بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۈلكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-30 05:52
دۇنيا پۇتبولىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 داڭلىق شەخىس--98. سۈن ۋېن

بەزىلەر سۈن ۋېننى مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزۈش جۇڭگو ئەرلەر پۇتبولچىلىقىنى مەسخىرە قىلغانلىق بۇلىدۇ دەپ قارىشىدۇ . ئەمما مەن ئۇنداق قارىمايمەن . چۈنكى ، ئۇنىڭ خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئايال پۇتبولچى بۇلۇپ باھالانغانلىقى سۈن ۋېننىڭ مەزكۇر كىتاپقا تامامەن مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىن ئىتەلەيدۇ . ئۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ پەخرى ، شۇنداقلا چەتئەللىك خەنزۇلارنىڭ پەخرىۋە غورورى . شۇڭلاشقا ئۇنى ھەرگىزمۇ بىر جىنسى ئايرىمىسى سەۋەپلىك ئاددى قاراشقا بولمايدۇ . سۈن ۋېننى مەزكۇر كىتابتىكى 100 داڭلىق شەخىسنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈش ئوخشاشلا جۇڭگو ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەرلەر پۇتبولچىلىقىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ ، بۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق سۆز ئەمەس .
كۈچ – قۇدرەت ۋە باتۇرلۇق شۇنداقلا گۈزەللىك ۋە ماھارەت-سەنئەتكە مۇھتاج بولغان ئاياللار پۇتبول مۇسابىقە مەيدانىدا ، سۈن ۋېن بىر پورەكلەپ ئېچىلغان ئەتتىرگۈلگە ئوخشايدۇ . ئۇ ئەڭ قىيىن كۈنلەرگە قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ يېشىل چىملىق مەيداننى تاللىغىنىغا پۇشايمان قىلغان ئەمەس ، ئۇ ھەقىقەتەن غەيرەت-شىجائەتلىك بىر شەخىس . ئۇ ئۆزى تاللىغان يولدا تېخىمۇ ئېغىر ، تېخىمۇ مۈشكۈل بولغان مۇساپىلەرنى بېسىپ بىر قەدەممۇ كەينىگە چىكىنىپ باققان ئەمەس .
سۈن ۋېن 1973 – يىلى 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى شاڭخەيدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا تەنتەربىيەدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۇغما تالانتى بار ئىدى . بالىلىق دەۋرىدە ئۇ ئىنتايىن كەپسىز ئىدى ، خوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى ، مەيلى قانداقلا تەنتەربىيە تۈرى بولسۇن بىرلا قاتنىشىپ ئۆگۈنىۋالاتتى . ئۇنىڭ پەي توپ ئويناشتىمۇ ئالاھىدە تالانتى بار بۇلۇپ ، باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا خەينەن شەھرى شەھەر رايۇنىدىكى مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلگەن پەي توپ مۇسابىقىسگە قاتناشقان ، ئەگەر ئۇ كەسپىنى پۇتبولغا ئۆزگەرتمىگەن بولسا پەي توپ تۈرىدىمۇ چۇقۇم ياخشى نەتىجە ئېلىپ قېلىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى .
سۈن ۋېننىڭ پۇتبولغا قويغان قەدىمى ناھايتى تۇيۇقسىز باشلانغان . ئۇ باشلانغۇچىنىڭ 6 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ، شاڭخەي شەھرى جەنۇبى شەھەر رايۇنى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزى ئوقۇۋاتقان چىڭلىيۇ كوچىسى باشلانغۇچ مەكتىپىدىن بىر قىزلار پۇتبول گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئۆزى تىزىملىتىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدۇ ھەمدە ئۆزى بۇ گۇرۇپپىنى ھۇجۇمچىسى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ . بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە ئۇ ئۆزى 5 توپ كىرگۈزۈپ قاتتىق غۇلغۇلا قوزغايدۇ . دەل مۇشۇ ۋاقىتتىن ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ پۇتبول بىلەن زىچ باغلىنىپ كېتىشىنى كىم ئويلىغان دەيسىز . باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ئەقىللىق سۈن ۋېن 285 نۇمۇر ( ماتىماتىكا 100 ، ئېنگىلىز تىلى 100 ، ئەدەبىيات 85 نۇمۇر ) بىلەن شاڭخەي شەھرىدىكى نۇقتىلىق تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ھېساپلىنىدىغان ، داتوڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دادىللىق بىلەن ئاتا – ئانىسىغا ئۆزىنىڭ پۇتبول تىپىش ئارزۇسىنى ئېيتىدۇ . ئاتا – ئانىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۇ بىر تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ . جاپالىق مەشىق ئارقىلىق ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ شاڭخەي قىزلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى بۇلۇپ تاللىنىدۇ .
1990 – يىلدىكى مەملىكەتلىك قىزلار پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسگە كەلگەندە ، سۈن ۋېن ئەينى چاغدىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى شاڭرۈيخۇا تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ كېلىپ ، يىغىلىپ مەشىققە قەتنىشىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ چولپان بۇلۇش قەدىمى باشلىنىدۇ . تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى قىزلار پۇتبول كوماندىسى ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىدەك قوللاش ۋە تۇلۇق بولغان مەبلەغ كاپالىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ . شۇنداقتىمۇ سۈن ۋېن ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى بۇلارغا پىسەنىت قىلماي ، پەقەت مۇسابىقە ئويناش پۇرسىتىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ بەرگەنلىكىگە شۈكرى قىلىپ نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ . ئۇنىڭ بۇنداق تىرىشچانلىقى ئاخىرى نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ .

1991 – يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى گۇاڭدۇڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ . ئەمدىلە 18 ياشقا كىرگەن سۈن ۋېن 9 – نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ ئىس – تۈتەكسىز جەڭگە ئاتلىنىدۇ . ئۇنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىق تالانتى ھەممىنىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ . نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرىۋاتقان خويىڭدوڭ ئەپەندى سۈن ۋېننى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدۇ . شۇنىڭدىن ئىتىبارەن جۇڭگولۇق مەستانىلەر ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدا 9 – نۇمۇرلۇق سۈن ۋېن ئىسىملىك بىر مۇنەۋەر توپچىنى تۇنۇيدۇ .

دۇنياۋى سەۋىيەدىكى بىر ھۇجۇمچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن سۈن ۋېن سۈرئىتى تېز ، ئالداپ ئۆتۈش ۋە توپ ئېلىپ مېڭىش تېخنىكىسى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى . ھەتتا ئۇنىڭ ئىختىيارى توپ ئۇرۇش تېخنىكىسىمۇ پەۋقۇلئادە ياخشى ئىدى . ئۇ مۇشۇ ئىپادىلىرىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ ئاخىرى دەرىجىدىن تاشقىرى مەرگەنگە ئايلىنىدۇ . شۇنداقلا 1999 – يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىدە ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن دۇنيادا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئايال پۇتبولچىغا ئايلىنىدۇ .
جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى مايۈەنئەن سۈن ۋېنغا باھا بىرىپ مۇنداق دەيدۇ : « بىر كونا ئەزا بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ، سۈن ۋېن ئەرۋاھ سۈپەت شەخىس بۇلۇشقا مۇناسىپ ، ئۇ بىرخىل كاللا ئىشلىتىپ تۇرۇپ توپ ئوينايدىغان پۇتبولچى ، شۇنداقلا بارلىق قىز پۇتبولچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى » .

1999 – يىلى 3 – نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدىن ئىلگىرى بىر مۇخبىر ئامىرىكا كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى دېسىكتىن زادى كىم ئامىرىكا كوماندىسنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى دەپ سورىغاندا ، دېسىك ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا : « سۈن ۋېن ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھۇجۇمچى ، ئۇ ھەقىقەتەن پاراسەتلىك توپچى » دېگەن . 2000 – يىلى سېدنىي ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا ، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى مىيا . ھامسىن سۈن ۋېننى ماختاپ : « ئۇ ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر پۇتبولچى ، مەن پەقەت ئىككىنجى ئورۇندا تۇرۇشقا مۇناسىپ » دېگەن . دەل مۇشۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر پۇتبولچى ئادىداس شىركىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۇنيا لوڭقىسىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن بىر ئېلانغا چىققان . دەل مۇشۇ سەۋەپلىك ئۇ دۇنيادىكى پۇتبولچى قىزلارنىڭ قەلبىدىكى چۇقۇنغۇچىسىغا ئايلانغان . ئۇنىڭ ئېلانغا چىققاندىكى ئوبراز ۋەكىللىك سۆزى : « چىدامچانلىقنىڭ ئۆزى غەلبە » .
سۈن ۋېن بىكار ۋاقىتلىرىدا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ تىل ئۆگىنىشتىمۇ ئالاھىدە تالانتى بار ئىدى .ئۇ فۇدەن ئۇنىۋېرستىتىنىڭ خەنزۇ تىلى تەتقىقات كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان .ئۇنىڭ يەنە نەسىرى ئەسەرلەنى يېزىشتىمۇ تالانتى بار بۇلۇپ ،ئەگەر توپ تەپمىسە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى مەسنەۋى يازغۇچىسى بۇلۇش ئىدى . ئۇ 2000 – يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن فۇدەن ئۇنىۋېرستىتىنىڭ خەنزۇ تىل تەتقىقات كەسپىنى پۈتتۈرگەن بۇلۇپ ، ھازىر ئاياللار كوماندىسىدا ئوقۇش تارىخى ئەڭ يوقىرى پۇتبولچى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ . سۈن ۋېننىڭ ئۆز ئالدىغا ئادەم بۇلۇش پىرىنسىپى بار بۇلۇپ ، ئۇ دوسىتلۇققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن . سۈن ۋېن ئۆز قەلبىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىنىڭ كەڭ قورساق ، بىلىملىك ، تۇرمۇشقا پىشقان شۇنداقلا يۇمۇرىستىك بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى .
2000 – يىلى 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شاڭشى ئاياللار پۇتبول كۇلۇبى ( شاڭخەي شېنخۇا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تارمىقىدىكى بىر ئاياللار پۇتبول كۇلۇبى ) نىڭ باش دېرىكتورى چېن يوڭيى بىلەن ئامىرىكا ئاياللار پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مەسئۇل خادىمى لاۋىن خانىم بىرلىكتە سۈن ۋېننىڭ يۆتكىلىش توختامىنى ئىمزالىدى ، 2001 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە سۈن ۋېن دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر پۇتبولچى نامىدا ئامىرىكا بىرلەشمىسىگە بېرىپ داۋاملىق پۇتبولچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . ئەينى ۋاقتىدا ئامىرىكا كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 10 نەپەر پۇتبولچىنى يىغىۋالغان بۇلۇپ سۈن ۋېن بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى .
سۈن ۋېن تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئىشىنەتتى ، ئۇنىڭ ئەتىكى تىرىشچانلىق سىزنىڭ تۇغما تالانتىڭىزنى تۇلۇقلايدۇ دەپ قارايتى . ھارماي – تالماي تىرىشقاندىلا نەتىجە قازانغىلى بۇلىدۇ دىگەن بۇ گەپكە سۈن ۋېن چوڭقۇر ئىشىنەتتى .
تۆۋەندىكىسى سۈن ۋېننىڭ بىر قىسىم تۇلۇقلىما ماتتىرياللىرى .
سۈن ۋېن دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن جەمئىي 152 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 106 توپ كىرگۈزگەن . ئۇنىڭ ‹‹ كۆينەك كىيگەن مارادونا ›› دەپ لەقىمى بار . 1994 - يىلى جۇڭگو پۇتبول ئالتۇن ئاياق مۇساپاتىغا ئېرىشكەن . 1998 - يىلى دۆلىتىمىز ئاياللار پۇتبول بىرلەشمىسىدە ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن ۋە ئەڭ مۇنەۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 1999 - يىلى ئامىرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3 -نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . شۇ يىلى 7 - ئايدا شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چولپانلار كوماندىسىغا تاللانغان . شۇ يىلى 8 - ئايدا ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋەر توپچى بۇلۇپ باھالانغان .
تۆۋەندىكىسى سۈن ۋېننىڭ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئىختىيارى توپى :
سۈن ۋېن پۇتبول مەيدانىدىن ئايرىلىپ ، 4 يىلدىن كېيىن تېرىنىرلىق قەدىمىنى باشلىدى ، دېمەك ئۇ يەنە يېشىل مەيداندا پەيدا بولدى . ئىلگىرىكى دۇنيا پۇتبول خانىمى بولغان سۈن ۋېن 2010 - يىلى 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى شاڭخەي ئاياللار پۇتبول كوماندىسنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى .
ئۇ ئاخىرى تۇرمۇش ئىشى ئۈچۈن باش قاتۇردى ، ئۇ يېشى ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك كېلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆزىنى نەچچە يىل قوغلاشقان ، كانادادا كومپىيۇتىر قۇرلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەنزۇ قېرىندىشى بىلەن توي قىلدى . سۈن ۋېن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ تۇرمۇش ئىشىم ھامان بىر كۈنى بۇلاتتى ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىدى ›› .
سۈن ۋېن 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرى خىزمىتىدىن رەسمىي خوشلىشىدۇ .
شۇنداق قىلىپ جۇڭگو پۇتبول مەستانىلىرى سۈن ۋېندەك بىر توپچىنى ھېلىھەم زارىقىپ كۈتمەكتە .
|