akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 0

مانچىستىر چولپانلىرى ۋە داڭلىق ماشىنىلار(ئوۋچى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-27 14:08:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوۋچى312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-18 18:42  

مۇشۇ تېمىنى يازىمەن دەپ يۈرگىلى خېلى بولدى نەچچە ئاينىڭ ئالىدا پۈتتۈرۈپ بۇلۇپ ساقلىۋالمايلا يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپتىمەن لىكىن خاتالىق چىقىۋېلىپ يازغانلىرىم بىكار بۇلۇپ كەتكەن كىيىن خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە يازغىدەك ۋاقىت چىقماي ئەمدى ۋاقتىم چىققان چېغىۋا ..

مەن پۇتبول ھەۋەسكارى بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە داڭلىق ماشىنىلارغا بەك قىزىقىمەن . ئادەم يوق ماشىنا شالاڭ يەردە ماشىنامنى ماينى قۇلاققىچە بىرىپ  ئاۋاز ياڭراتقۇنى بۇلىشىغا ئېچىپ بوراندەك مېڭىپ سۈرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدەپ قاتناش ساقچىسىنىمۇ باي قىلىپ بولدۇم پىراۋامدىكى نومۇرمۇ ئاران يىتىشكەن ۋاقىتلارمۇ بولغان .   
ماشىنا ۋە پۇتبول ھەۋەسكارى بۇلغانلىقتىن مانچىستىردىكى داڭلىق توپچىلارنى داڭلىق ماشىنىلارغا سېلىشتۇرۇپ باقتىم كەمچىللىكتىن خالى بۇلالمىدىم ئەلۋەتتە ..
ئىرىك كانتونا ------- McLaren F1



ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق F1 مۇسابىقە ئەتىرىتى تارمىقىدىكى McLaren ماشىنسازلىق شىركىتى 1992 - يىلى بازارغا سالغان McLaren F1 بولسا داڭلىق ماشىنا لايىھەلىگۈچى Gordon Murray نىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى ھىساپلىنىدۇ . ئۇنىڭ ماتۇرى ئالاھىدە كۈچلۈك ۋە سىرىتقى شەكلى ناھايىتى سىپتا ئىشلەنگەن .
ئۇنىڭغا S70/2 BMW V12 ماتۇر سەپلەنگەن . ئەڭ يۇقىرى ئات كۈچى  627ps@7500rpm ئەڭ يۇقىرى مومىنتى 65kgm@5600rpm  ئېغىرلىقى 1140 كىلوگىرام بۇلۇپ0-100km/h تىزلىتىشقا پەقەت 3.4 سىكونىتلا ۋاقىت كىتىدۇ . بۇ ماشىنىڭ ئالاھىدىلىقى ماتۇرى كۈچلۈك كونتىرول قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئىلغار بۇلۇپ ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەيدىگۈچىنى ھايجانغا سالىدۇ . بۇ ماشىنا 1992- يىلى بىر قېتىم بازارغا سېلىنىپ قايتا بازارغا سېلىنمىدى .

1966- يىلى 5- ئاينىڭ 24 - كۈنى فىرانسىيەدە تۇغۇلغان بوي ئىگىزلىكى 186 سانتىمىتىر ئېغىرلىقى 85 كىلوگىرام كىلىدىغان بۇ قاۋۇل ھۇجۇمچى مەستانىلەر تەرىپىدىن مانچىستىر شاھى دەپ تەرىپلىنىدىغان مانچىستىرنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى ئىرىك كانتونا 1992 - يىلى مانچىستىرغا كەلگەندىن بىرى ئۈزىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن مەستانىلەر تەرىپىدىن ئالقىشقا ئىرىشتى . ئۇنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ياخشىلىقى ، قاۋۇل بەدىنى ، ھالقىلىق ۋاقىتلاردا كوماندىنى باشلاپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشتۈرىشى ۋە ئاغزىنىڭ بېزەپ پۇت قۇلىنىڭ چاققانلىقى ، كوماندا ئەزالىرى باشقا مەستانىلەر تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغاندا باتۇرلارچە كۆكرەك كىرىپ چىقىپ ئاغزى ۋە پۇت قۇلىنى ئىشقا سېلىپ قىزىل سېرىق كارتىلار بىلەن مۇكاتلىنىپ تۇرىدىغان بۇ قەھرىمان ئۈزىنى مانچىستىر مەستانىلىرىنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغۇزۇپ مانچىستر شاھى دىگەن نامنى قالدۇرۇپ چىكىندى   McLaren F1 مۇ قايتىدىن ياسالمىدى لىكىن بۇ ئىككىسى نۆۋىتىدە ئۆز ساھەسىدىكى شاھلار بۇلۇپ مەستانىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئېلىپ مەستانىرى تەرىپىدىن ياد ئېلىنىپ كەلمەكتە .

روي كېن -------- HUMMER



روي كېن بولسا ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ھەقىقى تۆمۈر پالۋان .  ئۇنىڭ مەيداندىكى تىز پۈكمەس روھى ھەر قانداق قىيىن شارائىتتا كوماندىسىغا يىتەكچىلىك قىلىپ غەلبىگە باشلاپ مېڭىشى . سەبداشلىرىنى باشقىلاردىن قوغدىشى ھەق ناھەق قارىشىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن مەستانىلەرنىڭ كۆڭلىدە مانچىستىر بايراقدارى مانچىستىرنىڭ ھەققىقى روھى تۈۋرىكى دەپ ناملارنى ئالغان بۇ ئېرلاندىيەلىك 1993 - يىلى مانچىستىرغا قۇشۇلغاندىن تارتىپ تا پۇتبولدىن چىكىنگەنگە قەدەر كوماندىدىكىلەرنىڭ ۋە مەستانىلەرنىڭ ئىزچىل ھۆرمىتىگە ئىرىشىپ كەلگەن .
كىشىلەر تەرىپىدىن دالا ماشىنا شاھى دەپ ئاتالغان  HUMMER H2  گە 6.2 لىتىرلىق 398 ئات كۈچىگە ئىگە V8 ماتورى سەپلەنگەن بۇلۇپ ئۇنىڭ ماتورىنىڭ ئالاھىدە كۈچلۈكلىگى يول تاللىمايدىغان ھەر قانداق ناچار يوللاردىمۇ  ھەيدىگۈچىنى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئېلىپ كىلەلەيدىغان ۋە شارائىت تاللىمايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن ماشىنا ھەۋەسكارلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقى كوچا زومىگىرى دالا ماشىنا شاھى دىگەن ناملارغا ئىرىشكەن .
روي كېننىڭ تىز پۈكمەس روھى قىيىن شارائىتتا كوماندىنى يىتەكلەپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشتۈرىشى HUMMER H2 نىڭ يول تاللىمايدىغان جاپالىق قىيىن يوللاردىمۇ ھەيدىگۈچىنى خاتىجەملىككە ئىگە قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشىشىپ كىتىدىغان بۇلۇپ ئىككىلىسى نۆۋىتىدە ئۆز ساھەسىدىكى ھەقىقى چولپانلار ھىساپلىنىدۇ .

3- شۇمىچىر ----------   volvo



مانچىستىر تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋارتار كىمۇ دىسە كۆپچىلىك تەبىيلا شۇمىچىر دىيىشى ئېنىق . بۇيى 195 ئېغىرلىقى 85 كىلوگىرام كىلىدىىغان بۇ قاۋۇل ۋاراتار مانچىستىر تارىخىدىكى بىر رىۋايەتلىك شەخىستۇر . ئۇ مانچىسىتىرغا قۇشۇلغان 8 يىلدا مانچىستىر ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى . ئۇ تۇرغان ۋاراتار ئادەمگە شۇنداق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىدۇ . خۇددى سېر ئېيتقاندەك بىر ياخشى ۋاراتارغا ئىرىشكىنىڭ بىر پەسىلدە ئون نۇمۇرنى ئاز كەتكۈزگىنىڭ . راس شۇمىچىر مانچىستىردا توپ تەپكەن 8 يىلدا نۇرغۇنلىغان خەتەرلىك توپلارنى توسىۋالغان . بىرلەشمە ۋە ئۇزغانلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىدىكى ئاجايىپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن تۇسىۋالغان توپلىرى ئۇنى مانچىستىر مەستانىلىرى قەلبىدە چۇڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان .
ماشىنا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەر قاندىقىدىن بىخەتەرلىك قورولمىرى ئەڭ ئىلغار كىشىگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىرىدىغان ئاپتوموبىل قايسى دىسىڭىز volvo دىيىشى ئېنىق . چۈنكى ۋولۋو ماشىنىسىنىڭ سىرىتقى كۈرۈنىشى ئاددى بولغان بىلەن ئۇنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرى ئالاھىدە ياخشى ھەيدىگەندە ئادەمگە بىرىدىغان راھەتلىك ۋە بىخەتەرلىك  تۇيغۇسى ئالاھىدە ياخشى
ۋولۋو ماشىنا ساھاسىىدىكى بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ئەڭ ياخشى ماشىنا دىسەك شۇمىچىرنىمۇ مانچىستىر تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى ئىشەنچىلىك ۋاراتار دىسەك بۇلىدۇ . ئۇلارنىڭ كىشىلەرگە بىرىدىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئوخشاشلا ئۆز ساھەسىدىكى ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئىرىشكەن .

4- رىيان گىگىس -------  Lamborghini Diablo SVTT



Lamborghini Diablo SVTT  ۋە گىگىس 90- يىللاردىكى ئەڭ داڭلىق چاپقۇرلار ھىساپلىنىدۇ .
92- يىلنىڭ ئالتۇن ئۆسمۈرى مانچىستىر ياشلار بازىسىدىن يىتىشىپ چىققان رىيان گىگىس مانچىستىر تارىخىدىكى مەيدانغا چىققان سانى ئەڭ كۆپ بولغان توپچى . ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ تىزلىكى تېخنىكىسىنىڭ مۇكەممەللىكى مەيدان تەشكىللەش ۋە بۈسۈپ كىرىپ نومۇر ئېلىش ئىقتىدارى ناھايتى ياخشى بۇلۇپ سېر ئالىكىس فوگېسىننىڭ ئەڭ ياراملىق شاگىرتى . ئۇنىڭ مەيداندىكى جەڭگىۋارلىقى تۇيۇقسىز بۈسۈپ كىرىشى كوماندىغا سادىقلىقى ئۇنىڭ شان شۆھرىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن . ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئارسىنالغا ئۇرغان توپى ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرىلىك توپى بۇلۇپ ئۇ چاقماق تىزلىكىدە توپنى ئوتتۇرا مەيداندىن ئېلىپ مېڭىپ ئارسىنالنىڭ نەچچە ئادىمىنى كەينىدە قالدۇرۇپ ھەل قىلغۇچ توپنى ئۇرۇپ مانچىستىرنى غەلبىگە ئىرىشتۈرگەن . گەرچە ئۇ قېرىپ 40 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ مانچىستىر تەرەپ ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر يىللىق توختام ئۇزارتتى يېقىندا ئۇ مانچىستىرغا ۋاكالىتەن 1000 مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملاپ مانچىستىر تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققام ماھىر بۇلۇپ رىكورىت ياراتتى ۋە بۇ رىكورتنى ئۈزى يېڭىلاپ مېڭىۋاتىدۇ .

  Lamborghini Diablo SVTT مۇ 90 يىللاردىكى ئەڭ داڭلىق چاپقۇر ئۇنىڭغا 5.6 لىتىرلىق 12 كىلاپانلىق ماتۇر سەپلەنگەن بۇلۇپ لايھىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى تىزلىكى 368 كىلومىتىر ھەر سائەت بۇلۇپ 100 كىلومىتىرلىق سۈرئەتكە چىقىش ئۈچۈن پەقەت 2.9 سىكونىت ۋاقىت كىتىدۇ . ئۇنىڭ كۈچلۈك ماتورى ۋە سۈرئىتىنىڭ تىزلىكى ۋە قۇرۇلمىلىرىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە گىگىسنىڭ تىزلىكى ۋە جەڭگىۋارلىقى قېرى قالسىمۇ ياشلاردىن قېلىشقۇسىز ئىپادىسى ھەۋەسكارلارنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغان .

سىكولىس ----------Ford GT



سىكولىس 92 يىلنىڭ يەنە بىر ئالتۇن ئۆسمۈرى دەسلىۋىدە بەدىنىنىڭ ۋىجىكلىكى تىنىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ئۈزىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى تەشكىللەش ئىقتىدارى ، يىراقتىن ئۇرۇلغان توپلىرى ۋە ئۆلچەملىك پاس بۆلىشلىرى ئارقىلىق تېرنىرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىپ تىزلا مانچىستىر ئوتتۇرا مەيدانىنىڭ ماتۇرىغا ئايلانغان. ئۇ مەيدانغا چىققاندا مەستانىلەر ئوتتۇرا مەيداننىڭ كونتىروللىقىدىن ئانچە ئەندىشە قىلمايدۇ .
  ئۇنىڭ  ئۇنىڭ يىراقتىن ئۇرۇلغان توپلىرىمۇ ناھايىتى خەتەرلىك 2008 يىلدىكى يىراقتىن ئۇرۇلغان ھەل قىلغۇچ توپى بارسىلونانى شاللاپ مانچىستىرنىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتىرىشكە تۈرۈتكە بولغان . مانچىستىردا 18 يىل توپ تەپكەن بۇ سادىق سەركەردە بۇلتۇر چىملىقتىن خوشلاشقان بولسىمۇ لىكىن مانچىستىر ئوتتۇرا مەيدانىنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكىنىنى كۈرۈپ سېرنىڭ تەكلىپى بىلەن يەنە چىملىققا قايتىپ تىزلا مانچىستىرنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىدىكى بوشلۇقنى تۇلۇقلاپ مەستانىلەرنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى .
Ford GT ماشىنسازلىق ئاتىسى دەپ تەرىپلەنگەن Ford شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىغان Ford GT ئاپتومۇبىلى 5.4 لىك 500 ئات كۈچىگە ئىگە V8.Supercharge ماتورى سەپلەنگەن بۇلۇپ ئەڭ يۇقىرى تىزلىكى 328 كىلومىتىر ھەر سائەت .
بۇ ماشىنىڭ كونتىرول قۇرۇلمىسى ناھايىتى ياخشى يول يۈرگەندە ناھايىتى سىلىق بۇلۇپ تىز سۈرئەتتە جىددى ئايلانمىلاردىمۇ كىشىلەرگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىرىدۇ .

ئاخىرىدا ھەممىمىز ياقتۇرۇپ كۈرىدىغان( سۈرئەت ۋە ھىسيات 5 )فىلىمىنىڭ ئاساسى مۇزىكىسى ھۇزۇرۇڭلاردا ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارغا ئىشىنىمەن .



ئاخىرى بار ئىدى لىكىن ۋاقىت قىس بۇلۇپ قېلىپ مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇردۇم قالغىنىنى كىيىنكى تېمامدا يوللاي .

بۇرۇنقىدەك بىرەر نەرسە يىزىپ تۇرمىغاندىكىن سۆزلەرمۇ باغلاشماي قوپال چىقىپ قالىدىغان گەپكەن تۈزۈتۈپ ئوقارسىلەن


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 12:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش