پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 8758|ئىنكاس: 219

كىرىستىيانو رونالدونى چۈشىنەمسىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەش يۇلتۇزلۇق پۇتبول مەيدانى

98

تېما

25

دوست

2567

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8950
يازمىسى: 2567
نادىر تېما: 12
ياۋرۇ: 4427085
تۆھپە: 1924
ۋاقتى: 1036
h
ھالەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە نادىرچى مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 01:20:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-25 21:31  

مەن ئۆزەمنىڭ بىر سادىق پۇتبول مەستانىسى بولۇپ قالغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، مەن پۇتبولنى شۇنچىلىك ياقتۇرىمەن، ئەمما نېمە ئۈچۈن ياقتۇرۇپ قالغانلىقىمنى ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن. مەن پۇتبول ئوينىغاندىنمۇ بەكرەك دۇنيا ۋە ياۋروپا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن. ئەلۋەتتە پۇتبول مەستانىسى بولغانىكەن چوقۇم ئۆزى مەستانە كۇلۇپ ياكى توپ چولپانلىرى بولۇشى ئېنىق. مېنىڭ مەستانە كوماندام خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى، بۇ كوماندىدا ئەڭ ياقتۇردىغان پۇتبولچى بولسا كىرىستىيانو رونالدو. مۇنبىرىمىزدە كىرستىيانو رونالدونى ياقتۇردىغان ئەزالىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا مۇشۇ تېمام ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن رونالدونى چۈشىنىپ چىقىشنى لايىق تاپتىم.




**********************************************************************************************











كىرىستىيانو رونالدو

398e9c3db6003af38765a1d1352ac65c1138b601.gif



1-باپ


بالىلىقتىن ئۆسمۈرلۈككىچە



1985-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى پورتۇگالىيەنىڭ ماردىلا ئارىلى فونچاردا ئادەتتىكى بىر ئىشچى ئائىلىسى بىر يېڭى مېھماننى كۈتىۋالدى، بۇ دەل مۇشۇ ئائىلىنىڭ 4 پەرزەنتى كىرىستىيانو رونالدو ئىدى.
7afe262e0323e5414fc22638.jpg



ئەينى چاغدا ھېچكىممۇ بۇ ئىسىمنىڭ كەلگۈسى يىگىرىمە نەچچە يىلدىن كېيىن پۈتكۈل دۇنياغا تونۇلۇپ، پۈتكۈل دۇنيادىكى تۈمەنمىڭلىغان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئەسلىمىلەرنى قالدۇرالىشىغا ئىشەنمەيتى.
cb2ea88b87d6277f7beddadc28381f30e824fc03.jpg



بالىلىق چاغلىرىدىكى كىرستىيانونىڭ ئائىلە ئىقتىسادى شارائىتىنى ئانچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايتى. ئۇنىڭ دادىسى شۇ جايدىكى كىچىك بىر پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئاددىي خىزمەتچى خادىمى، ئاپىسى بولسا تازلىق ئىشچىسى ئىدى. ئەمما ماددىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار ئەزەلدىن ئۇنىڭ بالىلىقىدىكى غەمسىزلىكىگە ۋە خۇشاللىقىغا تەسىر قىلىپ باقمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا پۇتبولدىن ئىبارەت ئەڭ يېقىن ھەمىرايى بار ئىدى. كىرىستىيانونى ئۇچىراتقان ھەر قانداق ئادەم «بالىلىق چاغلىرىدىكى پۇتبول ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن» دەپ قارىشاتتى. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا ئۆيىنىڭ ئالدى ناھايتى تەكشى بولمىغان ئېگىز-پەس يول بولۇپ، بۇ جاي دەل كىرىستىيانونىڭ پۇتبول مەيدانى ئىدى. كىرىستىيانو دەل مۇشۇنداق ئېگىز-پەس، قوتۇر يەرلەردە توپ كونتىرول قىلىپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق ھازىرقىدەك نەپىس توپ ئېلىپ ئادەم ئالداپ ئۆتۈشتىكى ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەنىدى، ھەر قېتىم توپ تېگىپ كېتىپ قوشنىلىرىنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرىنى ۋە گۈل تەشتەكلىرىنى چېقىپ قويغاندا ئۇچقاندەك قاچاتتى، بۇ دەل كىرىستىيانونىڭ ھازىرقىدەك ئۇچقۇر ئات بولۇپ چىقىشىغا ئاساس سالغانىدى.   
37c35de78ecb513fb938203f.jpg



ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى پۇتبول تۇغما تالانتىمۇ ھەقىقەتەن قالتىس. 6 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ فونچاردىكى سان ئانتونىئو رايونىنىڭ «ئانتونىئو كوماندىسى» تەرپىدىن بايقىلىپ ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيلەش بازىسىغا ئېلىپ كېلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كەسپى پۇتبول ھاياتى مۇشۇنداق باشلاندى.  
de6adf88d3d3fa85a5c27248.jpg



كىرىستىيانو ئۆزىمۇ پۇتبولنى نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلمەيتى، ئۇ داۋاملىق پۇتبول تېپەتتى، بەزىدە مەكتەپتىن قېچىپ ھەقەمسايىلىرى بىلەن توپ ئوينىغىلى كېتەتتى. ئۇ قانداق قىلىپ بولمىسۇن پەقەت پۇتبول ئويناشقا پۇرسەت تاپالىسىلا چەكسىز خۇشاللىققا ئېرىشەتتى. ھەر قېتىم ئۇ سىنىپقا پۇتبولىنى قولتۇقلاپ ئادىتى بويىچە دەرىسكە كېچىكىپ كەلگەن چاغلىرىدا مۇئەللىمى ئۇنىڭغا داۋاملىق ئاچچىقلاپ: «رونالدو، بولدى پۇتبولىڭنى ئۇنتۇپ كەت! سەن پۇتبولغا تايىنىپ ئۆزەڭنى باقالمايسەن، ئەمدى دەرىستىن قاچما، دەرىس ئۆگىنىش ساڭا ئەسقاتىدۇ، لېكىن پۇتبول ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ساڭا ھېچقانداق نەرسىنى ئاتا قىلالمايدۇ» دەيتى. ھازىر بولسا ئۇ ئوقۇغۇچىسىغا ھەرگىز بۇنداق دېمەيدۇ.
c91aecdd270aeefe76c63838.jpg



رونالدو ئۆزىدىن چوڭ بالىلار بىلەن توپ ئويناشقا ئامراق ئىدى. ئورۇق ھەم كىچكلىكىگە باقماي توپ مەيدانىدا 12-13 ياشلىق بالىلاردىنمۇ قورقۇپ قالمايتى. ئۇنىڭ سۈرئىتى تېز، توپ كونتىرول قىلىشىغا بىر قاراپلا پۇتبولدىكى تۇغما تالانتىنى بايقاش تەس ئەمەس ئىدى. «كوچىدا مەن بىلەن بىللە توپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى مەندىن چوڭ، مەن پەقەت ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئۇلاردىن توپنى ئالداپ ئۆتۈپ كېتەلىسەملا ئاندىن داۋاملىق ئالدىمغا ماڭالايمەن، ئەلۋەتتە ئۇلار داۋاملىق مېنى ئىتتىرىپ ياكى پۇتلاپ يىقىتىۋېتىدۇ، بۇ بىر خىل جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق، مەنمۇ ھەرگىز بوش تۇرسام بولمايدۇ، يىقىلىسام چوقۇم ئورنۇمدىن دەس تۇرۇشۇم كېرەك، پۇتبول ئارقىلىق ئۇلارنى بويسۇندۇرۇشۇم كېرەك». بۇ ئۇنىڭ داۋاملىق ئۆزىگە قىلىدىغان خىتابى. ئون نەچچە يىللار ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە، دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايلىرىدىكى پۇتبول مەيدانلىرىدا ئۇ يەنىلا توختىماستىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا ئۇچىراپ تۇرىۋاتىدۇ، كەينى-كەينىدىن پۇتلاپ يىقىتىۋېتىش، كەينى-كەينىدىن يەنە ئۆملەپ قوپۇپ داۋاملىق بۆسۈپ ئۆتۈش داۋاملىشۋاتىدۇ.
fe98d9a2ccef57e0cbefd0fc.jpg



توپ ئېلىپ ئالداپ ئۆتۈشتىكى تۇغما تالانتىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ پۇتبولغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيسى باشقىلار بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنەتتى شۇنداقلا ئۇنىڭ پۇتبولغا بولغان مۇستەھكەم ئىرادىسى ھەممەيلەنگە ئايدىڭ ئىدى. ئارانلا ئون ياشقا كىرگەن رونالدو ئەمىلىيەتتە پۈتۈنلەي گۆدەك بىر ئۆسمۈر بالا، ئەمما ئۇ ھەر قانداق بىر مەيدان مۇسابىقىگە سەل قارىمايتى، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. سەبىي رونالدونىڭ قەلبىگە پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ شارسىمان جىسىم ئاللىقاچان چوڭقۇر چۆكۈپ بولغانىدى. ئۇ ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن مۇۋاپپىقىيەت قوغلىشاتتى، مەغلۇبىيەتتىن بولسا قاتتىق يىرگىنەتتى. ئەگەر سەپداشلىرىنىڭ توپ ئويناش سەۋىيسى ئۆزىگە يەتمىسە، ياكى ئۆزىنىڭ مەقسەت-مۇدداسىنى چۈشەنمەي مۇسابىقىنى كونتىرول قىلالمىغان چاغلاردا ئۇ ناھايتى ئاچچىقلىناتتى، ھەر قېتىم مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويسا ئېنىقلا كۆز يېشى قىلاتتى.
رونالدونىڭ تۇنجى تېرنىرى ئالفانسو داۋاملىق: «رونالدو ناھايتىمۇ جەڭگىۋار، ئۇنىڭ نۇرغۇن ياخشى سۈپەتلىرى بار، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇ ھەر قانداق بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشنى قەتئىي خالىمايدۇ». شۇ ۋاقىتلاردا گەرچە ئۇ سەپداشلىرىدىن ھەم كىچىك ھەم پاكار بولسىمۇ، ئەمما ئۆز كوماندىسىنىڭ قوماندانىغا ئايلىنىپ بولغانىدى. ئۇنىڭ كوماندىسى 1995-1996 مۇسابىقە پەسلى شۇ يەرلىك بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى بولغان.
03eddc62ccc816cce6113a5a.jpg



قىيىنچىلىق ئىچىدە چوڭ بولۇۋاتقان رونالدو ئاستا-ئاستا قەيسەرلەشتى، لېكىن ئۇ يەنە بىر چوڭ زەربىنى قوبۇل قىلماي ئامالى بولمىدى. تۇرمۇشنىڭ جاپا-مۇشەققىتى رونالدونىڭ دادىسىنى بارا-بارا ھاراق خۇمار قىلىپ قويدى، دادىسىنىڭ ھاراقكەشلىكى ئەسلىدىنلا ماھىيتى بەخىتلىك بولغان بۇ ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رونالدونىڭ سەبىي قەلبىگىمۇ بىر چوڭقۇر ئازاپ ئورناپ قالدى.   
9d2fb3a130fa0f9a46106448.jpg



تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن رونالدونىڭ ئاپىسى باللىرىدىن ئايرىلىپ پارىژغا بېرىپ ئىش ھەققى تېخىمۇ يۇقىرراق خىزمەت ئىزدەشكە مەججىبۇر بولىدۇ، رونالدومۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى يېڭى سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. ئەمدىلا 12 گە كىرگەن رونالدو تۇنجى قېتىم ئائىلىسىدىن، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئارزۇسىنى قوغلىشىپ لىسسابونغا كېلىپ، لىسسابون رىقابەت ياشلار كوماندىسىغا قوشۇلىدۇ.
بىر گىگانىت پۇتبول چولپىنىنىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدەملىرى دەل مۇشۇ جايدا بېسىلىدۇ. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن رونالدوغا نىسبەتەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزمەك ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. ئۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلاتتى، ئۈمىدسىزلىنەتتى، ئۆيىنى سېغىناتتى... ئۇ ئارانلا 12 ياش ئىدى، شۇ يېشىدا ئۇ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەججبۇر بولغانىدى. ئۇنىڭ ئاچىسى ئېلىما ئەينى چاغلارنى ئەسلەپ: «ئۇ داۋاملىق تېلفوندا توختىماستىن يىغلايتى، بىزمۇ بۇ تەرەپتە تۇرۇپ تەڭ يىغلايتۇق، چۈنكى بىز ئۇنى بەكمۇ سېغىنىپ كەتكەنىدۇق. ئۇ بەكلا كىچىك، ئەمما ئۆزى سىرىتلاردا يالغۇز-يىگانە ياشايتى» دەيدۇ.
0f868b26e82290218b82a120.jpg



رونالدو بىلەن توختاملىشىش ئۈچۈن لىسسابون رىقابەت كوماندىسى 12 مىڭ ياۋرو چىقىم تارتتى. بۇ لىسسابون رىقابەت كوماندىسىدىن ئىبارەت پورتۇگالىيەنىڭ ئەنئەنىۋى زاردار كۇلۇبىنىڭ ياشلار كوماندىسىغا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق ئادەم سېتىۋېلىشى ھېسابلىناتتى. يېشى ئەمدىلا 12 ياشقا توشقان بۇ بالا بىلەن توختاملىشىش ئەمىلىيەتتە كۇلۇپنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ۋە خۇشاللىنارلىق ئىشى ئىدى...
b7c2a264b4a08be1f6365454.jpg






لىسسابوندا ئۆتكەن كۈنلەر

e785ec50a3d45ad18c54308d.gif


لىسسابونغا دەسلەپتە كەلگەن چاغلىرى دەل رونالدونىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ قىينچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن مەزگىللىرى ھېساپلىنىدۇ.
بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىكى ئۆز يۇرتىنىڭ قويۇق يەرلىك شىۋىسى داۋاملىق ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەتتا مۇئەللىملىرىنىڭ «سەھرالىق تومپاي» دەپ مازاق قىلىشىغا ئۇچىراپ ئۇنىڭ نازۇك قەلبىگە كەينى-كەينىدىن زەربە بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئانا يۇرتى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاپ، ئۆزىنىڭ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئېلىشقا مەججىبۇر قىلۋاتقان بۇ تۇرمۇشقا دەماللىققا كۆنۈش 12 ياشلىق بىر بالىغا ھەقىقەتەن ئېغىر كېلەتتى.
يىراق سەھرا، ئۆزگىچە خارەكتىر، قالتىس ماھارەت. بۇلارمۇ كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۇنى كۆرەلمەسلىك ۋە يەكلەش ئامىللىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ ئىدى.
نامىراتلىق ۋە جاپالىق تۇرمۇش دەستىدىن ئاپىسىمۇ يىلدا ئاران بىر نەچچە قېتىم ئۇنى كۆرگىلى كېلەلەيتى، ھەر قېتىم ئاپىسى كەلگەندە ئۇ ھامان يىغلاپ تۇرۇپ ئاپىسىنى مەھكەم قۇچاقلىۋېلىپ كەتكىلى قويمايتى.
9d26badef49f2549ccbf1a3a.jpg



ھەر قېتىم رونالدونىڭ شۇ ۋاقىتلىرىدىكى ماتىرياللىرى ۋە ئۇچۇرلىرىنى كۆرگىنىمدە كاللامدا ھامان نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر ھازىر بولىدۇ.
جىمجىت قاراڭغۇ كېچە، يىگانە ۋە سەبىي رونالدو شۇ تاپتا ياتاقىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ يىغلىماقتا.
ئادەمزاتسىز گۇگۇم پەيتى، ئۆيىنى سېغىنغان رونالدو ئوغۇرلۇقچە مەشىق مەيدانىغا چىقىۋېلىپ يۇرتى تەرەپكە قاراپ جىمجىت تەلمۈرۈپ ئولتۇرماقتا.
تەرسا مىجەز رونالدو ھەر قېتىم ساۋاقداشلىرىنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچىرغاندا مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۈگۈپ لېۋىنىڭ بىر بۇرجىكىنى مەھكەم چىشلەپ ئۇلارغا ھومىيىپ قاراپ تۇرماقتا.
كىچىكىدىن قەيسىرانە روھقا ئىگە رونالدو ئۇنىڭغا ئىغۋاگەرچىلىك سېلىۋاتقان رەقىپلىرىگە پەقەت پۇتبولغا تايىنپلا قايتۇرما زەربە بەرمەكتە...
مۇشۇنداق چاغلاردا كاللامدا خىيالى تەسەۋۋۇر پەيدا بولىدۇ. ئەگەردە دۇنيادا راستىنلا زامان-ماكان ماشىنىسى بولىدىغان بولسا، مەن چوقۇم قىلچە ئىككىلەنمەستىن 1997-يىلىدىكى لىسسابونغا بېرىشنى تاللايتىم.
87c07f09e6dad1be2fddd449.jpg



پۇتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنى ئۈزلۈكسىز رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى ئارقىسىدا رونالدو بارغانسىرى چىدامچان بولۇشقا باشلىدى. جاپالىق يىللار ئۇنى تىز پۈكتۈرەلمىدى. ئۇ ھەتتا ئەڭ مۈشكۈل ۋاقىتلاردىمۇ ئۆزىنى-ئۆزى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۆگەندى. باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچىرغاندا بولسا ئىلگىركىدەك تېرىكىپ ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا بۇنداق ئىشلارغا ئادەتلىنىپ كەتتى. كوماندا ئەزالىرىنىڭ يەكلىشىگە ئۇچىرغاندا بولسا بۇرۇنقىدەك ئۆزى يالغۇز توپ ئېلىپ مېڭىپ شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئويناشنىڭ ئورنىغا، سەپداشلىرى بىلەن ماسلىشىپ توپ ئۇرۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، كوللىكتىپ كۈچنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. ئائىلىسىنى سېغىنغاندا بۇرۇنقىدەك كۆز يېشى قىلماستىن ئۆزى يالغۇز مەشىق مەيدانىغا چىقىپ ھېرىپ يىقىلىپ قالغۇچە مەشىق قىلىش ئارقىلىق ھەممىنى ئۇنتۇيدىغان بولدى. مۇشۇلارنىڭ تۈرىتكىسىدە رونالدونىڭ پۇتبول ماھارىتى ۋە شەخسىي تېخنىكىسىمۇ ناھايتى تېز تەرەققىي قىلدى.
469051_219444.jpg



«چوقۇم غەلبە قازىنىشىم كېرەك» دېگەن ئىرادىسىنى كۆڭلىدىن بىر مىنۇتمۇ نېرى قىلمايدىغان رونالدو ئەڭ جاپالىق كۈنلەرگە باش ئەگمىدى. 14 ياشلىق بۇ ئۆسمۈردە ئاللىقاچان يېشىغا مۇناسىپ بولمىغان دەرىجىدە ھۇجۇم، سۈرئەت ۋە تېخنىكا قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر يېتىلىپ بولغانىدى. ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭدىكى تىز پۈكمەس جاسارەت ۋە پولاتتەك چىدامچانلىق ئىدى. ئۇ ئۆزىدىكى مۇشۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەڭ مۈشكۈل مۇسابىقىلەردە ئۆز سەپداشلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ روھىنى ئۇرغۇتۇپ تۇراتتى. مەيداندا توختىماستىن يۈگىرەپ تۇرىدىغان ۋە توختىماي سەپداشلىرىغا ۋارقىراپ تۇرىدىغان رونالدو ئاخىرى سەپداشلىرىنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم بىر ئاچقۇچ بولۇپ قالدى.   
22291495e860f6197bf48039.jpg



15 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ ھاياتىدىكى يەنە بىر ئېغىر سىناققا دۇچ كەلدى. ئۇنىڭدىكى ئادەتتىكى نورمال كىشىلەردىن يۇقىرى بولغان يۈرىكىنىڭ سوقۇش رېتىمى ئۇنىڭغا «يۈرەك كېسەل» دەپ دىئاگىنوز قويۇلىشىغا سەۋەپ بولدى. ھەتتا بۇ «كېسەل» سەۋەپلىك مۇددەتتىن بۇرۇن كەسپىي پۇتبول ھاياتىدىن خوشلىشىشىقا تاسلا قالدى. بەخىتكە يارىشا ئاپىسىنىڭ ۋە لىسسابون كۇلۇپ خادىملىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ مەشىق مەيدانىدا يەنە قايتا پەيدا بولدى. شۇنداق قىلىپ ھايات يولىدىكى بۇ توسالغۇمۇ ئۇنىڭ بىر ئۇلۇغ پۇتبول چولپىنى بولۇشقا قاراپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان قەدەملىرىنى توسۇپ قالالمىدى.
30f68410b3784710213f2eb6.jpg



2002-يىلى 3-ئايدا، 17 ياشلىق رونالدو ئاخىرى لىسسابون رىقابەت كوماندىسىنىڭ 1-سېپىگە كىردى، شۇنداقلا 28-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيمىنى كەيدى. بۇ ئىلگىرى ئۇنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغان نومۇرى ئىدى.
رونالدو لىسسابون رىقابەت كوماندىسى تارىخدىكى تۇنجى بىر مۇسابىقە پەسلى ئىچىدە ئوخشاشلا كۇلۇپنىڭ U17 ، U16 ۋە U18 كوماندىسى، 2-سەپ كوماندا ۋە 1-سەپ كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن بولۇپ، كۇلۇپ تارىخىدىكى بىردىنبىر ۋە تۇنجى بىر مۇسابىقە پەسلى ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى 5 تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان پۇتبولچى بولۇپ قالدى.
رونالدو تۇنجى كەسپىي ھاياتىدىكى مۇسابىقە پەسلىدە جەمئىي 25 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ 3 توپ ئۇردى، 3 مەيدان شاھلىق لوڭقىسىغا قاتنىشىپ 2 توپ ئۇردى. 3 مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا قاتناشتى، ئۇنىڭ ئېنتىر مىلان بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم ياۋروپا مەيدانلىرىدا ئوينىغان مۇسابىقىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مۇشۇنداق نەتىنجىلەر 17 ياشلىق بىر بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاللىقاچان ئىقتىدارلىق دەرىجىسىگە توشىدۇ.
1309968077752.jpg



رونالدونىڭ لىسسابون رىقابەت كوماندسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان ۋاقتى 2002-2003 مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشنىڭ ئالدىدا خان جەمەتى بېتىس كوماندىسى بىلەن ئوينالغان بىر مەيدان دوسىتلۇق مۇسابىقىسى بولۇپ، ئەينى چاغدا مۇسابىقە ئاياقلىشىشقا 20 مىنۇت قالغاندا رونالدو زاپاس ئەزالىق ئورنىدىن ئالماشتۇرۇلۇپ مەيدانغا چۈشىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە رونالدو ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مىنۇتلار ئىدى. ئۇ چەكلەنگەن رايون ئالدىدا سەپدىشى بەرگەن پاسنى ئەپچىللىك بىلەن توختىتىپ تۇرۇشىغا قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسى ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىپ كېلىدۇ، ئەمما ئۇ تەمكىنلىك بىلەن توپنى ۋاراتارنىڭ بېشىدىن ھالقىتىپ تېپىپ قاپقىنىڭ يىراق بۇلۇڭىغا كىرگۈزىدۇ. بۇ ئاسما توپ ھەقىقەتەن چىرايلىق چۈشىدۇ. مانا بۇ مەيدان مۇسابىقە رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى رەسمىي مۇسابىقىسى شۇنداقلا تۇنجى ئۇرغان توپى بولۇپ قالىدۇ.
b4368f187203a4a54aedbcde.jpg



2002-يىلى 9-ئايدا رونالدو ئۆزىنىڭ پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى - مورىرېنىس كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالىدۇ. شۇنداقلا بۇ مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرىدۇ. تۇنجى توپنى باش بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزگەن، ئىككىنچى توپنى ئوتتۇرا مەيداندىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن توپ ئېلىپ بۆسۈپ كىرىپ قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن كۈچ بىلەن يەر بېغىرلىتىپ تېپىپ كىرگۈزگەن.  (رونالدونىڭ توپ ئۇرۇش تېخنىكىسى ھەر تەرەپلىمىلىك، ئەمما ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدا كىرگۈزگەن ھالقىلىق توپلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كاللا توپ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، كۈچلۈك قاڭقىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈملۈك توپ ئۈسۈش ماھارىتى ئۇنى ۋاراتارلارنىڭ قارا چۈشىگە ئايلاندۇرغان).
b7c2a2642f5106e1f736543a.jpg



رونالدونىڭ نەپىس ھەرىكەتلىرى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇت ئاستى ماھارىتى ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان قوللىغۇچىلارنى قولغا كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ پۇتىغا توپ ئالسىلا ھەتتا نەپەس ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ پۈتۈن زېھنى بىلەن كەينىدىن يەنە قانداق ئىشنى سادىر قىلدىغانلىقىغا تىكىلىشىپ ئولتۇرىشىدۇ، رونالدومۇ ھەر دائىم ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ. گەرچە بۇ ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن يىگىت تېخى كوماندىنىڭ زاپاس ئەزاسى بولسىمۇ، ئۇ شۇنداقلا مەيدانغا چىقسا نۇرغۇنلىغان چاۋاك ئاۋازى ۋە ئالقىش سادالىرى مەيدان سىرتىدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ياڭىراپ تۇرىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىدۇ.
c63c6a27019a8912918f9def.jpg




2003-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، بۇ كۈن دەل رونالدونىڭ ھاياتىدا چوڭ بىر بۇرۇلۇش بولغان كۈن. 2004-يىللىق پورتۇگالىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ياۋروپا ئەللىرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۈچۈن ياسالغان يېڭى مەيداننىڭ پۈتكەنلىكىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن لىسسابون رىقابەت كوماندىسى يېڭى مەيدانىدا مانچېستىر بىرلەشمە كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان رونالدونىڭ قەلبى ئىشەنچكە تولغان، كاللىسىدا يەنە شۇ بىر ئېتىقادى: «مەن بۈگۈن سىلەرگە ئۆزەمنىڭ ھەقىقىي تالانتىمنى كۆرسىتىپ قويىمەن» بار ئىدى. ئۇ دېگىنىنى راستىنلا قىلدى... ئۇنىڭ توپ ئېلىپ ئالداپ ئۆتۈشلىرى، ۋاراتارغا توپ ئۇرۇشلىرى مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى كېئېن، گىگىس قاتارلىقلارنىڭمۇ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپ قېلىشىغا سەۋەپ بولدى. ئاخىردا دەل مۇشۇ رونالدونىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشى بىلەن 3:1 نەتىنجە بىلەن مانچېسېتىر بىرلەشمىسىنى يېڭىۋالدى. رونالدو بولسا مانچېستېر توپچىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، ھەتتا مانچېستېرغا قايتىش يولىدىكى ئايروپىلاندا كوماندىنىڭ كاپىتانى روي كېئېن باشلىق كوماندا ئەزالىرى بەس-بەستە فورگىسونغا مۇشۇ تالانتلىق توپچىنى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ئەكىلۋېلىش توغرىسىدا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىشتى.

9d3c7af0a41c24bea40f523a.jpg





دۇنيا سەھنىسى

0b3fb012c8fcc3ce5c2b2bdc9245d688d53f2021.gif


2003-يىلى 6-ئايدا، رونالدو تۇنجى قېتىم ئۆزىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىدىغان دۇنيا سەھنىسىگە چىقتى. 18 ياشلىق رونالدو بۇ مۇسابىقە داۋامىدا دۇنيانى ھەيران قالدۇردى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنى چۆچۈتتى. ھەممەيلەن «يېڭى تاشقى پىلانىت ئادىمى دۇنياغا كەپتۇ» دەپ قاراشتى. مۇسابىقىدە سەپداشلىرى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، فىرانسىيە كوماندىسىنى 1:2 نەتىنجە بىلەن يەڭدى، 0:3 نەتىنجە بىلەن ئېنگىلانىد كوماندىسىنى شاللىۋەتتى. 6-ئاينىڭ 22-كۈنى پورتۇگالىيە ياشلار كوماندىسى ئەڭ ئاخىردا 1:3 نەتىنجە بىلەن ئىتالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ تۇرىن لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى.
رونالدونىڭ نەپىس توپ ئېلىپ مېڭىشلىرى بىلەن كۈچلۈك بەدەن قۇۋۋىتى دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە رەقىبى ئىتالىيە مەخسۇس ئۇنى بېقىشقا ئىككى ئوتتۇرا بېك ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئىككىلىسى رونالدونى ياخشى باقالماي قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى كۆپ ئىشلەپ قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچىراپ مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلدى. رونالدو بولسا مۇشۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇپ باھالاندى.
مۇسابىقىدىن كېيىن گېرمانىيە پۇتبول شاھى بېكىنپاۋىل مۇنداق دەيدۇ: «رونالدونىڭ قالتىس ماھارىتى بىلەن كۈچلۈك بەدەن ساپاسى مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى».  پورتۇگالىيەنىڭ رىۋايەتلىك چولپىنى، پورتۇگالىيە تەۋەلىكىدىن تۇنجى بولۇپ ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا نائىل بولغۇچى ئېسئوبىيو رونالدونىڭ شانلىق كەلگۈسىنى سۈرەتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ پۇتبولنىڭ سىماسىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىدۇ، مەيلى ئۇ قايسى بىرلەشمىدە، مەيلى قايسى كۇلۇپقا بېرىپ توپ تەپسۇن، ھامان ئەڭ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشالايدۇ».

0f3964224f4a20a475daba2290529822730ed03a.jpg




2003-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، 18 ياشلىق رونالدو تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ جەڭ فورمىسىنى ئۇچىسىغا ئارتىپ مەيدانغا چىقتى. بۇ بىر مەيدان قازاقىستان بىلەن ئوينالغان دوسىتلۇق مۇسابىقىسى ئىدى. پورتۇگالىيە 65 مىنۇت بولغاندا سىماۋنىڭ ئۇرغان توپىغا تايىنىپ 0:1 نەتىنجە بىلەن كىچىك غەلبىگە ئېرىشتى. رونالدو كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئاندىن مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇ تۇنجى قېتىم پورتۇگالىيە جەڭ فورمىسىنى كەيگەن چېغىدا ئۇنىڭ مۇسابىقە كىيمى بولسا ئەزەلدىن كىيىپ باقمىغان 16-نومۇر ئىدى.
78b40a3b5bb5c9ea529a8a06d539b6003bf3b39d.jpg






7-نومۇرلۇق قىزىل ئالۋاستى

4052f64f42307061b3de05bd.gif


بۇ قېتىم مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ھوسۇلى ياخشى بولدى. ئەينى چاغدا قېرى سىر فورگىسون كۇلۇپ يۇقىرى قاتلاملىرىدىكى ئىجىرائىيە ئەمەلدارلىرىغا: «مەن چوقۇم ئۇنىڭغا ئېرىشىشىم كېرەك، ئۇنى سېتىۋالالمىسام پۇتبول مەيدانىدىنمۇ مەڭگۈ ئايرىلمايمەن» دېگەن. پەقەت 2 كۈن ئۆتۈپلا 2003-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى مانچېستېر بىرلەشمىسى 12 مىليۇن 240 مىڭ فونىستېرلىڭ يۆتكىلىش ھەققى خىراجەت قىلىپ رونالدو بىلەن 5 يىللىق توختام ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى. رونالدو مانچېستېر تارىخىدىكى تۇنجى پورتۇگالىيەلىك پۇتبولچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ يۆتكلىش سوممىسى بىر يىل ئاۋۋالقى يەنە بىر پورتۇگالىيەلىك ۋېيئانا ساقلاپ كېلىۋاتقان 8 مىليۇن 500 مىڭ فونىستېرلىڭلىق ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى ياش توپچىلارنىڭ يۆتكىلىش رېكورتىنىمۇ بۇزۇپ تاشلىدى.
0b3fb012c8fcc3ce010848d69245d688d53f203e.jpg



رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن كېيىن فورگىسۇن ئۇنىڭدىن قايسى نومۇرنى تاللايدىغانلىقىنى سورىغان، رونالدو: «28-نومۇر» دېگەن. ئەمما فورگىسۇن: «ياق، سەن 7-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىشىڭ كېرەك» دېگەن. شۇنداق قىلىپ مانچېستېر كۇلۇپنىڭ رىۋايەتلىك نومۇرى، كۇلۇپنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتبولچىغا سىموۋىل قىلىنغان بۇ 7-نومۇرلۇق كىيىم جورجى بېسىت، روبىسون، كانتونا، بېھكىخامدىن كېيىن يەنە بىر دۇنياغا تونۇلۇش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئىگىسىنى تاپتى.
52388382b9014a900d5cc658a9773912b21beea1.jpg



2003-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، 18 ياشلىق رونالدو قىزىل ئالۋاسىتىغا ۋاكالىتەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالدى. مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىدىكى بولتۇن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىسىدە 60 مىنۇت بولغاندا ئالمىشىپ مەيدانغا چىققان رونالدو نەق مەيداندىكى 70 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىدا قىلچە ھودۇقۇپ قالمىدى. قىسقىغىنە 30 مىنۇتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا ياڭزىمۇ-ياڭزا ماھارەتلىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە قاراتتى، شۇنداقلا 2 توپ ئۇرۇپ كوماندىسىنىڭ 0:4 نەتىنجە بىلەن مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم قىلدى. كىرىستىيانو رونالدو رىۋايىتىنىڭ مۇقەددىمىسى مانا مۇشۇنداق باشلاندى.
ئەزەلدىنلا شەپقەتسىز فورگىسونمۇ رونالدوغا بولغان ئامراقلىقىنى ۋە رازىلىقىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى. «ئۇ خۇددى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى يېڭى بىر قۇتقازغۇچى قەھىرمانغا ئوخشايدۇ، مەن ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەتمىسەم بولمايدۇ، چۈنىكى سىزگە ئېنىق، ئۇ ھازىر تېخى ئاران 18 ياش، مەن چوقۇم ئېھتىياچانلىق بىلەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم، ئۇنى قوغدىشىم كېرەك». مانا بۇ فورگىسوننىڭ ئۇنىڭغا قارىتا كۆڭۈلدىكى سۆزى.
سىر بوۋاينىڭ رونالدوغا بولغان غەمخورلىقى ۋە ھىمايە قىلىشى شۇنىڭدىن باشلانغان. مانچېستېردىكى 6 يىل ئىچىدە رونالدودىكى ھەر قانداق بىر كىچىككىنە ئۆزگىرىش ھەرگىزمۇ بۇ بوۋاينىڭ تەربىيلىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. رونالدو ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا ۋە ئەيىپلەشكە ئۇچىرغاندا، يەنىلا بۇ بوۋاي ئەڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنى قوغدايتى، ئۇنى قوللايتى...
10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ بولدى، لېكىن بوۋاينىڭ ئۇنىڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ھەرگىزمۇ ۋاقىتنىڭ تېز يورغىلىرىدا يوقاپ كەتمىدى، رونالدونىڭ يىراقلارغا كېتىشىگە ئەگىشىپ سۇسلاپ قالمىدى.

a57f3c2ac65c103804db4d27b2119313b17e8959.jpg






ئالۋاستى رىۋايىتى

100158204.jpg

aaa.jpg



2003-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، مانچېستېر بىرلەشمىسى مېھمان سۈپىتىدە چارلىتـون كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇسابىقىدە رونالدو ئىككى قېتىم قارشى تەرەپ ئەزالىرى تەرپىدىن پۇتلاپ يىقىتىۋېتىلىپ ئىككى ئىختىيارى توپنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ساھىبىخان مەيداندىكى چارلىتون كوماندىسى مەستانىلىرى رونالدونى يالغان يىقىلدى دەپ قارىشىپ قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. رونالدو باشتىن-ئاخىرى چارلىتون كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەچىلىرىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئۆلگۈدەك چاپلىشۋېلىپ مۇداپىيە قىلىشىنىڭ ئاسارىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋاننىستىلروينىڭ ئىككى توپ ئۇرۇشىغا تايىنىپ 0:2 نەتىنجە بىلەن مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئەمما مۇسابىقە تۈگكەندىن كېيىنمۇ يەنە بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەۋغاسى دەل رونالدو ئۈستىدە بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا فورگىسون يەنە دادىللىق بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ ئامراق ئەسكىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، بارلىق كوماندا ئەزالىرىنى يىغىپ مۇخپىرلارنى كۈتىۋېلىش سۆھبىتى ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا: «بىز ھەممىمىز مۇسابىقە جەريانى ئېلىنغان سىنالغۇ كۆرۈنۈشىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىتۇق، مەن ئىشىنىمەن، رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھەرگىزمۇ يالغان يىقىلمىدى» دەيدۇ.
ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى گېرمانىيەنىڭ سىتۇئارت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. رونالدو ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. سىتۇئارت كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 2:0 نەتىنجە بىلەن ئۈستۈنلۈكىنى ئىگەللىۋالىدۇ. ئەمما رونالدو قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ يىقىتىۋېتىلىپ بىر نۇقتا توپقا ئېرىشىدۇ، ۋاننىستىلروي بۇ نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزىدۇ. شۇنداق قىلىپ مانچېستېر بىرلەشمىسى كەينىدىن بىر توپ ئۇرۇپ 2:2 نەتىنجە بىلەن 1 نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ. مۇسابىقىدىن كېيىن گېرمانىيلىكلەر ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا رونالدونىڭ نۇقتا توپ قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئۇسۇلىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. «مەن خېلى بۇرۇنلا ساختا يىقىلىشتا ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە رونالدونىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان، بۇ مۇسابىقىدە ناھايتى ئېنىقكى، ئۇ پەقەت نۇقتا توپ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا يىقىلغان. ئۇ يىقىلىشنىڭ ئالدىدا مەن دەل ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدە قاراپ تۇرغان، رېپپىر بولسا ناھايىتى ھاماقەت بىر نېمە ئىكەن». بۇ رونالدونىڭ 2-قېتىم «ساختا يىقىلدى» دەپ ئەيىپلىنىشى بولۇپ، ئۇ مانچېستېرغا كەلگىنىگە تېخى ئاران نەچچە ئايلا بولغان ئىدى.

7566098106716081895.jpg


«ساختا يىقىلىش» دىن ئىبارەت بۇ كۆز قاراش پۈتۈن بىر پەسىل رونالدوغا ئەگىشىپلا يۈردى، ھەتتا بىر مۇسابىقە پەسلى ئاياقلىشىپ بولغاندىمۇ بىر قىسىم رونالدوغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئۈزلۈكسىز بۇ ئىشنى تەگەپلا يۈردى.
ئۇنىڭ «ساختا يىقىلىش» نى مۇنداق قارايمەن:
بۇ رونالدونىڭ قارشى تەرەپ بېكلىرىنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي ئۇنىڭغا ئىغۋاگەرچىلىك (دەخلى يەتكۈزۈش مەنسىسىدە) قىلىشىغا قارىتا ئۆزىنى قوغداشتىكى ئۇسۇلى. يېڭىلا ئېنگىلاند بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان رونالدو بۇ بىرلەشمىگە ئانچە بەك كۆنۈپ بولالمىدى. بۇ بىرلەشمىدە مۇداپىيەچىلەر تېخىمۇ ئاسان رېپپىرنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيتى، رېپپىر خۇددى مۇداپىيەچىلەر تەرەپكە ئېغىپ كەتكەندەكلا بىلىنەتتى. ئەگەردە رېپپىر بىر ئەزاغا سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسا، بۇ ئەزا چوقۇم نۇرغۇنلىغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئاللىقاچان ئۆزىنى بىلەلمىگەنلەردىن بولۇپ چىقاتتى. مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يۈزلىنىۋاتقان رونالدو ئىنتايىن بۇرۇقتۇرما بولۇشقا باشلىدى، رېپپىرنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولالمىغان رونالدونىڭ چىرايىدىن داۋاملىقلا غەزەپلىنىش ۋە ھەيرانلىق ئىپادىسى كۆرۈلۈپ تۇراتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېنگىلاند مۇداپىيەچىلىرىنىڭمۇ كۆپىنچىسى ئىنتايىن قۇۋ، ئانچە روشەن بولمىغان قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرى، مەسلەن: كىيمىنى تارتىش، يېنىك ئىتتىرۋېتىش، ئالدىنى توسۇۋېلىش قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن يوشۇرۇن كەلگەچكە بىر ئەزا يەرگە يىقىلغاندىلا رېپپىر ئاندىن دىققەت قىلاتتى. شۇڭا باشقىلار ئۇنىڭغا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىسە ئۇ ئەلۋەتتە يىقىلىشى كېرەك. داۋاملىق باشقىلار تەرپىدىن دەخلى-تەرۇز قىلىنۋاتقان رونالدوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىر ئۇسۇلى ئىدى. ئەمما ئۇ پەقەت مۇشۇ سەۋەپلىك «ساختا يىقىلىش شاھى» دېگەن يامان نامنى ئۆزىگە ئارتىۋالغىنى قالدى.
مېنىڭ ئەڭ ئىچىم ئاغىرىيدىغىنى، نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما رونالدو تا ھازىرغىچە باشقىلار تەرپىدىن توختىماستىن قائىدىگە خىلاپ ھالدا يىقىتىۋېتىلىپ كەلمەكتە، ئەمما رېپپىرلار بولسا نۇرغۇنلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ كەلمەكتە. گەرچە ئۇ تېخنىكىسى ۋايىغا يەتكەن، سۈرئىتى ئادەم ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە تېز، بەدەن ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ئۇنىڭ ئاشۇ يامان نامغا قېلىشىغا سەۋەپكار بولۇپ قالماسلىقى كېرەكتە.
4052f64f42307061b3de05bd.gif




2003-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى رونالدونىڭ نامايەندىلىك رولى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر كۈن بولۇپ قالدى. پورىتسىموز كوماندىسى بىلەن بولغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە رونالدو 76-مىنۇتقا كەلگەندە زاپاس ئەزالىق ئورنىدىن مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، مەيدانغا چۈشۈپلا تۆت مىنۇت بولغاندا بىر ئىختىيارى توپ ئۇرۇپ مۇسابىقىنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشىنى مۇقىملاشتۇردى. مانچېستېر كوماندىسى 0:3 نەتىنجە بىلەن غەلبە قىلدى. رونالدونىڭ ئۇرغان بۇ ئىختىيارى توپىمۇ ناھايتى سەنئەتلىك تۈستە كىرگەن بولۇپ، ئىختىيارى توپ ئارقىلىق نومۇر ئېلىش ئۇنىڭ مەرگەنلىك سەپىرىدىكى يول باشلىغۇچىسى بولۇپ قالدى.
fad25b66d016092461e257fed40735fae7cd343b.jpg

Img260677792.jpg



2004-يىلى 3-ئايدا رونالدو ئۆز يۇرتى ماردىرانىڭ ساياھەت ئەلچىسى بولۇپ سايلاندى، ئۇ ئۆزىنىڭ تونۇشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ گۈزەل كىچىك ئارال ماردىراغا ساياھەتكە كېلىپ ئۆزگىچە مەنزىرلىرىدىن ھوزۇرلىنىشىنى، ئۆز يۇرتىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن كىچىككىنە بولسىمۇ مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلاتتى.
گەرچە 12 ياش چېغىدا يۇرتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەمما رونالدونىڭ ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى ئازىراقمۇ سۇسلاپ قالغىنى يوق، ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۇ داۋاملىق ئىمكانىيتىنىڭ يار بېرىشىچە يۇرتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم قىلىپ كەلدى.
ئەگەر 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى بىلىيالىيار كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقە ئېسىڭىزگە كەلگەن بولسا، رونالدونىڭ ئىختىيارى توپى كىرگەندىن كېيىنكى تەبىرىكلەش ھەركىتىدىن ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئۆز ئانا يۇرتىغا بېغىشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز. (ئەينى چاغدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ كىچىككىنە ماردىرا ۋىلايىتىدە 32 ئادەم قازا قىلىپ، 60 نەچچە ئادەم يارلانغانىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ كىرگۈزگەن توپىنى يۇرتىدىكى ئاشۇ كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچىراۋاتقان خەلىققە بېغىشلىدى. ئۇ يەنە تېخى ئاپەتكە ئۇچىرغان قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىشقا ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى).

aasas.jpg




2003-2004-يىلى مۇسابىقە پەسلى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە كېلىشمەسلىك بولغان بىر مۇسابىقە پەسلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. كوماندىنىڭ ھالىتىمۇ، نەتىنجىسىمۇ تۇراقلىق بولماي قالدى. مۇسابىقە پەسلىنىڭ كېيىنكى يېرىم پەسىلدىكى 1-ئاي ۋە 2-ئايلاردا مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ئارسىنال كوماندىسىغا قوغلاپ يېتىشۋېلىش ئۈمىدىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى. 3-ئاينىڭ 9-كۈنى يەنە تېخى رونالدونىڭ ۋەتىنىدىن كەلگەن كوماندا پورتو تەرپىدىن ئۇزغۇنلۇقتىن شاللىۋېتىلىپ، 8 كۈچلۈككە كىرىش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالدى.
تېخى ئەمدىلا ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە كەلگەن رونالدومۇ نۇرغۇن تەرەپلەردىن كۆنۈپ بولالمىدى. يەنىلا «ماسلىشىشنى بىلمەيدۇ»، «ساختا يىقىلىدۇ» دېگەندەك ئەيىپلەشلەر ئىزچىل ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈردى. «تىرناق تېگىدىن كىر ئىزدەش» كە ئامراق ئېنگىلاندنىڭ ئاخپارات ۋاستىلىرى ئەزەلدىن ئۇنى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق يۇقىرى سەۋىيلىك بىرلەشمىگە تېخى يېڭىلا كەلگەن بىر 18 ياشلىق يېڭى توپچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەكلا قىلاتتى. نۇرغۇنلىغانلار توختىماستىن ئۇنى «ئۇششاق ھەرىكەتلەرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلەيدۇ، پاسلىرى دەل جايىغا چۈشمەيدۇ، ۋاراتارغا تەپكەن توپلىرى خېلى يىراقلارغا قېيىپ كېتىدۇ» دەپ تەنقىدلىشەتتى. رىۋايەتلىك 7-نومۇرلۇق كىيىم بولسا ئۇنىڭغا ھەر تەرەپتىن چوڭ بېسىملارنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.
aaaaaaaa.jpg



بۇ ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئەيىپلەشلەر ئۇنىڭ ئىشەنچىنى ۋە ئىرادىسىنى ھەرگىزمۇ يىقىتالمىدى. ئۇ ھەر كۈنى مەشىق مەيدانىغا ئەڭ بۇرۇن يېتىپ كېلىپ ئەڭ كەينىدە ئايرىلاتتى. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ ئەيىپلىشى ۋە لەنەت ئوقۇشى ئىچىدە ئۈندىمەستىن، توختىماستىن ئۆزىنى چېنىقتۇردى. كىچىككىنە ئىلگىرلەش، كىچىككىنە مۇۋاپپىقىيەتنىڭ ھەممىسى تىرىشچانلىقنىڭ ھوسۇلى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ھەر كۈنى... توختىماستىن ھەر كۈنى... ھەر كۈنى...
رونالدو ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمىسىگە قاتناشقان تۇنجى پەسىلدە جەمئىي 40 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 6 توپ ئۇرغان، 4 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان.
رونالدونىڭ ئېنگىلانىدتىكى تۇنجى مۇسابىقە پەسلى خۇشاللىق ۋە قايغۇ-ھەسىرەت تەڭ مۇجەسسەملەنگەن بىر پەسىل بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە ھەر ھالدا كىشىنى رازى قىلاتتى. رونالدو پەقەت تەجىربە-ساۋاقلارغا ئېرىشپلا قالماستىن يەنە تېخىمۇ پىششىپ يېتىلىشكە قاراپ بىر قەدەم يول ئالدى.
1212011854a5c4e204d38e9a97.jpg




2003-2004-يىلى مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ بىرلەشمىدىكى نەتىنجىسى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان بىلەن، ھەممە ئادەم ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى كۈتۈپ كېلىۋاتاتتى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گەرچە مىللىۋال كوماندىسىدىن ئىبارەت ئانچە كۈچلۈك دەپ كەتكىلى بولمايدىغان بىر رەقىپ تۇرسىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مانچېستېرنىڭ چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىشىگە قارىتا يەنىلا تولۇق ئىشەنىچ قىلالمىدى. مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما ئۇلار بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ چوقۇم ئىنتايىن مۈشكۈل بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالدىغانلىقىنى بىلەتتى. ھەتتا مول تەجىربىلىك گىگىستىن تارتىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقىدىن بىر كۈن بۇرۇنلا ئىنتايىن جىددىيلىشۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالدىدا رونالدودەك تېخى تۈنۈگۈن پۇتبول سەھنىسىگە دەسسىگەن توپچىنىڭ جىددىيلىشىشى تەبئىي ئىدى. چۈنكى بۇ 19 ياشلىق بالا كەسپىي پۇتبول ھاياتىدىكى تۇنجى مۇھىم بىر لوڭقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ ئەمەسمۇ. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كاردىف شەھىرىدىكى 71350 ئادەم سىغىمىغا ئىگە مىڭ يىل تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە باشلانغاندىن تاكى ئاياقلاشقۇچە بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ پەقەت رونالدوغىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئۇ پۈتۈن بىر پەسىلدىكى ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى خۇددى مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىگىلا ئاتاپ قويغاندەك، ئۆزىنى قىزغىن سۆيىدىغان مەستانىلىرىگە ئەڭ ئېسىل مۇسابىقىسىنى سوۋغا قىلدى.
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 30 مىنۇت بولغاندا رونالدو گارى نېۋىل ئاتقان پاس ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. كەينىدىنلا ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاننىستىلروي 2 توپ ئۇرۇپ مانچېستېر مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى تەشۋىشلەرنى يەشتى. شۇنداق قىلىپ رونالدو تۇنجى قېتىم دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر يۇقىرى سەۋىيلىك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى - ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنى دەس كۆتەردى.
مۇسابىقىدىن كېيىن بولۇنغان بارلىق گەپ-سۆزلەر رونالدونى ئارىسىغا ئېلىۋالدى. فورگىسۇن ئىنتايىن خۇشال ۋە پەخىرلىك ھالدا: «كىرىستىيانو رونالدو ھەقىقەتەن قالتىس، بىز ئۇنى ئەستايىدىل تەربىيلەپ چىقىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇ كەلگۈسى نەچچە يىل ئىچىدە ئۇلۇغ بىر پۇتبولچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ» دېگەنىدى.
(ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تەلىيى بولسا قېرى سىرنىڭ پۇتبول ھاياتىدىكى دادىسى بولۇپ قالغانلىقى. قېرى سىر ئۇنى تەربىيلىدى، ئۇنى چېنىقتۇردى، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلدى، ئۇنى قوغدىدى. ئۇ بولسا ھامان قېرى سىردىن پەخىرلىك تۇيغۇسى ھېس قىلدى).

abcd.jpg

s201130814285124eb4d7a39f3e9.jpg






2-باپ


ياۋروپا لوڭقىسىدىكى تۇنجى سەپەر

pic22196.jpg




2004-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، پورتو ئوت ئەجدىرھا تەنتەربىيە مەيدانى. 19 ياشلىق رونالدو ئانا تۇپىرىقىدا تۇنجى قېتىم ئۆز دۆلىتىگە ۋاكالىتەن خەلىقئارالىق چوڭ سەھنىدە جەڭگە ئاتلاندى.

0719a5af2edda3ccb6ded7c601e93901203f92c9.jpg


تۇنجى مەيدان مۇسابىقە گېرىتسىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالدى. رونالدو 16-مىنۇتقا كەلگەندە ئالماشتۇرۇلۇپ مەيدانغا چۈشتى ھەم 93 مىنۇت بولغاندا فىگو چىقارغان كورنىت توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزدى. ياۋروپا لوڭقىسىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر چوڭ سەھنىدە تېخى ئەمدىلا پەيدا بولغان بۇ كىچىك چولپاننىڭ تۇنجى مەيداندىلا توپ ئۇرالىشى نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇنىڭ ئۆزىدىن پەخىرلىنىشكە ئاساسى بار ئەلۋەتتە. ئەمما ئۇنى ھەسىرەتتە قالدۇرغىنى بولسا گېرىتسىيە كوماندىسىغا 2:1 نەتىنجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ تۇنجى سەپىرىدىلا مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىغىنى بولدى. ئەينى چاغدا رونالدو ئويلاپمۇ باقمىغان، بۇلار پەقەتلا باشلىنىش ئىدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا لوڭقىسى سەپىرىنىڭ پەردىسى مانا شۇنداق ئېچىلدى. ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇش ۋە قايناق ھېسىيات، ھەسىرەت-نادامەت ۋە كۆز يېشى. 19 ياشلىق رونالدونىڭ بۈگۈنكىدەك گىگانىت چولپانغا ئايلىنىشى دەل مۇشۇ سەھنىدىن، دەل 2004-يىلىدىكى ئانا ۋەتىنى پورتۇگالىيەدىن باشلاندى.
fe3e9a13b07eca80d3e15101912397dda044831b.bmp


84d3cacec3fdfc038fb58d5ed43f8794a5c22631.jpg



2004-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ياۋروپا ئەللىرى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا ئايلانمىسىدىكى 2-جەڭ لىسسابون نۇرلۇق تەنتەربىيە سارىيىدا ئېلىپ بېرىلدى، پورتۇگالىيە كوماندىسى مانىچې ۋە رۈي كوستانىڭ توپ كىرگۈزىشى بىلەن 0:2 نەتىنجە ئارقىلىق روسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. زاپاس ئەزالىق ئورنىدىن ئالمىشىپ مەيدانغا چىققان رونالدو دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى ياردەمچى پاس ئارقىلىق رۇي كوستانىڭ ھالقىلىق بىر توپنى ئۇرۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.
2004-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، لىسسابون ئالۋالاد تەنتەربىيە مەيدانى، كىچىك گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى. پورتۇگالىيە نۇنو گومېسنىڭ بىر توپىغا تايىنىپ ئىسپانىيەنى بوغۇزلىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان رونالدو ياخشى ئىپادىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، نەپىس پۇت ئاستى تېخنىكىسى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ قانىتىغا خېلى ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەخىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئاخىرىدا، پورتۇگالىيە 2 ئۇتۇش، 1 مەيدان ئۇتتۇرۇش بىلەن 6 نومۇرغا ئېرىشىپ ھالاكەت گۇرۇپپىسىدىن 1-بولۇپ چىقتى.
ef38902f1e6d1b2b1f3089a4.jpg



2004-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، لىسسابون نۇرلۇق تەنتەربىيە مەيدانى، 4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە. پورتۇگالىيە بىلەن ئېنگىلانىد ئوۋېن ۋە پوستىگانىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 1:1 تەڭلىشىپ قالدى. ۋاقىت 30 مىنۇت ئۇزارتىلغاندا بولسا ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىدىن قېلىشماي ئېسىل ئويناپ لەمپارد ۋە رۈي كوستانىڭ بىردىن توپ كىرگۈزىشى ئارقىلىق 2:2 نەتىنجە بىلەن 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنى يەنە تەڭلىشىش ئارقىلىق ئاياقلاشتۇردى. شۇنداق قىلىپ ھېچكىم خالىمايدىغان شەپقەتسىز نۇقتا توپ جېڭى باشلاندى. تۇنجى قېتىم بۇنداق چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىدە نۇقتا توپ جېڭىگە چىققان رونالدوغا نىسبەتەن بېسىم ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، ئۇ كوماندىسىدىن 4-بولۇپ نۇقتا توپ تەپكىلى چىقتى ۋە ياخشى بولغان پىسخىك ساپاسىنى جارى قىلدۇرۇپ تەمكىنلىك بىلەن بۇ توپنى ئېنگىلاند قاپقىسىغا ئۇرۇپ كىرگۈزدى. ئاخىردا پورتۇگالىيە 5:6 نەتىنجىدە ئېنگىلانىدنىڭ ياۋروپا لوڭقىسى چۈشىنى بىچىت قىلىپ 4 كۈچلۈككە كىردى.
c19ec213495409232e0c0c989258d109b2de499a.jpg



2004-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، لىسسابون ئالۋالاد تەنتەربىيە مەيدانى. پورتۇگالىيە ئەنئەنىۋى كۈچلۈك قوشۇن گوللاندىيە بىلەن تار يولدا ئۇچىرىشىپ قالدى. مۇسابىقىنىڭ 26-مىنۇتىغا كەلگەندە رونالدو دېكو تاشلاپ بەرگەن بۇلۇڭ توپنى قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا باش بىلەن ئۈسۈپ گوللاندىيەنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، 59-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا رونالدو بىر ياردەمچى پاس تاشلاپ مانىچېنىڭ يىراقتىن توپ ئۇرۇپ نومۇر ئېلىشىغا ياردەم قىلدى. رونالدونىڭ بىر توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس بېرىشتەك تۆھپىسى ئارقىلىق كۈچلۈك رەقىپ گوللاندىيەمۇ پورتۇگاللار تەرپىدىن بوغۇزلاندى. شۇنداق قىلىپ پورتۇگالىيە تارىختا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.
aae272899e510fb338641971d933c895d0430c81.jpg


467aba19ebc4b7450defd9f0cffc1e178b82158f.jpg


بۇ قېتىملىق مۇسابىقە رونالدونىڭ ئاستا-ئاستا دۆلەت كوماندىسىنىڭ يادىروسىغا ئايلىنىشىدىن دېرەك بېرىپ قويدى. ئۇ چوقۇم كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ئۆزىگە ئەڭ قەدىرلىك بولغان دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن توختىماستىن  جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئانا ۋەتىنىنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالغۇسىدۇر.


ئەينى چاغدا گېرىتسيە كوماندىسى چېخ كوماندىسىنى ئۇتىۋالغاندا، مەن كۆڭلىمدە: «ماۋۇ ئىشىنى، يەنە گىرىتسىيە؟ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى بېشى قانداق باشلانغان بولسا يەنە شۇنداق ئاخىرلاشماس؟». ئىشلارنىڭ بۇنداق تەقدىرنىڭ چاقچىقىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى پەقەت ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىدىكى گېرىتسىيە كوماندىسى دەل پورتۇگالىيەگە كەلگەن بىر بالا-قازادىن دېرەك بېرەتتى.
تەخمىنەن 2 مىليون 100 مىڭ ئادەم پورتۇگالىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ لىسسابونغا توپلاشتى. ئۇلار ئۆز كوماندىسىنىڭ ئۆز تۇپىرىقىدا ئەڭ يۇقىرى چوققىدا تۇرغىنىنى كۆرۈش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى، مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەممە ئادەم تولۇپ تاشقان ئىشەنىچ بىلەن چېمپىيۇنلۇقنىڭ ئۆز ئەتىراپىدا ئەگىپلا يۈرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشاتتى...
ئەمما ئەينى چاغدا پورتۇگالىيە كوماندىسى مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلۋالغان گېرىتسىيە كوماندىسىغا پەقەت 60 مىنۇتقىچىلا بەرداشلىق بېرەلىدى. چارىستىياسنىڭ شۇ بىر كاللا توپى پورتۇگالىيەلىكلەرنىڭ قارا چۈشىگە ئايلاندى.
pu73.jpg

2004-07-05.jpg

2004xila.jpg




شۇ دەقىقىلەردە ھېچكىممۇ ئۆز كۆزىگە ئىشىنىشنى خالىمايتى، پۈتكۈل مەيدان ئىچىدە بىر پەس تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈردى... مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا فىگو تەپكەن بىر توپ قارشى تەرەپ ۋاراتاسىنىڭ تۈۋرۈكىنى سۆيۈپ ئۆتۈپ كەتتى، پورتۇگالىيە كوماندىسى بۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتتىنمۇ مەھرۇم بولدى. مۇسابىقە ئاياقلىشىش پۈشتىكى چېلىندى...
3ae9aeefce1b9d162330f387f3deb48f8d546414.jpg

71749dd7b31c8701c24fbb66277f9e2f0608ffbb.gif


گېرىتسىيە كوماندىسى ئەزالىرى ۋە تېرنىرلىرى مەيداندا سەكرەپ، ۋارقىرىشىپ غەلبە تەنتەنىسىنى تەبىرىكلەۋاتقاندا بىر قىزىل كىيىملىك يىگىتنىڭ كۆز يېشى ھەممە ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر مەنزىرە ھاسىل قىلدى. 19 ياشلىق رونالدو ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا مەيداننىڭ قاق ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ خۇددى ئەڭ ئامراق ئويۇنچۇقىنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئوماق بالىغا ئوخشاش يىغلاپ كەتتى، ھەسىرەتلىك چىراي، قىزىرىپ كەتكەن كۆزلەر، ئۈنچىدەك كۆز ياشلار... سەپداشلىرى كېلىپ ئۇنى قۇچاقلاپ تەسەللىي بەرمەكتە، تېرىنىرى كېلىپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرمەكتە، ئەمما بۇلار يەنىلا رونالدونىڭ ئازاپلىق كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى، ئۇ ئۆزى قولدىن بېرىپ قويغان پۇرسەتلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئۆكۈنمەكتە، 59-مىنۇتتا نىكوپولىدىسنىڭ ئۇنىڭ ۋاراتارغا تەپكەن توپنى بىچىت قىلۋېتىشى، 74-مىنۇتتا پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرۇپ بوشلۇقتىن تەپكەن توپنىڭ ۋاراتار ئۈستۈنكى لىمىدىن ئازىراقلا ئېگىز چىقىپ كېتىشى... ئۇ ئۆز تۇپىرىقىدا تۇرۇپ ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن تۇنجى چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېلىپ بېرىشكە قادىر بولالمىغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنمەكتە.
شۇ پەيىتلەردە كىشىلەر ئۇنىڭ ئازابىنى ۋە ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى چۈشىنىپ يەتمەكتە.
شۇ پەيىتلەردە سانسىزلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مەرۋايىتتەك تۆلۈلۈپ تۇرغان ياشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياش تۆكۈشمەكتە...
7c612c1f95cad1c8aef495c17f3e6709c83d51b3.jpg
   30f6841001e93901ede5e4d87bec54e737d19624.jpg


f68ec411728b4710aef9942ac3cec3fdfd032334.jpg


1d20d0f9d72a6059ba7589fc2834349b023bba9a.jpg


u=586616725,3464856017&fm=9&gp=0.jpg




مۇشۇ يەرگىچە يازاي، ھەر قېتىم 2004-يىلى يازدىكى شۇ كېچىنى ئويلىساملا كۆزلىرىمگە بىر قەۋەت سۇيۇق جىسىم يېپىشىدۇ...
2004-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى رونالدونى دۇنياغا تونۇتقان مۇسابىقە بولۇپ قالدى. ئۇ مۇشۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان پۇتبولچىنىڭ بىرى. 2 توپ ئۇرۇش، 2 ياردەمچى پاس بېرىش، بۇلار ئۇنى پورتۇگالىيە كوماندىسىدا قوش مۇنەۋۋەر قىلدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، 19 ياشلىق رونالدو 2004-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 ئادەم ئارىسىغا كىردى، يەنە تېخى ياۋروپا پۇتبولچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىرىپ ئۆزىنىڭ گىگانىت چولپان بولۇپ چىقىشىغا ئاساس سالدى.




ئولىمپىك چۈشى

AAA.jpg


2004-يىلى 8-ئاي، رونالدو پورتۇگالىيىگە ۋاكالىتەن دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 2004-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقىلى گېرىتسىيە پايتەختى ئافىناغا كەلدى.
گەرچە فورگىسون ئۇنىڭ ياۋروپا لوڭقىسى مەيدانىدىن قايتىپ كېلىپلا يەنە ئولمپىك سەپىرىگە ئاتلىنىشىنى خالىمىسىمۇ، گەرچە ئولىمپىك سەپىرىگە ئاتلىنىش ئۇنىڭ پۈتۈن بىر مۇسابىقە پەسلى ۋە بىر ئايغا يېقىن سوزۇلغان ياۋروپا لوڭقىسىدىن كېيىنمۇ يەنە ئازىراق بولسىمۇ ئارام ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن دېرەك بەرسىمۇ، گەرچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇ يېڭى پەسىلدىكى مانچېستېر كۇلۇبى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىلىپ قىلىدىغان مەشىقلىرىدىن ۋە پەسىل بېشىدىكى بىر قانچە مەيدان مۇھىم مۇسابىقىلەردىن قۇرۇق قالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ جەڭ فورمىسىنى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۇچىسىغا ئارتىشتا چىڭ تۇردى.
AA.jpg



«ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش بولسا بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا پەقەت بىر قېتىملا كېلىدىغان پۇرسىتى، مەن پورتۇگالىيە ئولىمپىك كوماندىسى كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان مۇشۇنداق بىر پۇرسەتكە ئېرىشكەنلىكىمدىن ناھايتى شەرەپ ھېس قىلىمەن، مېنىڭ ئولىمپىكقا قاتناشقۇم بار». رونالدو مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ھەم زور ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن ئافىناغا كەلگەنىدى، ئەپسۇس...
گەرچە پورتۇگالىيە ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن چىقالماي ئۆيىگە قايتقان بولسىمۇ، ئەمما رونالدو دۆلىتىگە ۋاكالىتەن توپ تېپەلىگەنلىكىدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ئىدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئازىراقمۇ ئۆكۈنمەيتى. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا پورتۇگالىيە 1:2 نەتىنجە بىلەن ماراكەش كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىدۇ. رونالدو مۇشۇ مۇسابىقىدە ئاخىرقى توپنى ئۇرىدۇ. بۇ رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بىردىنبىر ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئۇرغان توپى بولۇپ قالدى.

A.jpg

1.jpg





ئالۋاسىتى روھى داۋاملاشماقتا

RR.png


رونالدونىڭ مانچېستېر كوماندىسىغا قاتناشقان 2-مۇسابىقە پەسلىدە كونا تىراففورىد يەنە بىر تالانتلىق ئۆسمۈر، ئېنگىلانىدنىڭ يېڭى ئالتۇن ئۆسمۈرى، تالانىتلىق مەرگەن ۋېئېن رونىنى كۈتىۋالدى. رونالدو بىلەن ئوخشاشلىقى، ئىككىلىسى 1985-يىلى تۇغۇلغان، ئىككىلىسى تۇغما تالانىتلىق پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرىدىن، شۇنداقلا ھەر ئىككىلىسى نامىرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلار ئىدى. كونا تىراففوردتا ئۇلار بىللە مەشىق قىلدى، بىللە چوڭ بولدى. ئورتاق يېتىلگەن تەجىربىلەر، پۇتبولغا بولغان ئورتاق قىزغىنلىق ناھايتى تېزلا بۇ ئىككىسىنى يېقىن دوسىتلارغا ئايلاندۇردى.
3.jpg
2.jpg




2004-يىلى 9-ئاي، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ياۋروپا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ پەردىسى ئېچىلدى. رونالدو 9-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان 5 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىگە تولۇق قاتناشتى، پورتۇگالىيە كوماندىسى بولسا 4 مەيدان ئۇتۇپ، 1 مەيدان تەڭلىشىشتەك شانلىق نەتىنجىگە ئېرىشىپ، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا تاللىنشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. 19 ياشلىق رونالدو بۇ 5 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 5 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىنجىسى بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى ھۇجۇم يادىروسى ۋە ئاساسلىق تۆھپىكارىغا ئايلاندى.
2004-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، لاتۋىيە 2:0 پورتۇگالىيە: 57-مىنۇتتا رونالدو تۇنجى توپنى ئۇردى.
2004-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئېستونىيە 4:0 پورتۇگالىيە: رونالدو 75-مىنۇتتا تۇنجى توپنى ئۇردى.
2004-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، لىچتېنشتېين 2:2 پورتۇگالىيە: دۈشمەننى سەل چاغلاپ قالغان سىككىلارى مۇسابىقە باشلىنىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن رونالدونى ئالماشتۇرۇپ مەيدانغا چىقارمىغان بولسا مۇسابىقە نەتىنجىسى ھەرگىزمۇ بىر مەيدان تەڭلەشكەن مۇسابىقە بولمايتى.
2004-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، روسىيە 7:1 پورتۇگالىيە: 26-مىنۇتتا رونالدو پاۋلېتتاغا بىر ياردەمچى پاس چىقاردى، 39-مىنۇتتا رونالدو مۇسابىقە نەتىنجىسىنى 2:0 قىلىپ ئۆزگەرتتى، 69-مىنۇتقا كەلگەندە رونالدو مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى ئۇردى.
2004-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، لىيۇكسېمبۇرىگ 5:0 پورتۇگالىيە: رونالدو 28-مىنۇتتا توپ ئۇرۇپ نەتىنجىنى 2:0 گە ئۆزگەرتتى...

4.jpg




رونالدونىڭ دۆلەت كوماندىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن قالتىس ئىپادىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى يېڭى پەسىلدە باسقان قەدىمى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. بەلكىم ئۇنىڭ ياۋروپا لوڭقىسى ۋە ئولىمپىكقا قاتنىشىش ئۈچۈن يازدا تۈزۈكرەكمۇ ئارام ئالمىغانلىقىدىن، ۋەياكى ئۇنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، نۇرغۇن كۇلۇپ مۇسابىقىلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقىدىن بولسا كېرەك، رونالدونىڭ كۇلۇپتىكى ئىپادىسى تازا مۇقىم بولمىدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا بەزى كىشىلەر بولسا خۇددى دۇربۇننى قولىغا ئېلىۋېلىپ ئۇنىڭدىن ھەتتا بىر تال كۈنجۈتچىلىك بولسىمۇ سەۋەنلىك ياكى قۇسۇر ئىزدىشۋاتقاندەك، ئۇنىڭغا بولغان تەنقىد سۆزلىرى بىردىنلا تېخى نەچچە ئاي ئالدىدىكى مەدھىيە سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ  يېزىلىشقا باشلىدى. بۇنى يېزىۋاتقانلار بولسا دەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىدى.
بەزىلەر بولسا ئۇنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىدىكى يارقىن سىماسىدىن كېيىن ئۇنىڭ ھەر بىر مەيداندا تېخىمۇ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئويناپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشاتتى، ئەمما ئۇنداقلار ئۇنىڭ تېخى 20 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ باقمىغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قېلىشاتتى.
يەنە بەزىلەر بولسا خۇددى ھەسەتخورلۇق ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەك، گىجىڭلىق بىلەن باھا بېرىپ ئۇنى سۆكەتتى...
مانا مۇشۇنداق ئاسماننى قاپلىغان سۆكۈشلەر ۋە مەززىسى يوق ئەيىپلەشلەرگە قارىتا ئۇ پەقەت پۇتبولغا تايىنپلا قايتۇرما زەربە بەردى. 2005-يىلى يېڭى يىلدىن كېيىن كېيىنكى يېرىم پەسىل باشلىنىپلا رونالدو ئۇدا 3 نۆۋەت شۇ ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كىردى. ھەتتا ھەر مەيدان دېگۈدەك توپ ئۇردى ياكى ياردەمچى پاس چىقاردى.
2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئارسىنال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رەقىبىگە قوش خەنجەر سانجىدى. يەنە تۇغۇلغان كۈنىدە ئىككى ياردەمچى پاس چىقاردى، ئۇيۇشما لوڭقىسىدا ئېۋىرتون كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇش بىلەن يەنە ياردەمچى پاس چىقىرىپ كوماندىسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈردى...
2005-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى يەنە شۇ رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدا يەنە بىر خاتىرلەشكە ئەرزىگۈدەك بىر كۈن بولدى. يەنى ئۇ مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇردى.
مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى مېھمان سۈپىتىدە ھايگىبۇرىي توپ مەيدانىدا ئارسىنال كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ، رونالدونىڭ 54-مىنۇت ۋە 58-مىنۇتتا ئىككى توپ ئۇرۇشى بىلەن ئەشەددىي رەقىبى ئارسىنالنى بوغۇزلىدى.
رونالدونىڭ توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىنكى كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئېغىزى ئالدىغا ئەكىلىپ ئارسىنال مەستانىلىرىگە «تىنىچلىنىڭلار» دېگەننى ئىپادىلىگەن تەبىرىكلەش ھەركىتى يالغۇز رونالدونىڭ كۈچلۈك ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپلا بەرمەستىن، يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىنى ئۇرغۇتىۋەتتى. (7 يىلدىن كېيىن رونالدو نوكەمپودىمۇ مۇشۇ «ئېغىزىڭنى يۇم!» ھەركىتىنى ئىشلىگەن. ھازىرقى 20 ياشلىق رونالدو جاسارىتى ئۇرغۇپ تاشقان ھالەتتە «سىلەرنىڭ ماڭا قارشى چۇقان-سۈرەنلىرىڭلار مېنى تېخىمۇ جەڭگىۋار قىلىدۇ، مەن پەقەت توپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق سىلەرنىڭ ئېغىزىڭلارنى يۇمدۇرىمەن» دېمەكچىدەك قىلاتتى).

6.jpg




رونالدونىڭ مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەيدىغان خارەكتىرى، تۈز كۆڭۈل مىجەزى، جەلىپكار قىياپىتى، پەخىرلىنەرلىك نەتىنجىسى ئۇنىڭ جامائەت پىكىرىنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى بەلگىلەپ قويغان. ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان تەنقىد-ئوبزورلار، ھەسەت-پىتنىخورلۇقلار، سۆكۈش ۋە كۆرەلمەسلىكلەرگە سەۋەپكار بولۇپ قالغان. ئەمما بۇلار ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە ۋە ئىرادىسىگە تەسىر كۆرسىتەلىگەن ئەمەس. خۇددى رونالدو: «مەن باشقىلارنىڭ مېنى ئەيىپلىشىنى بىر خىل خۇشامەت تۇيغۇسىدەك ھېس قىلىمەن ھەم باشقىلارنىڭ نەپىرەتلىك ھېسىياتىدىن ھوزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن، يەنە تېخى مېھمان مەيداندىكى چۇقان-سۈرەننىمۇ ياخشى كۆرىمەن، مانا مۇشۇ تۇيغۇلار مېنىڭ رەقىبلىرىمگە زور بىر تەھدىت ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدۇرىدۇ» دېگىنىدەك ھەر قاچان رەقىپلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆز جاسارىتىنى يوقىتىپ قويمىغان ئىدى.
5.jpg

AAA.gif






بوران-چاپقۇنلۇق يىللار

0a0c00f7b9d45111720eec8d.bmp



دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرنى ئەمدىلا ئويناپ تۈگەتكەن رونالدوغا نىسبەتەن ئارام ئېلىش ۋاقتى ناھايتىمۇ ئاز قالغان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ ۋاقتىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرىپ قىلىشنى تاللىدى.
2004-يىلى 12-ئايدا ھىندىنوزىيە ۋە ئەتىراپىدىكى دۆلەتلەردە دېڭىز تاشقىنى ئاپىتى يۈز بېرىپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۈچلۈك دېڭىز دولقۇنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان ھىندىنوزىيە، مالايسىيا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنى خانىۋەيران قىلۋېتىدۇ. بۇ ئاپەتتە 280 مىڭغا يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، يەنە نەچچە ئونمىڭلىغان ئادەم يوقاپ كېتىدۇ.
يەر شارى قىزىل كىرىسىت جەمئىيتىنىڭ مېھىر-شەپقەت ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رونالدو قىزىل كىرىسىت جەمئىيتىنىڭ دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىگە ئۇچىرغان ھىندىنوزىيە قاتارلىق ئەللەرگە ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خەيرى-ساخاۋەت پائالىيتىگە قاتنىشىپ، ھىندىنوزىيە ۋە شەرقىي تىمورغا بېرىپ بىر قاتار كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئۇسۇللىرى بىلەن پۇل توپلاش ئارقىلىق خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرىنى تەشكىللەيدۇ.
ff338e01a18b87d679fefdf8070828381e30fd4c.jpg


رونالدو تېلۋوزۇردىن دەل مۇشۇ ئاپەتتە پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كىيمىنى كىيۋالغان بىر كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ بالا-قازادىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرىدۇ. بۇ 7 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى مائار بولۇپ، قەيسەرلىكىگە تايىنىپ ئۆزى يالغۇز بۇ دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدە 19 كۈن ھايات كەچۈرىدۇ. بۇ ئىش رونالدونى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رونالدو دەرھال مائار بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، شۇنداقلا ئۇ بالىغا تاكى ئۇنى بېقىۋالغۇدەك بىر ئائىلە چىققانغا قەدەر ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدىغانغا، ياردەم قىلىدىغانغا ۋەدە بېرىدۇ. قىممەتلىك بىر كۈن ۋاقتىنى ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ بىللە پاراڭلىشىش، بىرلىكتە ئويۇن ئويناش ئارقىلىق ئۆتكۈزىدۇ. گەرچە ۋاقىت ناھايتى قىس، ئالدىراشچىلىق ۋە پايپىتەك بولۇش ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، گەرچە رونالدو قىممەتلىك ئارام ۋاقىتلىرىدىن ۋاز كەچسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىدىن ناھايتى سۆيۈنىدۇ ۋە مەمنۇن بولىدۇ.
«گەرچە ئۇلار تېخىچە قايغۇ-ھەسىرەتكە چۆمۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار مېنى ئىللىق كۈلۈمسىرەشلىرى بىلەن قارشى ئالدى، ناھايتى دوستانە بولدى. تەڭرىنىڭ ماڭا ئۇلارغا ياردەم قىلىش پۇرسىتى ئاتا قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. گەرچە قىسقىغىنە ۋاقىت بولسىمۇ، مەن ھەر ھالدا ئۇلارنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن تېراگىدىيەلەرنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇشقا ياردەم قىلالىدىم. مەن ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتىم، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردۈم، ئۇلارغا تەسەللىي بەردىم. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى ھېس قىلالىدىم. بۇلار دەل ئۇلارنىڭ ماڭا قايتۇرغان جاۋابى ئىدى» دەيدۇ رونالدو مەمنۇنلۇق بىلەن.
未标题-1.jpg




2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلى شەك-شۈبىھسىز مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەغلۇبىيەتلىك پەسلى بولۇپ قالدى...
3-ئاينىڭ 8-كۈنى AC مىلان كوماندىسى تەرپىدىن ئىككىلا مەيدان مەغلۇپ قىلىنىپ ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن شاللىنىپ كېتىدۇ.
پۈتۈن بىر پەسلىلىك مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى مۇقىم بولمىغان مانچېستېر بىرلەشمىسى ئەڭ ئاخىردا بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە 3-ئورۇندا تۇرۇپ قالىدۇ.
5-ئاينىڭ 21-كۈنى مىڭ يىل توپ مەيدانىدا (千禧球场) ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولسا مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى ئىدى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە ئىككىلا تەرەپ توپ كىرگۈزەلمەيدۇ، ۋاقىت ئۇزارتىلغان 30 مىنۇتلۇق مۇسابىقە باسقۇچىدىمۇ ئىككىلا تەرەپكە توپ كىرمەيدۇ. گەرچە توپ كىرمىگەن بىلەن بۇ مۇسابىقە ناھايتى ئېسىل ئوينالغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالىدۇ. رونالدو مۇسابىقىدە ئىزچىل سول قاناتتا قارشى تەرەپ بېكى لورىنت بىلەنلا ھەپىلىشىپ قالىدۇ. ئاخپارات ئاگىنتلىقى خەۋىرىدە: «كىرىستىيانو رونالدو لورىنىتقا بۇ پەسىلدىكى ئەڭ مۈشكۈل ئۆتكۈزگەن بىر مەيدان مۇسابىقىنى ھەدىيە قىلدى» دېيىلىدۇ. ئەمما ئاخىرقى مۇسابىقە نەتىنجىسى خۇددى مۇشۇ ئازابلىق بىر پەسىلگە ئوخشاش ئەلەم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شەپقەتسىز نۇقتا توپ جېڭىدا رونالدو مانچېستېردىن ئۈچىنچى بولۇپ ناھايتى تەمكىنلىك بىلەن نۇقتا توپنى قارشى تەرەپ قاپقىسىغا تېپىپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما سىكولىسنىڭ بىر نۇقتا توپنى ئۇرالماسلىقى سەۋەبىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسى 5:4 نەتىنجە بىلەن مەغلۇپ بولىدۇ. ئارسىنال كوماندىسى 10-قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسىنى كۆتۈرىدۇ.
bff1bd8f8c5494ee2d2359fe2df5e0fe98257e87.jpg


2004-2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلى رونالدوغا نىسبەتەن ئانچە مۇۋاپىقىيەتلىك ھېساپلانمايدۇ. كوماندا ئىككى قولى قۇپقۇرۇق، ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما مۇتلەق مەغلۇبىيەتلىك پەسىل دەپ ئېيتىشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى رونالدو ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئىككىنچى پەسلىدە جەمئىي 50 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 9 توپ ئۇرىدۇ، 4 قېتىم ياردەمچى پاس چىقىرىدۇ.
مانا مۇشۇنداق ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشدىن ئۆتكۈزۋاتقان، پىتنە-پاسات، ئىغۋا، ئەيىپلەشلەر ئىچىدە ياشاۋاتقان رونالدو داۋاملىق جاپاغا چىداپ ئۆزىنى تاۋلىماقتا، نۇرغۇن تەجىربىلەرنى يەكۈنلىمەكتە، كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىدە يېتىلدۈرگەن قەيسەرلىكى بىلەن ئالدىدىكى مۇۋاپپىقىيەت يولىغا قاراپ دادىل قەدەم ئالماقتا...
fd1a3afa828ba61e529d9ec84134970a314e5991.jpg




جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتكەن بۇ مۇسابىقە پەسىلى ئاياقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما رونالدو ناھايتى تەستە بىر كېلىدىغان ئارام ۋاقتىدىن ھوزۇرلانماي، يەنە دۆلىتىگە ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئاتلاندى.
6-ئاينىڭ 4-كۈنى سىلوۋاكىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو 42-مىنۇتتا بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىنى مۇقۇملىدى. پورتۇگالىيە 0:2 نەتىنجە بىلەن سىلوۋاكىيە ئۈستىدىن غەلبە قىلدى.
4 كۈندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئېستونىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە رونالدو مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈپ، ئاخىرى پورتۇگالىيە كوماندىسىنى 2006-يىللىق گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى چوڭ سەھنىسىگە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يېقىنلاشتۇردى.
دۇنيا لوڭقىسىدا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ھەر قانداق بىر پۇتبولچىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ نىشان. رونالدو ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەمىلىيىتى بىلەن نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي چىملىق مەيداندا جەڭ قىلماقتا.
0b3fb012c8fcc3ced06d9fd49245d688d53f2052.jpg




ئالدىنقى پەسىل بىرلەشمىدە ئارانلا 3-لىككە ئېرىشكەن مانچېستېر بىرلەشمىسى قاراپ تۇرۇپلا ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئويناشقا مەججىبۇرىي بولۇپ قالىدۇ.
2005-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، رونالدو سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋېنگىرىيەگە ئاتلاندى ۋە ۋېنگىرىيە چېمپىيۇنى دېبىلىسون VSC كوماندىسى بىلەن ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىنى تالىشىش ئۈچۈن مۇسابىقىلەشتى. رونالدو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىنىڭ ياۋروپا جەڭ مەيدانىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈپ كوماندىسىنىڭ 0:3 نەتىنجە بىلەن تۇنجى تۇتۇشۇشتىلا غەلبىگە ئېرىشىشىگە تۆھپە قوشتى.
274cff246b600c3373c9ea201a4c510fd8f9a151.jpg




9-ئاي. دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ياۋروپا مۇسابىقە رايونى تاللاش مۇسابىقىسى باشلىنىپ كەتتى. پورتۇگالىيە كوماندىسى ئەڭ ياخشى ھالىتىدىكى رونالدونى سېپىگە قوشۇۋالغانىدى. خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدىن ئايرىلغىلى نەچچە ئاي بولغان رونالدو 9-ئاينىڭ 3-كۈنى لىيۇكسېمبۇرگ بىلەن مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئېسىل ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇردى. پورتۇگالىيە كوماندىسى 0:6 نەتىنجە ئارقىلىق مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن رەقىبى ئۈستىدىن غالىپ كەلدى.
غەلبە شاتلىقىغا چۆمگەن رونالدو يەنە بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل ئىپادىسى بىلەن كېيىنكى رەقىبى روسىيە كوماندىسىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا ئىدى. ئەمما ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بىر زەربىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى...
6902dd2a2834349bfc985a6dc9ea15ce37d3be6f.jpg




9-ئاينىڭ 6-كۈنى، ماردىلادىن يېتىپ كەلگەن بۇ خەۋەر رونالدونى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاسماندىن چوڭقۇر جىلغىغا تاشلىۋەتكەندەك قىلۋېتىدۇ. رونالدونىڭ دادىسى داننىس- ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بارلىق پۇتبول ئەسلىمىلىرىدىن بىرلىكتە بەھىرىمان بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ مۆتىۋەر زات فونچاردىكى بىر دوختۇرخانىدا ئاستا خارەكتىرلىك بۆرەك زەئىپلىكى كېسىلى بىلەن 51 يېشىدا ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدۇ.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا رونالدو ئۆزىنى بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. پورتۇگالىيە كوماندىسى باش تېرنىرى ئۇنىڭغا ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەردىن ھال سوراپ كېلىشىنى ئېيىتتى. ئەمما ئۇ قايتىشنى رەت قىلدى. دادىسىنىڭ ئۈمىدى بولسا ئوغىلىنىڭ پۇتبول كەسىپىدە چوقۇم زېھىن قويۇپ مەشىق قىلىش ۋە چوقۇم دۇنياغا تونۇلۇشى كېرەك ئىكەنلىكى ئىدى. چوڭقۇر مۇسبەتتە قالغان رونالدو ئۆزىگە «مەن چوقۇم دادامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلايمەن» دېدى.
چەكسىز ئازاپقا بەرداشلىق بېرىپ تۇرىۋاتقان رونالدو مۇسابىقە مەيدانىغا چۈشۈپ قايتىىدىن جانلىنىپ كەتتى، توختىماستىن توپ ئېلىپ مېڭىشتىكى تەڭداشسىز ماھارەتلىرىنى نامايەن قىلدى، توختىماستىن رەقىبىنىڭ مۇداپىيە سېپىنى تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى تەشۋىشكە سېلىۋەتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدونىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى قارشى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادىروسى سىمېركىننى قىزىل كارتا جازاسىغا دۇچار قىلىپ مەيداندىن چىقىرۋەتكىنى بولدى. شۇنىڭ بىلەن 10 ئادىمى بىلەن روسىيە كوماندىسى ئۆز مەيدانىدىكى ئەۋزەللىكلىرىنى بىراقلا يوقاتتى. ئەمما ئاخىرقى نەتىنجە يەنىلا 0:0 بىلەن مۇسابىقە ئاياقلىشىپ ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا قول ئېلىشىپ خوشلاشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە روسىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكنى يەنىلا رونالدو بولدى.
77e8963df8dcd100d449ccc9728b4710b8122f2b.jpg




كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان پورتۇگالىيلىكلەر باشقا جەنۇبى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ئائىلە ۋە ئۇرۇق-تۇققاندارچىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مۇسابىقىدىن كېيىن پورتۇگالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيتى گەرچە زور چىقىم سەرىپ قىلسىمۇ ئەمما رونالدونىڭ يۇرتىغا قايتىپ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ كېلىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى...
گەرچە جىگەر-بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ قالغان دادىسىنىڭ سالامەتلىكىگە ئالدىن ئىدىيە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان بولسىمۇ، گەرچە بىر ۋاپادار ئوغۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن دادىسىنى لوندوندىكى داڭلىق دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالىتىشنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەشىق ۋە ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان مۇسابىقىلەر رونالدوغا ۋاقىت بەرمىدى. ئەمما ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن رونالدوغا دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى قوبۇل قىلىماق ھەقىقەتەنمۇ بەك تەس كەلدى.
«مەن تاكى ھازىرغىچە دادامنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن، ئەڭ بەخىتسىزلىك بولغىنى، مەن ئەمدى ئۇنى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيمەن، ئەمما يەنىلا دادامنىڭ يېنىمدىلا تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىمەن.»
«مەيلى مەن نېمە ئىش قىلاي، مەيلى مەن قەيەردە بولاي، دادام مېنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ ھايات. قەلبىمدە ئىزچىل ئۇنىڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىملىرىم بار. چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھازىرقىدەك بىر پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ چىقىشىمنى، مېنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىنجە قازانغان بىر ئادەم بولۇپ چىقىشىمنى بارلىققا كەلتۈردى».
«بۇ ئىش ماڭا ھەقىقەتەن قىيىن كەلدى، راستىنلا ئىنتايىن قىيىن كەلدى. ئەمما بىز چوقۇم ئۆز يولىمىزدا مېڭىشىمىز كېرەك، توختاپ قالساق بولمايدۇ. مېنىڭ ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭلىلىرىم تۇرمۇشنىڭ مەنىسىزلىكىنى ھېس قىلىشتى، مەن ۋە ئائىلەم بۇ زور يوقىتىشنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ئامالسىزمىز. بىز يېنىمىزدا يوق ئاشۇ ئادەمنى چوڭقۇر سۆيىمىز، ئەمما بىز چوقۇم قەيسەر بولۇشىمىز، چوقۇم ئالدىمىزغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك».
76dc3387e950352acf5212e05343fbf2b3118bd1.jpg




10-ئاي مەزگىلى. رونالدو يەنە بىر قېتىم ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ جەڭ فورمىسىنى كىيىپ، گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
10-ئاينىڭ 8-كۈنى، پورتۇگالىيە 1:2 نەتىنجە بىلەن لىچتېنشتېيننى مەغلۇپ قىلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن بىر ئايلانما گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇپ مەردانە ھالدا گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسىغا كىردى. رونالدونىڭ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى گۈدۈكى مانا شۇنداق چېلىندى.
40db38adcbef76095568ae772edda3cc7dd99ea1.jpg


e8ed741ed21b0ef465afafb6ddc451da80cb3e45.jpg





10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاللىبۇرۇن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە سالاھىيتىگە ئېرىشىپ بولغان پورتۇگالىيە كوماندىسى 0:3 نەتىنجە بىلەن لاتۋىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، جەمئىي ئوينالغان 12 مەيدان تاللاش مۇسابىقىسىدە 9 مەيدان ئۇتۇپ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ، بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرماسلىق تارىخى ياراتتى. بۇ ئۇنتۇلغۇسىز نەتىنجە بولدى. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرى پورتۇگالىيەنى 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ قارا تۇلپارى بولۇپ قالىدۇ دەپ قاراشتى.
تېخى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن رونالدو تاللاش مۇسابىقىسى جەريانىدا 7 توپ ئۇرۇپ، پاۋلىتتانىڭ 11 توپىدىن قالسىلا دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى بولۇپ قالدى، كوماندىنىڭ يېڭىلمەسلىكتەك نەتىنىجىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى، ئۆزىمۇ تۇنجى قېتىم تالانتىنى نامايان قىلىدىغان ھەقىقىي چوڭ سەھنىگە چىقتى.
3e2105f3d7ca7bcbe634f0c7be096b63f724a8be.jpg




2005-يىلى كۈزدە دادىسىدىن ئايرىلىش ئازابىنى ئەمدىلا بېسىقتۇرغان رونالدوغا يەنە بىر كېلىشمەسلىك كەلدى. ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن رونالدو ئويلىمىغان يەردىن باسقۇنچىلىق جىنايتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىنىپ قانۇن ئالدىغا چاقىرتىلدى.
ئەسلىدە بىر ئايال ئۇنىڭ لوندوندىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆزىگە چېقىلغانلىقى ئۈستىدە داۋراڭ سالغانىدى... رونالدونىڭ ۋاستىچىسى مېندېس ئاخپارات ۋاستىلىرىگە: «رونالدو ئۆزىنىڭ ئاتالمىش باسقۇنچىلىق قىلمىشىنى كەسكىن تۈردە ئىنكار قىلىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىنجىسى پات يېقىندا ئاشكارە بولىدۇ، بۇ شىكايەتنىڭ ھېچقانداق پاكىتى ۋە ئاساسى يوق.» دېدى. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئەرز قىلغۇچىدىن تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا گەپ سوراش ئارقىلىق ئاخىرى رونالدو ئۈستىدىكى گۇماننى بىكار قىلدى. 11-ئايغا كەلگەندە گېزىتلەردە رونالدو ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى بېسىلدى. تەكشۈرۈش شۇنى ئىسپاتلىدىكى، رونالدونى ئەرز قىلغان ئايال بۇرۇندىن مەخسۇس پۇلدارلارنى كۆزلەپ ئالدامچىلىق قىلىدىغان بىر پاھىشە بولۇپ چىقتى. ئەسلى بۇ بىر قىلتاق، رونالدو بولسا بەخىتسىز بىر زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى ئىدى.
بۇ رونالدونىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتتە قالغان بىر مەزگىلى ئىدى، ئۇ مۇشۇ سەۋەپلىك تەكشۈرۈلگەنلىكىگىمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيتى. ئەمما بۇ دېگەن تۇرمۇش، بۇ دېگەن رېئاللىق. رونالدو تۇنجى قېتىم نام-شۆھرىتىنىڭ ئۆزىگە خەتەر ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى.
بۇ جاپالىق كۈنلەردە كۇلۇپ ۋە يۇرتداشلىرى ئۇنى قەتئىيلىك بىلەن قوللىدى، ئۇنىڭغا ئىشەندى. پورتۇگالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ بىر مەيدان سۈيقەسىت، بىز ئۇنىڭ قىيىنچىلىق مەزگىللىرىدە ھامان ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىمىز» دەيدۇ.
79d5efcd7b899e5180220dfc42a7d933c9950d5c.jpg




مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ قايتىدىن شۇ چاغلارنى ئەسلەپ چىقتىم. ئۆزەمچە ھېس تۇيغۇلىرىمنى بۇ ئەسەرگە قىستۇرما قىلىپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالاپ قالدىم.
دادىسىدىن ئايرىلىش ئازابى، يامان غەرەزدە شىكايەتكە ئۇچىراش، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تىنىم تاپماس ساختا خەۋەرلىرى...
ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان رونالدو قەيسەرلىك بىلەن مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى كۆتۈردى، بوران-چاپقۇنلاردا تەۋرەنمەي تىك تۇردى، داۋاملىق تىرىشىپ توپ تەپتى، تىرىشىپ ئۆزىنى ئىسپاتلاپ ماڭدى...
چۈنكى ئۇ ئىشنەتتىكى، بوران-چاپقۇن ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ، قارا يامغۇردىن كېيىن ھامان ھەسەن-ھۈسەن پەيدا بولىدۇ.
چۈنكى ئۇ ئىشىنەتتىكى، بارلىق ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر بايلىق، بارلىق زەربىلەر ئادەمنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىدۇ...
7 يىل ۋاقىت ئۆتۈپمۇ كەتتى، دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان ئۇ ھېلىمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچىراپ تۇرماقتا، يەنە تېخى نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭ نام-شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى گېزىتلەرنىڭ باش ئىستونىغا چىقىرىش ئۈچۈن ھەپلەشمەكتە، يەنە تېخى سانسىزلىغان ۋىجدانى يوق ئاخپاراتچىلار توختىماستىن پالاقشىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ھەر خىل ئۆسەك خەۋەرلەرنى گېزىتكە بېسىپ كىشىلەرنى كۆزلىرىنى ئۆزىگە قاراتماقتا...
مەيلى قانچىلىك پىتنە-پاسات گەپ سۆزلەر بولۇنسۇن، بىز ھامان سەن بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇشنى تاللايمىز، ساڭا ئىشىنىمىز، سېنى قوللايمىز...

3ea44e10b912c8fcb02bc125fc039245d7882128.jpg





رونالدوغا ئوخشاش بۇ مەزگىلدە مانچېستېر بىرلەشمىسىمۇ ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. كۇلۇپنىڭ سېتىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى، 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە ئۇدا يېڭىلىش، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئويلىمىغان يەردىن ئاجىز كوماندا مىدىرىسبۇرگقا 1:4 نەتىنجە بىلەن ئۇتتۇرۇش، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە 7-ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىش بىلەن بىرگە 1-ئورۇندىكى چېلسى كوماندىسى بىلەن بولغان نومۇر پەرقى 13 نومۇرغا چوڭىيىپ كېتىش قاتارلىق ئامىللار مانچېستېر مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى.
مىدىرىسبۇرگ كوماندىسى بىلەن ئوينالغان بۇ مۇسابىقە گەرچە مانچېستېر كوماندىسىنى نومۇسىنى يۇيۇش ئارزۇسىغا يەتكۈزەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما رونالدوغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر مەنىگە ئىگە ئىگە ئىدى.
59-مىنۇتتا زاپاس ئەزالىق ئورنىدىن ئالمىشىپ مەيدانغا چىققان رونالدو مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قوشۇپ بېرىلگەن 3-مىنۇتىدا سىكولىس تاشلىغان بۇلۇڭ توپنى ئەپچىللىك بىلەن ئۈسۈپ كوماندىنىڭ ئابىرويىنى ساقلايدىغان بىردىنبىر توپنى كىرگۈزدى. بۇ توپنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيتى بولسا مانچېستېر كوماندىسى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە 13 يىل جەڭ قىلىش جەريانىدىكى بىرلەشمىدە كىرگۈزگەن 1000-توپ دەل مۇشۇ رونالدونىڭ كاللا توپى ئىدى. گەرچە بىر مەيدان ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت يۈز بەرگەن بولسىمۇ ئەمما رونالدونىڭ بۇ توپى شۈبىھسىزلا مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ قالدى.
060828381f30e924a09faad94c086e061d95f71a.jpg





11-ئايدا رونالدوغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش يۈز بەردى، ئۇ بولسىمۇ داۋاملىق كۇلۇپ بىلەن توختام ئۇزارتىش بولۇپ، توختام ۋاقتى 2010-يىلىغىچە ئىدى.
رونالدو ھەم كۇلۇپمۇ بۇ ئىشتىن ئىنتايىن رازى ئىدى. فورگىسون مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كۇلۇپنىڭ ياش توپچىلارغا ئىشەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، رونالدو بولسا كەلگۈسىدە تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى يۇقىرى بولغان بىر گىگانىت چولپان بولۇپ قالغۇسى». ئوخشاشلا رونالدومۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ھاياجانلانغان ھالدا: «مەن ئىنتايىن خۇشاللىق ھەم پەخىرلىك تۇيغۇم بىلەن توختامغا ئىمزايىمنى قويدۇم، بۇ مېنىڭ كەسپى ھاياتىمنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىش. مەن كوماندىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن توختىماي جەڭ قىلماقچىمەن» دەيدۇ.
0d338744ebf81a4c1801da21d72a6059252da622.jpg






2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى بولسا مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا نىسبەتەن بىر قايغۇلۇق كۈن بولۇپ قالىدۇ. كۇلۇپنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى جورجى بېسىت دەل شۇ كۈنى بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ 7-نومۇر ئورۇنباسارلىرى ئارىسىدا بېسىت شەكسىز ئەڭ تالاش-تارتىشسىز، ئەڭ رىۋايەتلىك تۈستىكى بىرى ئىدى. دەل مۇشۇ بېسىت 7-نومۇرلۇق جەڭ فورمىسىنىڭ ئىناۋىتىنى ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى.
zq0108.jpg





دەل مۇشۇ ئالاھىدە كۈندە مانچېستېر كوماندىسى ۋە رونالدو ساھىبىخان مەيداندىكى غەلبىسىنى بېسىتقا سوۋغا قىلدى. مانچېستېر بىرلەشمىسى 0:3 نەتىنجە بىلەن غەربىي ھام كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. (بەلكىم بېسىتنىڭ روھى بىر توپ كىرگۈزگەن رونالدودىن پەخىرلەنگەندۇ). مۇسابىقىدىن كېيىن فورگىسون: «بىز ناھايتى چىرايلىق بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينىدۇق. بىز رونالدو كىرگۈزگەن 1-توپتىنلا 7-نومۇرلۇق جەڭ فورمىسىنىڭ پەقەت رونالدوغىلا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالىدۇق» دەيدۇ.
267f9e2f07082838094aeafcb899a9014d08f196.jpg






2005-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە رونالدوغا نىسبەتەن ئازابلىق بىر كېچە بولۇپ قالدى.
رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇزغۇنلۇقنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى ئويناش ئۈچۈن مېھمان سۈپىتىدە ئۆز دۆلىتىگە، لىسسابونغا كەلدى. ئۇنىڭ نىشانى لىسسابون شەھىرىگە جايلاشقان يەنە بىر زەردار كوماندا بېنفىكا بىلەن ئۇزغۇنلۇقنىڭ 16 كۈچلۈككە كىرىش ئەڭ ئاخىرقى بېلىتىنى تالىشىش ئىدى.
بېنفىكا كوماندىسى بىلەن بىر شەھەردىكى لىسسابون رىقابەت كوماندىسىدا ئىلگىرى توپ تەپكەن رونالدونى بېنفىكا توپ مەستانىلىرى ئالاھىدە ئۇسۇلدا كۈتىۋېلىشتى. ئۇنىڭ پۇتىغا ھەر قېتىم توپ تېگىشى بىلەنلا پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ھۇيقىيشىتىپ، ئىسقىرتىشىپ ئۇنىڭغا بولغان مەسخىرىسىنى ئىپادىلىدى. پۈتكۈل مۇسابىقە جەريانىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى گەرچە توپ كونتىرول قىلىش يەكى ھۇجۇم قىلىشتا بولسۇن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ لېكىن قارشى تەرەپ ۋاراتارىغا چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلەلمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا 2:1 نەتىنجە بىلەن بېنفىكا تەرپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ قاراپ تۇرۇپلا مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم 16 كۈچلۈككە كىرەلمەسلىك تارىخى شەكىللەندى.
بىر سېرىق كارتا ئىستىمال قىلۋالغان رونالدو 67-مىنۇتقا كەلگەندە ئالماشتۇرۇلۇپ مەيداندىن چۈشۈرۋېلىنغاندا بېنفىكا مەستانىلىرىنىڭ تېخىمۇ بەك مازاق قىلىشىغا ئۇچىراپ كەيىياتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ توپ مەستانىلىرىغا قاراپ ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقاردى.
ئۇزغۇنلۇقتىن شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئاخپارات ۋاستىلىرى مانچېستېر بىرلەشمىسىنى بولۇپمۇ رونالدونى تەرەپ-تەرەپتىن قالايمىقان بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى. بېنفىكا تەرەپ بولسا ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئالاقە ئەۋەتىپ رونالدونىڭ قول ئىشارىتى ھەركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى. كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دېگەندەك ئەمدى ئۇنى كۈتىۋاتقىنى نەچچە مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىنىش جازاسى ئىدى.
0b55b319ebc4b745b9c181fecffc1e178b821584.jpg






مۇشۇنداق ئۆتكەن ئىشلار سەۋەپلىك بەزىدە ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىققا تولىدۇ، بەزىدە ئامال يوق. لېكىن مەن ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسلىمىلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە بىر خىل ئىللىق سېزىم ھېس قىلىمەن. مەن ھېچقاچان ئۇنى كەم-كۈتسىز مۇكەممەل ئادەم دەپ قارىمايمەن، ئۇنىڭمۇ ياشلىقىدا ئۆزىدىن كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرى كۆپ، ئۇنىڭدىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزىنى تۇتىۋالالماسلىق ۋە ھەر خىل يېتەرسىز ئامىللىرى مەۋجۇت. بەلكىم بەزىدە ئۇنىڭمۇ كۆرەڭلەپ نوچىلىق قىلغۇسى كەپ قالىدىغاندۇ؟ ئەمما ئادەم دېگەن ھەر قانداق يەردە ئۆزىنىڭ ئەسلى ماھىيتىنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلىشى، ئەمەلىي ۋە جانلىق بولۇشى كېرەكتە. مانا بۇ ھەقىقىي كىرىستىيانو رونالدو.

d043ad4bd11373f069735977a40f4bfbfaed048d.jpg










3-باب
تەجىربە ۋە ساۋاق

f427c1bdc440fb545982ddad.jpg





ئۆتكەن بىر يىل رونالدوغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۈشكۈل ئۆتكەن بىر يىل بولغانىدى. دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى، يەنە تېخى تۇتامىغا چىقمايدىغان بىر باسقۇنچىلىق ۋەقەسىگە چېتىلىپ قالدى. ئەمدىلا 20 ياشقا قەدەم تاشلىغان ئۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن قىينچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بەزىدە ئىپادىسى ياخشى بولدى، بەزىدە مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپمۇ قويدى. ئەمما ئۇ 2005-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇ كۈندە دادىسىدەك كۆرىدىغان شەپقەتچىسىگە ناھايتى ياخشى بىر سوۋغات بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ پارتىلىدى.
12-ئاينىڭ 31-كۈنى فورگىسوننىڭ 64 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنى. بۇ كۈنى مانچېستېر بىرلەشمىسى بولتون كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى ئوينىدى.
... مۇسابىقە داۋاملىشىپ 67-مىنۇتقا كەلگەندە رونىي بىلەن ساخا ئۆز-ئارا ماسلىشىپ چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ سول تەرەپتىكى ئەۋزەل ئورۇندا تۇرغان رونالدوغا پاس تاشلىدى، رونالدو بۇ توپنى توختاتماستىنلا ئەپچىللىك بىلەن قارشى تەرەپ ۋارتارىغا تېپىپ كىرگۈزدى... مۇسابىقە داۋاملىشىپ 90-مىنۇتقا كەلگەندە رونالدو ئوتتۇرا مەيداندىن ۋاننىستىلروي بەرگەن پاسنى ئېلىپ قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوڭ قانىتىغا شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىرىپ يۇقىرى بېسىم كۈچى بىلەن يەر بېغىرلىتىپ تەپكەن توپى قارشى تەرەپ قاپقىسىغا كىرىپ نەتىنجىنى 1:4 غا ئۆزگەرتىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ مۇتلەق غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇنىڭ ئىككى توپى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن يەنە تېخى ئۇ تەپكەن ئىككى توپ قارشى تەرەپ ۋاراتار تۈۋرۈكىگە تەگدى، پۈتۈن مەيداندىكى ئىپادىسى بولسا ئەڭ گەۋدىلىك بولدى، تاماشىبىنلار بولسا ئۇنىڭ مەيداندىكى ئېسىل تېخنىكىلىرىدىن، نەپىس ھەرىكەتلىرىدىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى. مانا ئۇ دەل بۈگۈن مۇشۇ بىر پەسىلدىكى ئەڭ ياخشى ئىپادىسى بىلەن شەپقەتچى ئۇستازى قېرى بوۋاينىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبىرىكلىدى.

dbb44aed2e738bd4f5b34cd9a18b87d6267ff94c.jpg








1-ئاينىڭ 14-كۈنى مانچېستېر شەھىرى بىلەن ئوينالغان شەھەر دېربىيسى يەنە بىر مەيدان ئەپسۇسلىنارلىق مۇسابىقە بولۇپ قالدى.
2:0 نەتنىجە بىلەن كەينىدە قېلىش ۋە قارشى تەرەپ مۇداپىيەچىلىرىنىڭ مۇسابىقە باشلانغاندىن تارتىپ توختىماستىن قوپال ھەرىكەت بىلەن ئۆزىگە دەخلى يەتكۈزۈشى رونالدونىڭ قېنىنى قىززىتىشقا باشلىدى. 66-مىنۇتقا كەلگەندە جىلىپەز يىگىت رونالدو رېپپىر بېننىت تەرىپىدىن بىۋاستىلا چىقىرىلغان قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن قوغلاندى.
بۇ بولسا بىر تالاش-تارتىش قوزغايدىغان قىزىل كارتا ئىدى. چۈنكى بۇ كارتا چىقىرىلىشتىن بىر مىنۇت ئىلگىرى رونالدو سول تەرەپتىن توپ ئېلىپ مېڭىۋاتقاندا مانچېستېر شەھەر كوماندىسىدىكى جوردان تەرىپىدىن كەينى تەرەپتىن پۇت سېلىنىپ يىقىتىۋېتىلىدۇ، بۇ ئېنىقلا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىدى، ھەركىتىمۇ ناھايتى خەتەرلىك ھەرىكەت ئىدى. لېكىن رېپپىر بېننىت بۇ توپنى پەقەتلا يان سىزىقتىن چىقىپ كەتكەن ھېسابلاپ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتا باشلاشقا ھۆكۈم قىلىدۇ. رونالدو بولسا رېپپىرنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە قارىتا نارازى بولغانلىق ئىپادىسىنى چىقىرىپ قويىدۇ خالاس. ئەمما ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن رونالدو توپنى قوغلاۋېتىپ ئادەتتىكى بىر توپنى كۈرەپ تېپىش ھەركىتىنى ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن تەك يۈگىرەۋاتقان قارشى تەرەپ كوماندا ئەزاسى ۋاسىل شۇنىڭ بىلەن تەڭلا بوشلۇققا سەكرەش بىلەن يەرگە يىقىلىپ بىر قانچىنى دومىلايدۇ. ئەمما مەيداندىكى سىنئالغۇ ئاپىراتلىرىنىڭ ئاستا كۆرۈنىشىدىمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ بەدىنى ئەسلىدىنلا بىر-بىرىگە تەگمىگەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى. لېكىن رېپپىر ئېنىقلا رونالدونىڭ ھەركىتىنى ئۆچ ئېلىش خارەكتىرىنى ئالغان دەپ ئېغىر كۆرۈپ قىزىل كارتا بىلەن ئۇنى مەيداندىن قوغلايدۇ.
مۇسابىقىدىن كېيىن مانچېستېر بىرلەشمىسى تەرەپ دەرھال ئەرىزنامە سۇنىدۇ، فورگىسون بولسا يەنىلا رونالدو تەرەپدارى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈرىدۇ: «بىزنىڭ ھەر قېتىملىق مېھمان مەيداندىكى مۇسابىقىمىزدە رونالدو بىلەن قارشى تەرەپ توپ مەستانىلىرى ئارىسىدا ھامان بىر قاتار ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ. ئۇ ھەر قېتىم پۇتىغا توپ ئالسىلا قارشى تەرەپ توپ مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ۋە ھاقارىتىگە ئۇچىرايدۇ، رېپپىر تاماشىبىنلارنىڭ پىكرىنى كۆزدە تۇتۇپ ھۆكۈم قىلماسلىقى كېرەك. مېنىڭچە رونالدو رېپپىرنىڭ ھۆكۈمىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى، چۈنكى ئۇ جازالىنىشتىن بىر مىنۇت ئىلگىرى ئۇنىڭغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئىنتايىن قەبىھ ئىشلەنگەن قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتكە نىسبەتەن رېپپىر ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى، بۇ رونالدونى ناھايتى غەزەپلەندۈردى». ئەمما پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ قىزىل كارتىغا قارىتا سۇنغان ئەرىزنامىسىنى رەت قىلدى. رونالدو بولسا قاراپ تۇرۇپ 3 مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەندى.
بارا-بارا پىشىپ يېتىلىۋاتقان رونالدودا بولسا بۇ قېتىم «چەكلىنىش بۇيرۇقى» غا نىسبەتەن ھېچقانداق رەنجىش ئالامىتى كۆرۈلمىدى، چۈنكى ئۇ رەنجىگەننىڭمۇ ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى بارغانچە ھېس قىلماقتا ئىدى. بەلكىم مۇسابىقىدىن توختىتىلىش ئۇنىڭغا قايتا ئويلىنىش ۋە ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى تونۇپ يېتىشكە، ئۆزگەرتىشكە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجىرتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئۇ مەغلۇبىيەتكە نىسبەتەن قاراملىق قىلىش، ئىغۋاگەرچىلىككە نىسبەتەن ئۆپكىسىنى باسالماسلىق ئەمەس بەلكى پۇتبولدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق قايتۇرما زەربە بېرىشنى يەنىمۇ ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

d01373f082025aaf81b68023fbedab64024f1a55.jpg







بۇ ئەسلىمىلەر بەلكىم كۆپچىلىككە ئىنتايىن ئۇششاق-چۈششەك، پارچە-پۇرات ئىشلاردەك تەسىر بېرىشى مۇمكىن. بۇلار پەقەتلا رونالدونىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئاز-تولا ۋەقەلەر. رونالدونىڭ يېتىلىشى، ئالغا ئىلگىرلىشى دەل مۇشۇنداق سانسىزلىغان ئۇششاق ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئۇششاق پارتىلاشلىرىنىڭ جۇغلانمىسىدىن كەلگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھەر بىر مۇۋاپپىقىيىتنىڭ كەينىگە چوقۇم نۇرغۇن قان-تەر يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ھەر بىر كېلىشمەسلىك ياكى ئوڭۇشسىزلىق بولسا ئادەمنى تەجىربە-ساۋاق بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئىگە قىلىدۇ. مانا بۇ مېنىڭ مەخسۇس مۇشۇنداق ئۇششاق-چۈششەك، پارچە-پۇرات ئىشلارنى كۆپرەك تىلغا ئېلىپ كۆپچىلىك بىلەن ئۇنى ھەقىقىي مەنىدە چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىمنىڭ سەۋەبى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېخى مېنىڭ بوۋايغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە قايىللىقىم مۇشۇ ئەسەرگە قەلەم تەۋرىتىش جەريانىدا تېخىمۇ بەك چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى. ھەر بىر قېتىم، مەيلى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ۋە مەيلى رېپپىرلارغا بولسۇن، مەيلى رەقىبلىرىگە ۋە مەيلى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بولسۇن، بوۋاي ھەر قاچان، ھەر زامان رونالدونىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئۈچۈن شىكايەت قىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن چۇقان كۆتۈردى، ئۇنىڭغا ئىشەندى، ئۇنى قوغدىدى... فورگىسون رونالدونىڭ ھاياتىدىكى مانا مۇشۇنداق مۇھىم بىر ئادەم. شەك-شۈبھىسىزكى، فورگىسون رونالدونىڭ ھازىرقىدەك مۇۋاپپىقىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن مۈرىسى بىلەن ئۇنىڭغا تۈۋرۈك بولدى دېسەك ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلغانلىق بولمايدۇ.

83025aafa40f4bfbddc067bc034f78f0f63618c1.jpg





ياش رونالدو ھەرگىزمۇ بۇنچىلىك قىيىنچىلىقلارغا يىقىلىپ قالمايدۇ، ئۇ يەنىلا داۋاملىق بەرداشلىق بېرىش ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلمەكتە، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئىلگىرلىمەكتە. «قىزىل كارتا تەتىلى» ئاياقلىشىشى بىلەنلا ئۇ يەنە پارتىلىدى...
2-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەنى ئۆزىنىڭ 21 ياشقا تولغانلىق تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئۇ فۇرلىھام كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئېسىل توپتىن 2 نى ئۇرۇپ، ئالدىنئالا 21 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە ياخشى سوۋغا تەييارلىدى. مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۇنىڭ ئىككى توپىغا تايىنىپ 2:4 نەتىنجە بىلەن كونا تىرافوردتا 2006-يىلدىكى تۇنجى غەلبىنىڭ ساھىبى بولدى. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، رونالدونىڭ مۇسابىقە 14-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا 30 مېتىر يىراقلىقتىن بىۋاستە تەپكەن ئىختىيارىي توپى ئىنتايىن ئېسىل ۋە ئاجايىپ غەلىتىلا قارشى تەرەپ قاپقىسىغا ئۇرۇپ كىرگۈزۈلدى. توپ بوشلۇقتا تۈز سىزىق بويلاپ قارشى تەرەپ قاپقىسى ئالدىغا كەلگەندە تۇيۇقسىزلا يۆلىنىش ئۆزگەرتىپ تېزلىكتە تۆۋەنلەپ ۋاراتار تورىغا ئۇرۇلدى. قارشى تەرەپ قاپقىچىسى بولسا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ۋە بۇ توپنىڭ قانداق كىرىپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئاڭقىرالماي، يا كۈلۈشىنى يا يىغلىشىنى بىلەلمەي چىرايىدا چۈشىنىكسىز ئىپادە بىلەن تۇرۇپلا قالدى. رونالدونىڭ بۇ توپى بولسا ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇشۇ ئايلانمىسىدىكى ئەڭ نادىر توپى بولۇپ باھالاندى.

tn_20096151162670606.jpg





بىر ھەپتىدىن كېيىن رونالدو پورىتسىموس (朴茨茅斯) كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە يەنە ئىككى توپ ئۇردى. مانچېستېر بىرلەشمىسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا قارشى تەرەپنى تارمار قىلۋەتتى.
رونالدونىڭ بۇ ئىلگىرلىشىدىن خۇشال بولۇپ كەتكەن فورگىسون بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ تېخى ئالدىنقى ھەپتىدىلا 2 توپ كىرگۈزدى، بۈگۈن يەنە 2 توپ ئۇرۇپ كوماندىغا شەرەپ ئېلىپ كەلدى، بۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىش. ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقىدە تۇنجى ۋارتارغا قارىتىپ تەپكەن توپىنىڭ مۇشۇنداق ئېسىل چۈشۈپ كېتىشىگە راستىنلا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، ئەمما بۇ بالىدا مۇشۇنداق قىلالىغۇدەك قابىلىيەت بار، ئۇ يەنە تېخىمۇ كۆپ توپ ئۇرىدۇ، ئۇ بولسا ئىنتايىن قالتىس نومۇر ئالغۇچى».

cc2510d8bc3eb135bddf4e53a61ea8d3fc1f44e9.jpg

b7ddbb119313b07e8cc5a9e00cd7912396dd8c89.jpg




2-ئاينىڭ 26-كۈنى، مانچېستېر بىرلەشمىسى مىڭ يىل پۇتبول مەيدانىغا قەدەم باستى، شۇنداقلا مۇشۇ پەسىلدىكى ئەڭ مۇھىم مۇسابىقە: بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋېگان رىقابەت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنى كۈتىۋالدى.
رونالدو يەنىلا ھۇجۇم سېپىنىڭ ئۆزى ئادەتلەنگەن ئوڭ قاناتتا پەيدا بولۇپ، ۋېگان كوماندىسىنىڭ تېز سۈرئەتلىك ماھىرى بېننىسقا تاقابىل تۇردى. كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ۋېگان كوماندىسىنى غۇلىتىپ چۈشۈردى. گىگىسنىڭ ئوتتۇرا مەيداندا ھۇجۇم تەشكىللىشى ئارقىسىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى 6 مىنۇت ئىچىدىلا 3 توپ ئۇرۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى مۇقۇملىدى. رونالدو 3-توپنى چىرايلىق ئۇرۇپ كىرگۈزدى. ئىككى مىنۇت ئۆتۈپلا رونىي يېقىن ئارلىقتىن بىر توپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقە 0:4 نەتىنجە بىلەن ئاياقلىشىپ چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسى قىممەتلىك بىر لوڭقىنى قولغا كەلتۈردى.
گەرچە بىرلەشمە لوڭقىسى ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە سالمىقى ئەڭ كىچىك مۇسابىقە بولسىمۇ، لېكىن رونالدوغا نىسبەتەن بۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. بۇ ئۇنىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان 3 پەسىلدىن بۇيان ئېرىشكەن ئىككىنچى مۇكاپات لوڭقىسى ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ رونالدو ۋە ئۇنىڭ كوماندىسى غەلبىنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى كېيىنكى پەسلىدە كۆزىنى تەسىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان مۇكاپات لوڭقىلىرىغا تىكتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى فورگىسوننىڭ رونالدوغا داۋاملىق ئىشىنىشىگە، ئۇنى داۋاملىق قوللىشىغا پايدىلىق تەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى.

20ae890a19d8bc3e3cdeff22828ba61ea9d34537.jpg

7afcdc39b6003af3061f2588352ac65c1138b664.jpg





3-ئاينىڭ كىرىشى بىلەنلا رونالدو خۇددى قەرەللىك بومبىدەك بىراقلا پارتىلىدى.
3-ئاينىڭ 2-كۈنى، رونالدو ئۆز ۋەتىنىدە ئۆتكۈزۈلگەن پورتۇگالىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرسىدىكى دۇنيا لوڭقىسىغا تەييارلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خەلىقئارالىق دوسىتلۇق مۇسابىقىسىدە چىرايلىق 2 توپ ئۇرۇپ ۋە بىر ياردەمچى پاس بېرىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ رەقىبىنى 0:3 نەتىنجە بىلەن مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم قىلدى.
ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردە بولسا رونالدو 3 مەيدان مۇسابىقىدە 5 توپ ئۇرۇپ كوماندىسىنىڭ ئۇدا غەلبە قىلىشدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى.
3-ئايدىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە رونالدونىڭ چىملىقتىكى مۇساپىسى ناھايتى كۆڭۈلدىكىدەك بېسىلماقتا ئىدى. ئېنگىلانىد پۇتبولچىلىرى جەمئىيىتى ئەڭ يېڭى باھالاپ چىققان ھەر قايسى دەرىجىلىك بىرلەشمىلىرىنىڭ 3-ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىنىڭ تىزىملىكىدە رونالدو بىردىنلا 1-ئورۇنغا تىزىلدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئېنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ PFA ئايلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى شان-شەرىپىگە سازاۋەر بولۇشى ئىدى. 21 ياشلىق رونالدو ئۆزىنىڭ كۈنسىرى پىشىپ يېتىلىۋاتقان ئېسىل ئىپادىسى بىلەن بىرگە مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىمۇ ھوقۇقى چوڭ ئەزانىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.

32fa828ba61ea8d31be28dec970a304e241f5812.jpg






كوماندا غايەت زور بەدەللەرنى تۆلەپ ناھايتى تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى يېرىم پەسىلدىكى نومۇر پەرقىنىڭ چوڭ بولۇپ كېتىشى سەۋەپلىك بىرلەشمىدە ئالدىنقى ئورۇندىكى چېلسى كوماندىسىنى قوغلاپ يېتىۋېلىش نىشانىغا يەتكىلى بولمىدى. چېمپىيۇنلۇقتىن ئۈمىد بولمىغان ئەھۋالدا، سۇلغۇن كەيپىياتقا چۆمگەن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى كوماندىغا بىر مۇنچە ئىتتىپاقسىزلىقنىمۇ ئېلىپ كەلدى.
بارغانسىرى كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمىنىڭ ماتورىغا ئايلىنىۋاتقان رونالدونىڭ مەيداندىكى بەزىبىر ئارتۇقچە ئالا-بۇلا ھەرىكەتلىرى ۋە ئادەت خارەكتىرلىك يالغۇز ھۇجۇم قىلىش ئۇسلۇبى بۇرۇندىن بېھكىخامنىڭ يان يولدىن تاشلىغان پاسلىرىغا كۆنۈپ قالغان ۋاننىستىلروينىڭ كۆزىگە سىغماي قالدى. 5-ئايدىكى بىر مەشىقلەندۈرۈش دەرىسىدە رونالدونىڭ بىر قانچە قېتىم ئەپلىك ئورۇندا تۇرغان ۋاننىستلىرويغا ۋاقتىدا توپ يەتكۈزۈپ بەرمەسلىكى ئەزەلدىن كۆڭلىدە رونالدوغا نارازى كەيپىياتتا تۇرىۋاتقان كوماندىنىڭ بىرىنچى مەرگىنى ۋاننىستىلروينىڭ غەزىپىنى تاشۇردى... ئۇ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە رونالدونى «پورتۇگالىيەنىڭ سەھراسىدىن كەلگەن تومپاي شۇمتەك» دەپ مەسخىرە قىلدى، رونالدونىڭ ئەڭ قوبۇل قىلالمىغىنى بولسا ئۇنىڭ مەرھۇم دادىسىنى چىشلەپ تۇرۇپ «داداڭنىڭ ياتقان يېرىگە يوقال» دەپ تىللىشى بولدى، غەزىپى تېشىپ سەپىراسى ئۆرلىگەن رونالدو ۋاننىستىلرويغا ئېتىلدى، ئىككەيلەن بىر ھازا مۇشىتلاشتى...
فورگىسون يەنە بىر قېتىم رونالدو تەرەپكە ئۆتتى، ۋاننىستىلروينى كوماندىدىن كېتىشكە مەجبۇر قىلدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇپمۇ ناھايتى تېزلا بۇ ئىش توغۇرلۇق بايانات ئېلان قىلىپ: «گوللاندىيەلىك توپچىمىزنىڭ بۇ قىلمىشى كوماندىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زور زىيان سالغانلىق» دەپ ئوتتۇرغا قويدى. دەل مۇشۇ ۋەقە پەسىل ئاخىرىدا ۋاننىستىلروينىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەپ بولدى. مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىدا 5 پەسىل توپ تەپكەن بۇ 1-نومۇرلۇق مەرگەن شۇنداق قىلىپ ئىسپانىيە خان جەمەتى كوماندىسىغا قاراپ يول ئالدى.

b17eca8065380cd70d425a05a144ad34588281fe.jpg





ھەر قېتىم مۇشۇ ۋەقەنى ئەسلىگىنىمدە رونالدوغا بىر خىل ھېسىداشلىقىم قوزغىلىدۇ. سەبىئىي ئۆسمۈر چېغىدىن تارتىپلا ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز مېھرى سوغۇق جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن بۇ بالا ئۈزلۈكسىز باشقىلارنىڭ ئىللىق چىرايىغا، سەپداشلىرىنىڭ غەمخورلىقىغا تەشنا بولۇپ ياشىدى. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى سەرگۈزەشتىلەر ئادەمگە بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. كىچىك تۇرۇپلا ئىللىق ئائىلىسىدىن، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ، مانا مۇشۇنداق قەيسەر چوڭ بولغان رونالدونىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ ئىچىگە مېھىر-مۇھەببەتكە تەشنا ئاجىز بىر يۈرەكنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى نۇرغۇنلىرىمىز ھېس قىلالمايمىز ھەقىچان.
شۇڭلاشقا ئۇ مۇشۇنداق قويۇق سىياسىي تۈسكە تولغان، پايدا-مەنپەئەتنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويغان ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى گۇرۇھ-مەزھەپ ئەۋج ئېلىپ، ئادەمگەرچىلىك ئۇنتۇپ كېتىلگەن ھەر قانداق بىر كوماندىدا بولسۇن ئۆزىنى ھەرگىزمۇ خۇشال ھېس قىلالمايدۇ. مەن ئىشىنىمەن، ئۇنىڭ ھازىر ئەڭ تەشنا بولىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى تەھلىل قىلىشۋاتقان يېڭى توختامدىكى يۇقىرى مۇئاش بولماستىن، بەلكى كۇلۇپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، قەدىرلىشىگە ۋە قوغدىشىغا ئېرىشىش. خۇددى مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۇنىڭغا قىلۋاتقانىلىرىغا ئوخشاش. بىلسەك، رونالدو ئالدىنقى بىر قانچە پەسىللەردىمۇ رونىي بىلەن تەڭ «كەلگۈسىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرى، كوماندىنىڭ تايانچ تۈۋرۈكلىرى» دەپ قارىلىپ ئېتىبارغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان، ئەمما رونالدونىڭ مۇئاشى رونىينىڭ مۇئاشىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلمەيتى. پەقەت 2007-يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن 2-قېتىملىق توختام ئۇزارتىشتىن كېيىن ئۇنىڭ مۇئاشى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن. بۇنىڭدىن رونالدونىڭ پەقەت پۇلغىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالساق بولىدۇ.
گەپنىڭ تېمىسىنى يەنىلا ئاشۇ قېتىملىق ماجىراغا يۆتكەيلى. چىن كۆڭلۈمدىن ئېيتسام، مەن ۋاننىستىلرويغا ئۇنچە بەك نەپىرەتلىنىپمۇ كەتمەيمەن. ئۇ شەك-شۈبىھسىزكى بىر ئېسىل مەرگەن، 12 يىللىق كەسپى ھاياتىدا (ئارىسىدا بىر مۇسابىقە پەسلى يارلىنىش سەۋەبىدىن ئۇزاق مەزگىل مۇسابىقىدىن مەھرۇم قالغان)، 11 قېتىم بىرلەشمىدە كىرگۈزگەن توپ سانى ئىككى خانىلىق رەقەمدىن چۈشۈپ باقمىغان، ھەقىقەتەن «چەكلەنگەن رايون شاھى» دېگەن نامغا لايىق توپچى. ئاشۇ قېتىملىق ماجىرادا ئاساسلىقى ۋاننىستىلروينىڭ رونالدونىڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنى چىشلەپ تارتىپ ئۇنى رەنجىتىپ قويغان ئىشىدىن باشقىسىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
پۇتبول ئىدىيسى ۋە قوللانغان ئۇسۇلى ئوخشىماسلىقتىن باشقا يەنە مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغىلى ئەمدى ئىككى يىل بولغان، تېخى ھەقىقىي پىشىپ يېتىلمىگەن رونالدوغا نىسبەتەن ئۇنىڭدىمۇ ئۆزگەرتىش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن تەرەپلەر مەۋجۇت ئىدى. مەسىلەن: ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىنىڭ رېتىمىغا ماسلىشىش، بىر كوماندىدىكى سەپداشلىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىش، خۇي-مىجەزىنى، كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىش...
كۈتكىنىمىزدىكىدەك، رونالدو ئۈزلۈكسىز ئۆزىدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈزۈتۈپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ماڭدى، بىزمۇ ھەر يىلى ئۇنىڭ ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرلىگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇردۇق. توختىماستىن مەغلۇبىيەت ئىچىدىن تەجىربە-ساۋاق يەكۈنلەش، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن ئالغا ئىنتىلىش، پۇتبولغا ئەڭ قىزغىن ھېسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئەڭ ياخشى ئىپادە بىلەن مەشىققە ئۆزىنى بېغىشلاش، مانا بۇلار بولسا رونالدونىڭ بۈگۈنكىدەك شان-شەرەپكە ئېرىشىشىنىڭ ئاساسى. ئۇ قانداقتۇر تۇغما قابىلىيەتكە تايىنىپ نەتىنجە قازانغان «تالانىت ئىگىسى» ئەمەس، ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسە پۇتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىنجىسىدە كەلگەن. ئۇ مانا ھازىرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى، ھەر كۈنى، يەنە ھەر كۈنى...



ce2d53afa40f4bfb2a8566bc034f78f0f63618b4.jpg







يۈكسەك غايە

267f9e2f070828383c581feeb899a9014d08f1f7.png






5-ئاينىڭ 7-كۈنى، رونالدو چارلىتون كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىر توپ ئۇرۇپ ئەگرى-توقايلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن بۇ بىر مۇسابىقە پەسلىنى ئاخىرلاشتۇردى. مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئويناپ، 0:4 نەتىنجە بىلەن چارلىتون كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ بىرلەشمىدە 2-لىككە ئېرىشتى.
بۇ پەسىلدە رونالدو مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ئۈچۈن 47 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 12 توپ كىرگۈزۈپ، 7 ياردەمچى پاس چىقىرىشتەك تۆھپە ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رونالدو يەنە بارغانچە يېتىلىپ بېرىۋاتقان ئىپادىسىگە تايىنىپ تۆۋەندىكىدەك يەككە شەرەپلەرگىمۇ ئېرىشتى.
● ئېنگىلاند كەسپىي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (PFA) نىڭ 2005-2006 مۇسابىقە پەسلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرلار بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى.
● پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى نەتىنجىسىدە خەلقئارا توپچىلار جەمئىيتىنىڭ 2005-2006 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش پۇتبولچى.
● پورتۇگالىيەنىڭ 2006-يىللىق پۇتبول ئەپەندىسى.
● مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ 2005-2006 مۇسابىقە پەسلىدە كىرگەن ئەڭ نادىر توپ.
مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رونالدو تۇنجى قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى ئېيتىدۇ: «مەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، مەندە مۇشۇنداق ئارزۇنىڭ بولۇشى ھەرگىز يامان ئىش ئەمەس، مەندىكى بۇ غايە دەل مېنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچۈمگە ئايلىنىپ، ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان مېنىڭ تىرىشىپ مەشىق قىلىشىم دەل مۇشۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىدى. ئەلۋەتتە، ھازىر بۇ تېخى مەندىكى بىر ئارزۇ پەقەت. لېكىن، مەن ئىشىنىمەن، مەندە بۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىشتا يوشۇرۇن كۈچ بار».
ئەينى چاغدىكى 21 ياشلىق رونالدونىڭ ئاشۇ نىشانى ۋە ئارزۇسىنى ئەسلەۋېتىپ، 7 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن ئاشۇ تىرىشچانلىقلىرى، تۆلىگەن سانسىز بەدەللىرى، ئۆزىدىكى تىز پۈكمەس قەيسەر روھنىڭ ئاشۇ ئارزۇسىغا يېتىشتە ناھايتى چوڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئەينى چاغدا ئۇ پەقەت يەتمەك مۈشكۈل بىر نىشاننى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەتتىكى بالا تەنھەرىكەتچى ئىدى. ھازىر بولسا ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى پۇتبولچى.

b219ebc4b74543a9b37f02241e178a82b80114f5.jpg






بۇ تېمىنىڭ ئالدىنقى قىسىمىنى يوللىغان چېغىمدا مۇنبەردىكى بىر قېرىندىشىمىز ماڭا قىسقا ئۇچۇر قالدۇرۇپ: «ئەگەر رونالدو ھازىرقىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانغا ئايلىنالمىغان بولسا، سىز يەنە 1997-يىلىدىكى رونالدونىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشنى خالامتىڭىز؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا: « ئەگەر؟ ئەگەر ئۇ ھازىرقى رونالدو بولماستىن، بەلكى شۇ ماردىلا ئارىلىدىن چىقماي ياشاپ كەلگەن ئادەتتىكى بىر رونالدو بولغان بولسا، ئەگەر ئۇ لىسسابوندىن چىقىپ، ھازىرقىدەك دۇنياغا يۈزلەنگەن رونالدو بولماستىن، بەلكى رەھىمسىز رىقابەتكە تولغان ياۋروپا مەيدانلىرىدا نام-نىشانسىز يۈرگەن ئادەتتىكى بىر توپچى بولغان بولسا، ئۇ چاغدا مەن دۇنيادا كىرىستىيانو رونالدو ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ بارلىقىنى بەلكىم مەڭگۈ بىلمەي ئۆتۈپ يۈرىشىم مۇمكىن ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھازىرقىدەك ئامراقلىق، مەستانە بولۇش ئەمەس، ئاتايىن دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئايلىنىپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ تەسەللىي بېرىشىمدىن سۆز ئاچقىلى بولامتى؟ » دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم. بۇ خەتلەرنى يېزىپ بولۇپ ئۆزەمچە بىر خىل خۇرسەن بولۇپ قالدىم، ئاشۇ «ئەگەر» لەرنىڭ يۈز بېرىپ قالمىغىنىدىن خۇرسەن بولدۇم...

رەھمەت ساڭا تەقدىر! ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىدا ئۇنى ماڭا تونۇتتۇڭ، مېنى ئۇنىڭغا مەستانە قىلدىڭ.
رەھمەت ساڭا رونالدو! ماڭا نۇرغۇن خۇشاللىقنى، ھاياجانغا تولغان نۇرغۇن ھېس-تۇيغۇنى، ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىقنى ئاتا قىلدىڭ. سەن بولغاچقا كۈنلىرىم تېخىمۇ مەنىسىنى تاپتى، سەن بولغاچقا كىشىلىك ھايات يولۇم تېخىمۇ قەيسەرلىككە تولدى.
ۋاقىت ھەقىقەتەن توسالغۇسىز تېز ئۆتىدىكەن، ساڭا مەستانە بولۇپ، قەلبىمدە سېنى ئۆزۈمگە ھەمرا قىلىپ ئۆتكىلىمۇ مانا 7 يىل ۋاقىت بوپتۇ. ئەگەر يەنە 7 يىل ئۆتسىمۇ، ئەگەر سەن ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن تەدىردىمۇ، مەندىكى ساڭا بولغان بۇ مېھىر مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ.

4610b912c8fcc3cefb126edb9245d688d53f2003.jpg







ئەڭ چوڭ سەھنە

3900602_EcQdJ.jpeg





2006-يىلى 6-ئايدا، 21 ياشلىق رونالدو تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە مەيدانىدا پەيدا بولدى. پورتۇگالىيە بىر ياخشى چەكنى تارتىۋالغان بولۇپ، مېكسىكا، ئىران ۋە ئانگولادىن ئىبارەت پۇتبولنىڭ ئوتتۇرا سەۋىيسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان  دۆلەتلەر بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان فىگو بىلەن رونالدو بولسا پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى يارقىن نۇقتىسى ئىدى.


3648939_Iz5LC.jpeg





6-ئاينىڭ 12-كۈنى، كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، پورتۇگالىيە كوماندىسى كولۇندا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ناھايتى تەسلىكتە 1:0 نەتىنجە بىلەن يەڭدى.
ئانگولالىقلار ئۆزىنىڭ قەيسەرلىكى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. پورتۇگالىيە كوماندىسى ئەگەر كوماندىنىڭ ئاساسلىق مەرگىنى پاۋلىتانىڭ مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر توپ ئۇرىۋېلىشىغا تايىنىپ، قالغان ۋاقىتنىڭ كۆپىنچىسىدە مۇسابىقە رېتىمىنى كونتىرول قىلۋالمىغان بولسا ئاخىرقى نەتىنجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيتى. ئانگولا كوماندىسى كۈچلۈك مۇداپىيە ۋە كوللىكتىپ روھنىڭ مۇستەھكەملىكى بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسىغا نومۇر پەرقىنى چوڭايتىپ تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈۋېلىشغىمۇ پۇرسەت بەرمىدى. ياش رونالدو تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ پۇتبول سەھنىسىنىڭ ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدىكى كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.


W020060702140684301938.jpg





6-ئاينىڭ 17-كۈنى، 21 ياشلىق رونالدوغا نىسبەتەن مەنىسى ئادەتتىكىچە بولمىغان بىر كېچە بولۇپ قالدى.
كىچىك گۇرۇپپىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسى پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئىران كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە ئاياقلىشىشقا 7 مىنۇت ۋاقىت قالغاندا، پورتۇگالىيە كاپىتانى فىگو قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ ھالدا يىقىتىۋېتىلىپ بىر نۇقتا توپقا ئېرىشتى. كوماندا ئىچىدىكى 1-نومۇرلۇق جازا توپ تەپكۈچى فىگو كەڭ قورساقلىق بىلەن بۇ نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىنى زور ئۈمىد باغلىغان كىچىك بۇرادىرى رونالدوغا ئۆتۈنۈپ بەردى. رونالدو بۇ توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ كوماندىنىڭ غەلبىسىنى مۇقۇملىدى.


20080603185918c264b.jpg

12462654355523818.jpg

fcbf6ffe-e817-41ad-956a-948bd015c2d3.jpg

hw060617016.jpg




رونالدونىڭ ئېسىل ئىپادىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۆزىنىڭ ئېسىل پۇت ئاستى تېخنىكىسىنى نامايەن قىلدى، ئۇ باشتا ئۇرۇپ كىرگۈزگەن بىر توپ ئەگەردە يان رېپپىرنىڭ بايرىقى بىلەن ئىنكار قىلۋېتىلمىگەن بولسا ...
بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسى بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسى مۇددەتتىن بىر ئايلانما بۇرۇن D گۇرۇپپىدىن تۇنجى بولۇپ ئۈزۈپ چىقىپ، 16 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىپ كەتتى.
ئەينى چاغدا ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن رونالدو ئاللىقاچان پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىغا ۋە ۋارىسىغا ئايلىنىپ بولغانىدى. پات ئارىدا چېكىنىش ئالدىدا تۇرغان كوماندىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى، پېشقەدەم چولپان فىگونىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا قولغا كەلتۈرگەن بۇ تۇنجى نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىنى رونالدوغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىدىنمۇ بولسا، ئۇنىڭ رونالدوغا بولغان رىغبەتلەندۈرىشىنى، رونالدوغا باغلىغان ئۈمىدىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى. رونالدومۇ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈمىدسىز قويماستىن، پورتۇگالىيەنىڭ كەلگۈسىگە يول ئاچتى.


U1258P6T12D2557135F44DT20061109235222.jpg

W020100702621165005724.jpg





4 كۈندىن كېيىن، پورتۇگالىيە 1:2 نەتىنجە بىلەن مېكسىكا كوماندىسىنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدا تولۇق يېڭىشتەك ئەلا نەتىنجە بىلەن شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.


3900627_63ObY.jpeg



0bd162d9f2d3572ca919c6358a13632763d0c364.jpg





8 كۈچلۈكنى تالىشىش جېڭى باشلاندى. پورتۇگالىيە كوماندىسى يەنە كونا رەقىبى گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو بولسا گوللاندىيەلىكلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇداپىيە نىشانى ئىدى. شۇڭلاشقا مۇسابىقە جەريانىدا رونالدونى مەخسۇس بېقىشقا مەسئۇل قىلىنغان ۋان بوممىل بىلەن بۇلارۇز كەينى-كەينىدىن پۇت سېلىپ ئۇنىڭغا پەقەت ئارامچىلىق بەرمىدى. ھەتتا ئۇنىڭ پاقالچىكى مەقسەتلىك زەربە تۈپەيلىدىن يېرىلىپ قىپقىزىل قان ئېقىشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ قەيسەر يىگىت لېۋىنى لېۋىگە چىڭ چىشلەپ توختىماستىن توپقا ئۆزىنى ئېتىپ تۇرۇپ ۋەتىنىنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن جەڭ قىلۋاتاتتى. ئارلىقتىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا باش تېرنىر سىككىلارى ئۇنى ئالماشتۇرۇپ مەيداندىن چۈشۈرۋالدى.


U397P427T6D72754F172DT20060626071958.jpg

Img243932278.jpg

faf2b2119313b07e3d420ae10cd7912396dd8c58.jpg





بۇ مەيدان مۇسابىقە بىر رەھىمسىز جەڭ مەيدانىغا ئوخشاپ قالغانىدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەپكارى بولسا باش رېپپىر ئىۋانوف بولۇپ قالدى. ئۇ مۇسابىقە باشلانغاندىن تارتىپ تاكى رونالدو يارلانغىچە بولغان ئارلىقتا ناھايتى كەڭ قوللۇق بىلەن پۇشتەك چالدى، كەينىدىنلا ئادەتتىكى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرگىمۇ ئەسەبىيلەرچە كارتا چىقىرىپ مۇسابىقە كەيپىياتىنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى، شۇنداقلا يەنە ئۇ پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ ئەزالىرىغا جەمئىي 20 دانە كارتا چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە 4 دانە قىزىل كارتا، 16 دانە سېرىق كارتا چىقىرىلغان بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە چىقىرىلغان بارلىق كارتا سانى، قىزىل كارتا سانى ۋە سېرىق كارتا سانى جەھەتتىكى بۇ ئۈچ تۈردە رېكورىت يارىتىۋەتتى.
بالدۇرلا ئالماشتۇرۇلۇپ مەيداندىن چۈشۈرۋېلىنغان رونالدونىڭ كۆزلىرىدىن يەنە بىر قېتىم ياش ئاقتى... ۋەتىنىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ۋەتىنىگە شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىشكە بولغان ئىنتىلىش ئۇنى ئۆزىگە بەكمۇ قاتتىق تەلەپ قويدۇرۋالغانىدى. گەرچە بۇ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ خاتالىقى بولمىسىمۇ، ئەمما مەيدانغا چۈشۈپ ئانا دۆلىتىنىڭ كوماندىسى ئۈچۈن داۋاملىق بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىش رونالدونىڭ يۈرىكىنى مانا مۇشۇنداق ئېچىشتۇرۇپ ئۆرتەۋاتاتتى...
تەلىيىگە يارىشا سەپداشلىرىنىڭ ئېسىل ئىپادىسى ئارقىلىق رونالدونىڭ بۇ تۇنجى دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشىپ كەتمىدى. پورتۇگالىيە كوماندىسى 0:1 نەتىنجە بىلەن گوللاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، مەغرۇر ھالدا 4 كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ جېڭىگە ئاتلاندى.

ssjj-2601.jpg

060626tytpjctp03.jpg

p062620.jpg

Img243933859.jpg

6829142220674974354.jpg





رونالدو شۇ تاپتا ئېنگىلاند كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان 4 كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئۈلگۈرمىسە بولمايتى. ئۇ ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ سالامەتلىكنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. نەتىنجىدە مۇسابىقە باشلىنىدىغانغا نەچچە سائەت قالغان ۋاقىتتا ئاران سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقالايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
رونالدو شۇ تاپتا ناھايتى خۇشال ئىدى، ئۇ دۇچ كەلگەن رەقىبىنىڭ ئۆزىگە ناھايتى تونۇش ئېنگىلاند كوماندىسى بىلەن كۇلۇپتىكى سەبدىشى رونىي ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇنى كۈتىۋاتقىنىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ جەڭ ئېلان قىلىش ۋە دوسىتلار ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قېلىش ئىكەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى.
رونالدوغا تەسىرى چوڭ بولغان بۇ ۋەقە مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىدا يۈز بەردى. مۇسابىقە 62-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا رونىي ئوتتۇرا مەيداندا پېدىت بىلەن كارۋالۆدىن جان-جەھلى بىلەن توپ تالىشىش جەريانىدا يەرگە يىقىلىپ كەتكەن كارۋالۆنىڭ قورساق قىسىمىغا دەسسىۋەتتى. رونالدو دەررۇ سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە باش رېپپىرنى ئورىۋېلىپ، رېپپىردىن رونىينى جازالاشنى تەلەپ قىلىدى. رونالدونى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ يېقىن ئاغىينىسى ھېساپلاپ كېلىۋاتقان رونىيغا بولسا ئۇنىڭ بۇ قىلغىنى بەكمۇ خورلۇق بىلىندى، ئاچچىقىغا پايلىمىغان رونىي رونالدونى ئىتتىرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىردى. ئاخىرىدا رېپپىر رونىيغا قىزىل كارتا چىقاردى.
دەل شۇچاغدا ئۆزىنىڭ كوماندىسى ئۈچۈن خۇشال بولغان رونالدو بىر خىل كۆرەڭلىك بىلەن ئېنىگىلاند كوماندىسىنىڭ زاپاس ئەزالار سۇپىسىغا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى. چاتاق بولغان يېرى، تېلۋىزىيەگە نەق مەيدان ئۇلاپ تارقىتىۋاتقان كامىرا نەق مۇشۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلۋالدى. گەرچە مۇسابىقىنىڭ سىنغا ئېلىنغان قايتا كۆرۈنۈشى رونىينىڭ بۇ قائىدىگە خىلاپ ھەركىتىنىڭ تالاش-تارتىشسىز قىزىل كارتىغا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، لېكىن پۈتۈن ئېنگىلاند مەستانىلىرى رونالدوغا قاراپ شاۋقۇن-سۈرەن سېلىشتى...
بۇ مەيدان مۇسابىقە ناھايتى كەسكىن ئوينالدى. 120 مىنۇت ئويناپمۇ نەتىنجە يەنىلا تەڭلىشىپ قالغاچقا بۇ ئىككى كوماندا 2004-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم رەھىمسىز نۇقتا توپ جېڭىگە سۆرىلىپ كىردى.
بەلكىم 120 مىنۇتلۇق كەسكىن جەڭ ھەر ئىككىلا تەرەپ ئەزالىرىنىڭ بەدەن كۈچىنى خورىتىۋەتكەنلىكتىندۇ ۋە ياكى ئىككىلا تەرەپ ۋاراتارچىلىرىنىڭ قەھىرمانلارچە ئىپادىسىدىندۇ، ھەر بىر كوماندىدىن 4 تىن ئەزا چىقىپ نۇقتا توپ تەپكەن بولسىمۇ نەتىنجە ئاران 1:2 ئىدى. پورتۇگالىيە كوماندىسىدىن ئەڭ ئاخىردا نۇقتا توپ تېپىش نۆۋىتى رونالدوغا كەلدى. ئۇ ناھايتى سوغۇققانلىق بىلەن توپنى كۈچەپ تېپىپ كىرگۈزدى. پۈتۈن دۇنيا خەلىقى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان بىر تەجىربىسىز سويما ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قېلىشتى.
ئېنگىلاند كوماندىسى شۇنداق قىلىپ ئېچىنىشلىق ھالدا شاللىنىپ كەتتى، پورتۇگالىيە كوماندىسى بولسا تارىختا 2-قېتىم 4 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى.

QQ拼音截图未命名.jpg


622762d0f703918f1e9e7823513d269758eec488.jpg






پۇتبول دۇنياسىدا ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ ھەربىر قېتىملىق مەغلۇبىيتىگە «قۇربانلىق قوي» ئىزدەيدىغان ئادىتى بار. خۇددى 1998-يىلى بېھكىخامنىڭ قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىشىگە سىمونى سەۋەپچى بولغاندەك، 2000-يىلى گارىي نېۋىلنىڭ قارشى تەرەپكە نۇقتا توپ سوۋغا قىلغانلىقىغا رەقىبىنىڭ «ساختا يىقىلىشى» (ئەمىلىيەتتە ساختا يىقىلمىغان) سەۋەپچى بولغاندەك، بۇ قېتىم ئېنگىلانىدنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن خوشلىشىشى رونالدونىڭ رونىيغا قىزىل كارتا جازاسى بەرگۈزۋەتكەنلىكى سەۋەپ بولۇپ قالدى. رونالدو بولسا ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمىنگە ئايلاندى. (ئەنگىلىيە ئاگىنتلىقىنىڭ قارىشىچە: رونالدو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە توپچىلىرىنىڭ رېپپىرغا بېسىم ئىشلىتىپ رونىيغا قىزىل كارتا بەرگۈزۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئېنگىلاند كوماندىسى يادىرولۇق ئەزاسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ مەغلۇپ بولغانىكەن). ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ قارىشىدا يەنە رونالدونىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈشى ئېنگىلاندنىڭ شاللىنىپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالدى.
گەرچە رونىي ئۆزىنىڭ ئەخمىقانە قىلمىشىدىن پۇشايمان قىلىش كېرەكلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما مەسئۇلىيەتنى يەنىلا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى سەپدىشى رونالدودىن ئىزدەشنى تاللىدى. «مەن ئەمدى ئۇنىڭدەك بىر پەسەندى ئادەم بىلەن بىللە توپ تەپمەيمەن». مانا بۇ رونىينىڭ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يېقىن دوستىغا بەرگەن زەربىسى ئىدى.
BBS تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەكلىپلىك چۈشەندۈرگۈچىسى، ئىلگىرىكى ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ قاتىل ھۇجۇمچىسى ئالان شىرئېر رونالدونى سۆكۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە رونىي مانچېستېر كۇلۇبىغا قايتقاندىن كېيىن رونالدوغا ئۆزىنى ئوبدان بىر تونۇتۇپ قويۇشى كېرەك، چۈنكى رونىي قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىۋاتسا، رونالدو ئۇنى تارتىۋالماقتا يوق ئۈستىدىن تاش تاشلىدى».
جامائەت پىكرى ئۇنى سۆكۈشتە ناھايتى بەك كەسكىن، شىددەتلىك بولدى. ھەممە ئادەم خۇددى رونىينىڭ ئېرىشكەن قىزىل كارتىسىنىڭ مەنبەسى ئۇنىڭ ئېغىر قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرمىگەندەك، خۇددى رونالدونىڭ ئۆز دۆلىتى پورتۇگالىيە كوماندىسىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئويناۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. ئەكسىچە ئېنگىلاند كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشكەن رونىي بولسا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا رونالدو بىلەن بولغان دوسىتلۇقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا رونالدو رېپپىرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلگەندە، پەقەتلا ئىختىيارىي توپقا ئېرىشىكەنلىكى ئۈچۈن خۇشال بولغان، ھەرگىزمۇ كۇلۇپتىكى سەبدىشىنىڭ تەقدىرىگە ئولتۇرۇش نىيتىدە بولمىغانىدى، ئۇ پەقەت تىرىشىش ئارقىلىق ئۆز دۆلىتىنى يېرىم ھەل قىلغۇچقا ئېلىپ كىرىشنىلا كۆزلىگەنىدى.
رونالدو مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە مەن قىلىشقا تېگىشلىك بولغاننى قىلدىم. ھەربىر ئادەم ئەڭ چوڭ قىزغىنلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، مەنمۇ ئۆز دۆلىتىمگە تولۇپ-تاشقان مېھىر-مۇھەببىتىم بار. ھېچكىم نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز مەغلۇبىيتىگە كۆرسەتكەن باھانىسى».
ئەمما بۇلار ئەسەبىي ئېنگىلاند توپ مەستانىلىرىنىڭ غەزىپىنى ۋە ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى توختىتالمىدى. ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن رونالدو بولسا بىكاردىن-بىكارغىلا بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلىشقا مەججىبۇر بولدى... لېكىن پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ يېرىم ھەل قىلغۇچقا تەييارلىنىۋاتقان رونالدو بۇ ئىشلارغا ئانچە زېھنىنى چېچىپ كەتمىدى.


c83d70cf3bc79f3da908a1d9baa1cd11738b2969.jpg





7-ئاينىڭ 6-كۈنى، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە. پورتۇگالىيە زىدانى باشچىلىقىدىكى فىرانسىيە كوماندىسىغا دۇچ كەلدى.
رونالدو ساپمۇ-ساق 90 مىنۇت مەستانىلەرنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچىرىدى، بولۇپمۇ ئۇ قارشى تەرەپكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان پاسلارنى تاشلىغاندا، ۋارتارغا قارىتىپ توپ تەپكەندە ئۇنى مازاق قىلىپ پەيدا قىلىنغان شاۋقۇن-سۈرەنلەر ئاساسلىقى ئالدىن ئورۇن زاكاس قىلغان بىر تۈركۈم ئەسەبىي ئېنگىلاند توپ مەستانىلىرىدىن كەلگەنىدى. بۇ تېخى پەقەتلا ئۇنىڭ ئېنگىلاند كوماندىسىنى دۇچار قىلغان قىسمەتلىرىگە بىلدۈرگەن «ئىززەت-ئىكرام» نىڭ باشلىنىش مۇقەددىمسى ئىدى. ئەمما قەيسەرلىكنى، چىدامچانلىقنى ئۆزىگە يېتىلدۈرۈپ بولغان رونالدو بۇ خىل مەنزىرىلەرگە ئاللىقاچان كۆنۈپ قالغانىدى.
39 مىنۇت بولغاندا ئۇ 4 ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈپ ۋاراتارغا قارىتىپ تەپكەن توپى ئەپسۇس، ۋاراتار تۈۋرۈكىنىڭ يېنىدىنلا ئۆتۈپ كەتتى. 78-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا يەنە ئۇنىڭ بىۋاستە تەپكەن ئىختىيارىي توپى بارتىزنىڭ قولىدىن قاڭقىپ چىقىپ فىگونىڭ ئالدىغىلا چۈشتى، ئەپسۇس، فىگو ياندۇرۇپ ئۇرغان توپ ئوچۇق قالغان ۋارتارنىڭ ئۈستىدىن چىقىپ كېتىپ قالدى. رونالدو سەپداشلىرى بىلەن كۆپ قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتى... ئەگەر پورتۇگالىيە كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن بولسا، رونالدو شەك-شۈبىھسىز بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالىناتتى. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى نەتىنجىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىدى. فىرانسىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپ 30 مىنۇت بولغاندا ھېنىرى قولغا كەلتۈرگەن بىر نۇقتا توپنى زىدانىنىڭ ئۇرۇپ كىرگۈزىشىگە تايىنىپ 0:1 نەتىنجە بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن رونالدو يەنە بىر قېتىم كۆز يېشى قىلدى، ئەمما ئۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن مەستانىلەرگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ چاۋاك چېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوللىغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ مەيداندىن ئايرىلىدى.


f2deb48f8c5494eed4c24af02df5e0fe98257e72.jpg


50da81cb39dbb6fd3980a0cf0924ab18962b377b.JPG


823093.jpg





7-ئاينىڭ 9-كۈنى، پورتۇگالىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرسىدا ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. پورتۇگالىيە كوماندىسى كۈچلۈك گېرمانىيە كوماندىسىغا 3:1 نەتىنجە بىلەن يېڭىلىپ قالدى. پورتۇگالىيە ۋە رونالدونىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى مۇشۇنداق ئاياقلاشتى.
تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ 4 كۈچلۈككە كىرىشتەك نەتىنجە 21 ياشلىق رونالدوغا نىسبەتەن يەنىلا خېلى يامان ئەمەس نەتىنجە بولغىنى بىلەن، ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئالتۇن دەۋرىنى بېسىپ بولغان پېشقەدەم توپچى فىگوغا نىسبەتەن بۇ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپ قالدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقە پېشقەدەم كاپىتان فىگونىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى، شۇنداقلا يەنە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى. 15 يىل دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولغان فىگو ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە بىر ياردەمچى پاس چىقىرىش بىلەن دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئوينىغان 127-مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىدى، شۇنداقلا بۇ نەتىنجىسى بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ رىۋايەتلىك چولپىنى «قارا قاپلان» ئېسئوبىئودىن ئېشىپ، پورتۇگالىيە تارىخىدىكى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئەڭ كۆپ مەيدانغا چۈشكەن پۇتبولچى بولۇپ قالدى.


10031578_152014.jpg


4fb315b2d47fdf7963d09ff2.jpg





رونالدونىڭ تۇنجى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرلاشتى، ئۇ باش قوماندان سىككىلارىغا يۆلىنىپ، قايغۇ-ھەسىرەت ئىچىدە دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشتى.
8 كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدىكى مۇسابىقىدە يارلىنىش سەۋەبىدىن ئالماشتۇرۋېتىلىپ تەقدىرگە تەن بېرىشنى خالىماستىن تۆكۈلگەن كۆز ياش؛
4 كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدىكى مۇسابىقىدە كوماندىسىغا غەلبە ئېلىپ كەلگۈچى توپنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن خۇشاللىقتىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي تۆكۈلگەن كۆز ياش؛
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە فىرانسىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە ئازاپلىنىپ تۆكۈلگەن كۆز ياش؛
ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى بولسا مۇسابىقە مەيدانلىرى بىلەن مەستانىلەر قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى.
بەزىلەر رونالدونى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ يىغلاڭغۇ پۇتبولچى دەپ قارىشىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ خالىغانچە كۆز يېشىنى ئېقىتىشى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىشىدۇ...
ئەمما زادى قانچىلىك ئادەملەر ئۇنىڭ كۆز يېشى ئىچىگە ئازاپلىق ھېسىيات، ھاياجانلىق كەيپىيات، قانچىلىغان ئامالسىزلىق ۋە قانچىلىغان دەرت-ئەلەم يوشۇرۇنغانلىقىنى، ئۇ تۆككەن كۆز ياشنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ۋەتىنىنى قىزغىن سۆيىدىغان قانچىلىغان ئەركەكلەرنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا، قەدىر-قىممىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ؟
مەن ئىشىنىمەن، رونالدو تۆككەن ياش ھەرگىز ئاجىزلارچە تۆككەن ياش ئەمەس. ئۇنىڭ كۆزىدىن چىققىنى ياش ئەمەس بەلكى قان، بۇنداق قانلىق ياش ھەقىقىي ئەركەكلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوت يالقۇنىنىڭ ئىپادىسى، مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەيدىغان ھەقىقىي ئەركەكلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىققان ئىسىيان...
رونالدونىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولغانىدى، 7 يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پىشىپ يېتىلگەن رونالدو ئازاپلىق يېشىنى پەقەت كۆز چاناقلىرىدا قالدۇرۇپ، قەلبىدە ئۆكسۈپ يىغلىشى مېنىڭ كۆڭلۈمىنى تېخىمۇ يېرىم قىلىدىغانلىقىنى ئەينى ۋاقىتتا ئويلاپ يېتەلمەپتىكەنمەن...


42166d224f4a20a48f90782e90529822730ed049.jpg







قايتا باشلاش

1276920541hRYbOQUJ.jpg



گېرمانىيە دۇنيا لوڭقىسى ئاياقلاشتى، ئەمما ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆپتۈرۈشى ۋە ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشى بىلەن رونالدوغا قارشى تەنقىد-پىكىر، ئەيىپلەش، تەھدىت ۋە تۈرلۈك زەربىلەر تېخى ئەمدى باشلاندى.
بۇ بەلكىم مانچېستېر بىرلەشمىسى رىۋايەتلىك 7-نومۇرنىڭ تەقدىر-قىسمىتى بولسا كېرەك. كانتونانىڭ «ئۇچار پەشۋا» ۋەقەسى سادىر قىلىپ مۇسابىقىدىن چەكلىنىشى، بېھكىخامنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى قىزىل كارتىسى... ئۇلارمۇ ئەينى يىللىرى پۈتكۈل ئېنگىلاندلىقلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلانغانىدى. ئەمدى بۇ خىل تەقدىر-قىسمەت رونالدونىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلۈپ قالغانىدى. ئەمما بۇ چاغ رونالدونىڭ ئارانلا 21 ياشقا كىرگەن ۋاقتى، ئەلۋەتتە يۇقارقى ئىككى نەپەر پېشقەدەملەرنىڭ شۇ ۋاقىتىدىكىدىن تېخى خېلى بالدۇر ۋاقتى ئىدى.
پۈتۈن ئاسماننى قاپلىغان قارغاش، تەھدىت، ھاقارەتلەر خۇددى دېڭىز تاشقىنىدەك ئۇنىڭ ئۈستىگە يوپۇرۇلۇپ كېلىشكە باشلىدى. ئەنگىلىيە توپ مەستانىلىرىنىڭ رونالدوغا قارشى كەيپىياتى قۇتىراتقۇلۇق تەسىرىدە تېخىمۇ ئۇلغىيىشقا باشلىدى. دۇنيا لوڭقىسىدىن شاللىنىپ كېتىشنىڭ دەردىنى رونالدودىن چىقارماقچى ئىدى.
رونالدونىڭ كۇلۇپتىكى غەزەپلەنگەن نۇرغۇنلىغان قوللىغۇچىلىرى «خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2006-يىللىق ئەڭ قىممىتى بار ياش پۇتبولچى تاللاش» تا ئەڭ ياخشى نامزات دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان رونالدونى بىردەك ئىنكار قىلىشتى، نەتىنجىدە رونالدو ئەسلىدىنلا ئۆزىگە تېگىشلىك بۇ شان-شەرەپتىن قۇرۇق قالدى...  ئەڭ چەكتىن ئاشقىنى، بەزى سودىگەرلەر « مەن C رونالدوغا ئۆچ» دېگەن خەت بېسىلغان مايكىلارنى ئىشلەپ توردا بازارغا سالدى؛ تېخى بەزىلەر مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ ئالدىغا كېلىپ رونالدونىڭ رەسىمىنى كۆيدۈردى؛ ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭغا ئۆلۈم تەھدىت خېتى يازدى... يەنە تېخى نۇرغۇن ئادەملەر «C رونالدونى ھەيدىۋېتىش» ھەركىتى قوزغاپ، كۇلۇپقا ئۇنى سېتىۋېتىش توغۇرلۇق تەھدىت سالدى... بۇ ئىشلار ئاخپارات ۋاستىلىرىغا ناھايتى كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولۇپ بەردى، ئۇلار توختىماستىن خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى قاتارلىق زەردار كوماندىلارنىڭ رونالدوغا تەكلىپ خېتى ئەۋەتكەنلىكىدەك ساختا خەۋەرلەرنى باستى، بىر مەزگىل ئىچىدىلا رونالدونىڭ يۆتكىلىش خەۋەرلىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى. دەل مۇشۇنداق چاغدا بىر ئادەم تۇنجى بولۇپ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ رونالدوغا ياردەم قولىنى سۇندى، بۇ ئادەم دەل فورگىسون ئىدى.
فورگىسون مەخسۇس رونالدو بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىڭ يۇرتىغا قاراپ ئۇچتى ھەمدە رونالدو بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى، ئۇنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسەتتى...
فورگىسون يەنە نوپۇزلۇق ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ: «رونالدو كۇلۇبىمىزدىكى بىردىنبىر سېتىلماس ئەزا، كۇلۇبىمىز ھېچقانداق بىر كۇلۇبنىڭ رونالدونى سېتىۋېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.» دەپ كەسكىن ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ يەنە قايتا-قايتا تەكىتلەپ: «رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى سەپىرىنى تېخى ئەمدى باشلايدۇ» دېدى.
ئەڭ ئاخىرىدا شەپقەتچى ئۇستازىنىڭ تىرىشىشى ئاستىدا، رونالدو يۇرتىدا تۇرۇپ مۇخپىرلارغا: « مېنىڭ ياراملىق بىر پۇتبولچى بولۇپ چىقىشىمغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بەرگەن، مېنى ھەر تەرەپتىن قوللىغان  شۇنداق بىر ئېسىل كۇلۇپتىن ئايرىلىشقا ھېچقانداق ئاساسىم يوق. كېلەر ھەپتە ھەممە ئىشلار قايتىدىن باشلىنىدۇ» دېدى.
شۇنداق قىلىپ رونالدو ئېنگىلاندقا قايتىشىنى، ئۆزىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغان ئادەملەر ياشاۋاتقان شۇ زېمىنغا قايتىپ بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق بۇ زېمىننى قايتىدىن بويسۇندۇرماقچى، توپ مەستانىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرمەكچى ئىدى...

QQ拼音截图未命名.jpg





رونالدو مانچېستېرغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىشلىرى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمىدى، دەسلەپتە ھەتتا ھاياتىدىكى ئەڭ ئوڭۇشسىز مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈردى. ئەگەر يېنىدا ئۇنىڭغا ياردەمدە بولىۋاتقان، ئۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىپ كېلىۋاتقان شەپقەتچى ئۇستازى، كەينىدە بولسا ئۇنى تەۋرەنمەستىن قوللاپ كېلىۋاتقان كۇلۇپ بولمىسا، ئۇ قەيسەرلىك بىلەن دۇچ كېلىۋاتقان قىينچىلىقلارنى يېڭىپ بولالمايتى. ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلىيەلمەيتى، ئوت ئىچىدىن قايتا تىرىلىپ يۇقىرى چوققىغا يامىشىپ چىقىپ بولالمايتى، شۇنداقلا ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىپادىسى بىلەن قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتا قولغا كەلتۈرەلمەيتى.






مەزكۇر تېمىنىڭ داۋامى بار. كۈندە مەزمۇن قوشۇلۇپ تۇرىدۇ.
ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى تۆھپە شۆھرەت تەجرىبە يىغىش سەۋەبى
مىراس + 50 قالتىس!
نىكى + 50 + 2 + 3 قالتىس!
enzo + 50 + 9 + 7 قالتىس!
suykasiqi + 20 + 10 + 8 + 10
جاھانگىر + 50 + 10 قالتىس!
پارتىزان + 50 + 5 + 5 + 5 قوللاش!
ئىستىقلال + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 320  تۆھپە + 46  شۆھرەت + 23  تەجرىبە + 35   باھا خاتىرىسى

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
9#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
10#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
11#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
12#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )