akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1072|ئىنكاس: 13

دۇنيا پۇتبولىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 داڭلىق شەخىس-- 94 .لىخۈيتاڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-26 12:29:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


ئاۋۋال بۇ تېمىنى زىيارەت قىلىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ
/thread-32281-1-1.html

/thread-32269-1-1.html




     
1976 –  يىلى فېدېراتىپ گېرمانىيەدىكى بىر نوپۇزلۇق پۇتبول ژورنىلى ئىلگىرى تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق باھالاپ چىقىش پائالىيىتىدە ،   جۇڭگولۇق لىخۈيتاڭ ، بىرازىلىيەلىك پىلى ، ئېنگىلانىدلىق ماسىۋېس ، ئىسپانىيەلىك (...) ، ۋىنگىرىيەلىك پۇسكاش قاتارلىقلار << پۇتبول ساھەسىدىكى 5 پۇتبول شاھى >> بولۇپ باھالانغان بولۇپ ، ئەمما ئاپتور  جۇڭگولۇق پۇتبولچى لىتاڭخۈينى << ئاسىيا پۇتبول شاھى >> دەپ ئاتىسا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ دەپ قارىغان . چۈنكى ، ئاسىيا رايونىدىن سىرت باشقا مۇسابىقىلەردە ئادەمنى رازى قىلغۇدەك نەتىجىگە ئىرىشىپ باقمىغان . ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈشتىكى ئالتۇن نىسبىتىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس .
لىخۈيتاڭ  باشقا نامى لۇۋېي . 1905 – يىلى شىياڭگاڭدا تۇغۇلغان . دادىسى لىخاۋرۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخۇارېن ناھىيسىدىن . لىخۈيتاڭ 4 ياشقا كىرگەن يىلى ئاپىسىغا ئەگىشىپ ۋۇخۇارېن ناھىيسىنىڭ بىر كىچىك يېزىسىغا كىلىپ شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ .  بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن تۇغۇلىشىدىنلا تەبئىي پۇتبول تالانتى بار بۇ بالا  ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بىر ئىت ئوۋىسىنى توپ تىپىپ ئويناش نىشانى قىلىۋالغان . ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىدىن توپ سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن چوڭراق ئاپېلىسىننى توپ قىلىپ يالاڭ ئاياغ مەشىق قىلىشقا باشلىغان . ھەتتا مەكتەپكە بېرىپ  كېلىش يولىدىمۇ توپ تىپىپ مېڭىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان . بۇ ھال ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ توپ ئېلىپ مېڭىش تېخنىكىسىنى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن . بىر قانچە يىللىق مۇشۇنداق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ پۇتبول تېخنىكىسى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان شۇنداقلا پىشىپ يىتىلگەن .
تەخمىنەن 10 ياشقا كىرگەندە لىخۈيتاڭ شىياڭگاڭغا قايتىپ كېلىدۇ . 1921 – يىلىغا كەلگەندە ئۇ پۇتبول بىر قەدەر ئومۇملاشقان خۇاڭرېن بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ . شۇنداقلا بۇ يەردە بىر قەدەر سېستىمىلىق بولغان پۇتبول مەشىقىنى قوبۇل قىلىدۇ .
     1922 – يىلى ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن لىخۈيتاڭ شىياڭگاڭدىكى ئەڭ كۈچلۈك پۇتبول قوشۇنى بولغان نەنخۇا كوماندىسىغا قېتىلىدۇ . شۇنداقلا بۇ يەردە ئاساسلىق ھۇجۇمچى بولۇپ ئوينايدۇ . ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.82 مېتىر ، سۈرئىتى تېز ، ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن چەبدەس شۇنداقلا نەپىس ، توپ كونترول قىلىش تېخنىكىسى ئېنتايىن ياخشى . توپ ئۇنىڭ پۇتىدا تۇرغان شارائىتتا قارشى تەرەپنىڭ 2-3 ئادەملىرىنىڭ تارتىۋېلىشىمۇ ناھايىتى تەس ، ئۇنىڭ ۋاراتاغا توپ ئۇرۇشلىرىمۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ . مەيلى قانداقلا ئورۇن ، قانداقلا بۇلۇڭدىن بولمىسۇن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى ھاسىل قىلىپ توپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە .
       1922 – يىلى يازدا ، لىخۈيتاڭ نەنخۇا كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ ، شىياڭگاڭ پۇتبول ئا دەرىجخلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ . بۇ ۋاقىتتا كوماندىنىڭ سول ئىچكى ھوجۇمچىسى بولىدۇ . ئۇنىڭ پۇتبول جەھەتتىكى تالانتى ھەممىنى قايىل قىلىدۇ ، ئۇ پۇتبولنى سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ، شىياڭگاڭلىق پۇتبول مەستانىلەر قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ . شۇنداقلا مەستانىلەر ئۇنى << ئالۋاستى پۇتبول >> دەپ تەرىپلىشىدۇ .



       1923 – يىلى 5 – ئايدا ، لىخۈيتاڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو پۇتبول كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ ياپونىيەنىڭ ئوساكادا ئۆتكۈزۈلگەن 6 – قېتىملىق يىراق شەرق ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ، شۇنداقلا جۇڭگو كوماندىسىنى چىمپىيۇن قىلىشقا زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ .  18 ياشلىق لىخۈيتاڭ 4 مەيدان مۇسابىقىدە تالانتىنى كەڭ مەستانىلەرگە ھەقىقىي نامايان قىلىپ ، ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئالقىشلارغا ئېرىشىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى پۇتبول شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتى ئۈچۈن بېغىشلاشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسىدۇ .
     شۇ يىلى 8 – ئايدا ، لىخۈيتاڭ كوماندا ( نەنخۋا كوماندىسى ) بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيە سەپىرىنى باشلايدۇ . شۇنداقلا ئاۋىستىرىيەنىڭ چىمپىيۇنى بولغان يېڭى جەنۇبىي ۋېللىس كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدۇ ۋە  مۇسابىقە باشلىنىپ 5 مىنۇتتىلا لىخۈيتاڭ 2 توپ ئۇرىدۇ .  پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزى يالغۇز 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق ئۇيۇنى ئويناپ پۈتۈن ئاۋىستىرىلىيىنى زىلزىلگە كەلتۈرۋىتىدۇ شۇنداقلا ھەممىنى قايىل قىلىدۇ .  ئاۋسترالىيە دائىرلىرى مەخسۇس ئۇنىڭغا ئاتاپ ئالتۇن مىدال تەقدىم قىلىدۇ . شىياڭگاڭنىڭ يەرلىك گېزىت- ژۇرناللىرى چوڭ ماۋزۇدا لىخۈيتاڭنى << پۇتبول شاھى >> ... دېگەندەك مەزمۇندا ناخشا قوشاقلارنى يېزىپ ئېلان قىلىشىدۇ .
     20- يىللاردىكى شاڭخەيدە ، پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ تۈرنىڭ تەقدىرى پۈتۈنلەي چەتئەللىكلەرنىڭ قولىدا ئىدى . 1925 – يىلغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ قىران دەۋرىگە قەدەم قويغان لىخۈيتاڭ   ئۆزىنىڭ ئوتتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسىنىڭ تۈرتكىسىدە كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى ، خوشنىسى لىياۋيۆ بىلەن بىرلىكتە شىياڭگاڭدىن شاڭخەيگە كېلىپ ، چەتئەللىكلەرنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىشنى قارار قىلىدۇ .
     لىخۈيتاڭنىڭ شاڭخەيدىكى ۋاقىتلىرى دەل ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ پۇتبول ماھارىتى ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى . 22 ياشلىق لىخۈيتاڭ شاڭخەيدىكى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتىتى پۇتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنىرلىقىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ . كېيىن شاڭخەي لېخۇا پۇتبول كوماندىسىغا قاتنىشىدۇ ۋە بۇ يەردىمۇ شۆھرەت قازىنىدۇ . 1926 – يىلىغا كەلگەندە لىخۈيتاڭ شاڭخەي لېخۇا كوماندىسىنى باشلاپ ،  شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن  << شىكاۋتو لوڭقىسى >> ( بۇ لوڭقىنىڭ تىلىمىزدا قانداق ئىپادىلەشنى بىلمىدىم ، توردىمۇ بۇ توغرىسىدا يېزىقچە مەلۇماتلار يوق دىيەرلىك بولغاچقا خەنچە ئىسمى بىلەنلا ئېلىندى ) پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ، شۇنداقلا 4:1 چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئۇدا  9 قېتىملىق چېمپىيون كوماندا بولغان ئەنگلىيە لېكىس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، تۇنجى قېتىملىق شاڭخەي لېخۇا كوماندىسىنىڭ چەتئەلنىڭ كوماندىرلىرىنى ئۇتۇشتەك رېكورتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ چىملىق مەيداندا ئابرويى ئۆسىدۇ . << شەرقنىڭ كېسەل كۆرپىلىرى >> دىن ئىبارەت بۇ ئار – نۇمۇسلۇق نامنى يۇيۇپ تاشلاپ ، جۇڭخۇا خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىنى نامايان قىلىدۇ .
     20- ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرى دۆلىتىمىزدە خەلق ئارىسىدا << ئويۇن كۆرمەكچى بولساق مېيلەنفاڭنى كۆرىمىز ، پۇتبول كۆرسەك لىخۈيتاڭنى كۆرىمىز >> دەيدىغان بىر جۈملە سۆز مودا بولغان ئىدى . لىخۈيتاڭنىڭ پۇتبول ئىستىلى دۇرۇس ، پۇت ئاستى تېخنىكىسى پەۋقۇلئادە ياخشى ئىدى .  بىر قېتىم ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتقاندا ، ئەمدىلا ئوتتۇرا مەيداننىڭ سىزىقىدىن ئۆتۈپ تۇرۇشىغا قارشى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ ياۋۇزلارچە ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇنى قەستلىشىگە ئۇچرايدۇ .ئەمما ئۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللارغىمۇ چىداشلىق بولۇپ ئۆزىنىڭ پۇتبول ماھارىتى ئارقىلىق قارشى تەرەپنى يەر چىشلىتىدۇ ، ئۇنىڭ چەكلەنگەن رايوندىكى تەمكىنلىكى ۋە توپ بىر تەرەپ قىلىشى بەئەينى مارادونا ، پىلى قاتارلىقلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتەتتى .
     ئۇ يەنە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە ئىدى . 1923 – يىلى دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ ، ئايرىم ئايرىم ھالدا 1923،1925،1930،1934 – يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنجى ، يەتتىنجى ، توققۇزىنچى ۋە ئونىنجى قېتىملىق يىراق شەرق ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ،شۇنداقلا جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن 4 قېتىمنىڭ ھەممىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ .
      ئۇ 1931 – يىلى شىياڭگاڭغا قايتىپ نەنخۇا پۇتبول كوماندىسىغا قېتىلىدۇ ۋە بۇ يەردە كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ . شۇ يىلى خەلىقئارا ئولىمپىك كومىتىتى << جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەنتەربىيە جەمىئىيىتى >> نى رەسمى ھالدا خەلىقئارا ئولىمپىك ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى باشقا دۆلەتلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە رەسمىي ئىگە بولىدۇ .  
      ئەينى چاغدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىختىسادى ئەھۋالى قىيىن ئەھۋالغا قالغان بولۇپ ، 1936 – يىلى بېرلىن ئولىمپىك يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن لىخۈيتاڭ ۋە كوماندا ئەزالىرى ئۆز يېنىدىن مەبلەغ ئاجىرىتىپ ئىككى ئاي بۇرۇن ئاتلىنىدۇ ، شۇنداقلا يول بۇيى ساتقان بېلەت كىرىمىنى ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ  ( بۇلار يول بۇيى يەرلىك كوماندىلار بىلەن ئۆز ئارا مۇسابىقە ئويناپ ، مۇسابىقىدىن كىرگەن بېلەت كىرىمىنى ئولىمپىك ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ، يول بۇيى جەمئىي 27 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ، 23 مەيدان ئۇتۇپ 4 مەيدان تەڭلىشىشتەك نەتىجە يارىتىدۇ  ) . ئۇلار ناھايىتى تىجەشلىك بىلەن جاپا مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى بېرلىنغا يىتىپ كېلىدۇ . يول بۇيى قىلغان جاپالىق كۈرەشلەردىن توپچىلار ئېغىر دەرىجىدە ھالسىراپ كېتىدۇ ، شۇنداقلا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە كەلگەندە تۇنجى مەيداندا ئېنگىلانىد كوماندىسىغا 2:0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ شاللىنىپ كېتىدۇ.
     1939 – يىلى ، لىخۈيتاڭ شىياڭگاڭ نەنخۇا پۇتبول كوماندىسىنى يىتەكلەپ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ . مالايسىيانىڭ بىناڭ شەھىرى بىرلەشمە ئارمىيە كوماندىسى بىلەن بولغان تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىدە رەقىبىنى 11 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق قىرغىن قىلىدۇ . مۇسابىقىدە 35 ياشلىق لىخۈيتاڭ بۇرۇنقىدەك جەسۇرانە قىياپىتىنى نامايان قىلىپ ، ئۆزى يالغۇز يەتتە توپ ئۇرىدۇ . يەنە بىر مەيدان چەتئەل كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە لىخۈيتاڭنىڭ ۋاراتاغا ئۇرغان بىر توپى قارشى تەرەپ ۋاراتانىڭ قۇچىقىغا چۈشىدۇ ، قارشى تەرەپ ۋاراتارى توپنىڭ بېسىمىدىن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالىدۇ دە بىردەمدىن كېيىنلا يەرگە يىقىلىدۇ .
   شىياڭگاڭ قولدىن كەتكەندىن كېيىن ،  لىخۈيتاڭ قۇل بولۇپ ياشاشقا قارشى تۇرۇپ ، 1941 – يىلى چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىپ ، ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋۇخۇا پۇتبول كوماندىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ھەمدە ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە << دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتا ئەستايىدىل بولۇپ ، تىنچ – ئامان تۇرمۇش كەچۈرەيلى >> دېگەن مەزمۇندا مەسنەۋى چاپلاپ قويىدۇ .
     1942 – يىلى لىخۈيتاڭ مېيشيەن ناھىيسىگە كېلىپ ، چىياڭمىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ . نەتىجىدە 3:1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيىدۇ . كېيىنكى يىلى ، لىخۈيتاڭ شىياڭگاڭ ئا دەرىجىلىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ مەرگىنىنى تەكلىپ بىلەن ئەكىلىپ ، << خاڭجىيەن كوماندىسى >> نامىدا يەنە مۇسابىقىلىشىدۇ . مۇشۇ ئىككى قېتىملىق مۇسابىقە ئارقىلىق مەزكۇر ناھىيدە پۇتبول ھەركىتى كۆتۈرۈشكە باشلايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ( لىخۈيتاڭ ) گۈيلىن غا قايتىپ كىلىپ ، بۇ يەردە گۇاڭدۇڭ پۇتبول كوماندىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە كوماندىنى ئاتالمىش تۆت ئۆلكە بويىچە ئوينىلىدىغان << دۆلەت باشلىقى لوڭقىسى >> پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرىدۇ .  ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ چۇڭچىڭ ، چېڭدۇ ۋە زىگوڭ ( سىچۈەندىكى يەر نامى ) قاتارلىق جايلاردا ئۆرنەك كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ۋە مېھىر-شەپقەت مۇسابىقىلىرىنى ئويناپ ، مۇسابىقىدىن قىلغان كىرىمنى ئۇرۇشتا قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىدۇ .
     1947 – يىلى 45 ياشقا كىرگەن لىخۈيتاڭ ، شىياڭگاڭغا كىلىپ پىرىستان لوڭقىسى مۇسابىقىسى ( شىياڭگاڭ – شاڭخەي لوڭقا مۇسابىقىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئاتىلىشى ) غا قاتنىشىدۇ . مۇسابىقىدە ئۇنىڭ ئۇرغان بىر نۇقتا توپى قارشى تەرەپ ۋاراتاسى تەرىپىدىن توسىۋېلىنىدۇ . مەزكۇر مۇسابىقە لىخۈيتاڭنىڭ پۇتبولچىلىقتىن چېكىنىش مۇسابىقىسى بولۇپ قالىدۇ .



     1948 – يىلى لىخۈيتاڭ ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى سۈپىتىدە كوماندىنى يىتەكلەپ 14 – قېتىملىق ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ ۋە شۇ يىلى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن رېپىرلىق كىنىشكىسىگە ئېرىشىدۇ . بۇنىڭ بىلەن لىخۈيتاڭ جۇڭگو بويىچە تۇنجى بولۇپ خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن رېپىرلىق سالاھىتىگە ئېرىشكەن زات بولۇپ قالىدۇ . 1954 ۋە 1955  - يىلى ئۇ جۇڭگو تەيبىي كوماندىسىنى يىتەكلەپ 2 – ۋە 3 – نۆۋەتلىك ئاسىيا ئولىمپىك يىغىنىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ .
     1954 – يىلى لىخۈيتاڭ ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلىنىدۇ . 1955 – يىلىغا كەلگەندە خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلىنىدۇ ، شۇنداقلا خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدە ئەڭ يۇقىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان جۇڭگولۇق بولۇپ قالىدۇ .
      1966 – يىلى . لىخۈيتاڭ ئاسىيا پۇتبولچىلار جەمىئىيىتى ۋە دۇنيا پۇتبولچىلار جەمىئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇلۇشتەك قوش ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ . –1976 -  يىلى فېدېراتىپ گېرمانىيەدىكى بىر نوپۇزلۇق پۇتبول ژۇرنىلى تەشكىللىگەن بىر قېتىملىق باھالاپ چىقىش پائالىيىتىدە ، جۇڭگولۇق لىخۈيتاڭ << پۇتبول ساھەسىدىكى 5 پۇتبول شاھى >> نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىدۇ .
     1979 – يىلى 7 – ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن 74 يېشىدا تۇغۇلغان يۇرتى شىياڭگاڭدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 13:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر باشتىن چىقار دەپ ئويلىسام 94-مۇ چىقىپ بوپتىغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 13:30:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ يەنەبىر كىچىك ئىسمى «小李子 » .جۇڭگۇلۇقلارنىڭ پەخرلىك توپچىسى بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 13:33:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامېرىكا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-26 13:35  

سۇ بۇيىدا  فىلمىدىكى  ئەمىر  گاۋچىيۇمۇ   پۇتى بىلەن توپ  تپىشقا  بەك ئوستىكەن ...بىر قىتىم تاساددىبى پادىشاھنىڭ ھۇزىرىغا مەۋلوت  سوۋغىسى ئىلىپ بارغاند ا پادىشاھنىڭ  ئەتراپىدىكى ھەقەمسايلىرى بىلەن توپ ئۇيناۋاتقىنى كۈرۈپ شۇ سەپكە قىتىلىپ ئويناپ كىتىدۇ .
پادىشاھغا گاۋچىيۇنىڭ  بۇ ماھارىتى يىقىپ  قىلىپ يىنىغا ئەكىلۋالىدۇ.  قارا  قوساق بىر كوچا  لۈكچىكى بىر دەمدە  ئۈسۈپ ئۇردا  ياساۋول بىگى بولىدۇ .
گاۋچىيۇمۇ دۇنيا  پوتبۇلىغا  تەسىر كۈرسەتكەن  100شەخىس  قاتارىغا كىرسە  بولاتتى ئەسلى
لىكىن كاساپەت  توپنى ھەقىقەتەن پەيزى ئوينىتاتتىكەن ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 14:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا يامانكەنغۇ بۇ ؟  مۇشۇنداق ئادەمنى بار دىسە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىكەن                                                  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 15:49:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىياڭگاڭلىقكەندە .........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 15:53:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ بۇ ئاداشنىڭ ئىسمىنى تېخى ئالدىنقى يىلى ئاڭلاپتىكەنمەن  ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 16:00:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەسەيلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 18:06:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرىكلەشمىگەن بولسا جۇڭگۇ پۇتبۇلىمۇ سامپۇدۇريا نى يەڭگەن ،بۇچاققا خىلى تەرەققى قىلاتتى دولىتىمىز بىلەشمىسىمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 19:17:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ما خەنزو يۇلداشنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، يەنە بىر خەنزۇ يۇلداش
بارغۇ دەيمەن شۇنىمۇ تەرجىم قىلىڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 22:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر باشتىن چىقار دەپ ئويلىسام 94-مۇ چىقىپ بوپتىغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2012-12-26 23:54:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  كىتاپنى   تەرجىمە  قىلىشقا  قاتناشقان   ئادەم  سانى ئاز،  ماتىريال  كۆپ  بولغاندىكىن  شۇ  تەرجمە قىلنىپ  بولغانلىرىنى  بىر -بىرلەپ  يوللايدىغان  گەپ .شۇڭا رەت تەرتىپ  بويۇنچە  يوللانماسلىقى  مۇمكىن ،بۇنى توغرا چۇشۇنەيلى مۇنبەر ئەھلى .( ئەگەر تەرجىمە قىىلشقا  قاتناشقۇڭلار بار بولسا بىرنابۇ  بۇرادەر بىلەن ئالاقىلىشىڭلار)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 16:52

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش