akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1581|ئىنكاس: 35

سىز س.رونالدونى چۈشەنمەيسىز،شۇڭا سىز ......

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-28 03:53:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   银河战舰 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-28 04:07  

سىز كىرىستىيانو رونالدونى چۈشەنمەيسىز،شۇڭا سىز......
سىز كىرىستىيانو رونالدونى چۈشۈنىسىز،شۇڭا سىز.....
سىزنىڭ كىرىستىيانو رونالدونى چۈشەنگىڭىز يوق،شۇڭا سىز......




1985-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى،كىرىستىيانو رونالدو  پورتۇگالىيەگە تەۋە مادارىيا ئارىلىنىڭ مەركىزى بولغان فۇنچالنىڭ ئىشچىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەلىدە دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ.بۇ يەردە رونالدو توپ تىپىشنى ئۈگۈنىدۇ.بۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەر كىرىستىيانو رونالدونىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى رىۋايەتكە تولغان ئىشلىرىنىڭ بىرسىنى بولسىمۇ ئىنىق سۆزلەپ بىرەلەيدۇ.ئەلۋەتتە،بۇ رىۋايەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئېقىپ يۈرگىنى بولسا رونالدونىڭ ئاپىسىنىڭ بىر ئېغىز گىپى.ئۇ دوختۇرخانىدا بوشۇنۇپ بولغاندىن كىيىن مەسئۇل دوختۇر ئۇنىڭغا ‹خانىم،بۇ ئوغۇل بالىنىڭ بىر جۈپ پۇتى پۇتبول تىپىشكە تولىمۇ ماس كىلىدىكەن،ئۇ چوقۇم سىزگە بەخىت ئېلىپ كەلىدۇ›دىگەن.نەتىجىدە بۇ تۇغۇت دوختۇرىنىڭ ئويى توغرا چىققان.




كىرىستىيانو رونالدو بولسا كىچىك ئوغۇل بولۇپ،ئاپىسى ئۇنى ئىنتايىن ئەركە ئۈگۈتۈپ قويغان ئىدى.رونالدونىڭ ھەدىسى مۇنداق دەيدۇ ‹ئاپام رونالد-رىگىن رىژىسسورلۇق قىلغان فىلىملەرنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى،شۇڭا ئىنىمغا رونالدو دەپ ئىسىم قويغان.داداممۇ ئامېركا شەرقىي قىسىمنىڭ فىلىملىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى،لىكىن ئىسىمنى ئاپام ئويلاپ قارار قىلغان.




ياۋروپانىڭ چىتىدىكى كىچىك دۆلەتنىڭ چەت ياقىللىرىدىكى چەت يىزىنىڭ چەت رايۇنىدىكى سان-ئانتونىئو رايونىغا جايلاشقان كونا بىر ئۆي:قىڭغىر-سىڭغىر ئۆگزە،سىرى چۈشۈپ كەتكەن ئىشىك ۋە ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن چىقملىقى بار ئۆي دەل كىرىستىيانو رونالدونىڭ بالىلىق ۋاقتىدا تۇرغان ئۆيى.رونالدو مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا تۇغۇلغان.بىر پەسىلدىكى 22 تۈرلۈك تولۇق شان-شەرەپ،پۈتۈن ياۋروپا،ئۇزغۇنلار لوڭقىسى،ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى،ئالتۇن توپ،دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى،قىممىتى نەچچە ئون مىلىيون ياۋرودىن ئاشقان كىرىستىيانو رونالدو 12 يېشىغىچە ئىزچىل مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ كەلگەن.كىيىن بىر ئايرىلىش بىلەن ئەزەلدىن قايتىپ باقمىدى.




دېرىزىدىن يامىشىپ ھويلىغا چۈشۈش،ھويلىدىن كوچىغا سەكرەش.مانا مۇشۇنداق،كىرىستىيانو رونالدو دوستلىرى بىلەن ئىككى تال تاشنى يول بويىغا تىزىپلا بىر ۋارتار ياساپ توپ ئويناشقا چۈشۈپ كىتەتتى.رونالدونىڭ ھەدىسى مۇنداق دەيدۇ ‹بۇ خىل ئەھۋال 6 يىل ئىزچىل داۋاملىشتى.مەھەلە ئىگىز ئورۇندا بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھەلە يولى بەكلا ئوڭغۇل-دوڭغۇل.سىز بۇ يەردە توپ تىپىپ باقسىڭىزلا توپنى كونتىرول قىلىشنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.بىراق رونالدو بۇ ئىگىر پەس يولدا توپنى قانداق كونتىرول قىلىشنى ئۈگۈنىۋالغان بولۇپ،ئۇ بەدىنىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە توپنى كونتىرول قىلالايتى›.




1991-يىلى،كىرىستىيانو رونالدو ھاياتىدىكى تۇنجى كۇلۇب ‹سان-ئانتونىئو رايۇنىدىكى ئانتونىئو كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىنىدۇ.مەھەلىدىكى كىشىلەر قاچان قايلىسا  توپ ئويناپ مەھەلىنى بېشىغا كىيگەن شۇمتەكنى دوق قىلىپمۇ توختىتالمىغان ئىدى.بۇ كىچىك شۇمتەكنىڭ كۇلۇپقا چاقىرتىلىشى بىلەن مەھەلىدىكى كىشىلەر ئاخىرى ئازادالىككە چىقىدۇ.بۇ ئىشتا رونالدونىڭ دادىسىنى خىزمەت كۆركەتكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.




كىرىستىيانو رونالدو ناھىتى تىزلا ئونتونىئو كۇلۇبىدىن شۇ يەردىكى ‹زەردار›ئاتىلىدىغان مىللەت كۇلۇبىغا يۆتكىلىدۇ.ئۇ چاغلاردا رونالدو ئەمدىلا 10-12 ياشلارغا كىرگەن بالا ئىدى.ئەگەر سەپداشلىرى مۇسابىقىنى كونتىرول قىلالمىسا ياكى مۇسابىقىدە ياخشى ئىپاداسىنى جارىي قىلدۇرالمىسا رونالدو ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ كىتەتتى ۋە سەپداشلىرىنىڭ ھىسياتىنى قىلچىلىكمۇ ئويلاپ قويمايتى.‹سەپداشلىرىم نىمىشقا مۇشۇنچىلىك ئاددى ئىشلارنىمۇ قىلالمايدۇ›دەپ ئاچچىقلىنىپ كىتەتتى.ئەينى ۋاقىتتا يېشى كىچىك،بوي بەستى پاكار بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كاپىتانلىق يەك بەلگىسىنى تاقاپ بولغان ئىدى.




1998-يىلى،پورتۇگالىيەنىڭ لىسىبىن ماھارەت كوماندىسى رونالدونىڭ تالانتىغا قايىل بولۇپ،1500 فوننىستىرلىڭ تۆۋەن باھا بىلەن 13 ياشلىق رونالدونىڭ سېتىۋالىدۇ.5 يىلدىن كىيىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ باھاسىنى 1000 ھەسسە ئۆرلەپ كىتىشىنى،بەلكىم لىسىبىن ماھارەت كۇلۇبىمۇ ئويلاپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن.




كىرىستىيانو رونالدو تەخمىنەن 15 ياشلارغا كىرگەندە،لىسىبىن ماھارەت كۇلۇبى ياشلار كوماندىسى مادارىيا ئارىلىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ،بۇ رونالدونىڭ توپچى سالاھىيىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئائىلىسىگە قايتىشى ئىدى.رونالدونىڭ ھەدىسى مۇنداق دەيدۇ ‹ئۇ ناھايىتى بەخىتلىك،ئۇ ئۆيگە ھەممە دوستلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارنى مىھمان قىلدى.لىكىن ياشلار كوماندىسىنىڭ تېرنېرى ئۇنى مەيدانغا چىقارمىدى›.رونالدو ناھايىتى ئازاپلانغان ھالدا بۇ ئىشنى قوبۇل قىلىدۇ.ئۇ دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ لىسىبىن ماھارەت كوماندىسىدا توپ تىپىدىغانلىقى كۆز-كۆز قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ماختانچاق يۈرىكى تۇنجى قېتىم مانا مۇشۇنداق مۇجىلىپ،نومۇستىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ.




كىرىستىيانو رونالدو توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق پۈتۈن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چىقىدۇ.16 يېشىدا لىسىبىن ماھارەت كۇلۇبىدا بىر رىكوت يارىتىپ،كوماندا تارىخىدىكى بىردىن-بىر بىر پەسىل ئىچىدە 16 ياشتىن تۆۋەنلەر،17 ياشتىن تۆۋەنلەر،لىسىبىن ماھارەت ب كوماندىسى ۋە لىسىبىن رىقابەت بىرىنجى كوماندىسى قاتارلىقلاردا توپ ئويناپ،بىر يىل ئىچىدە 5 دەرىجە ئۆرلەيدۇ.18 يېشىدا مانچىستېر بىرلەشمىسىدە ئاساسلىق ئەزا سالاھىتىگە ئىگە پورتۇگالىيەلىك چولپان بولۇپ قالىدۇ.
ئۇنىڭ كەينىدىكى ئىشلارنى كۆپچىلىك ئوبدان بىلىدۇ،شۇنداقلا بۇ ئىشلار داۋاملىشىۋاتىدۇ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 10:17:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن شۇنداق رونالدو نىڭ كىيىنكى پەسىلدە ئىچىلىپ كىتىشنى ،ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتىرشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 10:23:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
15  ياش ۋاقتىدا يامان ئۇماقكەنتۇق بۇ.
مۇشۇ پۇتبول ساھاسىدە نام چىقارغا چولپانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇن ئىنتايىن قىيىنچىلقلارنى تارتقانلاركەن.
كىچىك ۋاقتىنى باي-باياشاتچىلىقتا ئۆتكۈزۈپ نام چىقارغان ئاساسەن يوق دېيەرلىكمۇ نېمە؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 10:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
c.ronaldo77 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-28 10:23
15  ياش ۋاقتىدا يامان ئۇماقكەنتۇق بۇ.
مۇشۇ پۇتبول ساھاس ...

  ھازىرقى پېرلو  ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ پولات تۇمۇر گوروھى لېدىرىنىڭ يالغۇز ئوغلى ،،،   پوتپول ساھەسىدىكى ھەم تالانتى بار ھەم باي ئائىلىدىن كېپ چىققان توپچىنىڭ ۋەكىلى شۇ بولسا كېرەك ،،،     پېرلونى پەقەت ۋە پەقەت پۇتپول ئىشتىياقى بىلەن مەيدانغا چىققان ، توپ ئويناۋاتقان  دىيىشكە بولىدۇ ،،،   ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ يۇۋىنتۇستەك كۇلۇپلاردىن نەچچىنى سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادى بار بولىشى مۇمكىن ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 10:33:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خارەكتىر كىچىكىدىن يېتىلىدۇ ،، بۇنىڭ تەرسا يىغلايدىغان مىجەزى كىچىكىدىمۇ باركەنتۇق ،،   بىر ئىشلارنى بەك بېسىم قىلىۋالىدىغان بالا بۇ ،،،   پورتۇگالىيەدە بۇنىڭ ئورنى فىيگو دىنمۇ ئۇستۇنمىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 10:52:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كافۇ نىڭ ئائىلە شارائىتى ياخشى....بىرازىلىيەدىكى خىلى چوڭ بايلارنىڭ بىرى ئىدى...شۇڭا ئەينى چاغلاردا بىرازىلىيەلىكلار ئۇنىڭ توپقا بولغان قىزىقىشىنى ھۆرمەتلەپ ئۇزاق مۇددەد كاپىتانلىق ئورنىنى بەرگەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 10:54:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرچە فىيگودىن ئېشىپ كەتمىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ھامان ئېشىپ كىتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 11:07:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىگىدىن ئىشىپ كەتتى بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 12:23:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باي ىاىىلىلەردىن پۇتبولچى چىقىپ قالىدۇ لېكىن پۇتبول شاھى چىقمايدۇ。
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 12:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىگودىن ئېشىپ كىتەلمىدى تېخى! ئېشىپ كەتكىن پەقەت كىرگۈزگەن توپ سانى ... ئەمما ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ ناھايىتى يۇقىرى .   كاكامۇ باينىڭ بالىسى دەپ ئاڭلىغان  ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 12:28:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



كىچىكىن باشلاپ يىتلگەن خۇيكەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-28 12:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
c.ronaldo77 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-28 10:23
15  ياش ۋاقتىدا يامان ئۇماقكەنتۇق بۇ.
مۇشۇ پۇتبول ساھاس ...

كاكا   بىرازىليە ئاق-سۇڭەك ئائىلدىن چىققان توپچى .
ئاپىسى مۇئەللىم ،دادىسى ئىنژىنىر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 23:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش