ماھىر (شىۋتسارىيەلىك) سىرنا كۇماندىدىن ئايىرىلىپ چىقىپ مىلان شەھىرىگە يەنە بىر كۇلۇپىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ، بۇ كۇلۇپنىڭ ئىسىمى ( خەلىقئارا) كۇلۇپ دەپ ئاتىلىپ يەنە (Inter) بۇلۇپ بۇ كۇماندىمۇ مىلان شەھىرىدە قۇرۇلغاچىقا (خەلىقئارا مىلان ) دەپ ئاتالغان. مانا بۇ ئىككى كۇماندىنىڭ بىر شەھەرىدە قۇرۇلۇشى ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك رىقابەت ‹‹ مىلان دىربىسى›› نى بارلىققا كەلتۈرىگەن.
AC مىلان كۇماندسى مىلان شەھىرىنىڭ غەربىدىكى سان-سىرو رايونىدا قۇرۇلغاچقا مەيداننىڭ نامى ‹‹ سان-سىرو›› پۇتبول مەيدانى دەپ ئاتالغان. ئۇدا ئىككى قىتملىق دۇنيا ئۇرۇشى تەسىرىدە پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىتالىيە بىرلەشمسى 1947-يىلىغا كەلگەندە رەسمىي ھالىدا ياۋرۇپا سەھنىسىدە چاقناشقا باشلىغان.
داڭلىق چولپانلارنىڭ ئىقىپ كىرشى
1947-يىلى AC مىلان كۇماندسى 1-ئەۋلاد ئالتۇن دەۋىر شىۋتسىيەلىك ‹‹ ئۈچ بومباردىمانچى ›› نودار ئائىلسدىكى ئۈچ ئاكا-ئۇكا قىرنداشلارنى كۇماندىغا ئىلىپ كىرىدۇ ، بۇ ئۈچ قىرنداش دەل 1948-يىللىق ‹‹ لوندون ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقسىدا شىۋتسيە ئولمىپىك پۇتبول كۇماندسىنى چىمپىيون قىلغان ماھىرلار ئىدى. بۇ ئۈچ ماھىردىن ئەڭ كىچىكى گاڭنا-نودار دەل مىلان تارىخدىكى مەشھور شەخسلەر قامۇسىغا يىزىلغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى ئىدى. 1948-1949-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە گاڭنا . نودار مىلان ئۈچۈن 15 مەيدان مۇسابىقىغا چىقىپ 16 توپ ئۇرىغان ، ئۇندىن كىيىن مىلان ئىلىگىرى كىيىن بۇلۇپ شىۋتسىيەلىك گاڭنا . گىرىن ۋە نىرسى . لىدخورىم قاتارلىق ئىككى مۇنەۋۋەر پۇتبولچىنى كىرگۈزىدۇ ، مانا بۇلار مىلان تارىخدىكى 1-ئەۋلاد كۈچلۈك گۇرۇپ ‹‹Gre-No-Li›› گۇرۇپپسىنى ھاسىل قىلىدۇ.
1958-يىللىق دۇنيا لوڭقسدىن كىيىن مىلان كۇماندسى ، بىرازلىيەنىڭ ‹‹ پارمىلاس›› كۇماندسدىن 58-يىللىق دۇنيا لوڭقسدىكى چىمپىيون بىرازلىيەنىڭ ئاساسلىق ئۇتتۇرا ھۇجۇمچسى ‹‹جوسى . ئارتافىنى›› نى كىرگۈزىدۇ.1958-1959-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مىلان كۇماندسى بىرلەشمىدە 20 مەيدان ئۇتۇش ، 12 مەيدان تەڭلىشش ، 2 مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك ياخشى نەتىجە بىلەن چىمپىيون بۇلىدۇ، ئارتافىنى 32 قىتىم مەيدانغا چىقىپ  28 توپ كىرگۈزىدۇ ، 1960-يىلى مىلان يەنە ئۇراگۇايلىق قاتىل ھۇجۇمچى سىجيافىنونى قىتۋالىدۇ ، بىر پەسللىك مۇسابىقدىن كىيىن رىم كۇماندسىغا ئىجارىگە بىرىدۇ، ھەمىدە شۇ يىلى ئىتالىيەلىك ياش ماھىر لىۋىرانى كۇماندىغا چاقىرىدۇ ، 1961-1962يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە لىۋىرا كۇماندا ئۈچۈن بىرلەشمىدە 20 توپ كىرگۈزۈپ شۇ پەسللىك ‹‹ ئالتۇن ئاياغ›› مۇكاپاتىغا ئىرشىدۇ.
ياۋرۇپانىڭ ھۈكۈمىرانلىق ئورنىغا ئاتلىنىش
1962-1963يىللىق مۇسابىقە پەسلى مىلان ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر پەسىل بولدى ، يەنە ئارتافىنى ۋە شىۋتسىيەلىك ‹‹Gre-No-Li››
گۇرۇپپسى باشچىلىقدىكى مىلان كۇماندسى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى مۇسابىقسىدە ھەربىر قەدەمدىكى رەقىپلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنە ‹‹ لوندون ۋىنبولى پۇتبول مەيداندا›› يوشىبئىو باشچلىقدىكى بىنفيكا كۇماندسىنى مەغلوپ قىلىپ AC مىلان  كۇماندسىنىڭ 1-ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
1964-يىلى AC مىلان كۇماندسى ‹‹ سەيسار . مالىدىنى ›› (چوڭ مالىدىنىنى) كۇماندىغا كىرگۈزىدۇ.1966-يىلى بولسا شۇ دەۋىردىكى ئەڭ نوچى تىرنىر ‹‹ نىرريئو . روك ›› نى كۇماندىنىڭ مەشقاۋۇللۇقىغا تەكلىپ قىلىدۇ،  ‹‹روك››نىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا 1968-يىلى گوللاندىيەنىڭ روتىدان شەھىرىدە ئۈتكۈزۈلگەن ‹‹ ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقسى ›› پۇتبول مۇسابىقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە گىرمانىيەنىڭ ‹‹ ھامبورىگ›› كۇماندسىنى مەغلوپ قىلىپ بۇ قىتملىق ‹‹ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقسى››نىڭ چىمپىيۇنى بۇلىدۇ.
1969-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىسپانىيە مادىرىدنىڭ ‹‹ بىرنابۇ›› پۇتبول مەيدانىدا گوللاندىيەلىك رىۋايەتلىك شەخس-كىرويىف باشچلىقىدىكى ئاجاكىس كۇماندسى بىلەن شۇ پەسللىك ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىنى ئويناپ 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يىڭىپ 2-قىتم ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى بۇلىدۇ، مۇشۇ مەيدان مۇسابىقدە مىلان 2-كۇماندسدىن يۈتكەپ كەلگەن 17 ياشلىق ماھىر ‹‹ بىرادى ›› ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ ‹‹قالپاق›› كىيىدۇ.
1969-يىلىنىڭ ئاخىرىدا AC مىلان كۇماندسى 4 : 2 نەتىجە بىلەن بىلارىدو . ۋىرون ‹‹ ئارگىنتىنانىڭ يىڭدىن چىكىنگەن پۇتبول چولپىنى ›› ۋىروننىڭ دادىسى باشچلىقدىكى ئارگىنتىنا لابوراتا ئۇنىۋىرستىت كۇماندسىنى يىڭىپ تۇنجى قىتىم ‹‹دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسى››نىڭ چىمپىيونى بۇلىدۇ . شۇ يىلى ‹‹ لىۋىرا ›› ‹‹ ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندسى ›› بۇلۇپ باھالىندۇ.
1978-يىلى AC مىلان كۇماندسى يەنە بىر رىۋايەتلىك چولپان ، ‹‹ پۇلات قورغان ›› فىرانكو . باروسسىنى كۇماندىىنىڭ 2-كۇماندسدىن 1-كۇماندىغا يۈتكەپ چىقىدۇ .1982-يىلى ئىتالىيە دۆلەت كۇماندسىنىڭ ‹‹دۇنيا لوڭقسى››دىكى چىمپىيون تىرنىر ‹‹ئىنزو . بىئارزوتى›› نى كۇماندىنىڭ تىرنىرلىقىغا كىرگۈزىدۇ ، 1984-يىلى ‹‹ مىلان شاھىزادىسى ›› ‹‹پاۋلو . مالدىنى››(كىچىك مالدىنى) نى 2-كۇماندىدىن يۈتكەپ چىقىدۇ . 1985-يىلى ‹‹ئىتالىيەلىك ئالتۇن ئۈسمۈر›› ‹‹روسسى›› نى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
1986-يىلى 2-ئايىدا ئىتالىيەلىك ئاقسۇڭەك باي ‹‹ سىرۋىئۇ . بىلىروسكىنى ›› كۇماندىنىڭ 85% پاي ھۇقۇقىنى سىتۋالىدۇ،ھەم مىلاننى ياۋرۇپادىكى يەنە بىر شانلىق دەۋىرگە باشلاپ كىرىدۇ ، 1987-يىلى بىلىروسكىنى ‹‹ گوللاندىيەلىك ئۈچ شەمشەرۋاز ›› گوللىت ، لىجكارىد ، ۋەن-باستىن قاتارلىقلارنى بىر ۋاقىتتا كىرگۈزۈپ مىلان تارىخدىكى يەنە بىر ئالتۇن گۇرۇپپا تەشكىلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. 1988-يىلى يەنە يۇقىرى باھا بىلەن ‹‹چاۋانى . گالى ›› ، ‹‹ ماسالو ›› ، ‹‹ دونادونى ›› قاتارلىق داڭلىق ماھىرلارنى كۇماندىغا يۈتكەيىدۇ ، ھەمىدە ئىلىگىرىكى مىلاننىڭ رىۋايەتلىك ماھىرى ‹‹ لىدخورىم ›› نى كۇماندىنىڭ ياردەمچى تىرنىرلىقىغا ، يەنە بىر مىلان تارىخدىكى ئىسىل چولپان ‹‹ كاپىرو›› نى كۇماندىنىڭ باش تىرنىرلىقىغا تەكلىپ قىلىپ ئىلىپ كىرىدۇ.1990-يىلى بىلىروسكىنى ‹‹ گالىيانى›› نى كۇماندىنىڭ باش رەئىسلكىگە تەيىنلەيىدۇ ، ھەمىدە ئىلىگىرىكى مىلان چولپىنى ‹‹ زاجى›› نى كۇماندىنىڭ تىخنىكا تىرنىرلىقىغا ئىلىپ كىرىدۇ.
1989-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بارسلونانىڭ ‹‹نوگىكەنپۇ›› پۇتبول مەيدانىدا رومىنيەنىڭ ‹‹ بولخارسىت قىزىل يۇلتۇز›› پۇتبول كۇماندسىنى يىڭىپ 3-قىتىم ‹‹ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى ›› بۇلىدۇ ، مۇسابىقىدە گوللىت بىلەن ۋەن-باستىن 2دىن توپ ئۇرىدۇ.
1990-يىلى گالىيانى ‹‹كوستاكۇتا›› نى كۇماندىغا ئىلىپ كىلىدۇ.
1990-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاۋستىرىيەنىڭ ‹‹ ۋىينا›› پۇتبول مەيدانىدا  1 : 0 نەتىجە بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ ‹‹بىنفىيكا›› كۇماندسىنى يىڭىپ ‹‹4-قىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى›› نىڭ چىمپىيونى بۇلىدۇ. مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپىنى لىجكارىد كىرگۈزىدۇ.
1990-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپۇنىيەنىڭ ‹‹ توكيو ئولىمپىك پۇتبول مەيدانى››دا ئۇراگۇاينىڭ ‹‹ئولىمپىيە›› كۇماندسىنى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ‹‹3-قىتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى›› بۇلىدۇ. مۇسابىقىدە لىجكارىد 2 توپ ، سىتروپا 1 توپ كىرگۈزىدۇ.
1991-1992-يىلى بىلىروسكىنى ئىتالىيەلىك ‹‹ ماتور››‹‹ئاربىدىنى›› نى كىرگۈزىدۇ ھەم شۇ پەسلىنىڭ ئۇتتۇرسى ئارگىنتىنالىق ماھىر ‹‹ سىمونى›› نى كىرگۈزىدۇ . 1992-1993-يىلى بىلىروسكىنى يۇقىرى باھا بىلەن يۈگۈسلاۋىيەلىك ‹‹ئوت قۇرال›› ‹‹ساۋىيچىۋىچ›› ،  ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندسى ‹‹ پافەن ›› ، تورىن كۇماندسىنىڭ 1-مەرگىنى ‹‹ لوندىنى›› ، رىنايا كۇماندسىنىڭ پۇلات بىكى ‹‹ ئەيلانئىوۋ›› قاتارلىق داڭلىق ماھىرلارنى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
1993-يىلى 12-ئايىدا ياپۇنىيەنىڭ ‹‹توكيو ئولىمپىك پۇتبول مەيدانى›› دا ‹‹كافۇ›› باشچلقىدىكى بىرازلىيەنىڭ ‹‹سان-پاۋلو››كۇماندسىنى 2گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ‹‹ دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى بۇلىدۇ.
1992-يىلى مىلان كۇماندسىنىڭ باش مەرگىنى ‹‹ۋەن-باستىن›› ‹‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى ›› بۇلۇپ باھالاندى.
1993-1994يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمسى ۋە ياۋرۇپا سەھنىسىدە AC مىلان كۇماندسى ‹‹كاپىرو››نىڭ يىتەكلشىدە ‹‹14-قىتم ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونى›› ، ‹‹5-قىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسىنىڭ چىمپىيونى›› قوش چىمپىيونلۇققا ئىرشتى.
1995-1996-يىللىق مۇسابىقە پەسلى AC مىلان كۇماندسى ‹‹15-قىتىم بىرلەشمە چىمپىيونلىقى››نى قولغا كەلتۈردى.
1995-يىلى پارىژ-سانىت گىرمان كۇماندسدىن يۈتكەپ كەلگەن رىۋايەتلىك شەخس ‹‹جورجى-ۋىيئا›› ‹‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى ›› بۇلۇپ باھالاندى . 1996-1997مۇسابىقە پەسلى ۋە 1997-1998يىللىق مۇسابىقە پەسلىلىرى 1993-يىللىق ‹‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى›› ‹‹روبىرىت-باگىگو›› مىلان ئۈچۈن توپ تەپىتى.
21-ئەسىردىكى شانلىق نەتىجلەر
21-ئەسىر كىرگەندىن كىيىن مىلان يەنە بىر قىممەتلىك شانلىق ياراتتى.
يەنە ‹‹ كافۇ ›› ، ‹‹ كاكا ›› ، رىۋالىدۇ›› ‹‹ كىرسپو›› ،‹‹شىۋچىنكو›› ، ‹‹دىدا›› قاتارلىق ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك چولپانلارنى كىرگۈزۈپ 2002-2003-يىللىق ‹‹ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى›› ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە يەنە بىر ئىتالىيە زەردارى ‹‹ يوۋىنتوس›› كۇماندسىنى نۇقىتا توپ جىڭىدە مەغلوپ قىلىپ ، ‹‹ كۇماندىنىڭ 6- قىتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى››غا ئىرشكەن. دەل مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە بىر قىززىق نۇقىتا دۇنيادىكى ئىككى كۈچلۈك ۋارتار ‹‹ بوففىن›› بىلەن ‹‹ دىدا››نىڭ دىربىسى بولدى دىيشكە تامامەن بۇلىدۇ.
2003-2004-يىللىق بىرلەشمىدە 17-قىتىم ‹‹بىرلەشمە چىمپىيونلىق››نى قولغا كەلتۇرىگەن.
2007-يىلى 5-ئايىدا گىرتسىيەنىڭ‹‹ئافىنا پۇتبول مەيدانى››دا ئىنگىلادنىڭ لىۋىرپول كۇماندسىنى ‹‹كاكا›› ‹‹ئىنزاگى››لارنىڭ قالتىس ئىپادسى بىلەن 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يىڭىپ چىمپىيون بولغان .  مۇسابىقىدە ‹‹ئىنزاگى›› 2 توپ كىرگۈزگەن
2007-يىلى ئىسپانىيەنىڭ ‹‹سىۋللىيا›› پۇتبول كۇماندسىنى يىڭىپ ‹‹ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسى››نىڭ چىمپىيونى بولغان.
2007-يىلى 12-ئايىدا ئارگىنتىنانىڭ ‹‹ بوكا ياشلار كۇماندسى›› نى يىڭىپ ‹‹دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسى››غا ئىرشكەن.
2007-يىلى پۇتبول دۇنياسدىكى ‹‹ئەڭ كىلشكەن چولپان -كاكا  دۇنيا پۇتبول ئەپەندسى›› بۇلۇپ باھالىندۇ.
2007-يىلى يازدا يەنە ‹‹تاشقى پىلانىت ئادىمى›› رونالدونى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
2008-يىلى ‹‹چىملىقتىكى -سىھىرىگەر›› رونالدىخو بارسلونا كۇماندسدىن يۈتكۈلۈپ كىلىدۇ.
2008-يىلى ئامىرىكىنىڭ ‹‹لوس-ئانجلىس سامان يۇلى›› كۇماندسدىن بىكخامىنى ئىجارە شەكىلىدە يۈتكەپ كىلىدۇ.
2009-يىلى ‹‹كاكا›› كۇماندىدىن ئايىرىلىپ 6500 تۈمەن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن مادىرىد كۇماندسىغا يۈتكىلىدۇ.
2010-يىلى شىۋتسيەلىك قاتىل مۇنار‹‹ئىبىراھىموۋىچ ›› ، ۋىلسپىت مىنىش ماھىرى‹‹روبىنخو›› ، يىڭى مىلان شاھىزادسى ‹‹ بوئاتىڭ›› قاتارلىق ماھىرلارنى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھازىرىقى 1-نۇمۇرلۇق ئۇتتۇرا بىك ‹‹ دىياگو-سىلۋا››نى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
2011-يىلى كاسانو قاتارلىق داڭلىق ماھىرلارنى كۇماندىغا يۈتكەپ كىلىدۇ.
2012-يىلى كىچىك فىرئەۋىن ‹‹ ئال-شالاۋى›› مىلاندا چاقناشقا باشلىدى.
بۇلاردىن باشقا مىلاندا توپ تەپكەن داڭلىق ماھىرلاردىن ‹‹ كافۇ ›› ، ‹‹گاتتۇسو›› ، ‹‹ پىرلو›› ، ‹‹ سىدورف›› ، ‹‹ زامبوروتا›› ، ‹‹خۇنتىلار›› ، ‹‹پاتو›› ، ‹‹ پاززىنى›› ، ‹‹ بويان›› ، ‹‹ ئەنىبىروسسىنى›› ، ‹‹ ئىمانوئىرسىن›› ، ‹‹ مۇنتارى›› ، ‹‹بولىيلو›› ، ‹‹ مونتىرىۋو›› ، ‹‹فەنبوممىل›› ، ‹‹نىستا›› ، ‹‹ياڭكىلوۋسىكى›› ، ‹‹ روي كوستا›› ، ‹‹ مىكىس›› ، ‹‹ نوچىرنو›› ، ‹‹ ئابىيادى›› ، ‹‹ئاباتى›› ، ‹‹يىپىس›› ، ‹‹ئەندۇننىنى›› ، ‹‹دىروڭ›› ، ‹‹ ئاكالى›› قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بار.
كۇماندا تارىخىدا ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندسى بولغانلار
ۋاقىت ئىسىم دۆلەت
1982-يىل روسسى ئىتالىيە
1969-يىل لىۋىرا ئىتالىيە
1987-يىل گۇللىت گوللاندىيە
1988-يىلۋەن-باستىن گوللاندىيە
1989-يىل ۋەن-باستىن گوللاندىيە
1990-يىل پافەن فىرانسىيە
1992-يىلۋەن-باستىن گوللاندىيە
1993-يىل باگىگئىو ئىتالىيە
1995-يىل جورجى-ۋىيئالىبىرىيە
1996-يىل رونالدوبىرازلىيە
1999-يىل رىۋالىدو بىرازلىيە
2002-يىل رونالدوبىرازلىيە
2004-يىل شىۋچىنكو ئوكىرائىنا
2005-يىل رونالدىنخوبىرازلىيە
2007-يىل كاكا بىرازلىيە

كۇلۇپ تارىخدىكى توپ تەپكەن ‹‹دۇنيا پۇتبول ئەپەندى››لىرى

ۋاقىت ئىسىم   دۆلەت
1992-يىل ۋەن-باستىن گوللاندىيە
1993-يىل باگىگيو ئىتالىيە
1996،1997،2002-يىل رونالدو بىرازلىيە
1995-يىل جورجى-ۋىيئا لىبىرىيە
1999-يىلرىۋالىدۇ بىرازلىيە
2004،2005-يىل رونالدىنخو بىرازلىيە
2007-يىل كاكا بىرازلىيە

كۇلۇپ تارىخدىكى ‹‹ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى›› ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتى
ۋاقىت ئىسىم توپ سانى دۆلەت
1962-1963پەسىل ئارتافىنى 14توپبىرازلىيە
1988-1989پەسىلۋەن-باستىن 10 توپ گوللاندىيە
2005-2006پەسىل شوۋچىنكو 9توپ ئوكىرائىنا
2006-2007پەسىل كاكا10توپ بىرازلىيە

كۇلۇپ تارىخدىكى ئىتالىيە بىرلەشمسى ‹‹ئالتۇن ئاياغ›› مۇكاپاتى
پەسىل ئىسىمى توپ سانى
1939-1940پەسىل بوفۇ 24
1941-1942پەسىلبوفۇ 22
1949-1950پەسىل نودار35
1950-1951پەسىل نودار 34
1952-1953پەسىل نودار26
1953-1954پەسىلنودار 23
1954-1955پەسىل نودار 27
1961-1962پەسىل ئارتافىنى 22
1967-1968پەسىل پۇلادى 15
1986-1987پەسىل ۋىردىس 17
1989-1990پەسىل ۋەن-باستىن 19
1991-1992پەسىل ۋەن-باستىن 25
1999-2000پەسىل شوۋچىنكو24
2003-2004پەسىل شوۋچىنكو24
2011-2012پەسىل ئىبىراھىموۋىچ26

مىلان تارىخدىكى مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى
ئىسىم ۋەزپسى ۋاقىت
لىرونزو-بوففىن ۋارتار 1949-1959
باروسسى بىك 1977-1999
تاسوتتى بىك 1980-1997
مالدىنىبىك 1984-2009
لىدخورىم بىك 1949-1961
لىجكارىدئۇتتۇرامەيدان 1988-1993
تىراپاتونى ئۇتتۇرامەيدان 1959-1971
لىۋىرا ئۇتتۇرامەيدان 1960-1979
ئارتافىنىھۇجۇم 1959-1966
ۋەن-باستىن ھۇجۇم 1987-1995
نودار ھۇجۇم 1949-1956
ساگگى تىرنىر1987-1991

كۇماندىنىڭ تارختىكى مەرگەنلەر قاتارى

ئىسىم توپ سانى دەرىجە
نودار 221توپ 1
شوۋچىنكو 175توپ2
لىۋىرا 164توپ 3
ئارتافىنى 161توپ4
بوفۇ 136توپ5
ئىنزاگى126توپ 6
باستىن 124توپ 7td][/tr]
سان-ئاۋدسىنو106توپ 8
پۇلادى 102توپ9
فەن-مىرىگ98توپ 10
كاكا 95توپ 11
بىيگئان 90توپ12
لىدخورىم 89توپ 13
بوررىنى88توپ 14
ۋىردىس 76توپ15
سىمونى 75توپ 16
سىرونا 73توپ 17
ئاكالى 70توپ 18
ماسالو70توپ 19
مورىددى 68توپ 20

كۇماندا تارىخدىكى شانلىق نەتىجلەر
ئىتالىيە بىرلەشمە لوڭقسى چىمپىيونى ---18次,1901,1906,1907,1950/51,1954/55,1956/57,1958/59,1961/62,1967/68,1978/79,1987/88,1991/92,1992/93,1993/94,1995/96,1998/99,2003/04,2010/11; (18 قىتىم)
ئىتالىيە ‹‹ب››دەرىجلىكلەر چىمپىيونى---1980/81,1982/83  (2 قىتىم)
ئىتالىيە لوڭقسى چىمپىيونى---1966/67,1971/72,1972/73,1976/77,2002/03  (5 قىتىم)
ئىتالىيە دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسى چىمپىيونى---1989,1992,1993,1994,2004,2011  (6 قىتىم)
ئىتالىيە ‹‹خوبىت››ئالتۇن تامىغا لوڭقسى ---1900,1901,1902 (3 قىتىم)
ئىتالىيە ئىتتپاقداشلار لوڭقسى---1915  (1 قىتىم )
بىلىروسكىنى لوڭقسى ---1992,1993,1994,1996,1997,2002,2005,2006,2007,2009,2011  (11 قىتىم)
TIMلوڭقسى چىمپىيونى --- 2001,2006,2008,2009  (4 قىتىم )
ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقسى ---1963,1969,1989,1990 ، 1994 ، 2003 ، 2007  ( 7 قىتىم )
ياۋرۇپا غالىبلار لوڭقسى --- 1967/68,1972/73  ( 2 قىتىم )
ياۋرۇپا دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقسى --- 1989,1990,1994,2003,2007  ( 5 قىتىم )
لاتىن لوڭقسى --- 1951,1956  ( 2 قىتىم )
ئۇتتۇرا ياۋرۇپا لوڭقسى--- 1982 ( 1 قىتىم )
دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسى --- 1969 ، 1989 ، 1990 ، 2007 ( 4 قىتىم )
كۇماندىنىڭ تارىختىكى ئەڭ....لىرى
مىلان دىربىسىدا ئەڭ يۇقىرى پەرىق بىلەن ئۇتقان مۇسابىقە  مىلان  6 : 0 ئىنتىر مىلان
ساھىپخان يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۇتقان مۇسابىقسى مىلان 9 : 0 پالىرىمو
مىھمان يۇقىرى نۇمۇر پەرىق بىلەن ئۇتقان مۇسابىقسى مىلان 8 : 0 رىنايا
ساھىپخان يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۇتتۇرىغان مۇسابىقە مىلان 1 : 6 يوۋىنتوس
مىھمان يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۇتتۇرىغان مۇسابىقە مىلان 1 : 6 ئالىساندرويا
بىرلەشمىدە ئۇدا ئۇتتۇرماسلىق رىكورتى ‹‹ 58›› مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرۇپ باقىمىغان
ئۇدا غەلبە قىلىش مەيدان سانى ‹‹10 مەيدان ›› ئۇدا غەلبە قىلغان
مىھمان مەيدان ئۇدا غەلبە قىلىش سانى ‹‹8 مەيدان›› ئۇدا غەلبە قىلغان
مىھمان مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرماسلىق سانى ‹‹ 19 مەيدان ›› ئۇتتۇرمىغان
ئۇدا غەلبە قىلالماسلىق قىتىم سانى ‹‹11 مەيدان›› غەلبە قىلالمىغان
ئۇدا مەغلوپ بولغان قىتىم سانى ‹‹5 مەيدان ›› مەغلوپ بولغان1961-1962 مۇسابىقە پەسلى ‹‹24 مەيدان›› غەلبە قىلغان
مىھمان مەيدان غەلبە قىلغان قىتىم سانى ئەڭ كۆپ پەسىل 1963-1964 مۇسابىقە پەسلى ‹‹ 11 مەيدان ›› غەلبە قىلغان
غەلبە قىلغان قىتىم سانى ئەڭ ئاز پەسىل 1957-1958 مۇسابىقە پەسلى ‹‹9 مەيدان›› غەلبە قىلغان ئارانلا
ئۇتتۇرماسلىق قىتىم سانى ئەڭ كۆپ پەسىل 1991-1992 مۇسابىقە پەسلى ‹‹ پۈتۈن بىر يىل ›› ئۇتتۇرۇپ باقىمىغان
توپ كىرگۈزۈش سانى ئەڭ كۆپ پەسىل 1958-1959 مۇسابىقە پەسلى ‹‹ 84 توپ ›› كىرگۈزگەن
توپ كىرگۈزۈش سانى ئەڭ ئاز پەسىل 1966-1967 مۇسابىقە پەسلى ‹‹36 توپ ›› كىرگۈزگەن
توپ كەتكۈزۈش سانى ئەڭ ئاز پەسىل 1993-1994 مۇسابىقە پەسلى ‹‹15 توپ ›› كەتكۈزگەن ئارانلا
توپ كەتكۈزۈش سانى ئەڭ كۆپ پەسىل 1932-1933 مۇسابىقە پەسلى ‹‹62 توپ ›› كەتكۈزگەن
ئۇدا توپ كەتكۈزمىگەن ۋارتار : سىيباستىيانو-روسسى ئۇدا ( 930 مىنۇت ) توپ كەتكۈزمىگەن
مەيدانغا چىقىش قىتىم سانى ئەڭ كۆپ ماھىر : مالدىنى ‹‹ 902 مەيدان›› چىققان
بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر: نودار ‹‹ 257 مەيدان مۇسابىقىدە 210 توپ ›› كىرگۈزگەن
خەلىقئارالىق مۇسابىقلەرگە ئەڭ كۆپ قاتناشقان ماھىر : پاۋلو-مالدىنى ‹‹ 126 مەيدان›› چىققان
مىلان كۇماندسىنىڭ ناخشسى
ناخشا ئىسىمى : Inno Milan
ئورۇنلىغۇچى : تونى . لىنىس . گۇانتىنى

Milan,Milan solo con te   Milan Milan sempre per te   Camminiamo noi accanto ai nostri eroi   sopra un campo verde sotto un cielo blu   conquistate voi una stella in piu   ha brillate in nole insieme cantiamo   Milan Milan solo con te   Milan Milan sempre per te   Con il Milan nel cuore   nel profondo dell'anima   un vero amico sele insieme cantiamo   Milan Milan solo con te   Milan Milan sempre per te   Con il sogno che la violenza no   non ti sporchi maie insieme cantiamo   Milan Milan solo con te   Milan Milan sempre per te
مىلاننىڭ كۇماندا ناخشسى
http://player.56.com/v_MTg1NzE5MzI.swf




مىلانلىقلارنىڭ كاكاغا مەدىيلەپ ئىيتقان ناخشسى
http://player.youku.com/player.php/sid/XMjQxODUxMDg0/v.swf
چولپانلار ئائىلسى ---AC مىلان

... ... ... ...

83

تېما

6

دوست

4093

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  31
يازمىسى: 4093
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: -2147483231
تۆھپە: 189
ۋاقتى: 1571
h
ھالەت

لىۋىرپول لۈكچىكى ئالاھىدە تۆھپە تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 23:13:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىم چىقماپتۇ ، ئوڭشىغىلى بولا ...

چۇقۇم قايتىپ كىلىمىز

103

تېما

0

دوست

2213

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8179
يازمىسى: 2213
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 179764
تۆھپە: 439
ۋاقتى: 2057
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 23:35:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىياگو سېلۋا مىلانغا 2008-يىلى 12-ئايدا كەلگەن.

مىسسىنى قوللايم

6

تېما

1

دوست

702

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10901
يازمىسى: 702
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1710
تۆھپە: 699
ۋاقتى: 98
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 23:37:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما نادىرلانمىسا ئەمدى بۇ تور بەتكە كىرمەيمەن ! باشقىلارنىمۇ كىرىشتىن توسۇيمەن!
ئەتىگەن ئورنۇڭدىن تۇر،نىمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ھامىنى بىلىپ قالىسەن ...

نىشانسىز ئىش،قې

3

تېما

3

دوست

358

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10790
يازمىسى: 358
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: -22
تۆھپە: 389
ۋاقتى: 112
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 00:16:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەننىڭ  تارىخىنى    خېلى  ياخشى  چۈشىنىۋالدىم، تىمىڭىزغا  كۆپ  رەخمەت.........نادىر  تىما...
قەھرىمان ئۆزى  پەيدا بولمايدۇ،ئۇنى خەلىق يارىتىدۇ.....

قارا قىزىل قۇشۇن

311

تېما

14

دوست

4475

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  440
يازمىسى: 4475
نادىر تېما: 12
ياۋرۇ: 2855
تۆھپە: 19423783
ۋاقتى: 615
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 00:28:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكاغا بىغىشلاپ ئىيتىلغان ناخشا ئالامەت پەيىزى
چولپانلار ئائىلسى ---AC مىلان

6

تېما

0

دوست

433

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12009
يازمىسى: 433
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1391
تۆھپە: 439
ۋاقتى: 45
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 00:34:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنتەربىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-1-3 00:28
كاكاغا بىغىشلاپ ئىيتىلغان ناخشا ئالامەت پەيىزى

  ئېسىل  تېما .....  قۇلۇڭىزغا دەرت بەرمىسۇن !~!~!

6

تېما

0

دوست

433

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12009
يازمىسى: 433
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1391
تۆھپە: 439
ۋاقتى: 45
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 00:35:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكا   مىلاندىن كەتمىگەن بولسا يەنە گەپ يوق ئەپەندى بولالايتى  ......

15

تېما

2

دوست

637

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12042
يازمىسى: 637
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1885
تۆھپە: 640
ۋاقتى: 129
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 01:16:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي كاكا قايتىپ كەلسەڭ بولىتى... ھەقىقەتەن نادىر تىما بوپتۇ...
رىپىرغا بىسىم ئىشلەتمىسە يەمچىلا بىر كوماندا ئۇ.....

 ئالغا تاش ئالما

8

تېما

10

دوست

910

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  577
يازمىسى: 910
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 5780
تۆھپە: 459
ۋاقتى: 788
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 01:45:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قېتىم مىلاننىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسام يۈرۈكۈم ئاجايىپ لەرزىگە كىلىپ كىتىدۇ
مىلان مىلان مىلان

بىز چېمپىيون!

59

تېما

5

دوست

1473

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3139
يازمىسى: 1473
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 999931
تۆھپە: 497
ۋاقتى: 1256
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 10:21:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل  ، ئىسىل . قان  كىچىپ  جەڭ  قىلدىغان مىلانچىمىز  قايتىپ  كەلدى  مانا

ھايات-ماماتنىڭ ئارىسى بىر تىنى

2

تېما

0

دوست

587

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8491
يازمىسى: 587
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 9990913
تۆھپە: 231
ۋاقتى: 477
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 10:59:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكانى مەدھىيلەپ ئېيتقان ناخشىنىڭ مەزمونى نىمە بولغۇيتى....
just see how far i`m gonna go.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )